تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك-7
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك-7



      

    سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك

     

    ھارۇن ياھيا(تۈركىيە)

     

    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

     

    6- ئاتاتۈرك ۋە تۈرك ئاياللىرىنىڭ ھەقلىرى

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    ئاياللار ھوقۇقى ۋە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەرلىكى مەسىلىسىدە غەرپ مەملىكەتلىرىدە ۋە جەمئىيەتلىرىدە كۈچلۈك ئىنقىلاپلار ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا(ئا ق ش) ۋە ئەنگلىيەدە بۇ ئېنقىلاپ ئەڭ شىددەتلىك بولدى. مەملىكىتىمىزدە بولسا بۇ ھوقۇق تۈرك ئاياللىرىغا بىر مۇنچە غەرپ مەملىكەتلىرىدىن بۇرۇن ئاتاتۈرك تەرىپىدىن بىرىلدى، ھەتتا تەقدىم قىلىندى.   3- قېتىملىق تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى(ت ب م م) تەرىپىدىن 1930- يىلى 3- ئاپرېل كۈنى قوبۇل قىلغان بىر قانۇن بىلەن ئاياللارغا شەھەر سايلىمىغا قاتنىشىش ھوقۇقى بىرىلدى. 1931- يىلى تۈرك ئاياللىرى تۇنجى قېتىم تىپ(مىدىتسىنا) دۇنياسىدا  ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسەتتى ۋە تۇنجى ئايال ئوپېراتسىيە دوختۇرىمىز خىزمەتكە كىرىشتى. 1931- يىلى 4- ماي كۈنى  تۇنجى نۆۋەتلىك يېغىنىنى ئاچقان 4- قېتىملىق تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن 1932- يىلى  26- ئۆكتەبىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان بىر قانۇن بىلەن تۈرك ئاياللىرىغا يېزا ۋە مەھەلە ئىختىيارلار(پىشقەدەملەر) ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىش ۋە سايلاش ھوقۇقى بىرىلدى. ئىككى  يىلدىن كېيىن، 1933-يىلى 8- ئۆكتەبىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان ۋە 1934 يىلى 5- دېكابىر كۈنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان باشقا بىر قانۇن بىلەن ئەر- ئاياللار باراۋەرلىكى ساھەسىدىكى بارلىق ھوقۇقلار ئاياللارغا مىللەت ۋەكىلى سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بىرىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

     

    ئاتاتۈركنىڭ ئاياللار ھوقۇقى ھەققىدىكى قاراشلىرى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغانلىرى

     

    بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا زىيالىلىرى ۋە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئاياللار ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلار ئاتاتۈرك تەرىپىدىن ناھايىتى بۇرۇنلا تىلغا ئېلىنغان ۋە ئومۇمەن تەدبىقلىنىش ساھەسىگە ئېلىپ كىرىلگەن. ئاتاتۈرك جۇمھۇرىيەتنى ئىلان قىلىشتىن توققۇز ئاي بۇرۇن، يەنى 1923- يىلى فېھرالدا مۇنداق دېگەن: ‹‹بىزنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى ئاياللىرىمىزغا ئېتىبار بەرمەسلىكىمىزدىن كېلىپ چىققان. ياشاش دېگەنلىك پائالىيەت دېمەكتۇر. شۇڭا، بىر ئىجتىمائىي توپلۇمنىڭ(جەمئىيەتنىڭ) بىر ئەزاسى پائالىيەتتە بولۇپ، باشقا بىر ئەزاسى ئىشلىمىسە ئۇنداق ئىجتىمائىي توپلۇم پالەچ بولىدۇ.›› [1]بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئاتاتۈرك زامانىۋىي بىر چۈشەنچە بىلەن ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى بەلگىلىگەن. ئاتاتۈرك تۈرك ئاياللىرىغا قارىتا ھېس قىلغان سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتنى 1923- يىلى كونيادا سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا مۇنداق ئىپادە قىلغان :

    ‹‹دۇنيادا ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ ئاياللىرى تۈرك ئاياللىرىدىنمۇ بەكرەك ئىشلىدىم، مىللەتنى ھۆرلۈككە ۋە زەپەرگە ئىرىشتۈرۈشتە ئاناتولىيە ئاياللىرىدەك كۈچ بەردىم دېيەلمەيدۇ. ئەركەكلىرىمىزدىن قۇرغان ئارمىيىمىزنىڭ ھايات مەنبەلىرىنى ئاياللىرمىز  ئىشلەتتى. يەر ئاغدۇرغان، ئېكىنچىلىق قىلغان، ھارۋىسى ۋە قۇچىقىدىكى بالىسى بىلەن يامغۇر دېمەستىن، قىش دېمەستىن فرۇنتنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى توشىغانلار دەل ئۇلاردۇر، ئۇ ئۇلۇغ، ئۇ پىداكار ئاناتولىيە ئاياللىرىدۇر. شۇ سەۋەپلىك، ھەممىمىز بۇ بۈيۈك روھى ۋە بۈيۈك تۇيغۇسى بار ئاياللىرمىزنى رەھمەت ۋە مىننەتدارلىق ھېسلىرىمىز بىلەن مەڭگۈ ئېزىز ۋە مۇقەددەس بىلەيلى››[2]

    ئاتاتۈرك 1923- يىلى 30- مارت كۈنى‹‹ۋاقىت گېزىتى›› دە ئىلان قىلىنغان بىر باياناتىدىمۇ مۇنداق دېگەن: ‹‹ئىنسانلار توپى ئايال ۋە ئەر دەپ ئاتالغان ئىككى جىنستىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ توپنىڭ بىر پارچىسىنى ئالغا باستۇرۇپ، يەنە بىر پارچىسىغا سەل قارىساق ئاشۇ توپنىڭ ئومۇمىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى مۇمكۈنمۇ؟  بىر جىسىمنىڭ يېرىمى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇرسا، ئۇنىڭ يېرىمى كۆكتە ئۇچالىسۇنمۇ؟››  

    تۈركلەر تارىختا ئاتا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئائىلە قۇرۇلمىسىنى كۆڭلىگە سىڭدۈرالمىغان ۋە قوبۇل قىلالمىغان. مانا ئەمدىلىكتە ئاتاتۈرك مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىدە ۋۇجۇدىدا بار بولغان لېكىن بىر خىل ئىستەككە ئايلىنىپ قالغان بىر ھوقۇقنى، بىر تۇيغۇنى دۆلەت ھاياتىغا  ئېلىپ كىردى.  ‹‹ئەي  قەھرىمان تۈرك ئاياللىرى! سەن يەردە سۆرۈلۈپ يۈرۈشكە ئەمەس، مۈرىمىزگە ئېلىپ كۆتۈرۈشكە، كۆككە يۈكسىلىشكە لايىقسەن›› دېيىش ئارقىلىق قىلغانلىرىنىڭ زۆرۈر تەرەپلىرىنى  قىسقا، ھەقىقىي ۋە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئىپادە قىلغان.

    ئاتاتۈرك 1935- يىلى 14- ئاپرېل كۈنى ئۆزىنىڭ ھېمايىسىدە ئىستانبۇلدا توپلانغان ۋە ئارىسىدا مەشھۇر يادرو فىزىكا ئالىمى ئېۋې كۇرېن خانىممۇ بار بولغان دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن كەلگەن ئاياللار ئىشتىراك قىلغان ‹‹1- قېتىملىق خەلقارا ئاياللار قۇرۇلتىيى›› ۋەكىللىرىگە مۇنداق دېگەن :‹‹تۈرك ئاياللىرىنىڭ دۇنيا ئاياللىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭلار.››[3]

    تۈرك مىللىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىدە ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشەنگەن ئاتاتۈرك بۇ تېمىدىكى قاراشلىرىنى مۇنداق تىلغا ئالغان: ‹‹بۇ مىللەت ئاساسىي تەربىيەنى ئائىلىدىن ئالىدۇ. تۈرك مىللىتى شۇنداق ئانىلارغا ئىگە ئىكەنكى، ھەر بىر دەۋرنىڭ بۈيۈك ئادەملىرىنى بۇ ئانىلار يىتۈشتۈرگەن. تۈرك ئاياللىرىنىڭ تېخىمۇ بۈيۈك ئەۋلاتلارنى يىتۈشتۈرۈش قابىلىيىتى بار.››[4]

    تۈرك ئاياللىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ھەق -- ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇشتا ئەڭ غەيرەتلىك، ئېتىقادلىق  ۋە كۈچلۈك ھېمايىنى ئاتاتۈركتىن ئېلىپ، زامانىۋىي مەملىكەت ئاياللىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. مەسىلەن، ئىتالىيەدە ئاياللار پەقەت 1948- يىلىغا كەلگەندە سايلامغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن. ياپونىيە ئاياللىرى بولسا سايلام ھوقۇقىنى پەقەت 1950- يىلى ئالغان. بىز مەدەنىي قانۇنلىرىنى قوبۇل قىلغان  شۋېتسارىيەدە  بولسا ئاياللار ھوقۇقىنى 1971- يىلىغا قەدەر قولغا ئالالمىغان. تۈرك ئاياللىرىنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى 1935-يىلى ئىتىراپ قىلىنغان. ئاتاتۈركنىڭ ھايات چېغىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى سايلامدا، يەنى 1935- يىلىدىكى  سايلامدا  تۇنجى قېتىم سايلىنىش ھوقۇقىنى قوللانغان تۈرك ئاياللىرى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە ئون سەككىز نەپەر ۋەكىل بىلەن كىردى.

    ‹‹بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالەمشۇمۇل باياناتى››، ‹‹ئىنسان ھەقلىرى بىتىمى›› قاتارلىق تېمىلار تېخى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۇپۇقلىرىدا كۆرۈلمىگەن چاغدا ئاتاتۈرك تۈرك ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى بەردى. بۇ تېمىدىمۇ ئاتاتۈرك دەۋرنى ۋە ئۆزگەرگەننى ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىدىغان زاماننى مىللىتىگە كۆرسىتىپ بەردى.

    ئىنسانلىق تارىخىدا، تارىخنىڭ ھېچقانداق بىر دەۋرىدە ھېچقانداق بىر داھى ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئاتاتۈرككە ئوخشاش ئالدىن سىزەر ۋە ئالدىن كۆرەر بولغان ئەمەس، ئۇنىڭدەك كۆپ كۈرەش قىلغان ئەمەس.

     

    تۈرك ئاياللىرىنىڭ دۇنيا ئاياللىرى بىلەن قول

     تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى

     ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىغائىشىنىڭلار.

     

     

    خاتىمە

     

    ئەلبەتتە دىن بۈيۈك داھىنىڭمۇ دىققەت قىلغىنىدەك، دېموكراتىيەنىڭ ۋە مىللىي پۈتۈنلىكىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك  باغ بولغان  دىن ئائىلە، ئەخلاق ۋە دۆلەت مۇئەسسىسەلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى قوغدايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.

    دىن بولمىغان ياكى دىنىي قىممەت ئۆچلەملىرى يوقالغان بىر جەمئىيەتتە بۇنىڭ تەبىئىي بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە ئائىلە، ئەخلاق ۋە دۆلەت ئۇقۇملىرىمۇ كۈچ ۋە نۇپۇزىدىن ئايرىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يوقىلىدۇ. بۇنداق بىر  يۈزلىنىش بولۇپمۇ تارىخى ۋە كۈلتۈرى نە قەدەر قەدىمىي دەۋرگە تاقىلىشىدىن قەتئىينەزەر بىر مىللەتنى بىر بىرىگە باغلاپ تۇرغان بارلىق مىللىي ۋە مەنىۋىي  ھالقىلارنىڭ ئۈزۈلىشىنى، ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ شەكىللىنىشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتلەرنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن ئاتاتۈرك مىللىتىمىزنىڭ تېخىمۇ دىندار بولۇشىنى ۋە دىنىنى تولۇق بىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى داۋاملىق تەكىتلىگەن. كىتاپلاردىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆھبەتلىرىگە ، ئۆمۈر بويى نامايەن قىلغان مەۋقە ۋە پوزىتسىيەلىرىگە ، خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ئاتىمىزنىڭ دىنىگە چىن كۆڭلىدىن سادىق بولغان سەمىمىي بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.

    ئەمەلىيەتتىمۇ ئاتاتۈرك ھېچقاچان دىنگە قارشى تۇرمىغان. بۈيۈك داھىنىڭ خاراكتېرى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، سۆزلىرى، مەۋقە ۋە پوزىتسىيىسى ئىسلامىيەت  بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.  بۇ كىتاپتا ناھايىتى مۇھىم ھەقىقەتلەر نەزەرگە سۇنۇلدى. ئاتاتۈركنىڭ دىندارلىقى، مىللىي ۋە مەنىۋىي قىممەت ئۆلچەملىرىگە بولغان چوڭقۇر ساداقىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ دەرىجىدە دىندار، مۇقەددەس نەرسىلەرگە چىن يۈرىكىدىن بۇ قەدەر سادىق بولغان، ۋەتىنى ۋە بايرىقى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى ئاتىغان، ئۆمۈر بويى مىللىتىنىڭ سائادىتى ئۈچۈن تىرىشقان بىر كىشىنىڭ ئەخلاقى ئۈستۈنلۈكى ئاشكارىدۇر.

    ئاتاتۈرك ئىسلام ئەخلاقىنى ۋە دىنىمىزنىڭ پەرىزلىرىنى ئائىلىسىدە بالىلىق چاغلىرىدىلا ئۈگەنگەن، ئوقۇش ھاياتى داۋامىدىمۇ بۇ بىلىملىرىنى بېيىتقان. بۈبۈك داھىمىز مۇسۇلمان ئەخلاقىنىڭ گۈزەل بىر ئۆرنىكىنىدۇر ۋە ئۇتۇقلۇق بىر تەدبىقلىغۇچىسىدۇر. تۇنجى تۇركچە قۇرئان مېئالى ئۇنىڭ دەۋرىدە نەشىر قىلىنغان. تۈرك ئىنسانلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنى دىننىڭ ماھايىتىگە يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

    ئاتاتۈرك بىزگە قالدۇرغان بۇ مىراس  ھەر تېمىدىكىگە ئوخشاش، دىن ۋە لائىكلىق تېمىسىدىمۇ زامانىۋىي تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم بىر يول كۆرسەتكۈچىدۇر.

    ئاتاتۈرك لائىكلىقنى دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان.  بىزنىڭ زىممىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپە ئاتاتۈركنىڭمۇ قىلغىنىدەك، ئىسلامنى قوغداش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىنسانلارغا ئۈگىتىشتۇر.

     

                ئاتاتۈرك ‹‹مۇتەئەسسىپلىك سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈلگەن تەھلىكىنىڭ دىننىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، دىنگە قوشۇلىۋالغان خاراپىيلىقلاردىن، باتىل ئېتىقادلاردىن ۋە خاتا پەتىۋالاردىن مەنبەلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن ۋە  دىننى بۇلاردىن تازىلاشقا  تىرىشقان. 

     

     



    [1] ئامىرال چەتىنكايا ئاپاتاي  : ‹‹ئاتاتۈرك تۈركىيەسىنىڭ تۈرك ئاياللىرىغا قىلغانلىرى››، كازانچى كىتاپ تىجارەت ئاگېنتلىقى، 1996-يىلى.

    [2]  ئامىرال چەتىنكايا ئاپاتاي  : ‹‹ئاتاتۈرك تۈركىيەسىنىڭ تۈرك ئاياللىرىغا قىلغانلىرى››، كازانچى كىتاپ تىجارەت ئاگېنتلىقى، 1996-يىلى.

    [3]  ئامىرال چەتىنكايا ئاپاتاي  : ‹‹ئاتاتۈرك تۈركىيەسىنىڭ تۈرك ئاياللىرىغا قىلغانلىرى››، كازانچى كىتاپ تىجارەت ئاگېنتلىقى، 1996-يىلى.

    [4]  ئامىرال چەتىنكايا ئاپاتاي  : ‹‹ئاتاتۈرك تۈركىيەسىنىڭ تۈرك ئاياللىرىغا قىلغانلىرى››، كازانچى كىتاپ تىجارەت ئاگېنتلىقى، 1996-يىلى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاتاتۈرك , ئىسلامىيەت , تۈرك ئاياللىرى , ئاياللار ھوقۇقى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-9 22:53:29
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 314
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证