تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› بىلىۋېلىڭ ›› بىلىۋېلىڭلار ›› بۇ يىل دۇنيا نوپۇسى 7 مىلياردقا يىتىدۇ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    compass
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 55
    mahmutt@163.com

    يازما سانى : 3
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-13 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بۇ يىل دۇنيا نوپۇسى 7 مىلياردقا يىتىدۇ

    بۇ يىل دۇنيا نوپۇسى 7 مىلياردقا يىتىدۇ 

     

    شىنخۇا ئاگېنىتلىقى،تىيەنجىن،10-ئىيۇل تېلېگراممىسى. 2011-يىل 10-ئايدا دۇنيا نوپۇسى 7 مىلياردقا يىتىدۇ.ب د ت نوپۇس فۇند جەمىيىتى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى «دۇنيا نوپۇس كۈنى»نىڭ ئاساسى تىمىسىنى«7 مىليارد كىشىلىك دۇنيا »دەپ بىكىتتى.

    19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيا نوپۇسى 1 مىليارد ئىدى.100نەچچە يىلدىن كىيىن بىر ھەسسە قاتلاندى.شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تىزلىشىپ،30 نەچچە يىلدىن كىيىن 3 مىلياردقا يەتتى.1987-يىلدىكى 5 مىلياردتىن 1999-يىلدىكى 6 مىلياردقا يەتكۈچە، پەقەتلا 12يىل ۋاقت كەتتى.

    ب د ت نوپۇس فۇند جەمىيىتىنىڭ سىتاتىسكىسىغا قارىغاندا ،1950-يىلدىن ھازىرغىچە ،ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى 48 ياشتىن 69 ياشقا ئۇزارغان .شۇنۇڭ بىلەن بىللە داۋالاش تېخنىكىسىدىكى بۆسۈش ۋە مۇھىت تازلىقى،داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش شارائىتىنىڭ ياخشىلنىشى بىلەن سان-ساناقسىز ھاياتلىق قۇتقۇزۇۋېلىنىپ،ئۆلۈش نىسبىتىدە مۇقىم تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن.

    نەچچە ئون يىلدىن بۇيان،دۇنيا نوپۇسنىڭ ئومۇمى تۇغۇلۇش نىسبىتى زور ھەجىمدە تۆۋەنلىگەن،ئاياللارنىڭ ئوتتۇرچە پەرزەنىت كۆرۈش سانى 1950-يىلدىكى 5 بالىدىن 2010-2015-يىلدىكى 2.5 بالىغا ئازايغان،نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاستىلىغان.ئەمما،دۇنيا نوپۇسى كەلگۈسى ئوننەچچە يىلدا داۋاملىق ئېشىش ھالىتىدە تۇرىدىكەن.

    ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا،دۇنيا نوپۇسى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا 9 مىلياردتىن،مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا 10 مىلياردتىن ئېشىپ كىتىدىكەن.ھازىر دۇنيادا يىلىغا يىلىغا تەخمىنەن 78 مىليۇن ئادەم كۆپىيىۋېتىپتۇ.يېڭىدىن كۆپەيگەن ھەر 100نوپۇس ئىچىدە 97 سى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئىكەن.

    شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ،كەلگۈسى 40 يىلدا كۆپەيگەن نوپۇسنىڭ ھەممىسى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى شەھەرلەرنىڭ سىغدۇرىشىغا توغرا كىلىدىكەن.شۇڭا بۇ دۆلەتلەر شەھەرلەرنىڭ تىز كىڭىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بالدۇرراق پىلان تۈزۈشى كىرەك ئىكەن.

    مەنبە:«شىنجاڭ گىزىتى»(ئۇيغۇرچە)2011-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى 21725-سانى 4-بەتتىكى ماقالىغا قارالسۇن. 

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نوپۇس , دۇنيا , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-13 10:00:32
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 239
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证