تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    narquk
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 101
    alimjanturgun@163.com
    346272094
    يازما سانى : 5
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-12-30 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تاختا مۈشۈك

     

    تاختا مۈشۈك
    (مەسەل)
     
     
    چاشقانچاققورۇق خوجايىنىنىڭ تاختا مۈشۈك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە:«خوجايىن مېنى ئۆلتۈرىدىغان ئوخشايدۇ!» دەپ ئويلاپ قاتتىق ساراسىمگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.
     
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەتراپتىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە؛«تاختا مۈشۈكتىن پەخەس بولۇڭلار! تاختا مۈشۈكتىن پەخەس بولۇڭلار!» دەپ توۋلاپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپتۇ.
     
    بۇ چۇقاننى ئاڭلىغان مېكىيان چاشقانچاقنى جىملەپ:«سۆيۈملۈكۈم چاشقانچاق، مەن ئۇ نەرسىنىڭ سەن ئۈچۈن بىر باش ئاغرىقى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. بىراق ئۇ نەرسە ماڭا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇڭا ئارتۇقچە ئەنسىرەپ  يۈرمىگىن!» دەپتۇ.
     
    چاشقانچاق چوشقىبايغىمۇ« ئۆيدە تاختا مۈشۈك بار! » دەپ ئەھۋال ئېيتىپتۇ. چوشقىباي چۈشلۈك ئۇيقۇسىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىدىن ئاچچىقلاپ كېتىپتۇ ۋە «سېنىڭ غەمخورلۇقىڭغا كۆپ رەھمەت، مەنمۇ ساڭا ھېسداشلىق قىلىمەن. شۇڭا، سەن قەتئىي خاتىرجەم بولغىنكى، بۈگۈن ئاخشام چوقۇم سەن ئۈچۈن دۇئا تىلاۋەت قىلىمەن. بۇ مېنىڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سەن ئۈچۈن قىلالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپتۇ.
     
    چاشقانچاق ئۆزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا قاتتىق غېرىبلىق ھېس قىلىپ، ئىنەكتىن ياردەم سوراپ بېرىپتۇ. ئىنەك : « سۆيۈملۈكۈم چاشقانچاق، ئۇنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ سەن ئىنەكنىڭ تاختا مۈشۈك تەرىپىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ »دەپتۇ.
     
    چاشقانچاقھېچقايسى ھايۋاننىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىشكە رايى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ پەرىشانلىق ئىلكىدە خوجايىننىڭ ئويىگە قايتىپ كېلىپ، كامېرىغا مۈكىنىۋاپتۇ ۋە كېچىچە بىرەر پاجىئەنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىرپىك قېقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماپتۇ.
     
    تاڭ سۈزۈلۈشكە ئازلا قالغاندا چاشقانچاق ياڭراق بىر سادا ئاڭلاپ قاپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە:« تاختا مۈشۈك چوقۇم بىر نەرسە قىسىۋالدى!» دەپ ئويلاپتۇ.
     
    قورۇق خوجايىنىنىڭ ئايالى پەسكە چۈشۈپ تاختا مۈشۈككە بىر نەرسىنىڭ چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپتۇ ۋە قاراڭغۇلۇقتا تاختا مۈشۈككە بىر يىلاننىڭ قۇيرۇقىنىڭ قىسىلىپ قالغانلىقىنى بايقىماپتۇ. شۇڭا، پەشتاقتىن چۈشۈپ تاختا مۈشۈكنىڭ يېنىغا كېلىشىگىلا يىلان چېقىۋاپتۇ.
     
    قورۇق خوجايىنى ئايالىنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چەبدەسلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، تىز سۈرەتتە ئايالىنى دوختۇرغا ئېلىپ كەپتۇ. ئايالى دوختۇرخانىدا مۇۋاپىق داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كېلىنىپتۇ.
     
    بىراق، ئۇنىڭ قىزىتمىسى يەنىلا چۈشمەپتۇ. قورۇق خوجايىنى توخۇ شورپىسىنىڭ ئەڭ ياخشى قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى بارلىقىنى بىلگەچكە مېكىيىنىنى ئۆلتۈرۈپ ئايالىغا توخۇ شورپىسى سېلىپ بېرىپتۇ.
     
    ئۇنىڭ ئايالىنىڭ سالامەتلىكى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىشكە باشلاپتۇ. ئۇلار مۇشۇ رايوندىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەر-خوتۇنلاردىن بولغاچقا بارلىق خوشنىلار يوقلاپ كېلىشىپتۇ. خوشنىلارنىڭ ئۆزلىرىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن چوشقىباينى ئۆلتۈرۈپ بىر ۋاخ تاماق ئېتىپ مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋاپتۇ.
     
    ئايالىنىڭ سالامەتلىكى ئاخىرى ئەسلىگە كېلىپتۇ. بىراق، داۋالىنىش خىراجىتى بەك يۇقىرى بولغاچقا خوجايىن قۇشخانىغا ئىنىكىنى سېتىپ، قىلغان كىرىمىدىن داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلەپتۇ.
     
    چاشقانچاق بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ ۋە : «مەن ئاللىبۇرۇن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنغۇ. ناۋادا مېكىيان، چوشقىباي ۋە ئىنەكلەر بىر جانلىق ئۇچرىغان مەسىلىسىنىڭ بارلىق جانلىقلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولارمىدى؟» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. 
     
    “杂文选刊”2010.4 (上) 老鼠夹子   保罗。科埃咯(巴西)
     
     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تاختا-مۆشۈك , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-7 0:29:37
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 130
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证