Decalogue Of The Artist
Gabriela Mistral
سەنئەتچىگە 10 تەلىمات
گابرىئېلا مىسترال ( چىلى)
-
تەڭرىنىڭ ئالەمدىكى كۆلەڭگىسى بولغان گۈزەللىكنى سۆيىسەن.
-
تەڭرىسىز گۈزەللىك بولماس. ياراتقۇچىنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ، ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ ياساشقا تېرىشىپ، ئۇنىڭ توغرىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسەن.
-
گۈزەللىكنى تۇيغۇلارنى ئالداش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى روھنىڭ تەبىئي ئوزۇقى بولۇشى ئۈچۈن يارىتىسەن.
-
گۈزەللىكنى شان-شۆھرەت ۋە كەيىپ-ساپانىڭ باھانىسى قىلىۋالمايسەن ، ئۇ روھى ساداقەتتۇر.
-
گۈزەللىكنى بايراملاردىن ياكى بازارلاردىن ئىزدىمەيسەن، گۈزەللىك مەڭگۈ قىزدۇر ، بازاردا تېپىلىدىغان نەرسىلەرگە ئوخشىماس، ساتمايسەن.
-
گۈزەللىك ناخشىدا يۈرىكىڭدىن يۈكسىلىپ چىقىدۇ، بىرىنچى بولۇپ پاكلانغۇچى سەن بولىسەن.
-
سەن ياراتقان گۈزەللىك ھېسداشلىق سۈپىتىدە تونۇلىدۇ، يۈرەكلەرگە تەسەللى بېرىسەن.
-
ئەسەرىڭنى خۇددى بىر ئانا بالىسىنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغاندەك كۆز ئاچقۇزىسەن دۇنياغا، يۈرەك قېنىڭ بىلەن پەرۋىش قىلىسەن.
-
گۈزەللىك سېنى خورەك تارتقۇزۇپ ئۇخلىتىدىغان ئەپىيۇن ئەمەس بەلكى سېنى ھەركەتلەندۈرىدىغان روھلاندۇرغۇچتۇر، ھەقىقىي بىر ئەر ياكى ئايال بولالماي تۇرۇپ سەنئەتچى بولالمايسەن.
-
ياراتقان ھەر ئەسەرىڭ سېنى نۇمۇس قىلدۇرىدۇ، چۈنكى ئەسىرىڭ ھەمىشە ئارزۇيىڭدىكىدەك مۇكەممەل بولالمايدۇ، تەڭرىنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى بولغان تەبىئەت ئالدىدا مەڭگۈ بويۇن قىسىپ تۇرىدۇ.
ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) تەرجىمە قىلدى.