تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك - 04 (ئوفېتسىرلىقتىن گېنېراللىققىچە)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Tursunay
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12697
    zaytunxehi@126.com

    يازما سانى : 126
    باھا يازما سانى : 9
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك - 04 (ئوفېتسىرلىقتىن گېنېراللىققىچە)



    مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك - 04

     

     

    ئوفېتسىرلىقتىن گېنېراللىققىچە

     

     

       1902– يىلى 10 – فېۋرال ھەربىي مەكتەپنى سەككىزىنچىلىك بىلەن پۈتتۈرۈپ، ھەربىي ئاكادېمىيەدە ئىشتاب ئوفېتسىرلىقتا ئوقۇش پۈرسىتىدىن ئىبارەت مۇھىم قەدەمنى بېسىشقا مۇۋەپپەق بولغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ، ئانىسىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن بەيئوغلۇدىكى رەسىمخانىدا فوكۇس چىقىرىپ چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتى بىزگە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. رەسىمدە ئۇنىڭ ھەربىي مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن ئىككى يىللىق ھاياتىغا نېمىلەرنىڭ ئۈسۈپ كىرگەنلىكىنى بىلگىلى، يان تەرىپىگە قىلىچ ئېسىپ، دەزماللاپ قاتۇرۇلغان ۋە تۈگمىسى پارقىراپ تۇرىدىغان ئوفېتسىر كىيىمى كىيىپ، بېشىنى تىك تۇتقان ھالدا يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ تۇرغان قىياپىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

         شۇنىڭدىن كېيىن بالىلىق ۋە ياشلىقىنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى قىيىنچىلىقتا ئۆتكۈزگەن يىللار ئارقىدا قالغان، ھەربىي كەسىپ، تېخىمۇ مۇھىمى پارلاق كېلەچەكنىڭ خەۋەرچىسى بولغان يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ. ئۇ ئەمدى ھەربىي ئاكادېمىيەنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئاكادېمىيەدىكى خەتنى چىرايلىق يېزىش، تەسىرلىك ۋە توغرا سۆزلەش تەلىمىدىن باشقا، دوستى ئەلى فۇئات بىلەن بىرلىكتە بەيئوغلۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك ئادا ۋە نۇرغۇنلىغان مەھەللىلەر ھەمدە پۈتۈن ئىستانبۇلنى تونۇش ئۈچۈن قىلغان كۆڭۈللۈك ساياھەتلىرى، نامىك كامال، ت. فىكرەت قاتارلىق يەرلىك ۋە چەت ئەللىك يازغۇچىلارنىڭ ھۆررىيەتنى ياقىلاش، يېڭىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش پىكىرلىرى سىڭدۈرۈلگەن ئەسەرلەر ياش مۇستاپا كامالنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلايدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئۇنىڭ كاللىسىدا تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدىغان، ھۆررىيەتى خاراكتېرى بىلەن پۈتۈنلەشكەن، مىللەتلەر ئائىلىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ئورنىنى قوغدىيالايدىغان يېڭى بىر مىللەت، يېڭى سىستېما بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت خىيالى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ بىخلىرى كۆكلەشكە باشلايدۇ.

          ئۇ ھەربىي ئاكادېمىيەدىكى دەرسلىرىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئاساسلىقى تارىخىي كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇيدۇ. پوچتا يولى ئارقىلىق مەملىكەتكە كىرگەن چەتئەل ئاخباراتلىرى ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ ناپالىئونغا ئائىت بارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. بۇ جەرياندا يەنە دۆلەتنىڭ ئەھۋالى بىلەن مەنپەئەتى توغرىسىدا بولۇپ تۇرىدىغان مۇنازىرە، تالاش – تارتىشلارغا قىزغىن ئىشتىراك قىلىدۇ.

          رۇمئەلىدىكى ئۆتكەن ئەركىن ھاياتىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىستانبۇلدىكى ھەم كۆڭۈللۈك ھەم قاتتىق ھەربىي ئىنتىزام ئاستىدا ۋە تەرتىپ ئىچىدە ئۆتكەن يىللار، ياش ئوفېتسىرنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى، پىكىر قىلىش ۋە ئۆزىنى بىلىش جەھەتتە يېتىلگەن ھەمدە كېلەچەككە قارىتا پىلان - لايىھەلەر تۈزۈلگەن مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش پىكىردىكى دوستلىرى بىلەن قولدا يېزىپ چىقىرىلغان گېزىتنى 10 نۇسخا كۆپەيتىپ تارقىتىش، يەنە باشقا گۇرۇپپىدىكى دوستلىرى بىلەن بەيازىتتىكى بىر ئۆيدە مەخپىي توپلىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر مۇستاپا كامالغا باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ گۇمران بولۇش ئالدىدىكى ئىمپېرىيەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىككىنچى مەشرۇتىيەت ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىللىي ھەرىكەتلەردە ئىسمى ئالدىنقى قاتاردا تىلغا ئېلىنىدىغان كىشىلەر ئارقا – ئارقىدىن ئوفېتسىر بولۇپ ئارمىيەگە كىرىشكە باشلايدۇ. مۇستاپا كامالدىن بىر يىل بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئەنۋەر پاشا يېتەكلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلى فەتھى، جافەر تاييار ۋە ھاپىز ھاككىلار بار ئىدى. 1904 – يىلى مۇستاپا كامال ئۆزىنىڭ ئارمىيەدىكى ئورنىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىدىن كازىم كارىبەكىر، ئەلى فۇئات جەبەسوي، 1906 – يىلى بولسا ئىسمەت ئىنۆنۆلەر ئارمىيەدىكى خىزمىتىنى باشلايدۇ.

          مۇستاپا كامال ھەربىي مەكتەپتىكى دوستى ئەلى فەتھى بىلەن 1905 – يىلى تۈرمىگە سولىنىدۇ. كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. تۈرمىدە سوراق قىلىنىش جەريانىدا قاتتىق چارچىغان مۇستاپا كامال، رۇمئەلىگە قايتىپ كېتىشنىمۇ ئويلىشىدۇ. دەل بۇ ۋاقىتتا 5 – ئارمىيەگە قاراشلىق ئاتلىق قىسىمغا چاقىرىلىدۇ. ئۇ بۇ قىسىمدا ئىككى يىل تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ مەزگىلدە «ھۆررىيەت ۋە ھۆررىيەت جەمئىيىتى» ناملىق مەخپىي تەشكىلاتنى قۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تۇنجى قەدىمى بېسىلىدۇ. مەزكۇر مەخپىي تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ھەيئەتلىرى ئۈچ كىشىدىن تەركىپ تاپىدۇ. دەسلەپتە تەشكىلاتنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەردىن نەتىجە چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇستاپا كامال سەلانىكقا قېچىش پىلانىنى تۈزىدۇ ۋە بۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مۇستاپا كامال سەلانىكقا مىسىر، پىرە ئارقىلىق يېتىپ بېرىپ، تەشكىلاتنى بۇ يەرلەردە كېڭەيتىشكە تىرىشىدۇ. ئەمما بۇ يەردىمۇ تەقىپ قىلىشقا ئۇچرايدۇ ۋە سۈرىيەگە قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن 1907 – يىلى 13 – ئۆكتەبىر سەلانىكتىكى 3 – ئارمىيەگە چاقىرىلىپ، قوماندانلار ھەيئىتىدە خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ.

          مۇستاپا كامال سەلانىكتە ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن بىللە تۇرغان مەزگىلدە «ۋەتەن ۋە ھۆررىيەت جەمئىيىتى» ئۈچۈن خىزمەت قىلالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە «ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتى» گە ئەزا بولىدۇ.

         بۇندىن كېيىنكى 12 – 10 يىللىق ھاياتى، بەزىدە ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن نامىنى تونۇتقان، بەزىدە ئۆزى تۇرۇۋاتقان سەلانىك ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق مەركەزلەردىن يىراقلاشتۇرۇلغان، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا سۈرگۈن قىلىنغان، ئەمما كەسپىي جەھەتتىن يۇقىرى باھا بېرىشكە ئەرزىيدىغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپادا فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىپ، قايتىشىدا مىڭبېشىلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ ۋە ترابلۇسقا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ يەردە ترابلۇسقا قاراشلىق توبرۇك تائارۇزۇنى باشقۇرىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

         1914– يىلى چاناق قەلئە ئۇرۇشىدا دۈشمەننىڭ ئارىبۇرنۇغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كېيىنكى يىلى كىرەچتەپە ئۇرۇشى ۋە ئانافارتالار ئۇرۇشىنىڭ زەپىرىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 1916 – يىلى 1 – ئاپرېل گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلىدۇ.

          ئالبانىيەدىكى ئىسياندا كۆرسەتكەن خىزمىتى، چاناق قەلئە ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى غەربىي ترابلۇستا ئىتالىيە ئارمىيەسىگە قارشى توبرۇك تائارۇزۇنى باشقۇرغاندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مۇستاپا كامالنىڭ ھەم ھەربىي ھەم ئۆزى ۋە مىللىتىنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 1911 – يىلى كۈز پەسلىدە ئىتالىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى بىزنىڭ ۋەتىنىمىز بولغان، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراق لەپىلدىگەن تۇپراقلىرىمىزغا قىلغان ھۇجۇمى، بۇنىڭدىن باشقا ئارقا – ئارقىدىن پارتلىغان بالقان ئۇرۇشى ۋە مىللىي كۈرەشلەر كېيىنكى چوڭ ئۇرۇشلىرىمىزنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى، دېيەلەيمىز. دەرنە، توبرۇك ۋە بىنگازى توپقا تۇتۇلغان، دۈشمەنلەر ئاقدېڭىزنىڭ شىمالىي ساھىللىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغان ۋە مىللىتىمىز قىيىن كۈنلەردە قالغان ئاشۇ كۈنلەردە بىر توپ قەھرىمانلار ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولىدۇ. بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئوفېتسىر بولۇپ ئارمىيەگە قاتناشقان بۇ ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ ئارىسىدا ئەنۋەر پاشا، فۇئات بۇلجا، نۇرى، «تەشكىلاتى ماھسۇس» تىن كۇشچۇ ئەشرەف ۋە مۇستاپا كاماللار بار ئىدى. بۇلارغا پارىژدىن ئەلى فەتھىمۇ قېتىلغان ئىدى. بۇلار تۈرك مىللىتىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن قايغۇلۇق كۈنلەردە ھەم دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەم پۈتۈن ياۋروپانىڭ ھەيرانلىقىنى ۋە مەدھىيىلىشىنى قوزغايدۇ. ھەتتا كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى داڭلىق گېزىتلەردە، چەكلىك كۈچكە ئىگە ساناقلىق قەھرىمانلارنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى كۈرەشتە تىللاردا داستان بولغۇدەك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ بېسىلىشىغا، ماختاشلارغا تولغان ماقالە ۋە ئانالىزلارنىڭ يېزىلىشىغا ۋەسىلە بولىدۇ.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇستاپا كامال , ھەربىي ئاكادېمىيەدە , نەزەر , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-2 11:33:31
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 229
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证