مەكتەپتىكى چېغىدا بىر يىللىق يۇقىرى سىنىپتا ئوقۇغان ئەڭ يېقىن دوستى ئەلى فەتھى ئوكيار، ۋەلىئەھدى ۋاھىدەتتىن ئەپەندىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىغا ئۇنىڭ قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 1917 – يىلى دېكابىر ئېيىدا گېرمانىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتتە، ئۇ ۋەلىئەھدى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ «ئىتتىھات ۋە تەرەققى» تەشكىلاتىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ. زىيارەت ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە سىياسىي ساھەدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋە ئۇرۇشنىڭ تەقدىرى ھەققىدە بىر پىكىرگە كەلگەن مۇستاپا كامال، ۋەلىئەھدى ۋاھىدەتتىن ئەپەندىگە ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى سەمىگە سالىدۇ. مۇستاپا كامال بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە «يىلدىرىم ئارمىيەسى» نىڭ قوماندانى بولىدۇ. چاناق قەلئەنىڭ قوماندانى ۋون ساندېرىستىن قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوفىتسېرلىرىنىڭ ۋىدالىشىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ۋون ساندېرىس نۇتىقىدا: «بىز يېڭىلدۇق، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەممە نەرسە ئاخىرلاشتى» دەيدۇ. مۇستاپا كامال بولسا، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ: «ئۇرۇش ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئۈچۈن ئاخىرلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىستىقلال ئۇرۇشىمىز ئەمدى باشلاندى» ئىمپېرىيە، ناھايىتى ئەھمىيەتسىز ۋە بالدۇر قاتناشقان بۇ ئۇرۇشتىن گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە يېڭىلگەن قاتاردا چىقىدۇ. ۋاقتىنچە ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان مۇستاپا كامال پاشا ئىستانبۇلغا قايتىدۇ. ئۇ 1918 – يىلى 15 – نويابىر ئىستانبۇلغا يېتىپ كېلىپ، پېرا پالاستا ئىككى ھەپتە تۇرىدۇ. كېيىنچە شىشلىدىكى بىر ئۆيگە كۆچىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، تالات پاشا قاتارلىق «ئىتتىھات ۋە تەرەققىي» تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇغۇچىلىرى ۋەتەننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە قارار قىلىدۇ. مۇستاپا كامال يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ پەيتلەردە، گېرمانىيە زىيارىتىدە تونۇشقان ۋە تەختتە ئولتۇرغان 6 – مەھمەت ۋاھىدەتتىنغا تېلېگرامما ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى يەتكۈزىدۇ. مۇستاپا كامال ئەنئەنىگە ئايلانغان قائىدىلەرنى بۇزغان ھالدا، يېڭى ھۆكۈمەتنى ئا. ئىززەت پاشانىڭ تەشكىللىشىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ قۇرۇلماقچى بولغان ھەربىي نازىرلىقتا خىزمەتكە قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 1918 –يىلى ئىززەت پاشانىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇشى قارار قىلىنىدۇ. «ئىتتىھات ۋە تەرەققىي» تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكنى ساقلاش مەقسىتىدە، يېڭى كابېنتقا ئەلى فەتھى ئوكيار، رائۇف ھامىدايە كاھرامانى ۋە جاۋىت بەيلەر تەيىنلىنىدۇ. ھەربىي نازىرلىق ۋە ئەركانى ھاربىيەنىڭ رەئىسلىكىنى ۋەزىرئەزەم ئۈستىگە ئالىدۇ. دەسلەپتە بۇلغارىيە ئارقىدىن ئاۋستىرىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشتا تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتنىڭ نەتىجىسىدە ھۈسەيىن رائۇف باشچىلىقىدىكى ھەيئەت موندروس شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ۋەتەننىڭ قاراڭغۇ كۈنلىرى ئارقا – ئارقىدىن كېلىشكە باشلايدۇ. ئانادولۇدىكى جايلارنىڭ ئىشغال قىلىنىشى، مۇھىم جايلارغا دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىززەت پاشا باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ھۆكۈمەت قىسقا ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيەدە باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتىگەن تەۋپىق پاشا باشچىلىقىدا ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. مۇستاپا كامال بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ. بۇ جەرياندا دۈشمەننىڭ 55 دانە ئۇرۇش پاراخوتى بوغۇزغا كىرىدۇ. بوغۇز ئەتراپىغا جايلاشقان بىر قىسىم مەھەللىلەردىكى ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىگە دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ بايراقلىرى ئېسىلىدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان كۈنلەردە بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى ھۆكۈمەت باشلىقىنى قىيىنچىلىقتا قويىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۆكتىچىلەرنىڭ بېسىمىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ئاخىرى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش قارارى ئېلىنىدۇ. سۇلتان يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە بىر قۇر خۇلاسە چىقارغاندىن كېيىن، 1918 – يىلى 21 – دېكابىر ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىغا ئاساسەن مەجلىسنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.
ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر، ۋەتەننىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە باش قاتۇرغان ياش ۋەتەنپەرۋەر قوماندانلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. ئەلى فەتھى بەي بۇ زور كۈنلەردە خاتىرىلىرىگە يازغان ئەسلىمىسىدە مۇستاپا كامال پاشانىڭ كۆز – قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەملىكىتىمىز قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغاندا، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە گېزىتلەرنىڭ ئوينىغان رولى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش ۋاستىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىش لازىم.» ئۇنىڭ بۇ پىكرى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئەلى فەتھى بەي باشچىلىقىدا سىياسىي - ئقتىساد، ئەدەبىيات تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىدىغان «مۇنبەر» ناملىق گېزىت چىقىرىلىشقا باشلىنىدۇ. گېزىتنىڭ ئۆمرى بەك قىسقا بولىدۇ. بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گېزىتنىڭ پايدىسى بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، گېزىتنىڭ چىقارغانلار ئۈچۈن كىچىككىنە تەسەللى بولغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. 1918 – يىلى 15 – نويابىر مۇستاپا كامال پاشانىڭ سۇلتان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى مەزكۇر گېزىتتە ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ مەملىكەت ئىچىدە ۋە چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا كۆپ تەسىر قوزغايدۇ. فىرانسىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى داڭلىق «لې تېمپىس » ناملىق گېزىتى، بۇ سۆھبەت ھەققىدە كەڭ خەۋەر ئېلان قىلىدۇ.
مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى