بۇ شۇنداق كوچا
ساپ سېرىق چاچلارنىڭ تال-تال بەرگىدە،
ئوينايدۇ ئۈلۈمتۈك خىياللار ئۇسسۇل.
مۇھەببەت يىرتىلغان قەغەز بېتىدە،
يىغلايدۇ قان قۇسۇپ يىگانە بۇلبۇل.
بۇ كوچا ساپ سېرىق رەڭلەردە ئاۋات،
ھېچكىمنى ھېچكىم
پۇلسىز، خەنجەر تەڭلەپ بۇزالماس.
ئەرزان باھالىق پەردازخانىلار،
ئىپپەتسىز ئەرلەردىن باشقىغا باقماس.
بۇ نازلىق كوچىغا يۈرگەنلەر نازلاپ،
قىيا ئىشىكلەرگە چاڭقاپ قارايدۇ.
يىرتىق پەردىلەرنىڭ لىرىكىسىدا،
بىر پەدە ئۆلۈمگە چاچنى تارايدۇ.
بۇ شۇنداق باش-ئۇچى كىسىلگەن كوچا،
كۆزلەرنى رەڭگارەڭ چىراق تورلايدۇ.
بۇ يەردە بىر كىچە قاڭقىغان ئەرلەر،
ئەتىسى ئۆزىنى ئەخلەتلىك يولدىن،
تاپقانغا شۈكرى دەپ، جاننى تارايدۇ...