تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aypalta
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12279
    Enwerhamut@gmail.com
    0
    يازما سانى : 48
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-8 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەردەم بەيازىت: ئۆلۈم رىسالىسى



     

    Ölüm Risalesi

    Erdem Beyazıt

     

    ئۆلۈم رىسالىسى

     

    ئەردەم بەيازىت ( تۈركىيە)

     

      

    تامچە - تامچە قۇرۇلار ھايات

    ئۆلۈم بولسا قىمىر-قىمىر

    ئاڭلىماق قولاي

    ئاڭلاتماق مۈشكۈل

     

    ھەر دەقىق

    بىلىپ تۇرىمەن

    ئاز-ئازدىن ئۆلۈۋاتقىنىمنى

     

    خەۋىرىم بار تۇغقان ئايدىن

    ئېرىگەن قاردىن، ئاققان سۇدىن

    ۋە ئاستا-ئاستا تۈگەۋاتقان ۋاقىتتىن

     

    تەكرارلاپ تۇرماقتا سائەت

    ۋاقىتمۇ مەخلۇقتۇر

    ۋاقىتمۇ مەخلۇقتۇر

     

    ئىشلىمەكتە يۈرىكىم

    چاچلىرىم ۋە كۆزلىرىمنىڭ

    ئەڭ كىچىك ھوجرىلىرى كونىرىماقتا

     

    ئوقۇۋاتىمەن ھاياتنى

    تۇپراقنىڭ ئۈستىدىن جىقراق

    ئاستىدىكىلەر بىلەن بار بولغانلىقىنى

     

    تۇپراق

    ئۆلۈمگە ئاچ

    ئۆلۈمگە مۇھتاج

    ھايات

     

    ئۆلۈم جەزمەن

    ۋە ئۆلۈم مۇتلەق

    يالغۇز ئىشىكىدۇر ئۆلۈمسىزلىكنىڭ

     

    ئۆلۈم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن چۈشەندىم

    پەقەت ياشاشنىڭ بىر كىملىك بەلگىسى ئىكەنلىكىنى

     

    مەخلۇقتا ئاققان

    شىلدىر-شىلدىر بىر ئېرىقتۇر ئۆلۈم

     

    ئاتىلار ئۆلەر

    كېزەر قوللىرى ئۆلۈمنىڭ

    چاچلىرىدا ئانىلارنىڭ، ئوغۇللارنىڭ

     

    ئانىلار ئۆلەر

    يىلتىز تارتار ھەسرەت يۈرەكلەرگە

    « بىر بالا پىر بوپ كەتسىمۇ»

    شۇ چاغ چۈشىنەر نېمىمىش يىتىملىك

     

    ئوغۇللار ئۆلەر

    بىر قەپەز بولار ئۆلۈم

    ئانا قەلبى بىر قۇشتۇر

    ئازادلىقنى قۇبۇل قىلماس

     

    سۆيگنى ئۆلەر

    بىر ھىجرەت بولار ئۆلۈم

    بىر ئانا يۇرت

     

    مەسىلەن، ساۋاقداشلار

    ساۋاقداشلىقلار بار مەكتەپلەردە

    قارىساڭ بىرى كەلمەس بىر كۈنى

    ۋە شۇندىن تارتىپ ھەرگىز كېلەلمەس

    قاپقارا بىر كۆلەڭگە چۈشۈپ تۇرار

    باغچىغا، كارىدورلارغا، سىنىپلارغا

    ئېغىزلاردا كۇسۇلداشلار

    كىملەرنىڭدۇ كىرپىكلىرى ھۆل

    باغچىنىڭ خالى بىر  يېرىدە ئولتۇرۇپ

    قولىدا بىر  تال ياغاچ سىزار رەسىمىنى

    ئەسلىمىلەرنىڭ

    بەزىلىرى بىر يەرگە يىغىلىشىپ

    مەنىسىز سۆزلەر بىلەن چارەسىزلىكنى بايان قىلماقتا

    • نېمە بوپ كەتتى، تېخى تۆنۈگۈن بىرگە ئىدۇق
    • سەگۈنچەكتە ئىككى ئادەمنى كۈزەتكەن ئىدۇق، تېخى
    • ئۆتكەن يەكشەنبە قىرلاردا ئايلانغانىدۇق
    • « كۆچمەن قۇشلار يەرلىك قۇشلاردىن تېخىمۇ بەخىتلىك
    • ھاياتنى تولۇق، تولۇق ياشىماقتا» دېگەن ئىدى، ئۇنتالمايۋاتىمەن...

    ئاندىن بىر مازاردا، بىر ئورەكنىڭ بېشىدا

    بىر ئىشىكنىڭ ئاغزىدا

    ھەممە سۈكۈت قىلار

    ئۆلۈم سۆز قىلار

     

    ۋە داۋام قىلار ھايات

     

    بەزىدە بىر چاقنىڭ ئاستىدا

    تەرەپباللا كېلەر ئۆلۈم

    ئۇشتۇمتۇتلا تۈگەر سىناق

    توك كېتىپ قالغاندەكلا

    ئارزۇ-ھەۋەسلەر يوق بولار

     

    بەزى ئۆلۈملەر بار

    ئۆلۈمدىن بۇرۇن كېلەر

    مەسىلەن تۈرمىنىڭ بىر كامېرىدا

    سۇئاللار ھەمىشە جاۋاپسىز قالار ئۇ يەردە

    گەپ قىلغىنى پەقەت چۈشلەردۇر

    ياكى جىمغۇر تاملاردا خىياللار

    كۆزلەر قۇبۇل قىلار، بارماقلار قۇبۇل قىلار

    لېكىن مېڭە ھەمىشە ئۈمىت تەرەپدارىدۇر

     

    بەزىدە ئوقۇلىۋاتقان كىنو لېنتىسىنىڭ

    بىر پارچىسىدىكى قېتىپ قالغان رەسىمگە ئوخشاشتۇر

    ئۆلۈم

    ئۇدۇلىدا بىر گۇرۇپپا ئەسكەر

    كۆزلەر ستۋوللارنىڭ قاپقارا ئېغىزلىرىنى كۆرمەس

    قاراپ قالار كۆپكۆك ئاسماندا

    ساڭگىلاپ تۇرغان ئاپئاق بۇلۇتقا

     

    ئۆلۈمدىن ئۇزاق ئۆلۈملەر باردۇر

    گېزىت ئېلانلىرىدا ئۇچرايدىغان

    دۇنياغا باغلىنىپ قېلىشنىڭ بىچارە

    ۋە جاھىل بىر بەلگىسىدۇر

    كۆپرەك قالغانلارغا ئائىت بولغان

     

    يەنە ئۆمۈچۈك تورىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ قالغان

    بىر پاشىنىڭ تىترىگەن پۇتلىرىدا كۆرگەنىدىم ئۆلۈمنى

     

    ئۆلۈملەر باردۇر؛

    بىر دەرەخنىڭ يىلتىزلىرىنىڭ پاراس-پۇرۇس ئۈزۈلىشىگە ئوخشاش

    جان پاراس-پۇرۇس قىلىپ چىقار تومۇرلاردىن

    ئۆلۈملەر باردۇر؛

    جان قۇشتەك ئۇچۇپ كېتەر

    بىر چايكىنىڭ لەرزان ئۇچۇپ

    كۆپكۆك ئاسماندا غايىپ بولغىنىدەك

     

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت ( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەردەم بەيازىت , ئۆلۈم رىسالىسى , ئايپالتا , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-30 5:37:01
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 159
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证