تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    narquk
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 101
    alimjanturgun@163.com
    346272094
    يازما سانى : 5
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-12-30 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    چېچەن مۈشۈك ۋە پور يولۋاس

    چېچەن مۈشۈك ۋە پور يولۋاس
    جۇ خۇي
     
     
    بىر ئوغۇل بالا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا سىنىپتىكى ناچار ئوقۇغۇچى دەپ قاراپ كېلىنگەنىكەن. ئۇ نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئېتىۋارغا ئېلىنىشنى ئۈمىد قىلىپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ نەتىجىسى كۆتۈرەلمەپتۇ. باشلانغۇچتىن ئوتتۇرا مەكتەپكىچە نەتىجىسىنىڭ ناچارلىقىدىن مەكتەپلەر ئارىسىدىكى سەرگەردانغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆپ قېتىملاپ ئۆتۈنۈشى نەتىجىسىدە ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەن بىر مەكتەپمۇ ناھايىتى تەستە قوبۇل قىلىپتۇ.
     
    ئۇنىڭ غورورى ناھايىتى قاتتىق زەربىگە ئۇچراپتۇ. بىر كۈنى دادىسىدىن:
     
    -مەن شۇنداق دۆتمۇ؟- دەپ سوراپتۇ. دادىسى:
     
    -ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
     
    -ئۇنداقتا مەن نېمە ئۈچۈن ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەممۇ ساۋاقداشلىرىمغا يېتىشەلمەيمەن؟- دادىسى گەپ-سۆز قىلماپتۇ، پەقەت مېھرىبانلىق بىلەن ئوغلىنىڭ بېشىنى سىلاپ قويۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئوغلىنىڭ بىر ئازمۇ دوت ئەمەسلىكى، ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تەبىئىي قىززىقماسلىقنىڭ ئۆگىنىشتىكى تۇغما ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان توسالغۇ ئىكەنلىكى دادىسىنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىكەن. بىراق، بۇنى ئوغلىغا قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟
     
    ئوغلى بارغانسېرى جىمىغۇرلىشىپ كېتىپ، دائىم ئۆيىگە كىرىۋېلىپ سىرت بىلەن ئالاقە قىلمايدىكەن. بىر كۈنى دادىسى ئوغلىنىڭ كارىۋات بېشىدا نۇرغۇنلىغان رەسىملەرنىڭ يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ ھەيران قاپتۇ ۋە ئەستايىدىل كۆرۈپ چىققاندىن  كېيىن ئارىسالدى بولۇپ قاپتۇ.  ئەسلىدە ئوغلى مەكتەپتىكى ئۇۋالچىلىقلار ۋە ئۇچرىغان زەربىلەرنىڭ ھەممىسىنى رەسىم ئارقىلىق سىزىپ چىققان ئىكەن. رەسىملەردە ئۇستازلىرىنىڭ شاپاققا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشكەن ھالىتى، ساۋاقداشلىرىنى قاپاق ھەرىلەرنىڭ غالجىرلارچە قوغلىشى... قاتارلىق ۋەقەلەر بار ئىكەن. دادىسىنىڭ كۆڭلى بىردىنلا يورۇپ كېتىپ كارىۋات بېشىدىكى چېچىلىپ ياتقان رەسىملەرنى رەتلەپ، جازىغا قىستۇرۇپ قويۇپتۇ.
     
    ئوغلىنىڭ نەتىجىسى ئاۋۋالقىدەكلا ناچار بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ ئەيىبلەشكە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. بىراق، دادىسى ئوغلىغا قەتئىي كايىماي، ئۇنىڭ ھوجۇرىسىغا كىرىۋېلىپ ئۆز مەيلىچە رەسىم سىزىشىغا يول قويۇپتۇ. ئوغلىنىڭ يالغۇزسىراپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۈشۈك سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىپتۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالا دادىسىنىڭ قىلغانلىرىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ:
     
    - سىزمۇ مەندىن ئۈمىدىڭىزنى ئۈزۈۋېتىپ، ھېچ ئىش بىلەن كارى بولماسلىق قارارىغا كەلدىڭىزمۇ؟-دەپ سوراپتۇ. دادىسى خېلى ئۇزۇنغىچە جىمىپ كېتىپ،- ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا مەن سېنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئويناتقىلى ئاپىراي،- دەپتۇ.
     
    ئۇ كۈنى باغچىدىكى ساياھەتچىلەر قۇمدەك كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بىر يولۋاسنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىۋېلىپ تاماشا قىلىشىۋاتقان ئىكەن. دادىسىمۇ ئوغلىنى ئېلىپ كېلىپ، ھېلىقى كۈنى ئوغلى سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرىپتۇ.
     
    قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالىنىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەجۋىي رەسىم سىزىشنى ئۆمۈرلىك نىشانى قىلىپ بېكىتىپتۇ. 25 ياشقا كىرگەن يىلى ھەجۋىي رەسساملىق ساھەسىدە خېلى ئابرويلۇق ئادەمگە ئايلىنىپتۇ. ئۇنىڭ « قوش سارار زەمبىرەك»، «قىرتاق قىز»(قېرىق قىز) قاتارلىق ئەسەرلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى زىل-زىلىگە ساپتۇ.  بۇ كىشى دەل ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ھەجۋى رەسسامى جۇ دې كاڭ ئىدى.
     
    جۇ دې كاڭ كۆپ يىللاردىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەرگە كېلىپ نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا دادىسىنىڭ ئەينى ۋقىتتا ھايۋاناتلار باغچىسىدا قىلغان ھېلىقى سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. «ئادەملەر بىلەن ھايۋانلار ئوخشاش بولمىغان تۇغما تالانتقا ئىگە بولغان بولىدۇ. يولۋاس سۈرلۈك، يۈگۈرۈشكە ماھىر؛ مۈشۈك بولسا مۇلايىم، سەزگۈر. مۈشۈك گەرچە يولۋاستەك سۈرلۈك، قورقۇنچلۇق  بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ يولۋاستا يوق تۇغما تالانتقا ۋە ئىقتىدارغا ئىگە. مۈشۈك دەرەخكە يامىشالايدۇ، چاشقان تۇتالايدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر يولۋاس بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپچىلىكى مۈشۈك، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلار بىر تۈركۈم قەغەز يولۋاسلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئوغلۇم، سېنىڭ ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە نىسبەتەن ئىنكاسىڭ تۇغما ئاستا. بىراق، رەسىم ۋە تۈرلىك شەكىللەرگە نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر. نېمە ئۈچۈن مۇنەۋۋەر  مۈشۈك بولۇشنى خالىماي، ئەكسىچە پور يولۋاس بولۇشقا ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ قالدىڭ؟ مەن سېنىڭ قەغەز يولۋاس بولۇشىڭنى ئارزۇ قىلمايمەن. ئەمما، مەن سېنىڭ چوقۇم چېچەن مۈشۈك بولۇپ چىقىشىڭغا ئىشەنچىم كامىل!»
     
    خەنزۇچە تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سان (2-ئايلىق كېيىنكى سانىدىن ئېلىندى)
     
    “读者”2011-4 (二月下)489期   9页


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : چېچەن مۈشۈك ۋە پور يولۋاس , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-7 0:44:26
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 158
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证