تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئاۋاز ئۆتەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ezize
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13140
    aziza22@126.com

    يازما سانى : 73
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-21 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئاۋاز ئۆتەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى



     

    ئاۋاز ئۆتەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي
    پائالىيىتى.

    ئادىل ئالماس

        19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان مەشھۇر دېموكراتىك شائىر ئاۋاز ئۆتەر ئوغلى ئۆزىنىڭ غەيرەت ۋە كۈرەشلەر بىلەن تولغان قىسقىغىنا ئىجادىيەت ھاياتىدا فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ شەپقەتسىز زۇلمى ۋە ئېغىر قايناملىرىغا تېز پۈكمەي، ئۆزىنىڭ خەلقچىل ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك غايىلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان جۇشقۇن ئىجادىيىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ سۆيۈملۈك شائىرى ئاتىلىپ، ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇقىمى، فۇرقەت، زەۋقى قاتارلىق ئىلغار زامانداشلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
       ئاۋاز ئۆتەر ئوغلى 1884- يىلى خېۋا شەھىرىدە بىر ھۈنەرۋەن ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى پالۋاننىياز ئۆتەر گاداي نىياز ئوغلىنىڭ كەسپى تاش تاراشلىق بولۇپ، تېۋىپلىقمۇ قىلاتتى. ئۇستاز ئۆتەر نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان پالۋاننىياز ئاكا ئىلىم - مەرىپەتكە بېرىلگەن زېرەك ۋە خۇش چاقچاق كىشى ئىدى، ئۆز زامانىسىنىڭ ئەدىب ۋە ئالىملىرى بىلەن يېقىن ئۆتەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاگاھى، كامىل، مۇترىبى، خاناخارابى قاتارلىق شائىرلار يىغىلىپ، ئەدەبىي ۋە ئىلمىي تېمىلاردا سۆھبەتتە بولۇپ تۇراتتى. ئۆتكۈر زېھىنلىك ھەم زېرەك ئاۋاز ئۆتەر ئاشۇنداق سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ يۈرۈپ، ئىلىم- پەنگە، ئوقۇشقا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىدى ۋە بۇ جەھەتتە باشقا ئاكا - ئۇكىلىرىغا قارىغاندا ئاتىسىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى بەكرەك قوزغىدى.
       ئاۋاز ئۆتەر تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇپ، ئەلشىر نەۋائىنىڭ «خەمىسە» ۋە «چاھار دىۋان» ىنى باشقا يازغۇچىلارنىڭ ھەرخىل ئىجادىيەتلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىپ، شېئىر يېزىشقا كىرىشىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە شائىر بولۇپ تونۇلدى. ئاۋاز ئۆتەرنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى تەقلىدچىلىك  ئۇسۇلىدا يېزىلغان بولسىمۇ، بارا - بارا تەقلىدچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ مۇھىم ئىجتىمائىي تېمىلىرىدا ئىجادىي ئەسەرلەرنى ياراتتى.
        19- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رۇسىيىگە قوشۇۋېتىلىشى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەر تارىخىدا بۇرۇلۇش پەيدا بولدى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىنقىلابى روسىيە پرۇلېتارىياتلىرى بىلەن ئىتىپاقلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
        شائىر ئاۋازنىڭ ئىجادىيىتى ئەنە شۇنداق خېۋا ۋە بۇخارا خەلقلىرىدە فېئودال خانلىق تۈزۈمى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خانلىقلاردىكى ئېزىلىۋاتقان ئەمگەكچى خەلقلەرنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا رۇسىيە ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرى ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ، رۇس مەدەنىيىتى ۋە ئىلغار ئىجتىمائىي ئېقىم دادىل سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان تارىخىي شارائىتتا باشلانغان.
       تېزلا كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلغان ئاۋازنى مۇھەممەد راھىمخان ساراينىڭ ئوردا شائىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ. خان ئوردىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرى تابىبىدىن باشلاپ ھەممىسى ئاۋازنىڭ قابىلىيىتىگە قول قويىدۇ. تابىبى ئۆزى تۈزگەن «مەجمۇئەتۇش - شۇ ئارا» سىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاۋاز بىرىكىم شائىرى تازادۇر، ۋالى تازالىك ئىچرە ئاۋازدۇر!»
    (ئاۋاز ساپ شائىردۇر، ئاۋاز ساپلىق ئىچىدە ئەڭ بايدۇر!)
        دەسلەپتە، ساراي ئىچىدە ئاۋاز ئەتراپىدىكى باشقا شائىرلارنىڭ تەسىرىدە بىر نەچچە مەدھىيە ۋە قەسىدىلەر ھەم شۇ دەۋرنى تەسۋىرلەيدىغان شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ، ئوردىنىڭ زۇلۇم، زورلۇق - زومبۇلۇق، پىتنە - پاسات ۋە ئەيش - ئىشرەتكە تولغان ماكان ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېغىر ئەھۋالىغا، مۇھتاجلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى ھەم خەلقنىڭ قېنىنى شورۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، خان ھەم ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا، خوشامەتچى ساراي شائىرلىرىغا، مۇناپىق روھانىيلارغا بولغان غەزەپ - نەپرىتى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ، ئۇستازىم، دەپ ھۆرمەت قىلغان تابىبىدىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈگەچكە، ئوردا دائىرىلىرى خەلقپەرۋەر شائىر ئاۋازغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ، ئۇنى تەقىب ئاستىغا ئالىدۇ.
           ئاۋاز شۇ دەۋردىكى ئۆز ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ: «يېتۇردى بىراۋ بىر يومانراق خەبەر،/ ئانىڭ خافىدن بولدۇم ئاشۇفتا ھال،/ ئول ئاخبار تەشۋىشىدىن بىئاددا،/ ئەندى تىلبا كۆڭلۈمدە فىكرى ماھال،/ ئەشتىگاچ ئانى ۋاھكى جىسمىم ئارا،/ يېرىمدىن تۇرارگەنە قالدى ماجال،» (بىرى يامان بىر خەۋەر يەتكۈزدى، ئۇنىڭ خەۋىپىدىن شۈركۈنۈپ ئەھۋالىم ناچارلاشتى. ئۇ خەۋەرنىڭ تەشۋىشىدىن كۆڭلۈم سۇندى، ئەمدى خۇدىنى يوقاتقان كۆڭلۈمدە پىكىر پەيدا بولدى، ئورنۇمدىن تۇرۇشقا ماغدۇرۇم قالمىدى.)
        ئۇ ئەمدى ئوردا بىلەن مۇرەسسە قىلمايتتى. بەختكە قارشى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ خانىغا، ئوردا ئەمەلدارلىرىغا، ئادالەتسىزلىككە نارازى بولۇپ يازغان شېئىرلىرى ئوردىدىكىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
        ئاۋازنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكى زامانداشلىرىدىن ماتفانا بابا ۋە قەلەندەر قۇربانوفلانىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ شېئىرلارنى تابىبى مۇھەممەد رەھىم خانغا ئوقۇپ بەرگەن. بۇنىڭدىن غەزەپكە كەلگەن خان ئاۋازنىڭ پۇت - قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي ئېلىپ كېلىپ، چالما - كېسەك قىلىشقا بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئەمما ئوردا ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلاردىن ھەزەر ئەيلەپ، بۇيرۇقنى ئىككى يۈز دەررىگە ئۆزگەرتىدۇ. خان بۇنىڭ بىلەن قانائەتلەنمەي، ئاۋازنى مەسچىت يېزىسىدىكى بابا ئىشان قەبرىستانلىقىغا پالايدۇ.
        ئاۋازنىڭ ئاكا - ئۇكىلىرىمۇ تەقىب ئاستىغا ئىلىنىدۇ. خان ئاۋازنىڭ ئۇكىسى مۇھەممەد ياقۇپنى، ئوردىغا قارشى ھەرىكەتتە بولدى، دەپ ئەيىبلەپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ. خارەزمىدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مۇھەممەد ياقۇپ چورجۇي، مارى ئەتراپلىرىدا ئۇزاق يىل قېچىپ يۈرۈپ ئاخىر ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئوردا پايلاقچىلىرى ئاۋازنىڭ ئاكىسى مەشرەپنىمۇ، خانغا قارشى تۇرغان، دېفان بوھتان بىلەن ئەيىبلىگەچكە، مەشرەپمۇ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
        شائىر 1909 يىلىنىڭ قىش پەسلىدە قەبرىستانلىقتىن قايتىپ كېلىپ، ئېغىر كېسىلىگە قارىماي ھەم نەزەربەند قىلىنىشتىن قورقۇپ قالماي، يەنىلا ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاۋاز تابىبى قاتارلىق ساراي شائىرلىرىنىڭ خاندىن ئەپۇ سوراش مەسلىھىتىنى رەت قىلىپ، ئۆز يولىدىن قايتمايدۇ.
        ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رۇسىيىگە قوشۇلۇشى نەتىىجىسىدە، خېۋا خانلىقىدىمۇ ئايرىم يېڭى مەدەنىيەت مۇئەسسەسىلىرى بارلىققا كېلىپ، رۇسىيىدن بەزى گېزىتلەر كېلىشكە باشلايدۇ. موسكۋا تۇرمۇشى، رۇس مەدەنىيىتى، ۋە مۇزىكىسى بىلەن تونۇشقان كامىل قاتارلىق كىشىلەر خارەزمىدە ئىلغار مەرىپەتپەرۋەرلىك غايىلىرىنى تەرغىب قىلىدۇ.
       مانا شۇنداق تارىخىي ئامىللار ئاۋازنىڭ ئىجادىيىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ دېموكراتىك باسقۇچقدا ئۆتۈشىگە يول ئاچىدۇ. 1908- ،1909-يىللىرى شائىرنىڭ ئىجادىيىتى يېقى باسقۇچقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ «تىل»، «مەكتەپ»، «ئۆلىمالارغا»، «خەلق» قاتارلىق شېئىرلىرى شۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىدى.
        1910- يىلى خانلىق تەختىگە ئىسفاندىيار ئولتۇرغاندىن كېيىن، خارەزمدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ زۇلمى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ.
       خاننىڭ ۋەھشىيانە ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن شائىر شېئىرلىرىدا ئۇنى قاتتىق سۆككەچكە، بۇ جاللاتمۇ شائىرنى دەررە بىلەن جازالاشقا ھۆكۈم قىلىدۇ. لېكىن، شائىر ئېغىر قىيىنچىلىق، جىسمانىي زەئىپلىك، كېسىلىگە قارىماي ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ جۇشقۇن، يالقۇنلۇق قەلبىدىن بەدئىي ئىجادىيەت بۇلاقتەك ئوقچۇيدۇ.
          شائىر ھاياتىدا بىر نەچچە مىڭ غەزەل، نۇرغۇنلىغان مۇخەممەس، رۇبائى، ۋە باشقا ھەرخىل شەكىلدە شېئىرلارنى يازىدۇ. ئۇنىڭ «سائادەتۇل- ئىقبال» ناملىق توپلىمىدىكى غەزەللەر 1700 پارچىگە يېتىدۇ. شائىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىككى دىۋان تۈزگەن.
         دائىم ئۆز خەلقىگە سادىق بولۇپ كەلگەن ئاۋاز چىن مەنىسى بىلەن ئېزىلگەن خەلقنىڭ كۈيچىسى ئىدى، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە تۆۋەندىكى بىر قانچە مىسراسىغا قاراپ باقايلى: «جاھاندا شۇتۇ، ئۇل كىشىدۇر كىم ساباھۇ شام،/ بېرور بىچارە ئۇ دارماندارلارغا جەبىر بىلەن ئازار./ قىلىپ قەھرۇ ستەم بېھەددۇ سان كەلگۈنچە ئىلگىدىن،/ غېرىپ، ئەفتادارلارنىڭ ھالىغا كۇلگۇ قىلۇر ئىزھار.» (جاھاندا شۇم، بەختسىز كىشىلەر كىم؟ سەھەر - ئاخشام بىچارىلەرگە جەبىر - زۇلۇم بىلەن ئازار بەرگۈچىلەر، قولىدىن ھەددى - ھېسابسىز زۇلۇم كەلگۈچىلەر غېرىپ بىچارىلەرنىڭ ھالىغا كۈلۈپ خۇشال بولىدۇ.)
        مۇپتى، قازى - ئۆلىمالار، خان ۋە بەگلەرنىڭ، فېئودال بايلارنىڭ ھامىيىسى بولۇپ، ئۇلار خان، بەگ، باي ۋە باشقا تىرىكتاپلارنىڭ بارلىق قەبىھ ئىشلىرىغا دىن نامىدىن توغرا دەپ پەتىۋا بېرەتتى. شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە مۇتەئەسسىپ دىندارلارنى پاش قىلىشقا قارىتىلغان شېئىرلار ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. شائىر ئاۋاز ئۆتەر «ئۆلىمالارغا»، «ئىككى شەيخ»، «شەيخ». «ناسىھ»، «زاھىد» ۋە باشقا ئۆتكۈر رېئالىستىك ساتىرىك شېئىرلىرىنى يېزىش بىلەن ئۆزبېك كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەنئەنىلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. شائىرنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى ھايات تۇرغان تونۇش - بىلىشلىرىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ «ئىشانىيا» دېگەن ھەجۋىيسى كەڭ شۆھرەت قازانغان. ئۇنىڭ ئايرىم پارچىلىرى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، ھازىرمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتكىنى يوق،بۇنىڭدا ئۇ ئىشانلار ھەققىدە مۇنداق يازغان: «ئىشان دېگىنى لىباسى موللا،/ ئوغرىغا شېرىك ئۇ، غارا داللا(تايانچىسى، يۈلەنچۈكى)،/ رەڭگىنى كۆرۈڭ ئۇ بەدنامانىڭ(نەسىھەت قىلغۇچى)، ھاڭگى ئېشەككى ئېرۇر خۇدانىڭ./ مەسچىتنى ئۆزىگە دام ئېتىپدۇر،/بىلمام بۇنى كىم ئىمام ئېتىپدۇر.»
           ئاۋاز باشقا ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇلارنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ھەقىقەتنى يېزىشتا چىڭ تۇرىدۇ. «فالانى زاھىدى خۇدبىنكى، خۇدبىنلىك قىلۇر زاھىر،/ ئۆزىنى ئەھلى تەقۋى پېشۋاسىدىن ھېساب ئەيلەپ./ ئۆزى نەخۋەت مەيئىن نۇش ئەتگۇسى شامۇ ساھار تىنماي،/ ئاجايىپراق بۇدۇركىم، رىند ئەلىنى ئىھتىساب ئەيلەپ./ رىيۇ بىرلا يىغىپ ئالامنى بارچە مالۇ ئاسبابىن،/ ياتار ئەندى ھاماناكىم ئېشەكتەك خوردۇ خاب ئەيلەب.» (ئەي زۇلۇم سالغۇچى، نېمانچە ھاكاۋۇرلۇق قىلسەن، ئۆزۇڭنى جامائەت ئىچىدە تەقۋادار ھېسابلىۋېلىپ، ئەتىگەندىن - كەچكىچە كۆڭلۈڭنى خوش قىلىپ يۈرۈپسەن ئىپلاسلارنى ئەل ئىچىدە ماختاپ يۈرگۈچىلەر كىملەر ئۇ؟ئەسلىدە رىياكارلىق بىلەن كوزىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆلۈك ئېشەكتەك ھۇزۇرلىنىپ ياتقان ھايۋانلار سەن.)
         ئاۋازنىڭ 1917- يىلى يازغان «ئۆلىمالارغا» ناملىق شېئىرى ئۆزىنىڭ مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن ناھايىتى يۇقىرى سىياسى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئاجايىپ ئېسىل ئەسەردۇر. «ئۆلىمالارغا» شېئىرى ئەينى چاغدىكى دىن ئەھلىلىرىنىڭ رەزىل غالچىلىرىنى پاش قىلغان. شائىر ئۆزىنىڭ بۇ شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ: «بىرىڭىز قازى، بىرىڭىز ئەللامۇ مۇفتى بولۇپ،/ بۇنى ئويۇن ئەردىكىم، سىزلەر نامايان ئەتدىڭىز./ يۇقسا ئاداممىز، ئاچىب مەلتەب، ئىلىم بىلدىر ساڭىز،/ بىخەبەر ئىلمۇ ھۈنەردىن بىزنى ھايۋان ئەتدىڭىز،/ بىر كۈنى سورگەي ئاۋازدەك ئۆگەنىب ئەھلى زامان،/ نې ئۈچۈن مىللەتنى سىز يېر بىرلا يەكسەن ئەتدىڭىز.» (بىرىڭىز قازى بىرىڭىز ئەللامۇ مۇپتى بولۇپ، قانداق ئويۇنلارنى ئويناۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟ مەكتەپ ئېچىپ بىلىم بېرىدىغان ئادىمىمىز يوق، ئىلىم پەندىن بىخەۋەر قىلىپ بىزنى ھايۋان ئەتتىڭىز. ھامان بىر كۈنى ئاۋازدەك ئەھلى - زامان ئويغىنىپ، نېمە ئۈچۈن مىللەتنى يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ، دەيدىغان ئادەم چىقىدۇ.)
        بۇ شېئىرنىڭ مەيدانغا كېلىشى قازى، مۇپتى، ئاخۇن ۋە بارلىق دىن ئەھلىنىڭ شائىرغا بولغان ئاداۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. مۇپتى يولبۇزار ئاخۇننىڭ پەتىۋاسى بىلەن ئاۋاز ۋە ئۇنىڭ 90 ياشقا كىرگەن ئاتىسى ئۆتەر بابا «كاپىر» دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. پايلاقچىلار ئاۋازنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشكەندە، شائىر پىكىرداشلىرىنىڭ ياردىمىدە پايلاقچىلارنىڭ قانلىق پىچىقىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
       ئاۋاز روھانىيلارنىڭ، شەيخ ھەم زالىملارنىڭ تەركىدۇنياچىلىق، بىدئەتچىلىك يولىغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇ، ئىنسان ياشىغانىكەن، بەخت - سائادەت كۆرۈشى لازىم، دەپ قارايتتى. شۇڭا، شائىر «ئۇ دۇنيا» ئۈچۈن رېئال ھاياتتىن ۋاز كېچىشكە قارشى تۇرۇپ، «ئىلاھى سۆيگۈگە» قارشى چىن ئىنسانىي سۆيگۈنى تەرىپلەيدۇ. «مۇيەسسەر بولسا ئىشقىڭ ئالەم ئىچرە،/ كېرەكمەسدۇر ماڭا ھېچ ھۆرى جەننەت.» (بۇ ئالەمدە سېنىڭ ئىشىق - مۇھەببىتىڭگە مۇيەسسەر بولسام، كېرەك ئەمەستۇر ماڭا جەننەتتىكى ھۆر پەرىلەر،) «ھورى بېھىشىت سۇبباتىنى كۆڭلۈم ئىستەمەس،/ گەر مۇنىس ئۆلسە ئۇشبۇ كېچە ئۇل سەنەم ماڭا،» (بۇ كېچە ماڭا ئاشۇ سەنەم دوست بولسا، جەننەتتىكى ھۆرلەر سۆچبىتىنى كۆڭلۈم خالىماس،)
       شائىرنىڭ ئىشقى - مۇھەببەت ھەققىدىكى غەزەللىرى مەزمۇننى چوڭقۇرلۇقى، ھاياتى كۈچى، بەدئىي جەھەتتىكى رەڭدارلىقى ۋە تىلنىڭ راۋانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.
       «مەي» ئوبرازى ئاۋاز لېرىكىسىدا كەڭ مەزمۇنغا ئىگە. «مەي» سۆزى ئارقىلىق شائىر شادلىق ۋە بەختكە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى ئىپادىلىسە، ساقىيغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق مۇھىتنىڭ جەبىر - زۇلۇملىرى ئۈستىدە شىكايەت قىلىدۇ.ئۇنىڭ لىرىكىلىرىدا مەي ئارام ۋە تەسكىن بېرىش ۋاستىسى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. «كېتۇر ساقى ھامۇل گۇلراڭ ساغار،/ بار ئېرمىش جامى جامىدىن ھەم نېكۇتەر./ ئېچىپ ئۇنىڭ بىلەن مەن ئۇشبۇ سائەت،/ فەلەكنىڭ ئىلگىدان ئەيلەي شىكايەت.» (ساقى ماڭا خۇددى گۈل رەڭگىگە ئوخشايدىغان مەي پىيالىسىنى كەلتۈردى، جامنىڭ ئىچىدە گۈلرەڭ مەي پىيالىسى ياخشىراق ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن مەن ‹مەي› ئىچىپ، مۇشۇ سائەتتە پەلەكنىڭ زۇلۇمىدىن شىكايەت قىلاي.)
        ئاۋاز ئىجادىيىتىدە «فالون» سېكىلىدا يېزىلغان شېئىرلار ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. شائىر «فالون» سۆزىنى ۋاستە قىلىپ فېئوداللىق تۈزۈمنى تەنقىد قىلىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ تىپىك ئوبرازلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ياراتقان. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ «فالون»لارنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىملەەر ئىكەنلىكىنى خەلق ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى. چۈنكى شائىر ئۇلارنىڭ پورترېتىنى ۋە غايىېى قاراشلىرىنى رېئالىستىك ئۇسۇلدا تەسۋىرلەپ بەرگەن.بۇ «فالون» لارنىڭ سىياسىي پوزىتسىيىسى بولۇپ، ئۆتكۈر ساتىرىك كۈچكە ۋە يۈكسەك بەدئىيلىككە ئىگە. «فالون ئاۋباشىدېڭ لەنەت مائاش ئالام ئارا يوقىدۇر،/ كى ماجمۇئى مىزاخارادەلەر بۆلمىش ئاكا چاكار.» (فالون بىر ئەزگۈچى، ئۇنىڭدەك لەنەتتىن ئىش ھەققى ئالغۇچى ئالەم ئارا يوقتۇر، ھارامزادىلەر مەزھىپىدىكىلەرلا ئۇنىڭغا چاكار بولىدۇ.)
        بۇ «فالون» ئىسفاندىيار خان بولۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەتكار بولغانلارنىڭ ھەممىسى خۇداينازار پاششاپقا ئوخشىغان جاللاتلار، ئەلى مەھرەمدىرگە ئوخشاش پايلاقچىلار ئىدى.
       شائىر يەنە مۇنداق يازىدۇ: «فالونى كىم سۇخانچىنلىكراسمىن ئۆزىگە قىلمۇش فەن،/ سالۇرگە خەلقى ئالەمنىڭ باشىگە بول ئەجەل سەۋدا./ ئايرىماققا ئاتا بىرلا ئوغۇلنىڭ بىر - بىرىدىن ،/ بىرى بىر ئايىبنى مىڭ ئەيلەپ، ئەيلەر بىرىگە ئىفشو،/ ئاناسىگە قىزىن دۈشمەن قىلۇر، قىزگە ئاناسىن،/ دېبان يولغاننى چىن مانئاند بوھتان ئەيلاجان گويا.» (فالون سۇخەنچىلىك قائىدىسىنى ئۆزىگە ھۈنەر قىلغان، شۇڭا ئۇ خەلقىئالەمنىڭ بېشىغا ئاجايىپ دەردلەرنى سالىدۇ. ئاتا بىلەن ئوغۇلنى بىر بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن، بىرىنىڭ بىر ئەيبىنى مىڭ قى؛لىپ يەنە بىرىگە ئېچىتىپ، ئانىسىغا قىزىنى دۈشمەن قىلىدۇ، قىزغا ئانىسىنى، ئۇ يالغاننى گويا راسىت قىلىپ بوھتان چاپلايدۇ.)
    مانا بۇ شېئىرلاردا سۈرەتلەنگەن ئوبراز ئىسفاندىيار ئوردىسىنىڭ پايلاقچىسى ئەلى مەھرەمدىر ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ كەسپى ئەسلىدە پايلاقچىلىق بولۇپ، نۇرغۇنلىغان بەختسىزلىكلەرگە، گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قىرىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. ئەلى مەھرەمدىرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى، پايلاقچىلىقى تۈپەيلىدىن نەچچە يۈزلىگەن كىشىلەر دارغا ئېسىلغان، زىندانغا تاشلانغان، تىرناقلىرىغا مىخ قېقىلغان، قايناق سۇغا تاشلانغان.
          خان فېئوداللارغا قارشى خەلق نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشى، ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيىدىكى خەلق ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرى ئاۋاز ئىجادىيىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، شۇ دەۋرنىڭ خانلىق تۈزۈمىگە قارشى نەپرىتىنى ئاشۇرۇپ، ئەركىن، بەختىيار كۈنلەرگە ئېرىشىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزىدۇ. بۇ ئۇنىڭ يارقىن تېمىلىرىدا ئەكىس ئېتىدۇ، ئۇنىڭ «سىپاھلارغا» دېگەن مەشھۇر شېئىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. شائىر فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا تارتىلىشىنى مۇقەررەر دەپ ھېسابلايدۇ. «مۇنچە كىم زۇلۇم ئەيلەگۇڭ، باردۇر مۇكافاتى زامان،/ ئاقىبات بىر كۈن ئاڭا مەسئۇل بولۇپ  بېرگۇڭ جاۋاب،» (شۇنچە كۆپ سالغان زۇلۇملىرىغا مۇكاپات بېرىدىغان زامان باردۇر، ئاقىۋەت بىر كۈنى ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇپ بېرىسەن جاۋاب.)
          شائىر زۇلۇم بۇلۇتلىرىنىڭ تارقىلىپ ، ھۆرىيەت - ئازادلىق قۇياشىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشىغا ئىشەنچ باغلاپ مۇنداق يازىدۇ: «بار ئۈمىدىم تېز بولغۇسى ھۇرياد كۈنى،/ ئەي ئاۋاز، قالماس بۇلۇت ئاستىدا دائىم ئافتاب،» (ئۈمىدىم بار تېزلا يېتىپ كېلىدۇ ھۆرىيەت كۈنى، ئەي ئاۋاز، دائىم بۇلۇت ئاستىدا قالماس ئاپتاپ.)
         شائىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ شېئىر ئەيىنى دەۋردىكى خارەزەم شارائىتىدا ناھايىتى يۇقىرى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ بۇ شېئىرلىرى ئەركىنلىككە ئىنتىلگەن خەلقنىڭ جەڭگىۋار ساداسى بولغاچقا، خاندىن تارتىپ كىچىك ئەمەلدار ۋە دۇكاندارلارغاچە - ئېكىسپالاتاسىيىچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەھىمىگە سالغان. خان قوليازما تەرىقىسىدە تارقالغان بۇ شېئىرىنى يېغىۋېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر شېئىرنى يادقا ئېلىۋالغان. ئاۋاز تېزلا غايىۋى مەزمۇنغا ئىگە «سىپاھىلارغا» ۋە ئۇنى تولدۇرىدىغان «خەلق» دېگەن شېئىرلارنى يازىدۇ.
        دېموكراتىك ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىلى مۇقىمى، فۇرقەت، زەۋقى، دانىش ۋە ئاۋازلار خەلق ئارىسىدىكى بىلىمسىزلىك، نادانلىق، خۇراپاتلىق، دىنىي مۇتەئەسسىپلىككە قارشى كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇلار مەرىپەتپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىلىم ۋە مەدەنىيەتنىڭ راۋاجىلىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى.
         ئەزگۈچىلەر ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرغان جەمئىيەت شارائىتىدا خەلق مائارىپتىن مەھرۇم ئىدى، ئاز ساندىكى دىنىي مەكتەپلەر كىشىلەرنىڭ ساۋاتلىق، مەدەنىيەتلىك بولۇشىغا ماس كەلمەيتتى، كەمبەغەللەر مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغاچقا، دېموكراتىك يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىدە جاھالەتنى تەنقىد قىلىپ، مەرىپەتنى ئۇلۇغلاپ، خەلقنى مائارىپقا چاقىرىش مەزمۇن قىلىنغان ئەسەرلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيتتى.بۇ جەھەتتە ئاۋازنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى دىققەتكە سازاۋەر ئىدى. شائىر مەكتەپنى خاراب بولغان خەلقنىڭ ئاۋات بولۇشىدا، خارلىقتىن قۇتۇلۇشىدا ئاساسىي ئامىل، دەپ قارايتتى. ئاۋاز خەلقنى مەدەنىيەت ۋە مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئېكىسپالاتاسىيىلىك ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنى يىمىرىش، زۆرۈرلىكىنى تېخى تولۇق چۈشىنىپ يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما،ئەسەرلىرىدە مەرىپەتپەرۋەرلىك قاراشلىرى خىلى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى. شائىر ئۆزىنىڭ «مەكتەپ» دېگەن شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ: «ئاۋاز، ھىمماتنى قىل ئالى ئاچارغا ئەمدى مەكتەپ كىم،/ بالوي جەھلۇ نادالىكنىبارباد ئەتگۇسى مەكتەپ.» (ئەي، ئاۋاز ھىممىتىڭنى بىلىم ئالىدىغان مەكتەپكە قىل، چۈنكى ھەممە جاھىللىق ۋە نادانلىقنى بەربات قىلىدىغان مەكتەپتۇر،)
        ئاۋاز دېموكراتىك ۋە يېڭىلىق تەرەپدارى شائىرى سۈپىتىدە مۇقىمى، فۇرقەت ۋە زەۋقى قاتارىدا ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئىككىنچى دەۋرىدە ياراتقان « ئۆلىمالارغا»، «مەكتەپ»، «تىل»، «خەلق»، «ئىشتان» قاتارلىق شېئىرلىرى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۆزبېك دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرى ھېسابلىنىدۇ.
         بۇرژۇئا مىللەتلىرىنىڭ ئوچۇقتىن - ئوچۇق مۇناپىقلىق، خائىنلىق يولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن شائىر 1918- يىلى يازغان «يوق بولىڭ» شېئىرىدا بۇرژۇئا مىللەتچىلىرىگە قارشى ئوتلۇق مىسرالىرىنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: «يوق بولىڭ تېزدان كۆزۈمدىن خەلقئارا شەرمەندىلەر،/ خەلق غەمدىن ئۆزىنى نارراق تۇتقۇچى بىگۇنالار،/»، «ھۇريات، ئەرك» دېبانكى يالغان ئالفازلار بىلە،/ ئاقىبات مەزلۇملارا يۇتىردىڭىز خونابالار.» (يوقىلىڭ كۆزۈمدىن تېز، ئەل - ۋەتەننىڭ شەرمەندىلىرى، خەلق غېمىدىن ئۆزىنى يىراق قاچۇرىدىغان «بىگۇنالار»، «ھۆرىيەت، ئەرك» دېگەننى يالغان توۋلاپ، ئاقىۋەت مەزلۇملارنىڭ قېنىنى ناھەق تۆككۈزگەن قانخورلار.)
        شائىر ئۆزى ياشىغان مۇھىتتىكى ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ زالىملىقى، ئېنساپسىزلىقى ھەم ھىجدانسىزلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. مەزلۇم خەلقنىڭ ئېزىلىۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇپ، زالىملارنىڭ ئەجەل شەمشىرى بىلەن يوقىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «يامانلارنىڭ يامانى ئانداق ئادەملەر جاھان ئىچرە،/ يىراق ئۆلغۇسى تا ئۆلگۈنچە ئىنسافۇ دىياناتىدىن،/ ئەتىب باشىغا جاللادى ئەجەل شەمشىرىدىن زەربى،/ نې خۇش ئۇل ناۋ ئادەم ئۆتماسا گەر ئۇشبۇ سائاتىدىن.» (بۇ دۇنيادىكى يامانلىقلارنىڭ بارى يامان ئادەملەرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار تا ئۆلگىچە ئىنساپ - دىيانەت دېگەننى بىلمەيدۇ. ئۆز بېشىغا ئۆزى ئەجەل شەمشىرىنى ئۇرىدۇ، ئۇنىڭدا خۇشاللىق - سائادەت نېمە قىلسۇن.)
        شائىر بېشىغا كەلگەن ئېغىر پاجىئەلەر تۈپەيلىدىن سالامەتلىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ 1919- يىلى خارەزم ئىنقىلابىدىن (1920-يىلى) بىرنەچچە ئاي بۇرۇن ئىجادىي ھاياتىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىدە ۋاپات بولىدۇ. شائىر ئازادلىق قۇياشنى كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئازادلىق قۇياشىنىڭ پارلاپ چىقىشىغا ئىشەنچى كۈچلۈك ئىدى. «خۇش ئۇل، كۆڭلۈم، كېلەر بىر كۈن باخت باغداگى رەنا،/ كۆكارگاي مەۋج ئۇرۇپ قىرلاردا لالە بولغۇسى پايدا./ مېنى يود ئاتگاي ئاۋلادىم، مازارىمنى ئۇرۇپ گۈلدىن،/ ئىشانچىم شۇندادۇر بولگاي مازارىم بىر زېيۇراتگاھ./ قابىھ  ئانلاردا ئەركىن كۇيدىم، دپستلار، بىرۇدارلار،/ ئەزىلگان ئەلگا بۇلگاي بۇ زامان ئىقبال يورۇغ بارگاھ./ ئاۋاز ئۆلگان بىلان جىسمىڭ، قالۇركى ئۆلماگاي نامىڭ،/ ۋاكومۇ ئىستاگىڭگا غوۋ بولالماس، بولسادا دورا.» (خۇش بولاتتىم كۆڭلۈم بىر كۈنى بەخت بېغىدىكى رەنالەر كەلسە، كۈلەتتىم قىرلاردىكى لالىلەر مەۋج ئۇرۇپ ياپيېشىللىققا چۆمسە، شۇ چاغدا مېنى ياد ئەتكەي ئەۋلادلىرىم مازارىمنى گۈلگە ئوراپ، ئىشەنچىم شۇنداقتۇر ‹ئارزۇ قىلىمەن›، مازارىم بولسا بىر زىيارەتگاھ. زۇلىمەتلىك كۈنلەردە ئەركىنلىكنى كۈيلىدىم دوست - بۇرادەرلەر، ئېزىلگەن خەلقىمگە بۇ جاھان بولسۇن ئىستىقباللىق يورۇق بارىگاھ. ئاۋاز ئۆلگەن بىلەن جىسمىڭ، قالۇر ئۆلمىگەي نامىڭ، ئارزۇ - ئىستەكلىرىڭ يەردە قالماي تىلىكىڭ بولۇر ئادا.)
        فېئودالىزم ئاسارىتىدە خارلانغان، ئازابلانغان مەزلۇم خەلقنىڭ كۈيچىسى ئاۋاز سوۋىت ھاكىمىيىتى يىللىرىدا ئۆز قەدىر قىممىتىنى تاپتى. 1954- يىلى شائىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەندى، شائىر ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى، ھەرخىل توپلام ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى، بۇ ھەقتە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلدى.
        شائىر ئاۋاز ئۆتەر ئوغلىنىڭ ئىككى توم  شېئىرلار توپلىمى ھەم بېسىلماي قوليازما ھالىتىدە ساقلىنىپ قالغان شېئىرلىرى بار.
        شائىر ئەسەرلىرىنىڭ قوليازما نۇسخىلىرى تولۇق تېپىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شائىر ھايات چېغىدا كاتىپلار تەرىپىدىن مۇكەممەل دىۋان شەكلىدە بىر نەچچە نۇسخا كۆچۈرۈلگەن ۋە خارەزمنىڭ تۈرلۈك چوڭ - كىچىك قوليازما «بايوز» (شېئىرلار توپلام) لىرىگە كىرگۈزۈلگەن.
       شائىر ئاۋاز دېۋاننىڭ ئىككى خىل قوليازما نۇسخىسى خارەزمدە، ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى تاشكەنتتە - ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ساقلانماقتا.  
            



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : شېئىر , ئىجادىيەت , زۇلۇم , ئەركىنلىك , ئادىل ئالماس , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-23 15:20:07
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 107
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证