تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› دۇنيا ئەدەبىياتى ›› دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما ›› ئەمرە ئۆزدەمىر: تار كەلمەكتە كوچىلار
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aypalta
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12279
    Enwerhamut@gmail.com
    0
    يازما سانى : 48
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-8 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەمرە ئۆزدەمىر: تار كەلمەكتە كوچىلار



     

    Dar  Geliyor  Sokaklar 

    Emre Özdemir 

    تار كەلمەكتە كوچىلار 

    ئەمرە ئۆزدەمىر ( تۈركىيە)

     

    تار كەلمەكتە كوچىلار،

    ياتقۇزۇلغان تاشلىرى يوق.

    ئېغىر كەلمەكتە ئايرىلىش،

    تۆكۈلۈپ كەتمەكتە لەۋلەردىن سۆيۈش.

     

    ھېچكىممۇ ھەممىگە بولالماس مەنسۇپ،

    چۈشلەر ئاقار كۆز ئۇچلىرىمدىن.

    تامچىلار كۆيدۈرەر كىرپىكلىرىڭنى،

    سۆز يۇتار، سۆيگۈ يىغلار كۆزلىرىڭنى.

     

    باق، كەلمەكتە قارا باسقانلار،

    ئارقىسىدا يوقالماقتا ئاياغ ئىزلىرى.

    يار كەتمەكتە، سايىسىدە قاراڭغۇلۇق،

    سىقىلغان كۈنلەر ماتەم ناخشىلىرىنىڭ ئارىسىغا قايتماقتا.

    لەۋسۇرۇخ يۇقى قالماقتا چىشلارنىڭ ئارىسىدا.

     

    كەلمە دېمەك ئاسان، بەك ئاسان،

    قېپقالماق بەسى-مۈشكۈل.

    سۆيگۈ ئۈچۈن تاملار يېزىلماقتا،

    كوچا بېشىدا كىشىلەر پاراڭلاشماقتا.

    يۈتكەن بىر كۈن،

    كۈننىڭ تۇغۇشىدا لىققىدە ئازاپلار بار،

    پېتىشىدا چۇقان سالغان تىمتاسلىقلار...

     

    ئەسلىدە ئانىلار، بۈيۈك ئازاپلارنى تۇغماقتا،

    ئايرىلىشتىن قېپقالغانلار قان قۇسماقتا.

    ئانا رازى بولغان شۇنچە سۈت،

    ئۆگىتىلگەن سۆزلەر،

    قانات ئاستىدا قوغدالغان يۈزلەر،

    ھەركۈنى بۇرنىدىن يۆتىلىنىپ كەلتۈرۈلمەكتە.

     

    بەك ئاسان سۈرۈلمەكتە مۇھەببەت پەيزى،

    كۆڭۈللەرنى بەزلەش ئۈچۈن ھەر كېچە.

    مەجنۇندىن قېپقالغىنى پەقەت رىۋايەت،

    قايسى تەرەپتە سەن ئېيتقىن ئەي قەلب،

    بىر تەرەپتە زەھەردەك ئازاپ،

    يەنە بىر تەرەپتە شېكەر يالىتىلغان ئۈمىت.

    مەخرەج ئاشكارە،

    ئەسلىدە

    ھەر سۆيگۈنىڭ كەينىدە ئورتاق جىنايەت.

     

    ئايرىلىشلار سۈنئىي،

    سۆيۈشلەر ئەدىبىي،

    تاشلىۋېتىشلەر غەيرى رەسمىي،

    ئوقلار قانۇنىي،

    ئۆلگەنلەر ھەقىقي،

    نە چارە،

    ئۇنۇتۇش ۋاقتىدۇر ئەمدى.

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەمرە ئۆزدەمىر , تار كەلمەكتە كوچىلار , تۈركىيە , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-28 20:18:13
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 233
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证