تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سەنئەتكارلار ›› قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئىپتىخارى -قۇددۇس غۇجامىياروف
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئىپتىخارى -قۇددۇس غۇجامىياروف



      

     

     

    قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئىپتىخارى - قۇددۇس غوجامىياروف

     

    يولداش ئازاماتوف

    يۈسۈپجان ياسىن تەييارلىغان

     

    قەلەم ئىگىلىرى ئارىسىدا غەلىتە بىر ئادەت بار: بىز پات-پاتلا ئىلىم –پەن، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئېيتاۋۇر بىرەر ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان سالماقلىق ھەسسىسى بىلەن كۆپچىلىككە ئانچە –مۇنچە تونۇلۇپ قالغانلار ھەققىدە يازغاندا،‹‹ئۇنىڭ ئىسمى پۈتكۈل مەملىكەتكە مەلۇم››، ‹‹ئۇ ئۆزىنىڭ پائالىيىتى بىلەن ئۆز خەلقىنى دۇنياغا تۇنۇتتى›› دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىمىز. ئەسلىدە ئوچىقىنى ئېيتىش كېرەك. مەلۇم ساھە ئادەملىرى ئارىسىدا ئاتىغى چىقسىمۇ، ئەمما ئىسمى پۈتكۈل مەملىكەتكە تۇنۇلغان، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى دۇنياغا بولمىسمۇ، بەزى مەملىكەتلەرگە  تۇنۇتقانلار ئانچىلا كۆپ ئەمەس. ئۇنداق ئادەملەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ساناقلىقلا. خەلقىمىزنىڭ 20- ئەسىردىكى ئەنە شۇنداق مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى ھەققىدە سۆز قىلغىنىمىزدا ھەقلىق تۈردە دەستلەپكىلەردىن بولۇپ قۇددۇس غوجامىياروف(1918-1994)نىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدۇ.

    ھەقىقەتەنمۇ قۇددۇس غوجامىياروفنىڭ تالانتلىق كومپوزىتور ۋە دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدىكى پائالىيىتى قازاقىستاننىڭ سىرتىدىكى سابىق كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ تەركىۋىگە كىرگەن جۇمھۇرىيەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان مەملىكەتلىرىدىمۇ ياخشى مەلۇم. ئۇنىڭ شۇ ئەللەرگە بولغان سەپەرلىرى، كۆپلىگەن خەلقارا يىغىن – سىمپوزىيۇملاردا سۆزگە چىقىشى، ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئونلىغان سەنئەت ۋە جەمئىيەت ئەبابلىرى بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرۇشى بۇنىڭ ياخشى ئىسپاتىدۇ.

    قۇددۇس ئاكا توغرىلىق ئىلگىرى يېزىلغان ماقالە ۋە كىتاپلاردا (ق.غوجامىياروفنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىگە بېغىشلانغان بىبلىئوگرافىيىلىك كۆرسەتكۈچكە ئاساسلانساق، ئۇ توغرۇلۇق ئىككى فىلىم ئىشلىنىپ، تۆت كىتاپ نەشىر قىلىنغان، ئون تۆت دىپلوم ئىشى يېزىلغان، گېزىت ۋە ژورناللاردا 600 دىن ئوشۇق ماقالە بېسىلغان. مۇشۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ھايات چېغىدىلا چوڭ ئابرويغا ئىگە ۋە شۆھرەت قازانغان شەخس بولغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى ئەمەسمۇ-ئا) تىلغا ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ پائالىيىتىگە ئائىت تۈۋەندىكى بىر نەچچە پاكىت ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى توغرا كۆرىۋاتىمەن.

    بىز قۇددۇس غوجامىياروفنى دەستلەپكى ئۇيغۇر ئوپېراسىنىڭ، بالېتىنىڭ، سىمپونىيىلىك پوئېمىسىنىڭ مۇئەللىپى دەپ بىلىمىز ۋە ھەقلىق تۈردە پەخىرلىنىمىز. ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ ‹‹نازۇگۇم›› ۋە ‹‹سادىر پالۋان›› ئوپېرالىرى، ‹‹چىن تۆمۈر››دېگەن بالېتى، ‹‹رىزۋانگۇل›› دېگەن سىمپونىيىلىك پوئېمىسى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ تارىخىغا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەردۇر. بىراق ئۇنىڭ بۇنىڭدىن تاشقىرى ناخشا ۋە رومانتىك كۈيلەردىن، سىمپونىيەلەردىن،ناخشىلىق سىمپونىيەلەردىن ۋە كامېرا ئەسۋاپلىق ئەسەرلەردىن ۋە ئۇسۇل مۇزىكىسىدىن تەركىپ تاپقان 150 تىن ئوشۇق ئەمگەكنىڭ مۇئەللىپى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. قۇددۇس ئاكا ئۆزىنىڭ دەستلەپكى ئەسىرىنى 19 يېشىدا، ئاخىرقىسىنى 73 يېشىدا يېزىپتۇ. بۇ ئۇرۇش يىللىرىنى چىقىرىۋەتكەندە 50 يىللىق ئىجادىي پائالىيەت دېگەن سۆز. ئۇنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىگە ئالاھىدە تەلەپچانلىق ۋە جاۋاپكارلىق بىلەن قارايدىغانلىقىنى ھېساپقا ئالساق، بۇ يىللارنىڭ تىنىمسىز ئەمگەك ۋە ئىزدىنىش بىلەن ئۆتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋېلىش تەس ئەمەس. مەن مۇزىكا مۇتەخەسسىسى ئەمەس، ئوچىقىنى ئېيتىش كېرەك، ئۇنىڭدىن تامامەن خەۋىرىم يوق. شۇڭلاشقىمۇ قۇددۇس ئاكىنىڭ ئىجادىيەتكە نىسبەتەن تەلەپچانلىقى توغرىلىق يازغاندا ئۆزەمنىڭ شەخسىي تەجرىبەمگە ئاساسلىنىۋاتىمەن. گېزىت رېداكسىيەسىدە ئىشلەش جەرىيانىدا ماڭا قۇددۇس ئاكىنىڭ بىر نەچچە ماقالىسىنى تەييارلاشقا توغرا كەلدى. مانا شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز- جۈملىگە، ھەتتا چىكىت ۋە پەشكە قانچىلىق جاۋاپكارلىق  تۇيغۇسى بىلەن قارايدىغانلىقىنىڭ، سەللا گۇمان پەيدا قىلىدىغان پاكىت ۋە سانلارنى زىر-زىۋىرىگە يىتىپ، قايتا – قايتا ئېنىقلاپ تەكشۈرگەنلىكىنىڭ گۇۋاچىسى بولغان ئىدىم. بىر گېزىتخانىنىڭ ئۆزىگە يازغان ئوچۇق خېتىگە گېزىت ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرۇش جەرىيانىدا قۇددۇس ئاكا رېداكسىيەگە ئۈچ قېتىم كېلىپ، ئىككىمىز ئۇنىڭ خائىشى بىلەن، ئۇ جاۋاپنى ئۈچ –تۆت قېتىم تەپسىلى تەھرىرلەپ چىققان. ئۇ يازغۇچى ياكى ژورنالىست بولمىسىمۇ، ھەر بىر ئوي-پىكىرنىڭ ئوچۇق، ئېنىق بولۇشىنى، شەكىلنىڭ مەزمۇن بىلەن دەل ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلاتتى ۋە شۇنىڭغا ئىنتىلەتتى. ‹‹ئۇيغۇر ئاۋازى››نىڭ نۇرغۇنلىغان مۇئەللىپلىرى ئىچىدە ماقالىسىغا مۇنداق – ئادەم ھەيران قالغۇدەك جاۋاپكارلىق بىلەن قارايدىغان باشقا بىرمۇ ئادەمنى مۇشۇ كەمگىچە ئۇچراتماپتىكەنمەن. بۇ ھەقىقىي تالانتقا، پەقەت ئۆزىنىڭمۇ، باشقىلارنىڭمۇ ئەمگىكىنى باھالاشنى بىلىدىغان شەخسكە خاس خىسلەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مۇزىكىلىق ئەسەرلىرىنىمۇ يەنە شۇنداق يۇقىرى تەلەپچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ياراتقانلىقىغا مەندە ھىچقانداق گۇمان يوق.

    ماقالىنىڭ بېشىدا مەن قۇددۇس ئاكىنىڭ ئىسمىنىڭ پۈتكۈل جۇمھۇرىيەتكە، كېڭەش ئىتتىپاقىغا، ئۇنىڭ سىرتىغىمۇ كەڭ تۇنۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدىم. بۇنداق تۇنۇلۇش، بۇنداق شان-شۆھرەتكە ئىگە بولۇش بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدىكى پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. قۇددۇس ئاكىنىڭ ھەر تەرەپلىمە كەڭ پائالىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ ئايرىم پەيتلىرىگە نەزەر تاشلاپ ئۆتۈش كۇپايە.

    قۇددۇس غوجامىياروف 1918- يىلى 21 –ماي كۈنى ئېمگۆچىقازاق ناھىيىسىنىڭ قېينەزەر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1933-1939- يىللار جەرىيانىدا ئالمۇتا مۇزىكا تېخنىكۇمىدا ئوقىدى.  ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا چايكوۋىسكى نامىدىكى موسكۋا دۆلەت كونسېرۋاتورىيەسىگە بېرىپ ئوقۇۋاتقانىدا ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىپ كىتىدۇ. ئۇ باشقىلار قاتارىدا فرونتقا ئاتلىنىدۇ.

    ئاۋۋال ئۇرۇش مەيدانىدا، ئاندىن 1946-يىلىغىچە ئارمىيە سېپىدە بولۇشى سەۋەبىدىن قۇددۇس ئاكا كونسېرۋاتورىيەنى كېچىكىپرەك --  33 يېشىدا تاماملايدۇ ۋە شۇ يىلىلا ‹‹رىزۋانگۈل›› ناملىق سىمپونىيىلىك پوئېمىسى ئۈچۈن س س س ر دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ لائۇرېئاتى[1] بولۇپ باھالىدۇ. مۇنداق ئاتاقنى شۇ دەۋردىمۇ ، ھازىرمۇ پەقەت مىلىيوندىن بىرىنىڭ ئالىدىغانلىقى، ئۇنىڭ پەقەت ئەڭ تالانتلىق ئىجادكارغا، ئەڭ ئالىي دەرىجىدىكى ئەسەرلەرگە بىرىلىدىغانلىقى ئۆز ئۆزىدىن چۈشىنىشلىك، ئەلۋەتتە. قۇددۇس ئاكىنىڭ خىزمەت ساھەلىرىدىكى ئۆرلىشىمۇ شۇ يىللىرى باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ قىسقىچە خرونولوگىيەسى تۈۋەندىكىچە: 34يېشىدا ئۇ قازاقىستان س س ر مىنىستىرلار كابېنىتى يېنىدىكى سەنئەت ئىشلىرى بويىچە باشقارما باشلىقىنىڭ ئورۇن باسارى، 37 يېشىدا قازاقىستان كومپوزىتورلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 39 ياش ۋاقتىدىن تارتىپ ئون يىل جەرىياندا قۇرمانغازى نامىدىكى ئالمۇتا دۆلەت كونسېرۋاتورىيەسىنىڭ رېكتورى[2] بولۇپ ئىشلىدى. يەنە شۇ يىللىرى ئۇ س س س ر كومپوزىتورلار ئىتتىپاقىنىڭ كاتىبلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ق. غوجامىياروف بىر نەچچە قېتىم قازاقىستان س س ر ئالىي كېڭىشىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ۋە خېلى يىللار داۋامىدا قازاقىستان كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەسىدە لېنىن مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىش  بويىچە دۆلەتلىك كومىتېتنىڭ، قازاقىستان س س ر نىڭ دۆلەت مۇكاپاتلىرىغا تەۋسىيە قىلىش كومىتېتىنىڭ، شۇنداقلا خەلقارالىق، دۆلەتلىك، جۇمھۇرىيەتلىك، شەھەرلىك ئونلىغان كومىسسىيەلەرنىڭ، كومىتېتلەرنىڭ ئەزاسى بولغان. سالاھىيەتلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ   رەھبىرى، ئەزاسى سۈپىتىدە شۇنداقلا ئىجادىي سەپەر بىلەن ئونلىغان مەملىكەتلەرنى ئېنىقراق ئېيتساق، ئا ق ش، گېرمانىيە، ئىتالىيە، يۇگوسلاۋىيە، جۇڭگو، ھىندىستان، چېخوسلوۋاكىيە، بولغارىيە، رۇمىنىيە، پاكىستان، ئىران، ئىراق، ۋېتنام، موڭغۇلىيە، ئېفوپىيە ۋە سېنېگال قاتارلىق مەملىكەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ. يالغۇز بىر ئادەم ئۈچۈن، يەنە كېلىپ جىددىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئادەم ئۈچۈن شۇنچىلىك ئېغىر يۈكنى ئۆز ھۆددىسىگە ئېلىشى ئوڭاي ئەمەس، ئەلۋەتتە. پەقەت ئۆز ئىشىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان، خەلقى، مىللىتى ئۈچۈن ئىشلەشنى ئالدىغا مەقسەت قىلىپ قويغان ئادەملا بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى مۇمكىن، خالاس.  

    يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. قۇددۇس ئاكىنىڭ نۇرغۇن يىللىق پائالىيىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىنمۇ يۇقىرى باھالاندى. مىنىڭ پەرىزىمچە، مۇنداق ئاتاق-ئۈنۋانلارغا ، مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغان باشقا بىر ئۇيغۇرنى تېپىش تەس بولسا كېرەك. قۇددۇس ئاكا يۇقىرىدا قەيت قىلغىنىمىزدەك، س س س ر دۆلەت مۇكاپاتىدىن تاشقىرى قازاقىستان دۆلەت مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان. ئۇنىڭغا س س س ر ۋە قازاقىستان خەلق ئارتىستى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى، پروفېسسور ئاتاقلىرى بىرىلگەن. ‹‹لېنىن››، ‹‹ئەمگەك قىزىل تۇغى››، ‹‹ھۆرمەت بەلگىسى›› ئوردېنلىرى ۋە ئونلىغان مىداللار بىلەن مۇكاپاتلانغان. ھازىر بىزنىڭ بۇ ئاتاق ۋە مۇكاپاتلارغا نىسبەتەن كۆز قارىشىمىز ئۆزگىرىپ كەتتى. ئامما، ئۆز مەزگىلىدە پەقەت ئەمگىكى سىڭگەن، ئەڭ لايىق شەخسلەرلا ئۇنداق ئاتاق، مۇكاپاتلارغا مۇيەسسەر بولالىغان. راست ئۇ چاغلاردىمۇ بەزىدە ئىشى بىلەن ئەمەس، سۆزى بىلەن ‹‹خىزمەت قىلىپ››، باشلىقلار يېنىغا ئالدى بىلەن كىرىپ، كەينى بىلەن چىقىدىغانلارمۇ مۇكاپاتسىز قالمايتتى. لېكىن، شۇنداقتىمۇ مۇكاپاتلانغانلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى شەخسىي مەنپەئەتى ۋە بايلىق توپلاش مەخسىتىدە ئەمەس، بەلكى   ئىلى، خەلقى، مىللىتى مەنپەئەتى يولىدا خىزمەت قىلغانلار تەشكىل قىلاتتى. قۇددۇس ئاكا دەل ئەنە شۇنداقلارنىڭ بىرى ئىدى.

    ھازىر بەزىلەردىن ‹‹قۇددۇس غوجامىياروف ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان، نەزىر –چىراقلارغا، توي-تۆكۈنلەرگە ئانچە بارمايتتى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئانچە ئارىلاشمايتتى، ئۇنىڭ مۇزىكىسىدا ئۇيغۇر پۇرىقى يوق›› دېگەن غەلىتە پاراڭلارنى ئاڭلاپ قالىمىز. ھەممىسى يالغان گەپلەر. ئەسلىدە قۇددۇس ئاكا ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى ئۆز خەلقىنىڭ تارىخى، تەقدىرى تېمىسىگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇ بۇ مۇزىكىلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە – دۇنيا مىقياسىغا ئېلىپ چىقتى. راست، ئۇنىڭ مۇزىكىسى بىزنىڭ ھەر كۈنى ئاڭلاپ يۈرگەن سازلىرىمىزغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بىرىنچى بولۇپ مىللىي مۇزىكىمىزنى كلاسسىك مۇزىكا بىلەن باغلاشتۇرغان، يېڭى بالداققا كۆتۈرگەن كەسپىي ئۇيغۇر كومپوزىتورى. بىز بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. ئەپسۇس، بەزىلەر بۇنى تېخىچىلا چۈشەنمەيۋاتىدۇ.

    قۇددۇس ئاكا ئۆزى قەدىرلەيدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان ئادەملەر بىلەن قويۇق ئارىلىشاتتى، مۇناسىۋەت قىلاتتى. يېقىنلىرىنىڭ نەزىر- چىراقلىرىغا، توي –تۆكۈنلىرىگە باراتتى.  بىراق ئادەمنىڭ قەدىر – قىممىتى شۇنىڭ بىلەنلا ئۆلچەنسە، چاقىرسىمۇ ياكى چاقىرمىسىمۇ ھىچيەردىن قالمايدىغانلار  توپنىڭ ئالدىدا ماڭار ئىدى. ئەسلىدە ھاياتنىمۇ، ئىجادىيەتنىمۇ ، ۋاقىتنىمۇ قەدىرلەشنى بىلىدىغان بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ھەر بىر مىنۇت – سائەتىنى غەنىمەت بىلىپ، جىددىي ئىشلەشنى بىلەتتى ۋە باشقا ئىجادىيەت ئادەملىرىدىنمۇ شۇنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇنىڭ يەنە شۇ ئىجادىي پائالىيەتنى دەپ ئۆزىنى كومپوزىتورلار ئىتتىپاقى رەئىسلىكىدىن، كونسېرۋاتورىيە رېكتورلىقىدىن بوشىتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، بىر نەچچە قېتىم ئەرزە يېزىپ ئاخىرى مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى دوست –بۇرادەرلىرى ياخشى بىلىدۇ. قۇددۇس ئاكا قەيەردىلا ئىشلىمىسۇن، ئۇنى خىزمىتىدىن ھېچكىم بوشاتقان ئەمەس. ئۇ ھەممىدىن ئىجادىيەتنى ئۈستۈن قويۇپ، ئۆز خائىشى بىلەن كەتكەن.

    ئەمدى قۇددۇس ئاكىنىڭ كۆپچىلىككە مەلۇم ئەمەس يەنە بىر پائالىيىتى ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز قىلاي. مىنىڭ ئالدىمدا بەزىلىرى بىر-ئىككى بەتلىك، يەنە بەزىلىرى بەش- ئالتە بەتلىك خەتلەر سېلىنغان يوغان بىر  پاپكا[3]  تۇرۇپتۇ. بۇ قۇددۇس ئاكىنىڭ جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىگە ئائىت يازغان خەتلىرىنىڭ كوپىيەلىرىدۇر. ئون تۆت پارچە خەتنىڭ توققۇزىدا پەقەت قۇددۇس ئاكىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان، قالغان بەش پارچە خەت  كۆزگە كۆرۈنگەن بىر نەچچە ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يېزىلغان. دەستلەپكى خەت 1954- يىلى قازاقىستان كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇ چاغدىكى باش كاتىبى پونومارېنكوغا يېزىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكىلىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرىنجى رەھبەرلىرى بېليېف، ياكوۋلېف، قونايېف(بەش پارچە) ۋە نەزەربايېفنىڭ (ئىككى پارچە) نامىغا يوللانغان خەتلەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان. بۇ خەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرسىڭىز، ئۇلاردا ئەللىككە يېقىن مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنىڭ گۇۋاچىسى بولىسىز. ئۇ خەتلەرنىڭ ھەممىسىگىلا توختالماي، پەقەت ئۆزەم ئەڭ مۇھىم دەپ ھېساپلىغان بىر نەچچىسىنى ئاتاپ ئۆتمەكچىمەن: ئۇيغۇر تىياتىرىنى چىلەكتىن ئالمۇتىغا كۆچۈرۈش، كېيىنرەك ئۇنىڭ تەركىبىنى كېڭەيتىش، بېناسىنى ياخشىلاش، ئارتىستلارغا ئاتاق- ناملارنى، ئولتۇراق ئۆيلەرنى بىرىش، ئۇيغۇر تىلىدا جۇمھۇرىيەتلىك گېزىت نەشىر قىلىش، كېيىنرەك ئۇنىڭ قەرەللىك چىقىشىنى كۆپەيتىش، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئېچىش، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر تارمىقىنى كېڭەيتىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا ئۆتىشى ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلىدا ئىمتىھان بىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئالىي ۋە مەخسۇس ئوتتۇرا ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر بۆلۈملىرىنى ئېچىش، ئۇيغۇرلار ھاياتىغا دائىر فىلىم ئىشلەش، تېلېۋىزىيەدە ئۇيغۇر تىلىدا مەخسۇس قانال ئېچىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى دۆلەت خىزمىتىگە كەڭ مىقياستا جەلپ قىلىش قاتارلىقلار.  ئۇ خەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ تولۇق  بولمىغان تىزىمى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت. مەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى پەقەت قۇددۇس ئاكىنىڭ ئىسمى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولغان دېگەن ئويدىن يىراقمەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۇن تەرتىۋىگە قويۇلىشىغا ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىغا ئۇنىڭ بىۋاسىتە (بەزىدە يالغۇز، بەزىدە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) ئارىلاشقانلىقى ھەقىقەت. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

    ق.غوجامىياروف ۋاپات بولغاندا ماڭا ئۇنى دەپنى قىلىش بويىچە تەشكىل قىلىنغان دۆلەت كومېسسىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇشقا توغرا كەلدى. مانا شۇ چاغدا بىز كومىسسىيە ئەزالىرى (ق. سۇلېيمېنوف، ۋ.خراپۇنوف، ئې. رەھمەدىيېف) ۋە مەرھۇم بىلەن ۋىدالىشىشقا كەلگەن بىر توپ دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى(ن.ئابىقايېف، ق. سۇلتانوف، ئە.ئاسانبايېف، ز.نۇرقادىلوف) ئاباي نامىدىكى ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىرىنىڭ بىر بۆلۈمىدە مەرھۇم بىلەن ۋىدالىشىشنىڭ تاماملىنىشىنى كۈتۈپ بىراز ۋاقىت ئولتۇرۇپ قالدۇق. سۆزدىن سۆز چىقىپ يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسىلا قۇددۇس ئاكىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ بەزىبىر خاتىرىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. مىنى شۇ پەيتتە ھەيران قالدۇرغىنى ئۇلارنىڭ مۇنۇ پاراڭلىرى بولدى: ئۇلار قۇددۇس ئاكىنىڭ رېكتور ياكى جۇمھۇرىيەت كومپوزىتورلىرىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدىكى پائالىيىتىنى ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ يېشىلمەيۋاتقان مەسىلىلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالىي ئورگانلىرى ئالدىغا قويغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىزچىللىق بىلەن تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسلەشتى. ‹‹مەرھۇم ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرەر مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقسا، ئۇنىڭ ئاخىرىغا يەتمىگىچە ھېچكىمگە ئارام بەرمەيتتى. مەسىلىنى ئوچۇق، كەسكىن قوياتتى، ھېچكىمنىڭ يۈزىگە قارىمايتتى. ئۆز خەلقىنىڭ ھەقىقىي لىدىرى ئىدى.›› مىنىڭ سۆھبەتداشلىرىمنىڭ يەكدىللىق بىلەن ئېيتقان پىكرى ئەنە شۇنداق ئىدى.

    بۇ سۆزلەرنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىگە ئۆزەممۇ گۇۋاچى بولغان ئىدىم. ماڭا ئۆز مەزگىلىدە قۇددۇس ئاكا بىلەن بىللە شۇ يىللاردا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاتىبى ئۆ.ژەنىبېكوفنىڭ، ھۆكۈمەت رەئىسىنىڭ ئورۇن باسارى ق. سۇلتانوفنىڭ ھوزۇرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بەزى مەسىلىلەر مۇناسىۋىتى بىلەن  بىللە بولۇشقا توغرا كەلدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ خەلق نامىدىن سۆزلەۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھالدا  ھەر بىر مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق ئېچىپ، ئۇدۇللا، بەزىدە ھەتتا بەكمۇ كەسكىن قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ساقلىغان ھالدا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلاتتى.

    بەزى چاغلاردا قۇددۇس ئاكىنىڭ ئۆزىمۇ خەلقى توغرىلىق سۆز بولغاندا بەكمۇ قىزىپ كىتىدىغانلىقىنى سەزسە كېرەك. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە ئۇنىڭ 1975- يىلى فېۋرال ئېيىدا د. قونايېفنىڭ نامىغا يازغان خېتىدىن ئۈزۈندە كەلتۈرىمەن:

    «ھۆرمەتلىك دىنمۇخامەد ئاخمەدئوغلى:

     سىز بىلەن بولغان ئاخىرقى ئۇچرىشىشتا ئۆزەمنى بىراز قىزىق قانلىق بىلەن تۇتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. سىز ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن مىنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالدىڭىز ۋە مىنىڭ قانداق ھالەتتە بولغانلىقىمنى چۈشەندىڭىز.

    سىز مەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ھەر قاچان توغرا قوبۇل قىلدىڭىز، مەن ئۇنىڭغا ئاخىرقى يىللاردا يەنە بىر قېتىم كۆز يەتكۈزدۈم. مەن ئۇزاق ئويلاندىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋەكىللىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئۆزىمىزنى ئويلاندۇرىۋاتقان، تەشۋىشلەندۈرىۋاتقان ئايرىم مەسىلىلەر ھەققىدە سىزگە يەنە بىر خەت يېزىش قارارىغا كەلدىم.

    بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىجابىي ھەل قىلىنىشى بارلىق ئۇيغۇرلارغا چوڭ خوشاللىق ۋە مىننەتدارلىق ھىس –تۇيغۇلارنى پەيدا قىلغان بولار ئىدى. چۈنكى مەزكۇر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىستىقبالى شۇ مەسىلىلەرنىڭ يىشىلىشىگە باغلىقتۇر..،››

    بەش بەتلىك بۇ خەت ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سەككىز نوقتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا ئەمەلىي ھاياتتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.

    قۇددۇس ئاكىنىڭ جۇمھۇرىيەتتىكى ئابرويى، باشقىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. 1993- يىلى مەن ئاتاغلىق كومپوزىتور، قازاقىستان خەلق ئارتىستى ئەسەت بېيسېيوف بىلەن مىنىستىلار كابېنتىنىڭ ئاغرىقخانىسىدا بىر ئۆيدە يېتىپ قالدىم. بىر كۈنى قۇددۇس ئاكا مىنى يوقلاپ كەپتۇ. ئەسەت ئاغانىڭ ئۆزىنىڭ شاگىرىتى بولغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىراز سۆھبەتلەشتى. شۇ پەيتتە مىنىڭ بىر نەرسىگە ھەيران قالغىنىم – جامائەتچىلىككە كەڭ تۇنۇلغان سەنئەت ئەربابىنىڭ قۇددۇس ئاكىنىڭ ئالدىدا، خۇددى ياپياش يىگىتلەردەك تىك تۇرۇپ، قانداقتۇ بىر ئەيمىنىش بىلەن سۆزلەشكەنلىكى بولدى. قۇددۇس ئاكا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن ئەسەت ئاغادىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىۋىدىم، ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا جاۋاپ قايتۇردى.

    - سەن خاتالاشمىدىڭ، مەن قۇددۇس ئاكىنى ھەر كۆرگىنىمدە، بەئەينى ستۇدېنت چاغلىرىمدىكىدەك، تەپتارتىپ، ھولۇقۇپ قالىمەن. مەن دۇنيانى خېلى كەزدىم، نۇرغۇنلىغان مۇزىكىلىق ئوقۇش ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلدىم. ئامما، ق.غوجامىياروفتەك تەلەپچان، شۇنىڭ بىرلىكتە ئادىل، ئېغىر – بېسىق رېكتورنى كۆرمەپتىمەن. ئۇ بىزگە كونسېرۋاتورىيەنى مۇقەددەس جاي سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا ئۈگەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە باش كىيىم بىلەن يۈرۈشنى، كەلسە-كەلمەس ۋاقىراشنى، تاماكا چېكىشنى، تازىلانمىغان ئاياق كىيىم بىلەن كىرىشنى مەنئىي قىلغان ئىدى. ئارىدىن شۇنچە يىل ئۆتۈپ،  ھازىرمۇ كونسېرۋاتورىيەگە كىرىپ قالسام، ئىختىيارسىز ھالدا باش كىيىمىمنى قولۇمغا ئېلىۋالىمەن. ئۇ بىزنى، يېزا يىگىت- قىزلىرىنى يۇقىرى مەدەنىيەتكە، ئىنسانچىلىققا ئۈگەتتى. بۇنى ئۇنتۇش مۇمكىن ئەمەس...

    بۇ قۇددۇس ئاكىنىڭ شاگىرىتىنىڭ سۆزى. ئۇنىڭ شاگىرىتلىرىمۇ، دوستلىرىمۇ نۇرغۇن ئىدى. ئۇلارنىڭ قايسىسى بىلەن سۆزلەشمەڭ، ھەممىسى خۇددى ئۆزئارا كىلىشىۋالغاندەك قۇددۇس ئاكىنىڭ تالانتىنى، يۇقىرى مەدەنىيىتىنى، ئادىللىقىنى، باشقىلارغىمۇ تەلەپچانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆز مىللىتىنى بەك سۆيگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ غېمى بىلەن ياشىغانلىقىنى ئېيىتىدۇ.

    قۇددۇس ئاكا ھەقىقەتەنمۇ ئۆز خەلقىگە چىن مۇھەببەت باغلىغان، قولىدىن كىلىشىچە ئۇنىڭ يۈكسىلىشىگە، تەرەققىياتىغا ئۆز ئۆلىشىنى قوشۇشقا تىرىشقان ئىنسان ئىدى. بىراق، ئۇ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ بۇ مۇھەببىتىنى، ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرىنى ئابروي تېپىش مەنبەسىگە ئايلاندۇرغان ئەمەس. شۇڭلاشقىمۇ بىز خېلى ۋاقىتلارغىچە ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرىقى بالداقلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ كىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز بولۇپ يۈردۇق. بۈگۈنكى كۈندە ھارۋۇنىڭ چاقىنى ھەر كىم ھەر ياققا تارتىپ يۈرگەن زاماندا بىز قۇدۇس ئاكىغا ئوخشاش، غوجائەخمەت ئاكا، مۇرات ئاكا، خېزمەت ئاكىغا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ ئارىمىزدا يوقلىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمىز. ئەگەر ئۇلار ھايات بولسا، بۈگۈنكى يېڭى شارائىتتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى، ئابرويى، تەسىرچان سۆزى بىلەن زىيالىلىرىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئامالىنى تاپار ئىدى، دەپ ئويلايمەن.

    ئەگەر قۇددۇس ئاكا پەقەت سەنئەت ساھەسىدىلا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، پەقەت ئۆزىنىڭ مۇزىكىلىق ئەسەرلىرىنى مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن بولسا، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ خەلقىمىز تارىخىدا قالىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى بولار ئىدى. ئەمما، ئۇ بۇنىڭ سىرتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە، ئۆز خەلقىنىڭ پەرزەنتى سۈپىتىدە مىللىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىنتايىن چوڭ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھايات چېغىنىڭ ئۆزىدىلا ئۆزىگە ئۇپرىماس ھەيكەل ئورنىتىپ كەتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ ئىسمى مىننەتدار ئەۋلاتلار قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

     

    ***                    ****                    ****

     قۇددۇس ئاكا ۋاپات بولۇپ ئونبىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاستانىدىن خوش خەۋەر كەلدى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 2005- يىلى 3- مارت كۈنى قوبۇل قىلىنغان قارارىغا بىنائەن ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومىدىيە تىياتىرىغا قۇددۇس غوجامىياروفنىڭ نامى بىرىلدى. بۇ قازاقىستان دىيارىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خاھىشى بولۇپ، ئۇ توغرىلىق جۇمھۇرىيەتلىك ‹‹ئۇيغۇر ئاۋازى›› گېزىتى سەھىپىلىرىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئونلىغان خەتلىرى بېسىلغان ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ خەلقنىڭ ئىلتىماس- تەكلىۋى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنغان بۇ قارار بۈيۈك كوپوزىتور خاتىرىسىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرغان مۇھىم چارىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغۇسى.

     

     
     


    [1] لائۇرېئات – بۇ رۇسچە سۆز بولۇپ، ‹‹مۇكاپاتلانغۇچى›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ- ت.

    [2] رېكتور— بۇ فرانسۇزچىدىن رۇسچىغا كىرگەن سۆز بولۇپ، ‹‹ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

    [3] پاپكا – بۇ رۇسچە سۆز بولۇپ، ‹‹چوڭ قەغەر كونۋېرت››نى كۆرسىتىدۇ.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قۇددۇس غوجامىياروف , قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-11 9:07:22
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 579
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证