تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Hechkim
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 15040
    abdurehim@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 38
    باھا يازما سانى : 1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-11-29 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھازىرقى بالىلار كارامەت (خاتىمە)



     

     
    ئاپتوردىن بالىلارغا مەكتۇب
     
    سۆيۈملۈك بالىلار:
     
    ياق، «سۆيۈملۈك بالىلار» ئەمەس، سۆيۈملۈك بالىلىرىم.
     
    ھەممىڭلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك سۆيىمەن. پۈتۈن سۆيگۈلەرگە ئوخشاش، بۇ سۆيگۈدىمۇ شەخسىيەتچىلىكىمىز بار. چۈنكى، بىز ياشانغانلار سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا ياشايمىز، ئۆمۈر سۈرىمىز، دەپ ئويلايمىز ۋە شۇنداق بولۇشىغا ئىشىنىمىز. يالغۇز ئۆز بالىلىرىمنى ۋە تۈرك بالىلىرىنىلا ئەمەس، ئامېرىكا، رۇس، نېمىس، ئەرمەن، جۇڭگو، سىگان... ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن بالىلارنى سۆيىمەن.
     
    بۇ يەردە مەن سىلەر ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان بىر ئىشنى ئىزاھلاپ ئۆيەي. سىلەر ئويلىغاندەك، بۇ كىتابتىكى خەتلەرنى زەينەب بىلەن ئەخمەت ئىسىملىك ئىككى بالا بىر-بىرىگە يازمىغان، ئۇلارنى مەن توقۇپ چىققان. بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولغان ئىككى بالىنىڭ بىر-بىرىگە بۇنچىۋالا كۆپ ۋە شۇنچە ئۇزۇن ھەمدە خاتاسى ئاز مەكتۇبلارنى يازالمايدىغانلىقىنى سىلەر ياخشى بىلىسىلەر. ئىچىڭلاردىن ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلارغا خەتلەرنى يېزىشىپ، ئۇلارنى توپلىساڭلار، تىلدىكى خاتالىقلار، ئىملا خاتالىقلىرى ۋە باشقا خاتالىقلارنى سادىر قىلاتتىڭلار. لېكىن، سىلەرنىڭ يازغىنىڭلار يەنىلا مېنىڭ يازغانلىرىمدىن ياخشى چىقاتتى. چۈنكى، سىلەر ھاياتىڭلاردا ئىستىخىيىلىك ۋە تەبئىي بولاتتىڭلار. چۈڭلار بىلەن بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى مانا مۇنداق: سىلەرمۇ چوڭايغانسېرى بىزگە ئوخشاپ، ئىستىخىيىلىكتىن بارغانسېرى يىراقلىشىسىلەر.
     
    بۇ كىتابتا ئەڭ قىلغىلى بولمايدىغان ئىشنى قىلىشقا تىرىشتىم، ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا قويۇشقا ھەپىلەشتىم. بۇ زادى قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش. چۈنكى، ياشانغان كىشىلەر بىلەن ئۆز بالىلىرى ئارىسىدا گويا مىڭ يىللىق، ھەتتا ئىككى مىڭ يىللىق ئارىلىق بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چوڭلار ئۆزىمىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز. 
     
    ئاتا-ئاناڭلار، ئۇقۇتقۇچۇڭلارمۇ ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
     
    زەينەب بىلەن ئەخمەت ئىسىملىك ئىككى بالىنىڭ تىلى بىلەن توقۇپ يازغان بۇ خەتلەر ھەقىقەتەن بىر بالىلار رومان مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ۋە ھېچقانداق دەرىجىگە ئېرىشەلمىدى. بۇنىڭدا ھېچقانداق ھەقسىزلىك يوقلۇقىنى مەن سىلەرگە سۆزلەپ بېرەي. مەكتۇبلاردىن تەركىب تاپقان بۇ رومان مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشەلمەيتتى. چۈنكى، بۇ روماننى ئوقۇغان باھالىغۇچىلار ھەيئىتىدىكى چوڭلارمۇ ئارىدىن مىڭ يىل ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، يەنى گويا شۇنىڭدەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى. زەينەب بىلەن ئەخمەتمۇ بۇنى سەزگەن.
     
    بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازغان پۈتۈن يازغۇچىلاردەك، مەنمۇ كىتابتا توپلانغان ماقالىلىرىم بىلەن سىلەرگە نەسىھەتلەر بەرمەكچى بولدۇم. ھالبۇكى، بۇ نەسىھەتلەرنىڭ بېرىلىش شەكلى چوڭلار بەرگەن نەسىھەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. بىراق، ھەقىيقى ھاياتىمدا ئۆز بالىلىرىمغا مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىمنى ئويلىماڭلار. مەنمۇ ئۆز بالىلىرىمغا پۈتۈن چوڭلاردەك مۇئامىلە قىلدىم، چۈنكى گويا ئارىدىن مىڭلارچە يىللار ئۆتكىنىدەك، مەنمۇ بالىلىقىمنى ئۇنتۇپتىمەن. بۇنىڭ خاتالىقىنى بىلسەكمۇ، باشقىچە مۇئامىلە قىلىش قولىمىزدىن كەلمەيتتى.
     
    بۇ كىتابتا توپلانغان ماقالىلىرىمدە يەنە بىر ئىشنى ئويلىدىم، ئۇ بولسىمۇ: مەن سىلەرگە مەن ياشانغان، سىلەر بالا بولغىنىڭلاردەك مۇئامىلە قىلمىدىم، ئۆزۈمنىڭ سىلەردەك بولالمايدىغانلىقىمغا نىسبەتەن سىلەرنىمۇ ئۆزۈمدەك چوڭ ھېسابلىدىم، سىلەرنى بالا ئورنىغا قويماي، چوڭلار ئورنىغا قويدۇم. لېكىن، يەنىلا بالا ئىكەنلىكىڭلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا تىرىشتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بۇ كىتابتا نېمىلەرنى قىلماقچى بولغانلىقىمنى سىلەرگە ئىزاھلاشقا تىرىشتىم.
     
    ھەر بىر سۆزۈمنى ئۆز ئۆلچەملىرىڭلار دائىرىسىدە چۈشىنىشىڭلارغا ئىشىنىمەن.
     
    ھەممىڭلارغا سەمىمىي مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن، سۆيۈملۈك بالىلىرىم.
     
    ئەزىز نەسىن
    1967-يىلى 14-ئاپرېل، ئەنقەرە
     
     
     
     
    (تامام)
     
     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھازىرقى بالىلار كارامەت , ئەزىز نەسىن , ئاپتوردىن بالىلارغا مەكتۇب , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-26 15:07:45
    تەھرىر : Hechkim
    باھا : 0 كۆزىتىش : 259
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证