كىتەر ھەممە
كىتەر پۈتۈنلا
كىتەر مەنزىلسىز
كىتەر يىراققا
شۇ مەلئۇنلار
شۇ ئىشەنچسىزلەر .
كەتمەكتە قارا بۇلۇتتەك
بىر توپ ئەرۋاھلار
نە تىرىكلىگىنى بىلگىلى بولماس.
كەتمەكتە جىسمى ئۇلۇغلارنىڭ
قالدۇرۇپ روھىنى نۇرلۇق چىراقتەك
خۇددى كەتمىگەندەك
ئارىمىزدا كۈلۈپ يۈرەر
بىزگە تەسەللى بىرىپ.
سەن كەتمە چىدىمايدۇ يۈرۈگۈم
ياخشىلىقىڭ ئەللىك بىر پىرسەنت
تارتىشىدۇ قەلبىم ئۇيغۇرغا.
يەر تېگىدىن ياكى ئاسماندىن
كۆرمەك بولۇپ سىنى پەرىشتە
ماراپ يۈرەر كىچە ۋە كۈندۈز.
سەن كەتمە
چىدىمايدۇ يۈرۈگۈم
چىدىمىغاندەك
لەغمەنگە.
بىر كۈن بولسىمۇ كۆرىۋالاي سىنى
بىر كۈن بولسىمۇ روھ باغرىمغا
بېسىۋالاي سىنى
خۇددى قۇچقاچ بالىسىنى باسقاندەك.
كەتمە
كەتمە
كەتمە
كۆز ياشلىرىم
خۇشاللىقتۇر سەن بىلەن.
كەتمە
ئۆلسەك بىللە ئۆلەيلى
تىرىلسەك بىللە تىرىلەيلى
مۇشۇ زىمىندا.....