تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› مىللەت ›› مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك - 02 (مۇستاپا كامالنىڭ تۇغۇلۇشىدىن ياشلىق دەۋرىگىچە)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Tursunay
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12508
    zaytunxehi@126.com

    يازما سانى : 118
    باھا يازما سانى : 9
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك - 02 (مۇستاپا كامالنىڭ تۇغۇلۇشىدىن ياشلىق دەۋرىگىچە)



    مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك -02

     

    (مۇستاپا كامالنىڭ تۇغۇلۇشىدىن ياشلىق دەۋرىگىچە)

        «مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، بۈيۈك قوماندان ۋە دۆلەت ئەربابى ھەمدە تۈرك ئىنقلابىنى روياپقا چىقارغان بىر ئىنقلاپچىنىڭ تۇغۇلۇشى، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتى ۋە ياشلىقىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە،  ئۇنى بىر ئاددىي «ئىنسان» سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.

       مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مىللىتى ۋە دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ھەمدە ئەتراپىدا سۆيگۈ – مۇھەببەت ياراتقان كىشىلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇ ياشىغان شەھەر، تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مۇھىت، ئائىلە مۇھىتى، تەلىم – تەربىيە ۋە يېتىلىشىدە رول ئوينىغان ئامىللارنى ياخشى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۆزى ياشىغان دەۋرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ تەسىرىنى چۈشىنىش لازىم. بارلىق ئۇلۇغ كىشىلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭ يېقىن - يورۇقلىرى ۋە دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ تەسىرى، ياشلىقىدا قانداق ئىدىيە ۋە كۆز – قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكى ئاساس ئېلىنىشى كېرەك. 1919 – يىلدىن 1938 – يىلغىچە بولغان 19 يىللىق ھايات مۇساپىسىنىڭ، بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

       تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىي ۋە كېلەچىكىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك 1881 – يىلى قەدىمكى پورت شەھىرى بولغان سەلانىكتە ئوتتۇرا ھاللىق ئوسمان ئىمپېرىيەسى مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ.

        سەلانىك 5 يۈز يىل بۇرۇن تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان رۇمئەلىگە قاراشلىق بىر تۈرك شەھىرى شۇنداقلا ساھىل شەھىرى ئىدى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى رۇمئەلىدە جىددىيچىلىك ئوتتۇرىغا چىققان، ئۈچ قىتئەگە سوزۇلغان ئىمپېرىيە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ۋە ياۋروپا تەرىپىدىكى زېمىنلاردا كۆتۈرۈلگەن ئىسيانلار ئەۋج ئالغان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.

         ئۇنىڭ دادىسى ئەلى رىزا ئەپەندى، بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى بولغان ھاپىز ئەھمەت ئەپەندىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەلى رىزا ئەپەندى دادىسىنىڭ خىزمىتى سەۋەبىدىن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن تاموژنىدا، كېيىنكى يىللاردا بولسا، ۋەقپىلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدۇ.

        دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا، ئەلى رىزا ئەپەندى مەمۇرىي ھاياتىدا زۇبەيدە خانىم بىلەن ئۆيلەنگەندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدۇ ۋە ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىسىمۇ، قولىدىكى بارلىق دەسمايىسى بىلەن سودا ھاياتىنى باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئائىلە بويىچە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سەلانىك ئەتراپىدىكى بىر ئورمان يېزىسىغا كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇلارنىڭ مەقسىتى ئەسلىدە، يېزا ئەتراپىدىكى ئورمانلىقتىن پايدىلىنىپ، ياخشى نەپ بېرىدىغان ياغاچ سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىدى. بۇ خىيال ئىشقا ئاشىدۇ ۋە دەسلىپىدە ئىشلىرى ياخشى يۈرۈشىدۇ. ئىككى يۈرۈش ئۆي سېلىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئېرىشىدۇ. ھەتتا بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىدۇ.

       مۇستاپا كامالنىڭ ئانىسى زۇبەيدە خانىم ئۆيلەنگىنىدە ئەلى رىزا ئەپەندىدىن 20 ياش كىچىك بولۇپ، رۇمئەلىگە توروسلاردىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان بىر ئائىلىنىڭ قىزى ئىدى. زۇبەيدە خانىمنىڭ دادىسى سەلانىكنىڭ ئالبانىيەگە قوشنا كۆللەر رايونىدا ئولتۇراقلاشقان، سارى گۆل (سېرىق كۆل) لىق ھاجى سوغۇ ئائىلىسىنىڭ ئوغلى پەيزۇللاھ ئاغا ئىدى. زۇبەيدە خانىم ساۋاتلىق، ئىرادىلىك ۋە ياراملىق ئائىلە ئايالى ئىدى. مۇستاپا كامال تۇغۇلغاندا دادىسى ئۇنىڭغا مۇستاپا، دەپ ئىسم قويغان. باھار پەسلىدە يەنى مارت ئېيىدا تۇغۇلغانلىقى پەرەز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن 1880 – يىلىنىڭ ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلى بولۇش مۇمكىنچىلىكى كۆرۈلمەكتە. (بۇ، بەزى مەنبەلەردە تالاش – تارتىش قىلىنغان مەسىلە بولۇپ، نوپۇس دەپتىرىدە «19 – مارت 1881 – يىل» دەپ يېزىلغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىم.) مۇستاپا كامال تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەھمەت، ئۆمەر، پاتىمە ۋە ناجىيە قاتارلىق قېرىنداشلىرى ۋاپات بولىدۇ. پەقەت ماھبۇلە ئىسىملىك سىڭلىسى ھايات قالىدۇ.

        يىللار ئۆتۈپ ئوقۇش يىلىغا كەلگەندىن كېيىن ئانىسىنىڭ تەلىپى ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئادىتى بويىچە، مەھەللىدىكى كونا ئۇسۇلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپكە كىرىدۇ. كېيىن سەلانىكتە يېڭىدىن ئېچىلغان شەمسى ئەپەندى مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى 54 ياشلىق دادىسى ئەلى رىزا ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئەلى رىزا ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمى قارا گۇرۇھلار ئارام بەرمىگەن ۋە ئىشلىرى تازا ياخشى يۈرۈشمىگەن بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىدە ئائىلىسى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مۇستاپا كامال سەلانىك ھەربىي مەكتىپىگە يېزىلىدۇ.

        ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئۇنىڭ بالىلىق، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى توغرۇلۇق يېزىلغان ۋە ئائىلە ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ھەر خىل مەنبەلەردىكى مەلۇماتلارنى بۇ شەكىلدە خۇلاسىلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا توغرا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ھېچقانداق بىر مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.

        ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ 18 يىل، ئۇنىڭغا كېلەچەكتىكە تەبىئىيىتى، ۋەتەن دېيىلىدىغان تۇپراق ۋە ئۇ مەنسۇپ بولغان مىللەتكە ئاشىق بولۇش مەرتىۋىسىگە كۆتۈرگەن مۇھەببەتنى پەيدا قىلغان مەزگىلدۇر. ئۇنىڭ تەبىئەتكە، يېشىللىققا، دەل – دەرەخلەرگە ۋە دېڭىزغا چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى بار بولۇپ، بۇ مېھىر – مۇھەببەتنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىقىنى ئۆتكۈزگەن مۇھىتىدىن ئىزدىشىمىز لازىم. رۇمئەلى ئۇ يىللاردا بالقان پارتىزانلىرى ۋە مۇسۇلمان تۈركلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان قارا گۇرۇھلارنىڭ ھەرىكىتى ئۇلغايغان، قالايمىقانچىلىققا پاتقان ئوسمان ئىمپېرىيەسى زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. مۇستاپا كامالنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق ۋاقتى مانا مۇشۇنداق مۇھىت ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ بۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ھەربىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە كۆرگەنلىرى، ئاڭلىغانلىرى ۋە ياشىغانلىرىنىڭ تەسىرى بارلىقىدا ھېچ شەك يوق، دەپ خۇلاسە چىقىرالايمىز. بەلكىم، سەلانىك ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقىنىدا مۇئەللىمىنىڭ ئۇنىڭغا «كامال» دېگەن نامنى بېرىشى بىلەن، ۋەتەن ۋە مىللەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش قارارىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئاتتى، دېيىشكە بولىدۇ.   دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن تاغىسىنىڭ سەلانىكقا يېقىن دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆچۈشى ۋە بۇ ياپ – يېشىللىققا تولغان تەبىئەت قوينىدا ئۆتكۈزگەن بىر قانچە يىل، يەنى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

       بۇنىڭدىن باشقا ھەربىي مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئاساسىي كۆز – قاراشلىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ۋە كېلەچەكتىكى مۇستاپا كامالنىڭ سىگناللىرىنى بەرگەنلىكىنىمۇ ئېيتالايمىز. كۆرگەن – بىلگەنلىرىگە ئوخشاشلا مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىمۇ ئۇنىڭ يولىنى بەلگىلىگەن. ئوسمان ئىمپېرىيەسىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭى پىكىرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، «ھۆررىيەت تەلەپ قىلىمىز» دېگەن سادالار، تىلدا ئاددىيلىشىش ھەرىكىتى بىلەن باشلانغان ۋە تېزلەشكەن مىللىي ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ تۇنجى ئۇچقۇنلىرى مۇشۇ يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان. مۇستاپا كامال ياشلىق دەۋرىدە بىر چەت ئەل تىلىنى كىتاپ ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەدە ئۆزلەشتۈرگەن بولۇپ، بىر قېتىملىق يازلىق تەتىلىدە فىرانسۇز تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپنىڭ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىققان.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك , ئۆسمۈرلۈك ۋاقتى , ياشلىقى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-29 9:55:28
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 216
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证