تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› دۇنيا ئەدەبىياتى ›› دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما ›› ئەردوغاننىڭ تۈرمىدە يېتىشىغا سەۋەپ بولغان شېئىر
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aypalta
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12078
    Enwerhamut@gmail.com
    0
    يازما سانى : 29
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-8 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەردوغاننىڭ تۈرمىدە يېتىشىغا سەۋەپ بولغان شېئىر



     

    رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈرمىدە يېتىشىغا سەۋەپ بولغان شېئىر

     

    ئىلاۋە: تۈركىيەنىڭ ھازىرقى باشباقانى( زۇڭلى) رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە (1994-1998) ، تۈركىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى شۇ چاغدىكى « سائادەت » پارتىيىسىنى تارقىتىۋىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەردوغان 1997- يىلى دېكابىردا پارتىيىداشلىرى بىلەن تەشكىللىگەن نارازىلىق يىغىلىشىدا ئوقۇغان تۆۋەندىكى شېئىرى تۈپەيلىدىن 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ( لېكىن 4 ئاي ياتىدۇ). بۇ شېئىر زىيا كۆكئالىپنىڭ شېئىرى بولۇپ، ئەردوغاننىڭ شۇ چاغدا ئۆزىنى ئاقلاپ دېيىشىچە، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق بىر نەشىرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بىر كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن بىر شېئىر ئىكەن. لېكىن ئەردوغاننىڭ بۇ ئىشى « دىنىي ۋە ئىرقىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىپ قىلغان» دەپ قارىلىپ ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان ۋە ئەردوغاننىڭ شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىمۇ قالدۇرۇلغان. تۆۋەندىكىسى ئۇ ئەينى چاغدا ئوقۇغان شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچىسى:

     

     

    قولۇمدا مىلتىق، كۆڭلۈمدە ئىمان،

    تىلىكىم ئىككى: دىن بىلەن ۋەتەن...

    كۈچۈمدۇر ئارمىيەم، بۈيۈكىم سۇلتان،

    سۇلتانغا ياردەم ئەيلىگىن يا رەب!

    ئۆمرىنى زىيادە ئەيلىگىن يا رەب!

     

    دىنىمىز ئىستەر ساداقەت، خىزمەت،

    ئانىمىز ۋەتەن، دادىمىز مىللەت،

    ۋەتەننى مەمۇر ئەيلىگىن يا رەب

    مىللەتنى خۇشھال ئەيلىگىن يا رەب!

     

    تۇغۇڭدۇر تەۋھىد، بايرىقىڭ ھىلال،

    بىرسى يېشىل، يەنە بىرسى ئال ( قىزىل).

    ئىسلامغا ئىچ ئاغرىت، دۈشمەندىن ئۆچ ئال،

    ئىسلامنى ئاۋات ئەيلىگىن، يا رەب!

    دۈشمەننى بەرباد ئەيلىگىن يا رەب!

     

    جەڭ مەيدانىدا تالاي قوچقار يىگىت،

    دىن ۋە يۇرت ئۈچۈن بولۇشتى شېھىت،

    ئوچىقى يانسۇن، ئۆچمىسۇن ئۈمىت،

    شېھىتنى مەھزۇن ئەتمىگىن يا رەب!

    نەسلىنى زەبۇن ئەتمىگىن يا رەب!

     

    قۇماندان، ئوفىتسېر دادىلىرىمىز،

    سېرژانت، ئون بېشى ئاغىلىرىمىز،

    تەرتىپ ۋە ھۆرمەت قانۇنلىرىمىز

    قوشۇننى سەرخىل ئەيلىگىن، يا رەب!

    بايراقنى ئۈستۈن ئەيلىگىن، يا رەب!

     

    رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يۇقارقى شېئىرنى ئوقۇغاندا بەزى يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئۆزى قوشۇپ ئوقۇغان:

     

    مۇنارلار نەيزە، قۇببىلەر قالقان،

    مەسجىدلەر گازارما، مۆئمىنلەر ئەسكەر،

    بۇ ئىلاھى قوشۇن دىنىمنى قوغدار

    ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر!

     

    CNNTÜRKتورىنىڭ 7-ئاينىڭ 12 كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، باشباقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە 61- ھۆكۈمەتنىڭ پروگراممىلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر كېڭەشتە بۇ شېئىرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇغان ۋە پۈتۈن پارتىيىداش مىللەت ۋەكىللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئالقىشلىغان.

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

     

     

     

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : رەجەپ تاييىپ ئەردوغان , شېئىر , تۈرمە , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-12 16:45:07
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 553
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证