تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› ئۆزبەكىستاندا ئاتاتۈرككە ئائىت بىر كىتاپ نەشىر قىلىندى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئۆزبەكىستاندا ئاتاتۈرككە ئائىت بىر كىتاپ نەشىر قىلىندى



      

    ئۆزبەكىستاندا ئاتاتۈرككە ئائىت بىر كىتاپ نەشىر قىلىندى

    ئۇزمان ئالى تۇنا

    يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

    ئۇلۇغ داھى ئاتاتۈرك تۈركىيە سىرتىدا ياشاۋاتقان  نەسىلداش تۈركلەر بىلەن بولغان زىنجىرنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىگە ناھايىتى دىققەت قىلغان. ئەمما، بۇ گىتلېر ۋە مۇسسۇلىنىنىڭ مىللەتچىلىكىگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ بۇ تېمىدا يەنى تۈرك نەسىلداشلار تېمىسىدا تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بايانلىرى بار. ئاتاتۈرك تۈرك نەسىلداشلار ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى مۇنداق ئىپادە قىلغان : ‹‹تۈرك مىللىتى قۇتۇلۇش ئۇرۇشىدىن بېرى ھەتتا بۇ ئۇرۇشقا ئاتلانغان  ۋاقتىدىمۇ مەھكۇم مىللەتلەرنىڭ ھۆرىيەت ۋە مۇستەقىللىق داۋالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئۇ داۋالارغا ياردەم بېرىشنى قوبۇل قىلغان. شۇنداق بولغاندا ئۆز نەسىلداشلىرىنىڭ ھۆرىيەت ۋە مۇستەقىللىقىغا شەرتسىز مۇئامىلدە بولۇشى ئەلبەتتە ئۇيغۇن ئەمەس. لېكىن مىللەت داۋاسى ئاڭسىز ۋە ئۆلچەمسىز بىر داۋا شەكلىدە تەھلىل قىلىنماسلىقى ۋە قوغدالماسلىقى كېرەك. مىللەت داۋاسى سىياسىي بىر ئېنقىلاپ تېمىسى بولۇشتىن بۇرۇن ئاڭلىق بىر غايە مەسىلىسىدۇر. ‹ئاڭلىق غايە› دېگەنلىك مۇسپەت ئىلىمگە، ئىلمىي ئۇسۇللارغا تايانغان بىر مەقسەت ۋە غايە دېگەنلىكتۇر. ئۇ ھالدا تەشۋىقاتلاردا مۇسپەت ئۇسۇللارغا مۇراجىئەت قىلىش شەرتتۇر. ھەرىكەتنىڭ ئىمكانىيەت دائىرىسىنى ۋە تەرتىۋىنى چوقۇم نەزەرگە ئېلىش كېرەك. تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ئاۋۋال كۈلتۈر مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ بىز تۈركلۈك داۋاسىنى مۇشۇنداق بىر مۇسبەت ئۆلچەمدە قولغا ئالدۇق. بۈيۈك تۈرك تارىخىغا ، تۈرك تىلىنىڭ (يەنى تۈركىي تىلنىڭ- ت) مەنبەلىرىگە، باي شىۋىلىرىگە، قەدىمكى تۈرك ئەسەرلىرىگە ئەھمىيەت بىرىمىز. بايقالنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ياقۇت تۈركلىرىنىڭ تىل ۋە  كۈلتۈرىگىمۇ سەل  قارىمايمىز.››[1]
              ئاتاتۈرك 1933- يىلى جۇمھۇرىيەتنىڭ 10-يىلىنى تەبرىكلىگەندە قىلغان شۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ھەم ئۆزىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىنى ھەم تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەرگە بولغان دىققىتىنى كۆرسەتكەن: ‹‹ بۈگۈن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دوستىمىز، قوشنىمىز، ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر. بۇ دوستلۇققا ئىھتىياجىمىز بار. لېكىن، ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بۈگۈن ھېچكىم كىسىپ بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. خۇددى ئوسمانلىلارغا ئوخشاش، ئاۋۇسترىيە – ۋىنگرىيەگە ئوخشاش پارچىلىنىپ كىتىدۇ.  بۈگۈن رۇسىيەنىڭ قولىدا چىڭ تۇتۇلغان مىللەتلەر ئالقىنىدىن چىقىپ كىتىدۇ. دۇنيا يېڭى تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ. مانا شۇ چاغدا تۈركىيە نېمە قىلىشنى بىلىشى كېرەك... بىزنىڭ بۇ دوستىمىزنىڭ  ھاكىمىيىتى ئاستىدا تىلى بىر، ئېتىقادى بىر، ئۆزى(ئىرقى) بىر قېرىنداشلىرىمىز بار. ئۇلارغا ئىگە بولۇشقا تەييار تۇرىشىمىز كېرەك. تەييار تۇرۇش پەقەت ئۇ كۈننى جىمجىت تۇرۇپ كۈتۈش دېگەنلىك ئەمەس. تەييارلىنىش كېرەك. مىللەتلەر بۇنىڭغا قانداق تەييارلىنىدۇ ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن مەنىۋىي كۆۋرۈكنى ساغلام تۇتۇش كېرەك. تىل بىر كۆۋرۈك، ئېتىقاد بىر كۆۋرۈك، تارىخ بىر كۆۋرۈك. يىلتىزىمىزغا قايتىپ، ۋەقەلەر تەرىپىدىن بولۈنگەن تارىخىمىز ئىچىدە پۈتۈنلىنىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ بىزگە يېقىنلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرماي، بىز ئۇلارغا يېقىنلىشىشىمىز كېرەك. رۇسىيە بىر كۈنى تارقىلىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا تۈركىيە ئۇلار ئۈچۈن ئۆرنەك بىر دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.>>[2]
                تۈرك دۇنياسىغا بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلگەن ئۇلۇغ داھى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك يېڭى مۇستەقىللىققە ئىرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى تەرىپىدىنمۇ ھەقلىق باھاغا ئىرىشمەكتە. بۇ مەملىكەتلەردىن ئۆزبەكىستاندىمۇ تۇنجى بولۇپ ئۆزبەكچە ‹‹ئۆز –سىلىم››(ئۆزبەك-تۈرك لىسەلىرى ئومۇمىي مۇدىرىيىتى) تەرىپىدىن ‹‹تۈرك خەلقىنىڭ بۈيۈك ئەۋلادى ئاتاتۈرك›› ناملىق بىر كىتاپ نەشىر قىلىندى. بۇ تېمىدا ئۆزبەك تىلىدا يېزىلغان تۇنجى كىتاپ بولۇشتەك  ئالاھىدىلىككە  ئىگە بولغان  بۇ ئەسەر ئۆزبەكىستان جۇمھۇرباشقانى ئىسلام كەرىموفنىڭ تۈۋەندىكىدەك كىرىش سۆزى بىلەن باشلانغان: ‹‹يالغۇز قېرىنداش تۈرك خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە پۈتكۈل تۈرك خەلقىلىرىنىڭ بۈيۈك ئەۋلادى ۋە غۇرۇرى بولغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك دۇنيادىكى مەشھۇر سىياسەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 1923- يىلى 29- ئۆكتەبىر كۈنى تۈرك دۆلىتىنىڭ يېڭى ھاكىمىيەت شەكلى بولغان جۇمھۇرىيەتنى ئىلان قىلدى. مەملىكەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن دۆلەت تۈزۈمى تامامەن ئۆزگەرتىلدى. سىياسەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ باردى. ئاتاتۈرك ئىسلاھاتلىرىنىڭ مەنىسى ۋە مەقسىتى مىللىي ئەنئەنىگە زىيان يەتكۈزمەستىن مەملىكەتنى دۇنيانىڭ ئىلغار مەملىكەتلىرى سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئىدى. ئاتاتۈرك ئەسەرلىرىدە، سۆھبەتلىرىدە ھاياتنىڭ ھەممە  ساھەلىرىدىكى تەرەققىياتنى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى. ئۇزۇن مەزگىللىك تەدبىرلەر ۋە قىلىشقا تىگىشلىك ھەرىكەتلەرنى ئېنىق كۆرسەتتى.››
                  كىتاپتا ئۆزبەك- تۈرك لىسەلىرى ئومۇمىي مۇدىرى ماھمۇت بالنىڭ ‹‹ئاتاتۈك ئاتا يۇرتىدا›› ناملىق ماقالىسىمۇ بىرىلگەن.
                  كىتاپنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىگە ‹‹مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭھاياتى، چۈشەنچىلىرى ۋە ئىسلاھاتلىرى›› دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. بۇ بۆلۈمدە مۇستاپا كامالنىڭ ھاياتى ۋە قىلغان ھەرىكەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان.  ئىككىنجى بۆلۈمىدە ئاتاتۈركنىڭ ‹‹نۇتۇق›› ناملىق ئەسىرىدىن 1919-1924- يىللار ئارىسىدىكى ۋەقەلەر سۆزلەنگەن قىسمى بىرىلگەن. كىتاپنىڭ ئۈچۈنجى بۆلۈمىدە ئاتاتۈركنىڭ دېموكراتىيە، دۆلەت، ئىنقىلاپ، تاشقى سىياسەت، دىن، مائارىپ، ئىقتىساد، ئاللار، ئاخبارات تېمىلىرىدىكى قاراشلىرىغا ئورۇن بىرىلگەن. كىتاپنىڭ تۆتىنجى بۆلۈمىدە دۇنيا سىياسەتچىلىرىنىڭ ئاتاتۈرك بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەردىن روزۋېلت، ترۇمېن، داۋىت ئېزىنخوۋېر، كېننىدي، فرانسىيە  جۇمھۇرباشقانى دې گول، ھېندونوزېيە  جۇمھۇرباشقانى سۇكارنو، ئىراق جۇمھۇرباشقانى ئارىف، پاكىستان جۇمھۇرباشقانى ئەيۈپخان، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت Ⅱ، ئىران شاھى پەھلىۋى ۋە باشقا بىر مۇنچە مەملىكەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بار. بۇ قاراشلار ئارقىلىق ئاتاتۈركنىڭ 20- ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك دۆلەت ئادەملىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قوبۇل  قىلىنغان.

    بۇ كىتاپ ئۆزبەك ئاخبارات دائىرلىرى تەرىپىدىنمۇ ناھايىتى يۇقىرى باھالانغان. 1998- يىلى 22- ئاپرېل كۈنىدىكى گېزىتلەردە بۇ خەۋەر مۇنداق  بايان قىلىنغان : ‹‹ئاتاتۈرك دېگەن ئىسمنى ئىنسانلار ياخشى بىلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ بۇ يەرلەردە بۇ ئىسىم يىتەرلىك تۇنۇتۇلمىدى. لېكىن، ئاتاتۈرك ئامېرىكىدىن گېرمانىيەگە، ئەنگلىيەدىن فرانسىيەگە ، ئىراندىن پاكىستانغا، يەنى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى خەلقلىرىنىڭ سىرتىدا دۇنيادىكى پۈتكۈل ئىنسانلار تەرىپىدىن غايىۋىي بىر ئىسم سۈپىتىدە تۇنۇلغان. تۈرك خەلقى ئاتاتۈركنىڭ بۈيۈك خىزمەتلىرى يۈزىسىدىن ئۆلۈمىدىن بۇرۇنلار ئۇنىڭغا ‹تۈركنىڭ ئاتىسى› يەنى ‹ئاتاتۈرك›(1934- يىلى) دەپ نام بەردى. ئاتاتۈرك بارغانسېرى زەئىپلەشكەن مەملىكەتنى قۇتقازدى. ئۇنىڭ مەقسىتى تۈركىيەنى زامانىۋىي، ئىلغار بىر مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئىدى. ئاتاتۈرك غەرپنىڭ تەجىرىبىلىرىگە تاياندى. ئەمما، تۈركلۈكنى ئىنكار قىلغان ، مىللەتچىلىككە زىيان سالىدىغان چۈشەنچىلەرنى قوبۇل قىلمىدى. مىللىي گۈللىنىشتە ۋە زامانىۋىيلىشىشتا غەرپنى بىر ۋاسىتە دەپ قارىدى. تۈركىيەنى تەرەققىي قىلغان مەملىكەتلەر قاتارىدا كۆرۈش ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىدى. ئاتاتۈرك يېڭى تۈرك دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى بەلگىلەپ بەردى. تۈركىيەنى يېڭى بىر يولغا باشلىدى. مانا شۇ ئۇلۇغ ئىنساننىڭ نامىغا ئاتاپ يېزىلغان كىتاپ ‹تۈرك خەلقىنىڭ بۈيۈك ئەۋلادى ئاتاتۈرك› دېگەن نام بىلەن تۇنجى قېتىم ئۆزبەكچىگە ئاغدۇرۇلدى.›› گېزىتتە بېسىلغان ماقالىدا دىققەتنى تارتىدىغان بۆلۈملەردىن بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:‹‹ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان نوقتىلاردىن بىرى شۇكى، 20- ئەسىردىكى مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان لېنىن ۋە ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغان خرۇشېف، كوسىگىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭمۇ مۇستاپا كامالنى مەدھىيلىگەن سۆزلىرى بار. ئەپسۇس، ئاتاتۈركنىڭ ھۆرلۈك، مىللەتپەرۋەرلىك، تېمىسىدىكى قاراشلىرى بىزدىن مەخپىي تۇتۇلدى.  20- ۋە 30- يىللاردا ئۆزبەك خەلقىنىڭ ئەسلى مىللەتسۈيەرلىرى ‹‹مىللەتچى››، ‹‹چەتئەل جاسۇسى››، ‹‹پانتۈركىست›› قاتارلىق سىياسىي بەدناملار بىلەن بىرلىكتە يەنە ‹‹كامالچى››، ‹‹ئاتاتۈركچى›› دەپ تۈرمىگە قامالدى. لېكىن مۇستەقىللىقتىن كېيىن بۇ گۇناھلارنىڭ ئەسلى مەنىسى  ئوتتۇرىغا چىقتى. قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۈيەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.  
                 كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتاتۈرك  نەسىلداشلىرىتەرىپىدىنقوغدالماقتا.بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش كىتاپلارنىڭ نەشىر قىلىنىشىنىڭ ئۇلۇغ داھىنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ ھەسسە قوشىدىغانلىقى شۈبھىسىزدۇر.  دېمەك،  ئاتاتۈرك ھايات چېغىدا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلگەن نەسىلداشلىرى تەرىپىدىن تولۇق تۇنۇلىدۇ، ئۇنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ياققان مەشئىلى نەسىلداش تۈركلەرنىمۇ يورىتىدۇ ۋە ئۇلارغا ئالدىدىكى قېيىن كۈنلەردە يىتەكچى بولىدۇ. بۇ كىتاپ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەر ئاتۈركنىڭ پەقەت تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، يەنە پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋە مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئۆرنەك ئېلىشى زۆرۈر بولغان بىر داھى  ۋە بىر ئىلھام مەنبەسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قىتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

      



    [1]  ئابدۇلقادىر ئىنان ، ‹‹تۈرك كۈلتۈرى›› ژورنىلى، 1965 - يىلى،  13- سان، 115-بەت.   

    [2] ئىسمەت بوزداغ : ‹‹ئاتاتۈركنىڭ داستىخىنى››، 1975- يىلى، ئىستانبۇل كارۋان نەشرىياتى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۆزبەكىستان , ئاتاتۈرك , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-24 13:16:42
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 610
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证