تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› قىزىق نۇقتا بىلىملىرى ›› تۈركىيە سىياسىتىدە يېڭى باسقۇچ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Tursunay
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12601
    zaytunxehi@126.com

    يازما سانى : 123
    باھا يازما سانى : 9
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تۈركىيە سىياسىتىدە يېڭى باسقۇچ



     

     
    تۈركىيە سىياسىتىدە يېڭى باسقۇچ
     

        2011 - يىلى 12 - ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملارنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە سىياسىتىدە يېڭى بىر باسقۇچ باشلاندى. ئاساسىي قانۇن كۆرە، ئومۇمىي سايلاملاردىن كېيىن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى) دە يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش ساھەلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇپ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشىدىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى قايتىدىن شەكىللىنىشى لازىم. ئومۇمىي سايلاملاردا غەلىبە قىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى داۋاملىشىدىغان بۇ باسقۇچتا، ھەم پارلامېنت ھەمدە ھۆكۈمەت قانىتى يەنە بۇ پارتىىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا شەكىللەندى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تەجرىبىلىك پارلامېنت ئەزاسى ۋە سابىق مىنىستىرلاردىن جەمىل چىچەك سايلاندى. ھۆكۈمەت قانىتىدا بولسا ئانچە ئۆزگىرىش بولمىدى.

       ھەيران قالارلىقى شۇكى، يېڭى سىياسىي باسقۇچنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، پارلامېنت باشلىقىنى سايلاپ چىقىش ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشتىنمۇ كۆرە، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىنغان قارار ھەممىنىڭ دىققىتىنى بەكرەك قوزغىدى. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئەرگەنەكون داۋاسى تۈپەيلى تۇتقۇنلۇق ھالىتىدە سوتلانماقتا. بۇ ئىككى پارتىيە، مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن سوتقا ئىلتىماس سۇندى، بىراق ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشەلمىدى؛ يەنى سوت مەھكىمىسى مەزكۇر كىشىلەرنىڭ تۇتقۇنلۇق ھالىتىدە ئىزچىل سوتلىنىشىغا قارار بەردى. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشمىدى. بۇنىڭغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنىڭ ئورنىغا تۈركىيەنىڭ دىيارباقىر شەھىرىدە يىغىلىشنى تاللىغان تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ بايقۇتى ئىلاۋە قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن ھەيران قالارلىق بىر باسقۇچ ئوتتۇرىغا چىقتى.

    :::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

        جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قناتناشماسلىقىنى، دېموكراتىك ئۇسۇللار ۋە قانۇن سىستېمىسى جەھەتتىن ئەلۋەتتە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا بۇنى قانۇنغا خىلاپ سىياسىي بىر «نارازىلىق» دەپ ئانالىز قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بىراق بۇنىڭدىن سەلبىي خۇلاسە چىقىرىشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى كىرىزىسلەر ئادەتتە قانۇن - نىزاملارنى تەڭشەشتە مۇھىم پۇرسەتلەرنىمۇ يارىتىپ بېرىدۇ. مېنىڭچە، قانۇن چىقىرىش باسقۇچىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بۇ كىرىزىسنى ھېچقايسى تەرەپ خالىمايدۇ. ئوچۇقراقى، نە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، نە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، نە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بۇنداق بىر كىرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. دەرۋەقە، پارتىيەلەر تەرىپىدىن ئەمەس، ئەكسىچە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىنغان بىر قارار نەتىجىسىدە ئەنە شۇنداق قالايمىقانچىلىق ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، سوت مەھكىمىلىرىمۇ قارار چىقارغان چاغدا ئەلۋەتتە قانۇنلارغا ئاساسلىنىدۇ. جۈملىدىن، بۇ كىرىزىس ئەسلىدە مەۋجۇت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇن - نىزاملارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

        بۇ رېئاللىق قوبۇل قىلىنغىنىدا، بارلىق پارتىيەلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئاچچىق - ساۋاقلارنى ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ: 1982 - يىلى چىقىرىلغان ئاساسىي قانۇنغا يۇقىرىقىدەك كىرىسىزلەرگە سەۋەب بولمايدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. بۇ ھەقتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرمۇ ھاسىل قىلىندى. ئالايلۇق ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كامال قىلىچدارئوغلۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەكنى زىيارەت قىلغاندا، تەرەپلەرنىڭ بۇ ھەقتە ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. مېنىڭچە، بۇ ئۇچرىشىشتىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ: يېڭى باسقۇچنىڭ تۇنجى كۈنتەرتىپى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ ھېچقاچان تاسادىپىيلىقمۇ ئەمەس، ئەمما باسقۇچنىڭ ئەنە شۇنداق كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر بىلەن باشلىنىشى تاسادىپىيلىق بولىدۇ. قەسەم كىرىزىسى تۈپەيلى ئەنە شۇنداق ئېھتىياجنىڭ تۇغۇلۇشى، پارتىيەلەرنى بىر يەرگە جەم بولۇپ بىردەك ھەرىكەت قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ يېڭى باسقۇچى باشلىنىدىغان ئۆكتەبىر ئېيىدىن ئېتىبارەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. خۇددى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ، «ھەر يامانلىقتا بىر ياخشىلىق، ھەر ياخشىلىقتا بىر يامانلىق بار» دېگىنىدەك، قەسەم كىرىزىسىگە ئوخشىغان بىر يامانلىقتىن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشكە ئوخشىغان بىر ياخشىلىقنىڭ تۇغۇلۇشى ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال.

        قانداقلا بولمىسۇن، تۈرلۈك ئەگىر توقايلىقلار ئىچىدە ھايات داۋام قىلماقتا. تۈركىيەنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتىدىكى پائاللىق ئىزچىل داۋاملاشماقتا. بۇ ئىزچىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان ۋە ئىدارە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە نىسبەتەنمۇ يېڭى بىر باسقۇچ باشلاندى. دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن يېڭى (61 - ) ھۆكۈمەتنى قۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھۆكۈمەتتىن ئورۇن ئالىدىغان مىنىستىرلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئەسلىدە ھۆكۈمەت، 13 - ئىيۇل كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن خىزمەت ئۆتەشكە باشلايتتى، بىراق 61 - ھۆكۈمەت تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى ئاللىقاچان ئېچىپ بولدى. «سىياسەت ھەرگىزمۇ بوشلۇقنى قوبۇل قىلمايدۇ» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ دەرھال ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشى ئەنئەنىگىمۇ ناھايىتى ئۇيغۇن.

        يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىلىرىدا ئادەتتىن تاشقىرى كۈنتەرتىپنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. سانى 25 كە چۈشۈرۈلگەن يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتىدا 15 مىنىستىر ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالدى، 4 مىنىستىر باشقا مىنىستىرلىكتە خىزمەت ئۆتەش ئاساسىدا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالدى. مىنىستىرلار كابېنتىنىڭ سېپىغا 6 يېڭى مىنىستىر قېتىلدى.

        شۇنىڭ بىلەن، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنئەنىسىنى يەنە بىر قېتىم داۋام قىلدۇردى. ئوچۇقراقى، تۈپتىن ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىشنىڭ ئورنىغا، مۇقىملىق ۋە باراۋەرلىك يولىنى تاللىدى. باش مىنىستىر ئەردوغان، بۇ ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەديىغانلىقىغا ئىشەنگەن خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئىككى قېتىملىق سايلامدا بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدە ھۆكۈمەتلەر بىلەن مىنىستىرلارنىڭ ئىقتىدارى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، مىنىستىرلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش مەنتىقە جەھەتتىن ئۇيغۇن بولمايتتى.

        مىنىستىرلار كابىنېتىدا تەشكىل قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك خىزمەت گۇرۇپپىسىمۇ نەزەردىن ساقىت بولمىدى. بىرىنچىسى، 2002 - يىلدىن بېرى مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان بۈلەنت ئارىنچ، بەشىر ئاتالاي ۋە ئەلى باباجان، 61 - ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئۈچ مىنىستىر تۆۋەندىكىدەك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ:

       بۈلەنت ئارىنچ ھۆكۈمەت باياناتچىسى سۈپىتىدە خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە؛ بەشىر ئاتالاي تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسىلىلىرىدە؛ ئەلى باباجان ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. تۆتىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغنىڭ بولسا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنىي ئىشلار مەسىلىلىرىدە ۋەزىپە ئۆتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

       ئىككىنچىسى؛ ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە، سەھىيە، قاتناش قاتارلىق ناھايىتى زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن مىنىستىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرمەستىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىدۇر.

       يىغىپ ئېيتقاندا، يېڭى قۇرۇلغان مىنىستىرلىكلەرگە بۇرۇن مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىمىگەن زاتلارنىڭ تەيىنلىنىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى قۇرۇلغان مىنىستىرلىكلەر ئارىسىدا ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا ئىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرلىكى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەسلىدە خېلى بۇرۇنلا قۇرۇلۇشى زۆرۈر بولغان بۇ مىنىستىرلىكتە، ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئەگەمەن باغىش ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

    مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

     

     

     

     

     

     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : - , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-19 11:28:33
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 373
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证