تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› نېگىر ئايال يازغۇچىنىڭ دادىسىدىن ئالغان تەلىمى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13683
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 126
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    نېگىر ئايال يازغۇچىنىڭ دادىسىدىن ئالغان تەلىمى



     

     

    نېگىر ئايال يازغۇچىنىڭ دادىسىدىن

    ئالغان تەلىمى

      

      تونى مورىزون ئامېركىنىڭ مەشھۇر نېگىر ئايال يازغۇچىسى،1993- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھۆرمەتلىك ساھىبى. مورىزون بالىلىق چاغلىرىدا ئائىلىسى بەكمۇ نامرات ئىدى، ئۇ 12 ياش چېغىدىن باشلاپلا ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ، بىر باي ئائىلىنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە سائەت مەدىكارلىق قىلاتتى، كۈنلىرى تولىمۇ جاپالىق ئۆتەتتى.بىر كۈنى، ئۇ مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك دادىسىدىن ئاغرىنىدۇ. دادىسى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «گېپىمگە قۇلاق سال، ئۇ يەر سېنىڭ ئۆيۈڭ ئەمەس، سەن ئۆز ئۆيۈڭدە قېرىنداشلىرىڭ بىلەن بىللە ياشاۋاتىسەن. ئىش قىلىشنىلا بىل، تاپقان پۇلۇڭنى ئۆيگە ئەكەلسەڭلا بولدى» دەيدۇ.

     كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە، مورىزون ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «دادامنىڭ بۇ گېپىدىن كىشىلىك ھاياتتىكى مۇنداق تۆت تەجرىبىنى بىلىۋالدىم. بىرىنچى،مەيلى نېمىلا خىزمەت بولسۇن، خوجايىن ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ئىشلەش؛ ئىككىنچى، خىزمەت سېنى ئەمەس، سەن خىزمەتنى ئىگەللىشىڭ كېرەك؛ ئۈچنچى، سېنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشۇڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە بولىدۇ؛ تۆتىنچى، سەن بىلەن سەن قىلىۋاتقان خىزمەت ئىككىسى ئىككى ئىش، سەن ھامان سەن.»

     شۇنىڭدىن كېيىن مورىزون ھەرخىل ئادەملەرنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. بۇ ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى تولىمۇ ئەقىللىق، بەزىلىرى ناھايىتى ئەخمەق، بەزىلىرىنىڭ كۆكسى قارنى كەڭ، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئىچى تار ئىدى. لېكىن، مورىزۇن ئۇلاردىن زادى ئاغرىنىپ باققان ئەمەس.

     

       ئازات ئالماس تەرجىمىسى

      



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مورىزون , ئامېرىكا , خىزمەت , ئازات ئالماس , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-5 20:29:04
    تەھرىر : Ezize
    باھا : 0 كۆزىتىش : 202
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证