رېئاللىقتىن قېچىش
رىئاللىقتىن قورقۇپ كەتكەن ئادەملەر
يۈرەر چاڭ توزاندەك
يۈرەر لالما ئىتلاردەك
بۇزۇقلارنىڭ كەينىدە
مەينەت قانلارنى شوراپ.
رىئاللىقتىن قاچقان بىر توپ ئادەملەر
يۈندە يالاپ يۈرمەكتە
خۇددى قۇللاردەك
كونا غالچىلاردەك.
تۇرقىدىن ھېيىقىسەن
گەپلىرىدىن ھەيران قالىسەن
لىكىن
ئاسىيلىقتىن گۈپۈلدەپ تۇرار
سېسىق تەنلەر
شۇ سېسىق روھلار.
قوغلاندى شەيتان بەلكىم ئۇلار شۇ
قوغلانغان مەڭگۈلۈك گۈزەللىكتىن
قوغلانغان خۇشپۇراق باغلاردىن.
بولدى بەس
قېچىشنى توختات
تىرىلىش ئۈچۈن.