تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aypalta
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12350
    Enwerhamut@gmail.com
    0
    يازما سانى : 55
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-8 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    جان يۈجەل: كېتىشلەر پەسلى



     

    Gitmelerin Mevsimi

     

    Can Yücel

     

     

    كېتىشلەر پەسلى

     

    جان يۈجەل ( تۈركىيە)

     

     

    بۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەم كېتىشنىڭ كويىدا،

    كىچىك ، چەت بىر ساھىلغا،

    باشقا دۆلەتكە، تاغلارغا، ئۇزاقلارغا...

     

    ھاياتىدىن مەمنۇن بولغان ھېچكىم يوق.

    كىم بىلەن پاراڭلاشسام يەنىلا شۇ گەپ...

    ھەممە نەرسىنى، ھەممەيلەننى تاشلاپ كېتىش ئىستىكى.

     

    ئۇنداق « يېنىغا ئېلىۋالىدىغان ئۈچ نەرسە» ۋاھاكازالار يوق.

    ئۆزى يالغۇزلا.

    ئەسلىدە بۇمۇ يېتەرلىك،

    ھەممە نەرسىنى، ھەممەيلەننى ئېلىپ ماڭغانلىقتۇر بۇ.

    كاشكى، ئۆزىنى تاشلاپ كېتەلىسە ئىنسان.

    لېكىن قاملاشمايۋاتسا شۇ.

     

    ئۆزىمىز كەتتۇقمۇ دەيلى، باشقىلارچۇ؟

    ھەممە نەرسىىنى، ھەممەيلەننى تاشلاپ كېتىشكە كۆز قىيامدۇ؟

    مۇشۇنداق كېتىپ بارىمىز،

    بىر يېنىمىز « قوپ، كېتەيلى»

    يەنە بىر يېنىمىز«جىم ئولتۇر» دەيدۇ.

    « جىم ئولتۇر» دېگەن تەرەپ ھەمىشە يېڭىدۇ.

    يەنە بىر تەرەپ كۆپ سانلىق چۈنكى...

    ئىش-ئوقەت، مەسئۇلىيەت، بالا-چاقا، ئائىلە،

    بىخەتەرلىك تۇيغۇسى...

    ئەڭ يامىنى كۆنۈپ قالغانلىق.

    كۆنۈپ قېلىش ئاتا قىلغان راھەتلىك

    بىر خىللا ھاياتنىڭ زېرىكىشلىكىنى يېڭىپ تاشلايدۇ.

    قېلىۋاتىمىز...

    قۇشتەك ئۇچۇپ كېتەيلى دېگەنچە، دەرەختەك يىلتىز تارتىۋاتىمىز.

     

    ئۆيلىنىشلەر...

    يەنە بىر بالىنىڭ تۇغۇلىشى...

    قەرز بولۇپ قېلىشلار...

    سودىنى كېڭەيتىشلەر...

    باققان كۈچۈكلەر چېغىدا باھانە بولماقتا.

     

    مەسىلەن مەن...

    ھويلامدىكى كۈچۈكنى تاشلاپ كېتەلمەيۋاتىمەن،

    دېمەيلا قوي، بۇ شەھەردىن كۆچۈپ كېتىشنى،

    ئىككى كوچا نېرىسىغا كۆچەلمەيۋاتىمەن...

    ئېلىپ كېتەي دېسەم، ئۇنىمايدۇ...

    پۈتۈن مەھەللىنىڭ ئىتى ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ،

    ھەممەيلەن ئۇنىڭغا، ئۇ ھەممەيلەنگە ئامراق.

    قايسىبىرىمىز بىلەن كەتسۇن، بىچارە؟

     

    « بوينۇم قىلدا باغلاقلىق» دېگەن گەپ بار،

    شۇنداق، ھەممىمىزنىڭ بوينى قىلدا باغلاقلىق،

    ئۆز مەھسۇلاتىمىز بولغان قىللاردا.

     

    مۇنداقلا ياشىغىلى بولماس، بۇ دۇنيادا

    ئۆلۈم بار چۈنكى.

    ئۆلۈم بىلەن قېرىشىپ ياشاش لازىم،

    قېرىشىپ تۇرۇپ يىلتىز تارتىش لازىم.

     

    ھېچبولمىسا دەيمەن، كىچىك قېچىشلار مۈمكىن بولسا

    ئۇنداق قىلالىغانلارغۇ بار، لېكىن جىق ئەمەس

    زۇۋۇلىسى چوڭ ئۈزۈلگەنلەر.

    ھەممەيلەن قاچالىساق دەيمەن...

    كىرىم-چىقىم، زامان، كەيپ تەڭشىلىپ تۇرسا

    مەسىلەن، بىر كۈن ئىچىدە...

    كىچىك-كىچىك  كېتىشلەرنى روياپقا چىقىرالىساق...

     

    قانداق مۈمكىن بولسۇن.

    ئەتىگەن سائەت 9، ئاخشام 18

    ئاندىن باشقا مەجبۇرىيەتلەر

    كەپلىشىپلا قالدۇق،

    پەقەت ۋە پەقەت يېيىش، ئىچىش، جان بېقىشنىڭ بەدىلى

    بۇنچىلىك ئېغىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى...

    ھايات قالالىشىمىز ئۈچۈنلا بىر ئۆمرىمىزنى بېرىۋاتىمىز.

    بىر ئۆمۈرگە تېگىشكىنىمىز، بىر ئۆمۈرگە!

    قاملاشمىغان...

    باھارمىدۇر بىزنى بۇ ھالغا كەلتۈرگەن؟

    بەلكىم.

     

    مەن ھەر باھاردا ئاشىق بولمايمەن، لېكىن

    ھەر باھاردا كەتمەك ئىستەيمەن.

    ھېچ كېتىپ باقالمىدىم

    لېكىن، مەيلىلا

    ئىستەشمۇ گۈزەل.

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جان يۈجەل , كېتىشلەر پەسلى , كىچىك بىر ساھىل , _ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-19 17:25:39
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 846
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证