تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› مۇھەممەدتۇرسۇن يۈكسەلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yabghu
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 99
    yabghu@sina.com

    يازما سانى : 5
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مۇھەممەدتۇرسۇن يۈكسەلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

     مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

     

    شائىر،ئەدەبىيات -سەنئەت تەشكىلاتچىسى مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل 1953‏-يىلى يانۋاردا مارالبېشى ناھىيە بازىرىدا بىر ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،1977‏-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئۇ 1975 ‏-يىلى« شىنجاڭ ئەدەبىيات‏-سەنئىتى » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان « سۇمرۇغقا مەدھىيە » ماۋزۇلۇق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 500 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر ۋە ئەدەبىي ماقالە‏-ئوبزورلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى گېزىت‏-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. « تارىمدىن سادا » ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2000‏-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن ‹‹تارىمدىن سادا›› ، «مۇشەققەت گۆزەللىكى»، «كەپتەرگە سۆز»، « مەندىن چاقنىغان ئۇچقۇنلار»، «شېئىرىيىتىمىزدە ئالەم تۇيغۇسى»، « شېئىرىي مۇددىئا توغرىسىدا» ، ‹‹ شېئردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر ›› قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ يەنە، دىيارىمىزنىڭ تارىخىغا ئائىت ماقالىلىرىدىن «تارىختا بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا»، «چىڭ سولالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا تۇرغۇزۇلغان ئۈچ پارچە تاشپۈتۈك» ، ‹‹ دىيارىمىزدا ئۆتكەن سەككىزئۇيغۇر تارخانبەگ›› ، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخىي تەسىرى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش» … قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ « شېىئىرىي مۇددىئا توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق پوبلېستىك ماقالىسى 2004‏-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە 13‏-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 2005 ‏-يىلى 10‏-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر شەھرىدە ئۆتكۈزگەن ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش كاتتا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ «مەرھابا كاتتا مەرىكە» ماۋزۇلۇق بالىلار شېئىرى 200 نەپەر ھەرمىللەت ئۆسمۈر‏-بالىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىدا جاراڭلىق دېكلىماتسىيە قىلىنىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ 1993‏-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ئىككى توملۇق « ئۇقۇتقۇچىلار قوللانمىسى» ناملىق كىتابنىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى زامان جوڭگۇ ۋە دۇنيا تارىخى قىسمىنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. يەنە ، 1997-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى ئۇ خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان « ئائىلە مال-مۈلۈك دەۋاسى » ناملىق كىتابنى نەشىر قىلغان. ئۇ 2001 ‏-يىلىدىن 2005‏-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات‏-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىلىك ( قۇشۇمچە «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىلىك ) ۋەزىپىسىنى ئۇتىگەن. ھازىر ئۇ ‹‹ قەشقەر ››ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئىجرائى مۇئاۋىن مۇدىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئىشلەۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئۇ ‹‹ ئالقىش ۋە قارغىش ›› ماۋزۇلۇق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلىدى . يەنە، ئۇيغۇرچە ئوقۇشلۇقلاردا ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلار توغرىسىدىكى ئوقۇشلۇقلارنىڭ كەمچىل بولىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «دۇنياۋىي دىنلار توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق كىتاۋى ئۇستىدە ئىشلىمەكتە.

     

    (‹‹قەشقەرژۇرنىلى››نىڭ 20010-يىللىق6-سانىدىن ئېلىندى.)



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل , قىسقىچە تەرجىمىھال , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-30 1:42:15
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 203
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证