رەقەملىك دۇنيادىكى ئىگىلىك يارىتىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى 100 شىركەت
1. Facebook يەنىلا ئالدىنقى يىلىغا ئوخشاش بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.
ئالدىنقى يىلىدىكى دەرىجىسى/مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: بىرىنچى/650مىليۇن ئامرىكا دوللىرى.
تىجارەت دائىرىسى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە بېكىتى بولۇپ، 500 مىليۇندىن ئارتۇق قوللانچىسى(ئەزا) بار،ئالدىنقى يىلىدىكىگە قارىغاندا قوللانچى سانى 66% ئاشقان(ئالدىنقى يىلى 300 مىليۇن).
ئورنى: ئامىرىكا كالفورنىيە شىتاتى پالو ئالتو (Palo Alto, California)
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى:مارك زېكېربورگ (Mark Zuckerberg)
مەبلەغ سالغۇچىلار:Facebook شىركىتى 2008-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر مەبلەغ سالغۇچىلار تىزىملىكى ۋە قىممىتى بولسا:
مىكروسوفىت شىركىتى: 246 مىليۇن دوللار
شىياڭگاڭلىق مىليۇنىر لى جىيا چېڭ(李嘉诚) بولسا: 60 مىليۇن دوللار
Greylock ھەمكارلىق شىرىكى ۋە Meritech شىركىتى: 25 مىليۇن دوللار
Accel Partners شىركىتى: 12مىليۇن 800 مىڭ دوللار
PayPal نىڭ قۇرغۇچىسى پېتېر سېئىل: 500 مىڭ دوللار
European Founders بولسا: 15 مىليۇن دوللار
Digital Sky Technologiesبولسا: 200 مىليۇن دوللار
TriplePoint Capitalبولسا :100 مىليۇن دوللار
تەھلىل:
Facebook ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ رەقىپلىرىنى ئارقىدا قالدۇردى(Ning MySpace Bebo)، قوللانچىلىرىنىڭ Facebook بېكىتىدە تۇرۇش ۋاقتى جەھەتتە Google نى ئارقىدا قالدۇردى.
ئالدىنقى يىلىدىكى كىرىمى 700 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق.
ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى Zynga
مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: 500مىليۇن دوللار
ئالدىنقى يىلىدىكى دەرىجىسى/مۆلچەرلەنگەن قىممىتى: 120/12مىليۇن ئامرىكا دوللىرى.
تىجارەت دائىرىسى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئويۇن بېكىتى
ئورنى: ئامىرىكا كالفورنىيە شىتاتى سان فىرانسىسكو(San Francisco, California)
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى:مارك پىنكىس(Mark Pincus)
مەبلەغ سالغۇچىلار:
Zyngaغا 510 مىليۇن مەبلەغ سىلىنغان،
بىرىنچى تۈركۈمدىكىلەر: Avalon Ventures, Clarium Capital, Foundry Group, Pilot Group, Union Square Ventures, Reid Hoffman, Peter Thiel, Bob Pittman, Andy Russell, Brad Feld,
قاتارلىقلار 10مىليۇن مەبلەغ سالغان.
ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلەر:Kleiner Perkins Caufield & Byers, Union Square Ventures, Institutional Venture Partners Foundry Group, Avalon Venturesقاتارلىقلار 29 مىليۇن مەبلەغ سالغان.
ئۈچىنچى تۈركۈمدىكىلەر:Andreessen Horowitz, Tiger Global, Digital Sky Technologies and Kevin Roseقاتارلىقلار 180 مىليۇن دوللار مەبلەغ سالغان.
تۆتىنچى تۈركۈمدىكىلەر:Softbank ۋە Googleبولۇپ 300مىليۇن دوللار مەبلەغ سالغان.
تەھلىل:
Zygnaئىجتىمائىي تور ئويۇنى ساھاسىدىكى باشلامچى، ئۇنىڭ 50 مىليۇندىن ئارتۇق ئاكىتىپ قوللانچىلىرى بولۇپ ھەركۈنى Zygnaدىكى ئويۇنلارنى ئوينايدۇ.
Zygnaنىڭ بۇ يىلقى كىرىمى 500 مىليۇن دوللاردىن ئارتۇق بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە قارىغاندا 200مىليۇن دوللار ئاشقان، ئىشىش نىسپىتى 150%