تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› دۇنيا ئەدەبىياتى ›› دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما ›› تۈرك شېئىرلىرى (1) بىزنىڭ ياشىغىنىمىز
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aypalta
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11594
    Enwerhamut@gmail.com
    0
    يازما سانى : 21
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-8 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تۈرك شېئىرلىرى (1) بىزنىڭ ياشىغىنىمىز



     بىزنىڭ ياشىغىنىمىز

    ئۇيغۇرچە تورلاردا بۇ شېئىر دەسلەپتە تۈركىيە باش مىنىستىرى  ئەردوغاننىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان، ئەمما  ئەسلىدە بۇ شېئىرنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەمەس ئىبراھىم سادرى (ibrahim sadri)يازغان بولۇپ، ئەردوغاننىڭ ئۆز ئاۋازى بىلەن ئوقۇشى تورلاردا بۇ شېئىر ئەردوغاننىڭ دېگەن خاتا تونۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

     

     بىزنىڭ ياشىغىنىمىزمۇ ھاياتتۇر، قېرىندىشىم 

     بىزمۇ نەپەسلەنمەكتىمىز

     ھەر ئىنسان كەبى سۆيۈۋاتىمىز، سۆيۈلگۈدەك نەرسىلەرنى

     گۈل -گىياھنى، ئوت- چۆپلەرنى، يەرنى، قۇرت- قوڭغۇزلارنى

     قۇربان ھېيتتىكى خېنە يېقىلغان قوچقارلارنى

     باشلىرى كەشتىلىك ياغلىقلار بىلەن ئورالغان

     چاچلىرى  ئاپئاق، پىشانىسىنى قورۇقلار باسقان

     دەرىزە تۈۋىدە  ئوغۇللىرىنى كۈتۈۋاتقان ئانىلارنى.

     

     يۈرىكىم  ئېچىشىپ تۇرسىمۇ، قېرىندىشىم

     كۆڭلۈم  ئېلىشسىمۇ

     ئەنسىرەپ، خۇدۈكسىرەپلا يۈرسەممۇ

    قېلىن- قېلىن كىتاپلارغا كۆرە

     ئاجايىپ جىنايەتلىرىم بولسىمۇ

    ھاۋادا خا ئىنلىق، سىرتتا  ئاپتاپ

    تامدا خەتلەر

    قەلبىمىزدە  ئازاپلار بولسىمۇ

    بىزنىڭ ياشىغىنىمىزمۇ ھاياتتۇر، قېرىندىشىم .

     

    خېتىڭ كەلدى،  ئايلاردىن  ئىيۇن

    ھېچكىشىگە كۆرسەتمىگەن  ئاق چاچلىرىڭنىڭ بۈدرەلىرىدىن

    خەۋىرىڭ كەلدى

    خەۋىرىڭ كەلدى،  ئىككى تامچە يېشىڭ قەغەزدە

    جىق قارايسەن يامغۇر ياققاندا

    ھۆل ۋە ھور باسقان  ئەينەكلەردىن، بىلىمەن

    بىلىمەن،  ئازاپ

    قانداق تولىدۇ  ئادەم قەلبىگە

    نېمە بوپتۇ،  ئەمدى

    ئوبدان تۇردۇم دېدىمغۇ  ئانا

    ئادەم راستىنلا  ئوبدان  بوپ قالىدىكەن، ئوبدان تۇردۇم دېگەنچە

    كۆڭلۈڭنى بۇزما

    يەنە بىر دەي

    ئۆتۈنەي، كۆڭلۈڭنى بۇزما

    ئانىلارنىڭ كۆڭلى بۇزۇلماس

    ئوغۇللىرى بۇزما دېگەنچە .

      

     بىزنىڭ ياشىغىنىمىزمۇ ھاياتتۇر، قېرىندىشىم 

     بىزمۇ نەپەسلەنمەكتىمىز

     ھەر ئىنسان كەبى سۆيۈۋاتىمىز، سۆيۈلگۈدەك نەرسىلەرنى

     گۈل -گىياھنى، ئوت- چۆپلەرنى، يەرنى، قۇرت- قوڭغۇزلارنى

     قۇربان ھېيتتىكى خېنە يېقىلغان قوچقارلارنى

     باشلىرى كەشتىلىك ياغلىقلار بىلەن ئورالغان

     چاچلىرى  ئاپئاق، پىشانىسىنى قورۇقلار باسقان

     دەرىزە تۈۋىدە  ئوغۇللىرىنى كۈتۈۋاتقان ئانىلارنى. 

     

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا  ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : رەجەپ تاييىپ ئەردوغان , شېئىر , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-27 17:13:30
    تەھرىر : aypalta
    باھا : 0 كۆزىتىش : 267
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证