مەن ئۆزۈمنى سۆيگەن ئوخشايمەن
كەتتى بىر ئوت مىنى كۆيدۈرۈپ
كۆيدۈرگەندەك مىنىلا
ھېچكىم بىلمەس دەردىمنى .
قالدىم يەنە بۇرۇنقىدەكلا
ئۆز ئۆزۈمنى قۇچاقلاپ.
مەن ئۆزۈمنى سۆيگەن ئوخشايمەن
چۈنكى ئۆزۈم قالدىم تەنھالا
قالدىم خىيال دەريالىرىدا
چىقالماستىن قارشى قىرغاققا
يىتەلمەستىن يارنىڭ ۋەسلىگە.
لىكىن
يەتتىم ئاخىر ئۆزۈمگە
يەتتىم ئۆز نەسلىمگە.
سىنىڭ قەلبىڭنى سۆيۈشتىن ئاۋۋال
سۆيگەن بولسام قەلبىمنى
سۆيەر ئىكەن پۈتۈن ئادەملەر
تاۋاپ قىلىپ بىر ئۆمۈر
مەن سۆيگەندەك ئۆزۈمنى.
مەن ئۆزۈمنى سۆيگەن ئوخشايمەن
سۆيگەندەك قوياش ئۇپۇقنى
مانا
قاراۋاتىدۇ ئادەملەر
تاتلىق كۈلۈپ كۆز قارچۇغۇمغا.
ئەمدى سەندىن كۈتمەيمەن ئۈمىت
تاپتىم ئاخىر ئۆزۈمنى
ئۇزۇن يىللىق تارىخنى.