تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك-5
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك-5



      

    سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك

    ھارۇن ياھيا(تۈركىيە)

    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

     

    4- يېقىنلىرىنىڭ تىلىدىن

     

     

     

     

     جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ داھى ئاتاتۈرك ھەققىدە يېقىنلىرىنىڭ ئېيتقانلىرى ئۇنىڭ دىنگە بولغان سەمىمىي  ساداقىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۆرنەكلەرنىڭ بىرىدۇر. ‹‹رۆنېسانس›› ژورنىلىنىڭ 1991- يىلى 12- ئايلىق سانىدا ئاتىمىزنىڭ يېقىنلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە ئورۇن بىرىلگەن. يېقىنلىرى ئاتاتۈركنىڭ دىندار كىشىلىكىنى مۇنداق تەرىپلىگەن:

    ئۈلكۈ ئاداتەپە(ئاتاتۈركنىڭ مەنىۋى قىزى)

    ‹‹ئانامنى زۈبەيدە خانىم چوڭ قىلغان. ئۇنىڭ ئانامغا ئېيتىپ بەرگەن بىر   ئەسلىمىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتەي. ئاتاتۈرك 25 –ئاۋغۇست كۈنى كوجا تەپەگە چىققان چاغدا ئۇ يەردە مۇنداق دۇئا قىلغان: ‹ئىلاھىم سەن ماڭا ئاتا قىلغان پىكىر ۋە پاراسەت بىلەن مەن پۈتۈن پىلانلىرىمىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار سىنىڭ ئىلكىڭدىدۇر…› ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىدىغان بىر ئىنسان ئىدى. پاشا(ئاتاتۈرك-ت) رامىزاندا دولما باغچە سارىيىدا ياكى چانقايا تۇرغان چاغلىرىدا ئانامدىن ‹ۋاسفىيە روزا تۇتىۋاتامسەن؟› دەپ سورايتتى. ئانام ‹‹تۇتىۋاتىمەن›› دېگەندە ئۇ ناھايىتى مەمنۇن بولاتتى. ماڭا كېسەل بولۇپ قالغان چاغلىرىمدا دۇئا قىلدۇراتتى، ئۆزىمۇ دۇئا قىلاتتى. ناھايىتى ئېنىق ئىسمدە تۇرۇپتۇ. پاراتىفۇ كىسىلى بولۇپ قالغان ئىدىم. ئۇنىڭ ناھايىتى كۆڭلى يېرىم بولغان ۋە مىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغان. ئانىسى زۇبەيدە خانىممۇ ناھايىتى دىندار ئايال ئىكەن. ئانام يەتتە ياشقا كىرگەندە ‹‹قۇرئان››نى يادلىتىشقا باشلىغانىكەن. قىز قېرىندىشى مەقبۇلە خانىمنىڭمۇ داۋاملىق ناماز ئۇقۇغانلىقىنى بىلىمەن.››   

     

     

    ئاتاتۈرك مەنىۋىي قىزلىرىدىن ئۈلكۈنى بەك ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ساياھەت قىلىشتىن ناھايىتى چوڭ لەززەت ئالاتتى.

     

    سافىيە ئايلا

    ‹‹ئانىسى زۈبەيدە خانىممۇ، ئاچىسى مەقبۇلە خانىممۇ ناھايىتى دىندار ئادەملەر ئىدى، ناماز ئوقۇيتتى. ئاتاتۈرك ھەقىقىي مۇسۇلمان بىر ئائىلە مۇھىتىدا يىتىشتى. ئاتاتۈركمۇ دىندار بىر كىشى ئىدى.  ئۇ ناھايىتى ياقتۇرىدىغان ھاپىز ياشار دېگەن بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ‹قۇرئان› ئوقۇغاندا كۆزلىرىدىن ياش بۇلدۇقلاپ ئاقاتتى. ھەتتا بارلىق  ئۇستازلارنى يىغىپ ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئىزاھلاپ تەھلىل يۈرگۈزەتتى. ماڭا ‹ئاللاھنىڭ ساڭا  قىلغان بۇ ئىنايىتىنى ئۇنۇتما ۋە ھالىڭدىن ئاشما، كەمتەر بول، دائىم ئاللاھقا شۈكۈر قىل› دەيتتى. ئۆزىگە ‹پاشام(قۇماندانىم-ت) سەن ئۇنى قىلدىڭ، سەن بۇنى قىلدىڭ› دېگەنلەرگىمۇ ‹ماڭا ئاللاھ ياردەم قىلدى. مەن تەلەيلىك بىر ئىنسان ئىكەنمەن› دەيتتى.››

     

     

    ۋاسفى رىزا زوبۇ

    ‹‹پەمغەمبەرنى بەك ھۆرمەت قىلاتتى. پەيمغەمبەرنىڭ ناھايىتى ساغلام بىر مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا قايىل ئىدى. بىر ئاخشىمى ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ھەربىي تالانتىدىن سۆز ئاچتى...››،‹‹ئۇنىڭ دىنگە، پىكىرگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر كىشىلىكى بار ئىدى. ‹قۇرئان›غا ناھايىتى ھۆرمىتى بار ئىدى. يېنىدا ھاپىز ياشار، ھاپىز ھۈسەيىن ۋە ھاپىز مەھمەت دەيدىغان ئۈچ قارى بار ئىدى. مەن ئۇ قارىلارنى ئۇنىڭ يېنىدا، چانقايادا تۇنىدىم. ئاتاتۈرك ئۇلارنىڭ سۆزىنى ھۆرمەت بىلەن ئاڭلايتتى. ئۇنىڭ قارشى بولغىنى  مۇتەئەسسىپلەر ئىدى.››

     

    جەمال قۇتاي

    ‹‹دۇنيادا ئاتاتۈركتەك ئىسلام دىنىنى مەناسى ۋە ئۇقۇمى جەھەتتىن تولۇق چۈشەنگەن ۋە ئۇنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن بۈيۈك كۈرەش قىلغان باشقا بىر ئىنسان يوقتۇر. مۇستاپا كامال 1300 يىلدىن كېيىن ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ روھىنى  خوش قىلىدىغان ئاساسلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. مۇستاپا كامالنى ‹دىنسىز› دېگەنلەر ئاللاھتىن خىجىل بولسۇن. بۈگۈنكى كۈندە ئاللاھقا سەجدە قىلىشمۇ ئۇنىڭ سايىسىدە بولدى. ھازىر ئەڭ نوپۇزلۇق مېئاللار(تەپسىرلەر)دىن ئىككىسى ئۆمەر رىزا دوغرۇل بىلەن ئاھمەت ھامدى ئاكسەكىنىڭ مېئالىدۇر. ھەر ئىككىسىنى مۇستاپا كامال يازدۇرغان. ئۇنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ) ئىسمىنى قوللانغانلارنى ئەپۇ قىلمايتتى ۋە ‹ئۇ بۈيۈك ئادەمگە لايىق بولالمىسا قانداق بولىدۇ› دەيتتى.››

    جەمال قۇتاي  مۇنداق بىر ۋەقەنىمۇ نەقىل كەلتۈرىدۇ: ‹‹بىر كۈنى ئەرتۇغرۇلنىڭ قۇنالغۇسىدا رەسسام ئىبراھىم چاتلى ئاتانىڭ يېنىدا ئىدى.‹شۇ رەڭلەرنى تۇئالگە ئېشلىتىش مۇمكىنمۇ › دەپ سورىسا، ‹تەبىئىي، غازى ھەزرەتلىرى› دەپ جاۋاپ بەردى. ‹دېمەك سىز بۇ رەڭلەرنى ئىشلىتەلەيسىز، شۇنداقمۇ› دەپ تەكرار سورىدى غازى. چاللى ‹سىناپ باقايلى› دېدى. ئايرىلىدىغان چاغدا ئاتاتۈرك جەۋات ئابباسقا شۇنداق دېدى : ‹بۇ ئادەمگە ئېيتىپ قويۇڭ ئىككىنجى كەلمىسۇن. قاچان ھەددىنى بىلسە، شۇ چاغدا ئاللاھ بىلەن بەسلىسىشكە ئۇرۇنمايدۇ. قاتارغا كىرگەن بىر قۇل سۈپىتىدە بۇنى ئىسپاتلايدىغان بىر ئەسەر بىلەن كەلسە، مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىغا شاھىت بولىمەن.››

     

    جەمال قۇتاي

     

     

    فۈرەييا كورال(كىلىچ ئالىنىڭ تۇنجى ئايالى)  

     

    ‹‹ئاتۈركلائىك ئىدى. لائىكلىق دىنسىزلىق ئەمەستۇر. ئۇ ئېتىقادلىق ئىدى، ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما تۇنجى مەسلىس ۋاقتىدا ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم.‹قۇرائاننىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىشى دىننىڭ چۈشىنىلىشىگە سەۋەپ بولغان بۈيۈك بىر خىزمەتتۇر.› ئۇ دىننىڭ سىياسەتنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىلىشىغا ۋە يامان نىيەتتە قوللىنىلىشىغا قارشى ئىدى. بۇنىڭغا ھېچقاچان رۇخسەت قىلمىدى.››

     

    سابىھا گۆكچەن(ئاتاتۈركنىڭ مەنىۋىي قىزى)

    بىر كۈنى ئەتتىگەندە ئاتانىڭ قولىنى سۈيۈش ئۈچۈن يېنىغا كىرگەن ئىدىم. ئۇ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۆرە تۇرۇپ بىراز ساقلىدىم. تۇيۇقسىزلا قاتتىق بىر ئوھ تارتتى ۋە ‹ئاللاھ› دېدى(ئۇ پات –پات بۇ سۆزنى تەكرارلايتتى). ئاتاتۈرك ھەققىدە بۇرۇن كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن بولسا كېرەك، بىراز ھەيران قالدىم. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاللاھ سۆزىنى ئاڭلاش مىنى ھەيران قالدۇردى ۋە ھاياجانلاندۇردى. ئاتانىڭ يۈزىگە گاڭگىرىغان پېتى قاراپ قالدىم. ‹سەن دىندارمۇسەن؟› دەپ سورىدى. مەنمۇ ئائىلەمدىن ئالغان دىن تەربىيىسى بىلەن ‹ھەئە دىندارمەن› دېدىم ۋە بۇ جاۋابىمغا  قانداق قارايدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تارتىنغان ھالەتتە ئۇنىڭ يۈزىگە قارىدىم. جاۋابىم بەكلا ياقتى. ‹ناھايىتى ياخشى... ئاللاھ بۈيۈك بىر كۈچتۇر. ئۇنىڭغا دائىم ئىشىنىش كېرەك› دېدى ۋە بۇ تېمىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ئىزاھات بەردى. مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا چۈشەندىمكى، ئاتاتۈرك ھەققىدە سۆزلەنگەنلەرنىڭ ئاساسى يوقتۇر. ئاتاتۈرك سۆزلەنگەن بارلىق گەپلەرنىڭ ئەكسىچە دىندار بىر كىشىدۇر››[1]

     

    ئاتاتۈرك مەنىۋىي قىزلىرى ئۈلكۈ ۋە سابىھا گۆچەن بىلەن بىللە

     

     



    [1]    س. ئارىف تەرزىئوغلۇ: ‹‹يېزىلمىغان تەرەپلىرى بىلەن ئاتاتۈرك››، 88-، 89-بەت.    



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاتاتۈرك , ئىسلام دىنى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-7-2 0:09:05
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 324
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证