تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› مىللەت ›› ئۇيغۇر 12 مۇقامى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Tursunay
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12631
    zaytunxehi@126.com

    يازما سانى : 126
    باھا يازما سانى : 9
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئۇيغۇر 12 مۇقامى



    ئۇيغۇر 12 مۇقامى

     

     

    ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۆز ئىچىدىن < چوڭ نەغمە > ، < داستان > ، < مەشرەپ > قاتارلىق ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.

    ئۇلارنىڭ رەت تەرتىۋى ۋە مۇقام ئىسىملىرىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە :

    راك مۇقامى 24 نەغمە .

       چوڭ نەغمىسى 13 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

    راك -- بۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى . ئۇ ئەسلىدە سانسىىكرىتچە سۆز بولۇپ ، ئۇنىڭ مەنىسى "ئاھاڭ" ، "كۈي" دېگەندىن ئىبارەت . بۇ سۆز ھازىرمۇ سېرىلانكىلىق بۇددىستلارنىڭ تىلىدا "كۈي" ، "ئاھاڭ" دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىكەن .

     

    چەپبايات مۇقامى 24 نەغمە .

      چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

    چەپبايات -- "چەپبايات" ، " بايات" دېگەن ناملار سانسىكرىتچىمۇ ، پارىسچىمۇ ئەمەس بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر . ئۇيغۇرچە سۆز بولغاندىمۇ ، باشقىلار ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلغىنىدەك ، قەبىلە ۋە قەبىلە تارماقلىرىنىڭ نامىمۇ ئەمەس .

    "بايات" -- قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا "خۇدا" ، "تەڭرى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . "چەپبايات" ئاتالغۇسى "بايات" بىلەن باغلىق ، بۇ ئەسلىدە "چاپ" -- قۇدرەتلىك ، ئالىي دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن "بايات" دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان . يەنى "چاپ" + "بايات" = چاپبايات" -- ئۇلۇغ خۇدا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

     

    مۇشاۋرەك مۇقامى 31 نەغمە .

    چوڭ نەغمىسى 17 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 6

    "مۇشاۋىرەك" مۇقامىنىڭ نامى بىرئاز مۇرەككەپ ، بۇنداق نام پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇقاملىرى ، كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامىدا يوق . بۇمۇ شىنجاڭغا ، ئۇيغۇرلارغا خاس ئىسىمدۇر . "مۇشاۋرەك" سۆزىنى "مۇش + ئاب + راك " دېگەن قىسىملارغا بۆلۈشكە بولىدۇ . بۇ تەركىبلەر ئىچىدىكى "مۇش" سۆزى پارسچىدىكى "نۇش" (ئىچىش) نىڭ ئېغىز تىلىدىكى ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن . "رەك" -- "راك" سۆزى بولۇپ يۇقۇرقى سانسىكرىتچە "كۈي " دېگەنلەردىن ئىبارەت . ئەگەر شۇنداق بولسا "مۇشاۋرەك" ئاتالغۇسى "نۇش+ئاب+راك" تەركىبلىرىدىن تەشكىل تاپقان <<شاراپ ئىچىش كۈيى>> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

     

    چارىگاھ مۇقامى 29 نەغمە.

    چوڭ نەغمىسى 9 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

    ئۇيغۇر مۇقاملىرى نامىدىكى "گاھ" بىلەن ياسالغان سۆزلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ . "گاھ" سۆزىنىڭ پارسچە سانلار بىلەن بىرىكىپ كەلگىنىگە قاراپ ، بۇ ، مۇقاملارنىڭ رەت - نومۇرىنى بىلدۈرسە كېرەك ~ دېگەن پەرەزلەرمۇ بولغانىكەن . شۇڭا "چارگاھ" 4 - ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ تۆتىنچى رەتكە تىزىلغان ، "پەنجىگاھ" 5 - ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچى قىلىپ رەتكە تىزىلغان . لېكىن "سىگاھ" مۇقامىغا كەلگەندە بولسا ، بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىنمىغان . "سىگاھ" 3 - ئورۇن مەنىسىدە بولۇپ ، مۇقاملار ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇننى بەلگىلىسىمۇ ئەمىلىيەتتە 11 - ئورۇنغا تىزىلغان .

    پارسچىدىكى "گاھ" سۆزى "ئورۇن ، جاي ، ۋاقىت ، دەرىجە " دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەندىن باشقا يەنە مۇزىكىغا خاس بولغان ئاۋاز ئورنى 音调 نىمۇ بىلدۈرىدىكەن . بۇ ھەقتە " تەۋارىخىي مۇسقىيۇن" ناملىق ئەسەردە ئازراق توختالغان .

     

    پەنجىگاھ مۇقامى 28 نەغمە .

    چوڭ نەغمىسى 17 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 6

    [/color]يۇقۇرىدا ئېيتىلغىنىدەك "پەنجىگاھ" مۇقامىدىكى "پەنىج -- بەش" دېگەن پارسچە سانلارنىڭ مۇقاملارنىڭ رەت نومۇرىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنىدىن بىشارەت بېرىدۇ . يەنى پارسچىدىكى پەنج -- سۆزى بەش دېگەننى بىلدۈرىدىكەن . شۇڭا "پەنجىگاھ" مۇقامى مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغانىكەن .

     

    ئۆزھال مۇقامى 28 نەغمە .

    چوڭ نەغمىسى 16 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 6

    "ئۆزھال" مۇقام نامى قەدىمكى نام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ مۇقامنىڭ نامىنى ئىككى خىل چۈشىنىش مۈمكىنكەن . بۇ نام مۇقام تېكىستلىرىدە "ئۆزخال" دەپ بېرىلگەن .تەپسىلاتى "تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن" دا "ئاوزخال" سۆزىنى "ئۆزھال" دەپ تىرانسىكىپىسىيە قىلغان . ھازىرقى تەلەپپۇزدىكى "ئۆزھال"، "ئۇزھال" دەپ ئېيتىلىۋاتىدۇ . ئىككى خىل ئەھۋالدا بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ . لېكىن ئېتمولوگىيە جەھەتتە ئۇيغۇرچە "ئۇز" ياكى "ئۆز" سۆزى بىلەن ئەرەب - پارسچىدىكى "خال - ھال" سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان . "ئۆز" بولغاندا - "ئۆز ئەھۋالى ، شەخسىي ھال - مۇڭى " مەنىلىرىنى بىلدۈرسە ، ئىككىنچى ئەھۋالدا يەنى "ئۇزھال" بولغاندا "گۈزەل ھالەتلەر" ، "ئۇزكەيپىياتلار" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

    يەنە بىر تەرەپتىن ، تىلىمىز تارىخىدىن قارىساقمۇ ~ "ھال" دېگەن سۆز چىڭگىزخان ھەربىي يۈرۈشلىرىدىن كېيىن پەيدا بولغان "چاغىتاي" تىلى بىلەن باغلىق بولمىغان ھالدا ، ئونىنچى ، ئونبىرىنچى ئەسىرلەردىلا ، تىلىمىزغا سىڭىپ كىرگەنىكەن.

     

    ئەجەم مۇقامى 17 نەغمە .

     

    چوڭ نەغمىسى 6 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

    ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ يۈرۈشلەشكەن مۇقاملىرىنىڭ نامى بەزى مۇزىكا قائىدىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە قويۇلۇپ قالغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بىر خىل مۇزىكا - كۈيلەرنى ئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ."ئەجەم" (پارس ، ئەرەبلەردىن باشقا خەلقلەر) "ئىراق" دېگەن ناملارمۇ يۇقۇرىغا ئوخشاش . جاي ناملىرى ۋە شۇ جايغا بېغىشلانغان ياكى شۇ جايغا ئائىت كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولۇپ ، كېيىنچە ، ئەنئەنىۋى تىل بويىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئۆزلىشىپ قالغانلىقى مۇزىكا - كۈي ئەنئەنىسىنىڭ ۋە تىل تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ .

     

    ئوششاق مۇقامى 23 نەغمە .

    چوڭ نەغمىسى 14 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

    "ناۋا"، "ئوششاق" دېگەن ناملار ئەسلىدە XV , XII ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋال پارس تىلىدا ، كېيىن چاغىتاي تىلىدا مەلۇم لىرىك كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛ چۈنكى ئەينى دەۋردە كىلاسسىك كۈيلەرمۇ "مۇقام" نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا يۈرۈشلەشكەن مۇقاملار بارلىققا كەلگەندە ، بەزى خەلقلەر بۇنى يۈرۈشلەشكەن مۇقام نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ، بەزىلىرى بولسا يۈرۈشلەشكەن مۇقام تەركىبىدىكى مەلۇم كۈي - مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان .

     

    بايات مۇقامى 19 نەغمە .

    چوڭ نەغمىسى 10 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3

    "بايات" -- قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا "خۇدا ، تەڭرى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

     

    ناۋا مۇقامى 21 نەغمە .

    چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

    "ناۋا"، "ئوششاق" دېگەن ناملار ئەسلىدە XV , XII ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋال پارس تىلىدا ، كېيىن چاغىتاي تىلىدا مەلۇم لىرىك كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛ چۈنكى ئەينى دەۋردە كىلاسسىك كۈيلەرمۇ "مۇقام" نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا يۈرۈشلەشكەن مۇقاملار بارلىققا كەلگەندە ، بەزى خەلقلەر بۇنى يۈرۈشلەشكەن مۇقام نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ، بەزىلىرى بولسا يۈرۈشلەشكەن مۇقام تەركىبىدىكى مەلۇم كۈي - مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان . بەزى ماتىرىياللاردا "ناۋا " مۇقامىنى نەۋايى ئىجاد قىلغان دېيىلىدىكەن .

     

    سىگاھ مۇقامى 17 نەغمە .

    چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

    سىگاھ مۇقامى توغرىلىق يۇقۇرىدا ئازراق توختالغان .

     

    ئىراق مۇقامى 8 نەغمە .

    چوڭ نەغمىسى 6 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3

    شۇنداق قىلىپ 12مۇقام جەمئى 360ئاھاڭ ، 4492 مىسرادىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ ، ھەر بىر مۇقامنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن 2 سائەتتىن ، 12مۇقامنى ئورۇنلاپ بۇلۇش ئۈچۈن جەمئى 24 سائەت يەنى بىر سوتكا كېتىدۇ .

    مەنبە:باغۋەن بىلوگى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۇيغۇر , 12 مۇقام , داستان , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-12 13:30:31
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 209
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证