Bu Günde Ölmedim, Anne
Ahmet Erhan
بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا
ئەھمەت ئەرخان ( تۈركىيە)
يۈرىكىمنى قالقان قىلىپ كوچىلارغا چىقتىم،
قەھۋەخانىلاردا ئولتۇردۇم، بالىلار بىلەن پاراڭلاشتىم
سىقىلدىم، دەرتلەندىم، سۆيگىنىم بىلەن ئۇچراشتىم
بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا.
تاقاق ئىدى ئىشىكلەر، پەردىلەر چۈشۈرۈكلۈك
قۇرال ئاۋازى يىراقلاردا بوغۇق-بوغۇق
بىر يۈزۈم ھاياتقا، بىر يۈزۈم ئايرىلىشقا باققان
بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا.
ماڭا قۇرال تەڭلەندىمىكىن دەپ قاپتىمەن
شامال، بىلىگە ئۇرۇلغىنىدا بىر تالنىڭ
قورقتۇم، كۈلدۈم، ئاچچىغىم كەلدى ئۆزۈمگە
بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا.
ماڭا بۇنداق غەيرى تۇيغۇلار
بىلمىدىم نېمىشقا كېلەر، قەيەرگە كېتەر؟
قايتتىم، ئاغرىق يۈرىكىمدىن مېڭەمگە ئاقار
بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم، ئانا.
تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.