تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› دۇنيا ئەدەبىياتى ›› دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما ›› فەتھۇللاھ گۈلەن: ھازىدار لەۋلەردە تەبەسسۇم
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aypalta
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12350
    Enwerhamut@gmail.com
    0
    يازما سانى : 55
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-8 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    فەتھۇللاھ گۈلەن: ھازىدار لەۋلەردە تەبەسسۇم



     

    Yaslı Dudaklarda Tebessüm

    Fethullah Gülen

      

    ھازىدار لەۋلەردە تەبەسسۇم

     

    فەتھۇللاھ گۈلەن( تۈركىيە)

     

     

    ھەر لەھزە ئايرىم بىر باھاردۇر كۆڭلۈم سەن بىلەن،

    سەن يۈزىگە نۇر چاچقان كۆك قۇببىنىڭ ئاستىدا...

    قۇياشلارغا تاج كەيدۈرگەن قۇتلۇق قوللىرىڭ بىلەن،

    سىر ئىشىكىنى ئاچقىنىڭدىن بېرى قېتىڭدا...

     

    يەر يۈزى گويا جەننەت مەۋجۇتلۇق خامىنى بىلەن؛

    بەزمىسىگە قېتىلغانلار بولۇشتى ئاشق- دىۋانە.

    تۈنۈگۈنكى كونا جاھان بار ۋەسلى بىلەن،

    باقىيلىق سۇنغان قەدەھتە بولدى مەست ۋە ھەيرانە...

     

    ھازىدار لەۋلەردە جىلۋە قىلغان تەبەسسۇملاردىن،

    مەلۇمدۇر كۆك دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى.

    سالقىن شامال چىقماقتا ئەنبەر پۇراقلىق كۈنلەردىن؛

    ئاي قەدەھىنى تۇپراق باغىرىغا تۆككەندىن بېرى.

     

    كېچىنىڭ بۈدرە چاچلىرى پاخپايغان، قالايمىقان،

    ئەقىلنىڭ تىزگىنى سامانىڭ قولىغا چۈشتى...

    سۆزلەر ئەمدى ئاتاماننىڭ ئاتامىنى، ئويغاندۇق،

    سۆيۈنۈڭ ، ئازاپلىق يەنە بىر دەۋر كەتتى...

     

    كەتتى، كەتمەكتە بىر- بىر، ئالدى-كەينى بولغانلار،

    باقىيلىق بويىقىدا بويالغانلاردا ھوزۇر...

    ئۆلۈم دىيارىدا ئۆلۈمسىزلىكنى تاپقانلار،

    ئىچىدە يورۇقلۇق، ئەتراپىدا نۇر...

     

    ئۇلارنىڭ ھېچ سۇلمىغان باھارلىرى يېنىدا،

    ئۆچۈك بىر رىۋايەتتىن پەرقسىزدۇر ئىرەم بېغى...

    ۋە كېتىپ باقىيلىق بىلەن پۈتۈنلەشكەن روھىدا،

    بىردىنلا نىسىپ بولار يورۇقلۇق دەۋرى- چېغى.

     

    ئەسكىرىگەن ئەسكىرىدى، گەپ ئەسكىرىمىگەندە،

    ئۆلگەنلەرگە مۇراسىم، قالغانلارغا تەزىيە...

    ئازغۇنلارنىڭ بوينى قىسىلدى كامانلاردا

    خۇشخەۋەرلەر كەلگۈسىگە، سالام شانلىق ئۆتمۈشكە!

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : فەتھۇللاھ گۈلەن , ھازىدار لەۋلەر , شانلىق ئۆتمۈش , تەبەسسۇم , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-3 20:30:02
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 340
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证