ئىنسان
كارۋاندۇر دۇنياغا جىمىكى ئىنسان،
كىلىپ-كىتىش بىلەن مەشغۇلدۇر ھامان.
گادايمۇ ئۆلىدۇ شاھمۇ بىركۈنى،
ياسىسىمۇ بايلىقلاردىن تاغ داۋان.
دۇنياغا كەلدىڭمۇ ياشايسەن ھامان،
بولدىڭمۇ دۇنيادا ئادەم يا ھايۋان.
نەپ بىرەلىدىڭ ئەلگە قانچىلىك،
ئۈشبۇ سۇئالغا سۈرەلەمسەن زۇۋان؟!