تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› دۇنيا ئەدەبىياتى ›› دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما ›› نازىم ھېكمەت: ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aypalta
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12158
    Enwerhamut@gmail.com
    0
    يازما سانى : 37
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-8 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    نازىم ھېكمەت: ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە



     

    مەن بىر ئىنسان،

    مەن بىر تۈرك شائىرى نازىم ھېكمەت

    چېچىمدىن تىرنىقىمغىچە ئىنسان

    چېچىمدىن تىرنىقىمغىچە غەۋغا، ھەسرەت، ئۈمىتتىن ئىبارەت...

     

    مەن ھەم ئۆزۈم توغرۇلۇق شېئىرلار يېزىشنى ئىستەيمەن

    ھەم بىر ئىنسانغا ۋە مىليونلارچە ئىنسانلارغا خىتاپ قىلغان شېئىرلار.

    ھەم بىر ئالمىدىن، ھەم سۈپۈرۈلگەن يەردىن ، ھەم

    زىنداندىن قايتقان ئىنسان روھىدىن، ھەم بىچارىلەرنىڭ

    تېخىمۇ گۈزەل كۈنلەر ئۈچۈن قىلغان كۆرەشلىرىدىن، ھەم بىر

    ئىنساننىڭ سەۋدالىق تەقدىرىدىن سۆز ئەتكەن شېئىرلار يېزىشنى

    ئىستەيمەن، ھەم ئۆلۈم قورقۇسىدىن، ھەم ئۆلۈمدىن قورقماسلىقتىن

    سۆز ئەتكەن شېئىرلار يېزىشنى ئىستەيمەن.

     

                                                                         ــ نازىم ھېكمەت

     

    Açlık Ordusu Yürüyor

     

    Nazım Hikmet

     

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

     

    نازىم ھېكمەت ( تۈركىيە)

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    يۈرمەكتە نانغا تويۇش ئۈچۈن

    گۆشكە تويۇش ئۈچۈن

    كىتاپقا تويۇش ئۈچۈن

    ھۆرىيەتكە تويۇش ئۈچۈن.

     

    يۈرمەكتە كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈپ قىلدىن ئىنچىكە، قىلىچتىن كەسكىن

    يۈرمەكتە تۆمۈر ئىشىكلەرنى يىرتىپ، قەلئە تاملىرىنى يىقىتىپ

    يۈرمەكتە ئاياغلىرى قان ئىچىدە.

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    قەدەملىرى ئاسمانننىڭ گۈلدۈرلىشى

    بايرىقىدا ئۈمىت

    ئۈمىتلەرنىڭ ئۈمىدى بايرىقىدا.

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    شەھەرلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ

    تار كوچىلىرى قاراڭغۇ ئۆيلىرى بىلەن شەھەرلەرنى

    فابرىكا تۇرخۇنلىرىنى

    دەم ئېلىش ۋاقتىدىن كېيىنكى تۈگىمەس ھارغۇنلۇقنى كۆتۈرۈپ.

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    ئاينى، ئۇۋىنى، يېزىلارنى ئارقىچىلاپ ئېلىپ كۆتۈرۈپ

    ۋە يەرسىزلىكتىن ئۆلگەنلەرنى بۇ كەڭرى تۇپراقتا.

     

    ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    يۈرمەكتە نانسىزلارنى نانغا تويدۇرۇش ئۈچۈن

    ھۆرىيەتسىزلەرنى ھۆرىيەتكە تويدۇرۇش ئۈچۈن ئاچلىق قوشۇنى يۈرمەكتە

    يۈرمەكتە ئاياغلىرى قان ئىچىدە.

     

     

    1924- 1- 21

     

    لامپىنى ياقما، بولدى قوي،

    سېرىق بىر ئىنسان بېشى

    چۈشمىسۇن دەرىزىدىن قارغا.

    قار ياغماقتا

    قاراڭغۇلۇقلارغا

    ۋە مەن ئەسلەۋاتىمەن.

    قار...

    پۈۋلەنگەن شامدەك ئۆچتى

    چوڭ-چوڭ نۇرلار...

    ۋە شەھەر

    كور بىر ئىنساندەك قالدى

    ئاستىدا ياغقان قارلارنىڭ.

    لامپىنى ياقما، بولدى قوي!

    يۈرەككە پىچاقتەك كىرگەن خاتىرىلەرنىڭ

    تىلسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋاتىمەن

    قار ياغماقتا

    ۋە مەن ئەسلەۋاتىمەن.

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نازىم ھېكمەت , ئاچلىق قوشۇنى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-17 10:49:29
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 187
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证