قۇرئان.قۇرئان.قۇرئان
ساداقەتجان ھاجى
پۈتۈن ئالەمگە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ پەرمانىدۇر قۇرئان.
ئىلىم ھىكمەت، ھەقىقەت ھەم ھىدايەت كانىدۇر قۇرئان.
ئۇنىڭدا ياخشىلىق، دوستلۇق، ھالاللىق ئەيلىنەر تەرغىپ،
ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ گۈزەل بوستانىدۇر قۇرئان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئان بىلەن كۆرسەتتى ھەق يولنى.
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەڭگۈ زەپەر داستانىدۇر قۇرئان.
ئوقۇ قۇرئاننى ئەي ئاشىق! ۋىسالغا ئىنتىزار بولساڭ،
مۇھەببەت ئەھلىنىڭ ھەم جانى، ھەم جانانىدۇر قۇرئان.
چۈشەن ئىشقى بىدار قۇرئاندىكى ھىكمەت، ھەقىقەتنى،
ئەگەر ئادەم بولاي دىسەڭ، ئۇنىڭ مىزانىدۇر قۇرئان.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(1996-يىل 5-ئاي. قەشقەر)
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34642857.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭