تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ketmenbay
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11252
    ketmenbay@gmail.com

    يازما سانى : 43
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-1-16 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى



     

     

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى


    ساداقەتجان ھاجى


    بۇ ھەجۋى ئەمەستۇر. بۇ ئەمەس يۇمۇر.
    بۇمۇ بىر قەسىدە. ئوقۇپ باق ئۇيغۇر.

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ تاتلىق؟
    ئۇيغۇرۇم ئۇيقۇدىن ئىزدەيدۇ شاتلىق؟
    ئەمگەكچان، مىھماندوست ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن،
    ئۇيقۇدۇر- ئەڭ گۈزەل شىرىن ھاياتلىق؟

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ راھەت؟
    ئۇيغۇرۇم ئۇيقۇدىن ئىزدەيدۇ ئامەت؟
    ياخشىدۇر ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نىمىسى؟
    ئۇيغۇرنىڭ چۈشىگە كىرمەس قىيامەت؟

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى كاتتا بىر سەنئەت؟
    ئەللىيى- ناخشىدۇر. خورىكى- ناخشا؟
    ئۇخلايدۇ ئويلىماي ئاقىۋىتىنى؟
    ئاڭلىسا ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى ناخشا؟

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ ئۇزۇن؟
    ئۇخلايدۇ ناخشىنى ئاڭلىغانسىرى؟
    ئۇيغۇردا بار شۇنداق بىر ئادەت-يوسۇن؟
    ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرنى داڭلىغانسىرى؟

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ داڭلىق؟
    ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوقتۇر؟
    ئۇيغۇرۇم ئەزەلدىن ئۇخلايدۇ ئاڭلىق؟
    ئۇيقۇسىز قالغۇدەك تەشۋىشى يوقتۇر؟

    ئاسماندا ئۇچۇش ھەم دېڭىزدا ئۈزۈش...
    ئۇيغۇرنىڭ ئىشى ئەمەس؟ ئويغاقنىڭ ئىشى؟
    ئىجاد دەرياسىدىن جاۋاھىر سۈزۈش...
    ئۇيغۇرنىڭ ئىشى ئەمەس؟ ئويغاقنىڭ ئىشى؟

    كارى يوق ئۇيغۇرنىڭ ئاي، يۇلتۇز بىلەن؟
    كارى يوق ئۇيغۇرنىڭ تىرىلسە جەسەت؟
    كارى يوق ئۇيغۇرنىڭ ئويغاقلار بىلەن؟
    ئۇيغۇرۇم ھىچكىمگە قىلمايدۇ ھەسەت؟

    ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم پولو، كاۋاپ يەپ؟
    ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم مۇقامنى ئاڭلاپ؟
    ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم «ئۇخلاش- ساۋاب» دەپ؟
    ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم ئۆزىنى داڭلاپ؟

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى  ئۇلۇغ ئۇيقۇدۇر؟
    ئويغانما؟ ئويلانما؟ ئۇخلا ئۇيغۇرۇم؟
    ئۆزگىلەر ئويغانسا ئۆزىنىڭ ئىشى؟
    سەن ھەرگىز ئويغانما؟ ئۇخلا ئۇيغۇرۇم؟

    ئوڭۇڭدا يوقىنى ئۇيقۇڭ بېرىدۇ؟
    قالىسەن چۈشۈڭدە بولۇپ قاناتلىق؟
    ئۇيغۇرۇم ئەيلىمە ئىشقىڭنى بىدار؟
    ئۇيغۇرۇم! سەن ئۈچۈن ئۇيقۇ  ھاياتلىق؟؟؟

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (2004-يىل 10-ئاي. قەشقەر)
    http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34795842.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ساداقەتجان , كەتمەنباي , ئۇيغۇر , , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-14 21:51:23
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1341
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证