تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› دۇنيا ئەدەبىياتى ›› دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما ›› ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان: بىر يەردە ئۆلۈم گۈزەل
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aypalta
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12279
    Enwerhamut@gmail.com
    0
    يازما سانى : 48
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-8 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان: بىر يەردە ئۆلۈم گۈزەل



     

    Bir Yerde ölüm Güzel Oluyor

    ümit Yaşar Oğuzcan

     

    بىر يەردە ئۆلۈم گۈزەل

     

    ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان( تۈركىيە)

     

    ئىنسان بىر رەت ئۆلىدۇ، ئەپسۇس

    بۇ قانۇنىيەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك

    بىر رەت ياشاپ، تالاي رەت ئۆلۈش كېرەك

    ئەڭ بۈيۈك تەقدىرلەر بىز ئۈچۈن

    بىز ئۈچۈن جاۋاپسىز سۆيگۈلەر

    كور قۇدۇقلار، چىقماس كوچىلار بىز ئۈچۈن

    دۇنياغا قانداق كەلدۇق، سورىماڭلار

    قەدىرلىك ئانىلار رەنجىپ قالمىسۇن

    ھەر يېرىم ئايرىم-ئايرىم ئۆلىشى كېرەك

    بولمىسا ئۆلۈم يوقتۇر ماڭا بۇ دۇنيادا

    بىر پاي ئوق مېڭەمگە كىرسۇن

    بىر پىچاق يۈرىكىمگە تىقىلسۇن

    چوغدەك تۆمۈر كۆزۈمنى داغلىسۇن

    ئاندىن كەلسۇن بىر پاتمان ئەسكەر

    قوپال بىر بۇيرۇق، ئۇچۇۋاتقان ئوت

    قويۇپ بەر كىم باغلىسا مەيلى كۆزۈمنى.

    بىلەك تومۇرۇمنى كېسىۋېلىشنى جىق ئويلىدىم

    ئوتتۇرا ئەسىردىن قېپقالغان زەھەر ئىچىۋىلىشنى

    ۋە ئۆزۈمنى ئىگىز مۇنارلاردىن مەر-مەر تاشلار ئۈستىگە تاشلىۋېلىشنى

    پۇتلىرىمغا تاش باغلاپ دېڭىز ئاستىدا ئۆلۈشنى

    مەن يەنىلا ئۆلمىدىم، كۆرۈپ تۇرۇپسەن ئۆلمىدىم

    چاكىنا ھېساپ- كىتاپلار، رەزگى قورقاقلار مېنى قويۇۋەتمىدى

    بەلكى سەن قويۇۋەتمىدىڭ، بىلمىدىم

    قويۇۋەتكەن بولساڭ، ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كېتەتتىم

    ھالبۇكى، ئەمدى مەندىن قېچىشىڭمۇ تەس

    بىلىمەن، مېنى ياخشى كۆرىشىڭمۇ تەس

    دېگەن ئىدىم: بىر يەرلەرگىچە ياشاش گۈزەل

    لېكىن يەنە بىر يەرلەردە ئۆلۈم بەك گۈزەل!

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان , ئۆلۈم گۈزەل , ئايپالتا , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-29 19:40:51
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 180
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证