تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› قازاقىستاندا ئاتاتۈركنىڭ ھەيكىلى تىكلەندى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13263
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 41
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قازاقىستاندا ئاتاتۈركنىڭ ھەيكىلى تىكلەندى



      

    قازاقىستاندا ئاتاتۈركنىڭ ھەيكىلى تىكلەندى

     

    يۈسۈپجان ياسىن تەييارلىغان

     

     

     

     

     

     

    قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا جۇمھۇر باشقان نەزەربايېفنىڭ بۇيرىقى بويىچە ئاتاتۈركنىڭ ھەيكىلى تىكلەندى. 2009- يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۈنى قازاقىستان جۇمھۇر باشقانى نۇرسۇلتان نەزەربايېف ئاتاتۈرك ھەيكىلىنىڭ يۇپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئاتاتۈركنىڭ تارىخىي رولى ھەققىدە توختالغان ۋە ‹‹ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنىڭ يىتۈشتۈرگەن ئەڭ بۈيۈك رەھبەر›› دەپ كۆرسەتكەن. قازاق ۋە تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق تارىخىي ۋە كۈلتۈرەل قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن نەزەربايېفتۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا قىزغىن بىر ئالاقىنىڭ  داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەينى شەكىلدە قازاق ۋە تۈرك خەلقلىرىنىڭ بىر بىرىگە كۈچلۈك سۆيگۈسىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان. نەزەربايېف قازاقىستاننىڭ مەنىۋىي داھىلىرى بولغان ئاباي قۇنانباي، ئابىلايخان ۋە مۇختار ئاۋېزوف قاتارلىق ھۆرمەتلىك بۈيۈك شەخسلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنىڭمۇ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە نىگدە تۇرغۇزۇلغانلىقىنى ئەسلىتىپ، تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈركنىڭ ھەيكىلىنىڭمۇ قازاقىستان باغچىسىدا تىكلەنگەنلىكىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. بولۇپمۇ ئوسمانلى ئېمپېرىيىسىدىن كېيىن تۈركىيەدىن ئىبارەت بۇ زېمىندا كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ئاتاتۈركنىڭ ئاستانىدا تىكلەنگەن ھەيكىلىدىن ھېچكىمنىڭ بىئارام بولماسلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.  ئېسىل(يېشىل) دەرياسىنىڭ بويىدا ياسىتىلغان ئاتاتۈرك ھەيكىلىنىڭ يۇپۇقىنى ئېچىشى مۇراسىمىغا قاتناشقان تۈركىيەنىڭ قازاقىستان باش ئەلچىسى ئاتتىلا گۈنايمۇ تۈرك ۋە قازاق مىللەتلىرىنىڭ قېرىنداشلىقىغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئاتاتۈركنىڭ 1933- يىلى دۇنيادىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىققا ئىرىشىدىغانلىقىنى، بۇ كۈنلەرگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى،  تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ بۇ ۋەسىيەتكە رىئايە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىسمەت يىلمازمۇ قاتناشقان.    

     

    ئاتاتۈركنىڭ ھەيكىلى قازاقىستان كۈلتۈر مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن  تۇرغۇزۇلغان. ھەيكەلنى قازاق ھەيكەلتاراش باقىتجان ئابىشىف ياسىغان. ھەيكەل (سۇپىسى بىلەن بىرلىكتە) تۆت مېتىر 40 سانتىمېتىر  ئىگىزلىكتە ۋە بەش توننا 500 كلوگرام ئېغىرلىقتا ياسالغان. تۈركىيەنىڭ ئاستانىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدىكى باغچىدا تۇرغۇزۇلغان بۇ ھەيكەل ئۈچۈن تەخمىنەن يېرىم گېكتار يەر ئاجرىتىلغان.

    نەزەربايېفنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە 2007- يىلى 12 – دېكابىر كۈنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئاتاتۈركنىڭ ھەيكىلىنى ياسىتىش توغرىسىدا   بىر قانۇن ماقۇللىغان. نەزەربايېف ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى بىلەن  پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىغا ۋە غەرپ مەملىكەتلىرىگە  مۇھىم بىر ئۇچۇر بەرگەن… بۇ دوستلارغا مەنىۋىي قۇۋۋەت، دۈشمەنلەرگە زەھەر بولغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنجى جۇمھۇر باشقانى ئاتاتۈرك   ئۈچۈن تىكلەنگەن بۇ ھەيكەلنىڭ يۇپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قازاقىستاننىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى قاتناشقان. تۈركىيە تەرەپتىن بولسا كۈلتۈر مىنىستىرلىكى ۋە باش ئەلچىلىك دەرىجىسىدىكى ۋەكىللەر قاتناشقان.

     

      . 

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاتاتۈرك , نۇرسۇلتان نەزەربايېف , ئاتاتۈرك ھەيكىلى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-11 18:00:28
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 632
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证