تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12555
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 23
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    دوستويېۋسكى (1821-1881)



                               دوستويېۋسكىنىڭ ئوڭۇشسىز كەچۈرمىشلىرى
                                   
      

     
     1863-يىلىدىكى دوستويېۋسكى

     

     روسىيە ئەدەبىياتىدىكى ئاجايىپ نامايەندە، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئۆزگىچە جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ، قارا ئەسىرلەردە روسىيەدەك پانى ئالەمنىڭ دوزىخىدا تۇرۇپ ھەقىقەت ۋە ئادالەت نۇرىنى كۆرەلىگەن، سېھرى رىيالىزىم بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنلا سېھرى رىيالىزىمنىڭ ئىس تۈتەكلىرى ئەسەرلىرىدىن تارقالغان، «خورلانغان ۋە زىيانكەشلىك قىلىنغانلار» قاتارلىق رومانلار بىلەن كۆپلىگەن كىتابخانلارنىڭ قەلبىنى چۇلغۇتقان، 19- ئەسىردە ئۆتكەن رۇسىيىلىك چوڭ ئەدىب دوستويېۋسكىنىڭ (1821-1881) بىر مەزگىل ئوڭۇشسىز ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولسا كېرەك.

       ھەممىگە مەلۇمكى، رۇسىيە تارىخىدا نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۆتكەن ، ئەمما رۇسىيەنى ياۋروپا بىلەن تۇتاشتۇرالىغان ، تولىستوي ۋە گوركىغا ئوخشىمىغان ھالدا ھاياتىنى مۇرەسسەسىز ئاخىرلشتۇرغان بىرلا يازغۇچى بار. دۇنيا ئەدەبىيات گۈلزارلىقىدا داڭ چىقارغان رېئالىزمچى يازغۇچى دوستويېۋىسكى چارروسىيە جەمئىيىتىدە جىددى ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دەۋردە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ زېھنى قۇۋۋىتى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ياشلىق دەۋرىدىلا ئۆز تالانتىنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى يەنى نام چىقارغان رومانى- «يوقسۇل» (1845- يىلى) نى شۇنىڭدەك «قوش ئىنسانلىق» (1846-يىلى)، «ئاق تۈن» (1848-يىلى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان. دوستويېۋىسكىنىڭ گۈللەپ ياشنىغان ئىجادىيەت ھاياتى تۇرمۇشى روسىيە ئەدەبىياتى ساھەسىدە مەرۋايىتتەك چاقناپ نۇر چېچىشقا باشلايدۇ. لېكىن، 18 ياشقا كىرگەن بۇ ئىستىقباللىق ياش يازغۇچى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ.
       دوستويېۋىسكى فرانسىيە خىيالى سوتسىيالىزىمچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خىيالى سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىدۇ. ئۇ مەقسىتى ۋە نىيىتى ئېنىق بولغان ئاتمىشچە ياش خىيالپەرەسلەر بىلەن بىللە تۈرلۈك سىياسى مەسىلىلەر، جۈملىدىن يانچىلارنى ئازاد قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە قەرەللىك تۈرىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان چار پادىشاھ نىكولاي1 نىڭ تازا ئاچچىقى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشتەك قۇتراتقۇلۇق سۆزلىرىگە قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، سۈيىقەست قىلغۇچى دەپ گۇمانلانغان بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەر قولغا ئېلىنىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ گۇمان قىلىنغۇچىلارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسىمى، جۈملىدىن دوستويېۋىسكىمۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەمما ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىدا، نېمە سەۋەبتىندۇر، چار پادىشاھ توساتتىن نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، دوستويېۋىسكىنى ئۆلۈم جازاسىدىن كەچۈرۈم قىلىش، ئۇنىغا بېرىلگەن جازانى ئاۋۋال تۆت يىل ئېغىر ئەمگەككە سېلىپ، ئاندىن روسىيە ئارمىيىسىدە ھەربى خىزمەت ئۆتەشكە ئۆزگەرتىش ھەققىدە يارلىق چۈشۈرىدۇ. جازا مەيدانىدىكى جاللاتلار چېكىنىدۇ. دوستويېۋىسكى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ! ئارىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، دوستويېۋىسكى تولۇپ-تاشقان ھاياتى خۇشاللىقى بىلەن: «ھايات ھەقىقەتەن قىممەتلىك، ئۇ بىر سوۋغا ئىكەن، ئۇ ھەر مىنۇتتا ماڭا چەكسىز خۇشاللىق بەخش ئېتىدۇ!» دېگەن سۆزنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.
       بەختكە يارىشا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان دوستۇيېۋىسكى سىبىريىگە سۈرگۈن قىلىنىپ، شۇ يەردە مۈشكۈل ھايات كەچۈرىدۇ. بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن شامۇ-سەھەر ھەمراھ بولۇپ تۇرغانلارنىڭ تولىسى يانچىلار ئىدى. جان-جىگەر تۇغقانلىرى، يارۇ-بۇرادەرلىرى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە، ئۇ ئەتراپتىكى يانچىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىپادىلىرى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدىن كۆپ دەرىجىدە ياخىشى ئىكەنلىكىنى سېزىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك ئېغىر ئەمگەك ۋە ھەربى خىزمەت دوستويېۋىسكىغا مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇش بىلىمىنى بىيىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇ پۇرسەتتە ئۇ ئىجادىيىەت ئۈچۈن ماتېرىيال توپلىۋالىدۇ.
       ئون يىللىق ئېغىر ئەمگەك ۋە ھەربى خىزمەت بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، جاپالىق ھاياتىغا خاتىمە بېرىپ، ھالاۋەتلىك ھاياتقا يېڭىدىن قەدەم قويغان دوستويېۋىسكى ئاخىر سان-پېتربۇرگقا قايتىپ كېلىپ، ئىجادىيەت بىلەن قايتا شۇغۇللىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇمۇ خېلى ياشىنىپ قالغان ئىدى. دوستويېۋىسكى شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزى سۆيىدىغان، قەدىرلەيدىغان ئىجادىيەت بىلەن توپ-توغرا يىگىرمە يىل شۇغۇللىنىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا، ئۇنىڭ كاتتا ئەسەرلىرى «جىنايەت ۋە جازا»، «خورلانغان ۋە زىيانكەشلىك قىلىنغانلار»، «ئاكا-ئۇكا كامازوۋلار» (1880-يىلى). شۇنىڭدەك «ئۆلۈمخانىدىكى خاتىرىلەر» (1862-يىلى)، «يەر ئاستى ئۆيىدىكى خاتىرىلەر»، «گومۇش» (1868-يىلى)  قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ئەسەرلىرى ئۇنىڭغا مىسلىسىز شۆھرەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە «ئۆلۈمخانىدىكى خاتىرىلەر» دە ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان جىنايىتچىلەرنىڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋالى ۋە روھى ھالەتلىرى تولۇق ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ ئەھۋاللاردىن دوستويېۋىسكىنىڭ ھاياتىدىكى ئوڭۇشسىز كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان كۆزىتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە مول تۇرمۇش ئاسا ھازىرلاپ بەردى دەپ ھېسابلىماي بولمايدۇ.


        ---------
       («ئەدەبىيات گېزىتى» نىڭ 1985-يىل 20- ئىيۇن سانىدىن)
       تەرجىمە قىلغۇچى: رەھىمجان.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئىجادىيەت , كەچۈرمىش , رەھىمجان , دوستويېۋسكى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-8-1 12:44:01
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 90
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证