تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› ئاختا ئات، ئاغۋات ۋە ئەقىدىسىز ئادەملەر
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    noshirwan
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 627
    mir512@126.com
    1547408515
    يازما سانى : 22
    باھا يازما سانى : 2
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-7-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئاختا ئات، ئاغۋات ۋە ئەقىدىسىز ئادەملەر

     


    ئاختا ئات، ئاغۋات ۋە ئەقىدىسىز ئادەملەر

    ئاپتۇرى: ئابدۇللا تۇردى


    1

    ئىنتېرنېت تورىدا ئوقۇغان بىر ئەسەردە مۇنداق يېزىلىپتۇ: بىر كۈنى چىڭقى چۈشتە قوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناپ كىرسەم دادام ئاتنى ھويلىدا باغلاپ يىقىتىۋېتىپتۇ . ئات بولسا ھە دەپ دادام بىلەن تىركىشىۋاتاتتى. ئەسلىدە دادام ئاتنى ئاختا قىلىۋەتمەكچى ئىكەن. مېنىڭ دادامغا ئاچچىقىم كەلگەن بولسمۇ، تىنالماي ئاتتەك ئامالسىز ئىتائەتمەنلىك بىلەن بىر چەتتە تۇراتتىم . ئات بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىغاندەك تۇيۇلدى ۋە تېز كېلىپ مېنى قۇتقۇزىۋال دىگەندەك
    يەنە بار كۈچى بىلەن تىركەشتى . لىكىن كاللىسى ھىيلە-مىكىر بىلەن تولغان ئىنسانىيەتكە قانداقمۇ تەڭ كېلەلىسۇن ؟ باغرى تاش بولۇپ قىتىپ كەتكەن ئىنسانىيەتنىڭ باغرىنى قانداقمۇ يۇمشىتالىسۇن ؟ دادام رەھىمسىزلىك بىلەن قاتتىق ئۆتۈك كىيگەن پۇتىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا دەسسەپ تۇمشۇقىنى توپىغا پاتقۇزىۋەتتى. ئۇ ھەر بىر نەپەس ئالسا يۇمشاق توپا ئۇچۇپ كېتەتتى . مەن يىغلاپ تاشلىدىم . ئادەملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ھايۋان گۆشىگە ئامراقلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىسەممۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاختا قىلىنىشى كاللامدىن پەقەت ئۆتمەيتتى. قۇللۇق زۇلۇمنىڭ چەككە يېتىشى ئادەملەر
    ئۈچۈنمۇ، ھايۋان ئۈچۈنمۇ دات باسقان قاسماق ئۇستۇرا پىچاقلاردا ئاختا قىلىنىش ئىدى. بىچارە ئات ئاختا قىلىنغاندىن كېيىن نەچچە كۈنگىچە ھىچنەرسە يىگىلى ئۇنىمىدى. پەقەت سۇلا ئىچەتتى. تاماق يېمەسلىگى ئاغرىق ئازابىدىن دېگەندىن كۆرە، ئەرلىك غورۇرىنىڭ بىھۇدە دەپسەندە قېلىنىشىدىن دېسە توغرا بولاتتى. ئاتنى ئاختا قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇنىڭ ئايغىرلىق جاسارىتىنى يوقۇتۇپ، بايتال مىجەزلىك قىلىپ، ئاسانراق بويسۇندۇرۇشنى كۆزدە تۇتسا كېرەك.

     

    2

     

    قەدىمقى زامانلاردا، خان-پادىشاھلارنىڭ ئوردىسىدا ئۇلارغا مۇلازىملىق قىلىدىغان ئەركەكلەر ئەرلىكىنى كەستۈرۈپ، ئاغۋات بولۇشى كېرەككەن. ئۇلارنى ھەرەم ئاغىسى دەپ ئاتايدىكەن. ھەرەم ئاغىلىرىنىڭ بەزىلىرى مال-دۇنيا، ھوقۇق-مەنسەب ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاغۋات بولسا، يەنە بەزىلىرى مەجبۇرىي يوسۇندا ئاغۋات قىلىۋىتىلىدىكەن. ھەرەم ئاغىسى بولىدىغان ئادەم نېمە ئۈچۈن چوقۇم ئاغۋات بولۇشى كېرەك؟ بۇنىڭ سەۋەبى، بىرسى، ئوردا دېگەندە ھۆسىن جامالى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان
    خانىش-مەلىكىلەر كۆپ. پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان غالچا قۇللار خانىش-مەلىكىلەر بىلەن ناشايان ئىشلارنى قىلىپ سالسا، بۇ پادىشاھ ئۈچۈن نومۇس ئىش. يەنە بىرسى، ئوردىدا ئايال چۆرىلەر قىلالمايدىغان، چوقۇم ئەرلەر قىلىشى كىرەك بولغان ئىشلار بار. ئۈچىنچىسى، قەدىمقى پادىشاھلار: ئاغۋات قىلىۋېتىلگەن ئادەمنىڭ خوتۇن-بالىلىرى بولمىغاندىكىن، ئۇلارنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان ئىش بولمايدۇ، پادىشاھنىڭ مەنپەئەتىگە خىرىس قىلىدىغان يامان نىيەت بولمايدۇ، پادىشاھنىڭ پەرمانلىرىنى كەم-كۈتىسىز ئىجرا قىلىدۇ، سېپى ئۆزىدىن غالچا قۇل بولىدۇ، دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.

    جۇڭگۇ تارىخىدا ئاغۋاتلار ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بىر خانىدانلىق بولغان ئىكەن، بۇ خانىدانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەبىقىسىدە پادىشاھتىن باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئاغۋات ئىكەن. يۇقۇرىسى باش ۋەزىردىن تارتىپ تۆۋىنى ناھىيە ئامبىلىغىچە ھەممىسى دىگۈدەك ئاغۋات ئىكەن. بۇ دەل بەش سۇلالە دەۋرىدىكى 10بەگلىكنىڭ بىرى بولغان جەنۇبى خەن بەگلىگىدۇر.

    جەنۇبى خەننىڭ ھۆكۈمدارى لىيۇ يەن دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى تىرىشىپ باشقۇرغان ئىكەن، شۇڭا دۆلەتتە «ئوردا غەزىنىسى تولۇق، ھاكىمىيەت ئىشلىرى پاك،ئەل ئىناق،چىگرا ئەمىن» ھالەت شەكىللەنگەن. بىراق لىيۇ يەنمۇ فېئودال ھۆكۈمىرانلارنىڭ ئوخشاش خاتالىقى-كۆپىيىش مەسىلىسىدىن چۆچۈش كىسىلىگە مۇپتىلا بولغان. شۇڭا ئۆلۈمدىن قورقۇش پىسخىكىسى ئۇنىڭ ئەقلىنى ئازدۇرغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا شۇنچىلىك كۆرەڭ ھالەتكە يەتكەنكى، ھەرقانداق رەزىللىكتىن باش تارتمىغان. تىخىمۇ غەلىتە يىرى شۇكى، ئۇ جاھان ئەھلىنى تاڭ قالدۇرۇپ، بىز باشتا تىلغا ئالغان ئىشنى قانۇن شەكلىدە ئىلان قىلغان. يەنى «ئوردا ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاختا قىلىنسۇن!» دەپ پەرمان چۈشۈرگەن. ھەتتا ئوردا ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ، لىكىن پادىشاھنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە نائىل بولغان ئەمەلدارمۇ ئاختا قىلىنىش تەقدىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىغان. ھەتتا شەيىخ ياكى دەرۋىشلەر بولسىمۇ كىمكى شاھ بىلەن ھىدايەت يولى ئۈستىدە مۇڭدىشىشقا بۇيرۇلغان بولسا، ئالدى بىلەن ئاختا قىلىنىش تەقدىرىگە دۇچار بولغان. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيى، بالا-چاقىسى بولسا ، چوقۇم پادىشاھقا سادىق بولمايىتتى. شۇڭا شامالنىڭ چىقىشىغا، سۇنىڭ ئىقىشىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان بەزى كىشىلەر ئۆزىنى ئاختا قىلىۋىتىپ، ئاندىن پادىشاھنىڭ شاپائىتىگە ئىرىشىشنىڭ كويىغا كىرىدىغان بولۇپ قالغان.

     

    3

     

    ئاختا قىلىۋېتىلگەن ئات ۋە ئاغۋاتلار ھەققىدىكى يازمىلارنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇلار بىلەن ئەقىدىسىز ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر بىر ئوخشاشلىق بارلىقىنى ھېس قىلىپ قىلدىم.

    غايىسىز، ئېتىقادسىز، ئەقىدىسىز ئادەملەر قانداق بولىدۇ؟ قانداق گەپلەرنى، قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟ قاراپ باقساق، بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ ئاز ئەمەس.
    ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەردە ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاش روھى بولمايدۇ.
    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەردە ھەقىقىي دوستلۇق ۋە ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت بولمايدۇ.
    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر رەھىمسىز، ياۋۇز، رەزىل، نەپسانىيەتچى، ھاياسىز، نومۇسسىز، خىيانەتكار بولىدۇ.
    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر ئۆزىگە ئادىمىيلىك ئۆلچەمدە تەلەپ قويالمايدۇ.
    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر نام-ئاتاق، ئۈستۈنلۈك قازىنىش، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىدۇ.
    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر مال-دۇنيانى، نەپسىنى دەپ، نومۇسنى ئۇنتۇپ، قېرىندىشىغا خىيانەت قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىدۇ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدۇ، لەۋزىدە تۇرمايدۇ.
    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئەر ئايالىغا، ئايالى ئېرىگە خىيانەت قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ.
    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر ئۆكتەملىك، مۇتتەھەملىك، زالىملىق، رەھىمسىزلىك قىلىشنى جان بېقىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىدۇ، مال-دۇنيا ۋە شەخسىي مەنپەئەتنىڭ ۋەسۋەسىيسى بىلەن ھەقنى سۆزلەيدىغان تىللىرى بوغۇلىدۇ، ناھەقچىلىككە يان بېسىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئەقىدە-ئىتقاتىسز ئادەملەردە ھەق ناھەق كۆزقارىشى بولمايدۇ، موقۇم مەيدانى بولمايدۇ. ئىككى يۇزلىمىچى، يۇمىلاق تاۋۇزنىڭ ئۆزىلا بولىدۇ. تۈكنى يېتىشىغا سىلايدۇ، سۇنىڭ ئېقىشىغا باقىدۇ. قۇل مىجەز، ئىسمى-جىمسمىغا لايىق غالچا بولىدۇ.

    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدۇ.
    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر يالغانچى، مۇناپىق، تۇزكور بولىدۇ. بەزىدە «ئەلھەمدۇ لىللاھ مەن مۇسۇلمان» دەيدۇ، بەزىدە مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى ـ تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلىۋالىدۇ. بەزىدە «مەن ماركسىزمچى، كوممۇنىستمەن» دەيدۇ، بەزىدە بىر يۇمۇلىنىپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائېتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋېلىپ، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېتىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي «سۇبھانەللاھ» دېيىشىپ يۈرۈيدۇ.
    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر كۆڭلى قارا بولىدۇ. بىرى-بىرىنى قانداق ئەپلەش، قانداق يوقىتىشنىڭ كويىدا، يەنى قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كويىدىلا ئۆتىدۇ.
    ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر شەخسىيەتچى، گۇمانخور، ساتقىن-مۇناپىق بولىدۇ.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاختا ئات , ئاغۋات , ئەقىدىسىز ئادەملەر , ئابدۇللا تۇردى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-20 22:34:58
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 622
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证