بالىلار رومانى مۇسابىقىسى
سىڭلىم زەينەب:
تۈنۈگۈن ساڭا پوچتىدىن بىر مەكتۇب يوللىغانىدىم، بۈگۈن بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن. كەينى-كەينىدىن خەت يازغىنىمغا بەلكىم ھەيران بولۇشۇڭ مۇمكىن. بۇ خەتنى بىر ئىش توغرىسىدا سەن بىلەن مەسلىھەتلىشىش مەقسىتىدە يازدىم. پىكىرىمگە قوشۇلساڭ، بۇ ھەقتە سەن بىلەن ھەمكارلىشىمىز.
يېقىندا بالىلار رومانى مۇسابىقىسى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەقلىمگە مۇنداق بىر ئىش كەلدى: بىر-بىرىمىزگە يېزىشقان خەتلەرنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە رەتلىسەك، بۇلار بىر بالىلار رومانى بولماسمۇ؟ مەن سەن ئەۋەتكەن پۈتۈن خەتلەرنى ساقلاپ قويدۇم. سەنمۇ بىر خېتىڭدە مەن ساڭا يازغان خەتلەرنى بىر ئارخىپقا ساقلاپ قويغانلىقىڭنى يازغانىدىڭ.
قانداق دەيسەن، بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشايلىمۇ؟ پىكىرىمنى لايىق تاپساڭ، سەندىكى خەتلىرىمنى ماڭا دەرھال پوچتىدىن ئايروپىلان ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرەرسەن، چۈنكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش مۇددىتى توشۇشقا ئاز قاپتۇ. مۇسابىقىگە ئىككىمىزنىڭ نامىدا ئورتاق قاتنىشىمىز. مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقساق، بۇ مۇۋەپپەقىيەت ئىككىمىزگە مەنسۇپ بولىدۇ.
مەكتۇپلىرىمىزنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشنى توغرا تاپمىساڭ، ئۇنىمۇ ماڭا مەلۇم قىل. سەندىن سورايدىغىنىم شۇكى: مۇسابىقىگە قاتنىشايلى دېسەڭ، بۇنى ھېچكىمگە ئېيتما. ئۇتۇپ چىقالمىساق، مۇسابىقىگە قاتناشقىنىمىزنى ھېچكىم ئۇقمايدۇ، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا قالىدۇ.
جاۋابىڭنى كۈتىمەن. سالام ۋە سۆيگۈلىرىم بىلەن:
ساۋاقدىشىڭ: ئەخمەت تارباي
1964-يىلى 25-ئاپرېل، ئىستانبۇل