تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك - 01
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Tursunay
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12508
    zaytunxehi@126.com

    يازما سانى : 118
    باھا يازما سانى : 9
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك - 01



    مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك - 01

    مۇستاپا كامال پىروگراممىسىغا 

     

    كىرىش سۆز

    9517a3bd-42d2-4299-8deb-23fa5eaaacbd-444x333.jpg

     

        يېڭى تۈرك دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى، بۈيۈك قوماندان، دۆلەت ئەربابى، سىياسىئون ۋە ئىنقلابچى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئاڭلىتىشتىن بۇرۇن شۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ئۇ ئۆزى ياشىغان ئەسىرنىڭ تۇنجى يېرىمىدا مىللىتىنى ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسىنى تەسىر ئاستىغا ئالغان. بىز بۇ ناملىق پىروگراممىمىز ئارقىلىق تارىختا تەڭدىشى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەر ئاز كۆرۈلىدىغان بىر كىشى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ شەيئىلەرنى بىلىشكە ۋە ئىدراك قىلىشقا تىرىشىمىز.

       بىز يەنە، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئاڭلاتقان مىڭلارچە ئەسەر، ھاياتى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش ۋە چۈشەنچىلىرىگە باھا بەرگەن نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر، تەتقىقات ئەسەرلىرىدىن باشقا ، ئىگە بولغان مەلۇماتىمىز بىلەن تارىخ ئىچىدە قىلغانلىرىنى ۋە ئۇزۇن – ئۇزۇن ھاياتىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىشتىن كۆپىرەك، مىللىتىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇلۇق كۈنلىرىدە ھەقىقەتچى ۋە قۇتقۇزغۇچى روھ بىلەن مىللىتىگە قانداق رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى، قانداق قىلىپ يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەنلىكىنى ھېكايە قىلىمىز.

       مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، تۈركلەرنىڭ ئەسىرلەرگە سوزۇلىدىغان تارىخىدىن بۈگۈنگىچە نامى سۆيگۈ، رەخمەت ۋە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان قەھرىمانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان كىشى، ئۇنتۇلمايدىغان ئىنقلابچى ۋە باشلامچىدۇر. مەقسەت ۋە غايىمىز، يېزىلغان ۋە ھېكايە قىلىنغانلارنى قايتا تەكرارلاش بولماستىن، تېخىمۇ يېقىن تونۇشقا ئىگە قىلىدىغان ۋە دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا دۆلەت قۇرغۇچى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، ئىشقا ئاشۇرغان ئىنقلابنى بايان قىلىشتۇر. بۇ يەردە بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش بىزگە پايدىلىق. مۇستاپا كامال، ئىككى يۈز يىلدىن ئاشقان ۋاقىت ئىچىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ، شۇنداقلا ئىمپېرىيەنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگە شاھىت بولغان بۇ مىللەتنىڭ باغرىدىن چىققان ۋەكىلىدۇر. ئۇنىڭ قانداق يېتىشكەنلىكى، كۆز – قاراش ۋە ئىدىيەلىرى، ئىش – ئىزلىرى مۇھاكىمە قىلىنماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن نەزەرىيەلىرىنىڭ توغرا چۈشىنىلىشى ياكى ئانالىز قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ تېمىدا، زىيالىيلىرىمىزنىڭ قانداق كۆز – قاراشقا ئىگە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەزى تەلقىنلەردە كېرەكلىك ئۇقۇملارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدە بىرلىككە كېلىشىلىرى شەرت. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «مىللىي مەدەنىيەت» بىلەن ئۇنىڭ توشۇغۇچىسى ۋە ۋەكىلى بولغان جەمئىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ پۈتۈن، تولۇق بىلىنىشى ھەمدە بۇ مەسىلىدە بىرلىك ھاسىل قىلىنىشى لازىم.

       ئىنسانىيەت تارىخىدا يۇلتۇزلارغا ئوخشاش «پارلىغان كىشىلەر» مۇ ئۆتكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرىگە «قەھرىمان» دەپ نام بېرىلگەن. ئۇلار نامى ئۇنتۇلمايدىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئىدراكلىق كىشىلەردۇر. باشقىلارغا ئوخشىماسلىقى، ھەم ئۆز مىللىتىنى ھەمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى، ھەممىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى بولۇشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، 20 – ئەسىرنىڭ تۇنجى يېرىمىدا، دۇنيا ۋە تۈرك تارىخىدا قىلغان ئىش - ئىزلىرى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن پارلىغان يۇلتۇز ۋە قەھرىماندۇر.

      ئۇنداق بولسا، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك كىم ۋە قانداق قەھرىمان ئىدى؟ قىلغان ئىش – ئىزلىرى ۋە قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى قايسى؟ قايسى نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئىزچىللىشىشىنى تەلەپ قىلدى؟ نېمىنى ئويلىدى، قانداق ياشىدى، ھەرىكىتى نېمە بولدى؟ قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيمىز. ئۇنىڭسىز ئۆتكەن يېرىم ئەسىردىن كۆپىرەك ۋاقىتتىن كېيىن «مۇستاپا كامال ھەقىقىتى» نى مۇھاكىمە قىلىشقا تىرىشىمىز.

       مەقسىتىمىز، ئوبيېكتىپ ۋە پۈتۈنلەي بىتەرەپ ھالدا كەلگۈسىگە قارىتا مەڭگۈلۈك، توغرا ئانالىزغا ئېرىشىش شۇنداقلا قىلغان ئىش – ئىزلىرىغا باھا بېرىش. ئۇ باشلىغان ۋە روياپقا چىقارغان تۈرك ئىنقلابىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىش.

      شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇ بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن بىر رەھبەر سۈپىتىدە، تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئۆزى ئىگە بولغان كىملىكىنى توغرا ئىسپاتلىشىدا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان ئالاھىدىلىكى بار. ھەر قانداق ئۇلۇغ كىشىگە ئۇنىڭ ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر، سۆزلەنگەن ھېكايىلەر ۋە ئىش – ئىزلىرىدىن باشقا، ياشىغان جايى ۋە مۇھىت، تۇرمۇش ئۇسۇلى، يېتىلدۈرگەن ئادىتى، باشقا كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش شەكلى قاتارلىق نۇقتىلاردىن رېئال باھا بېرىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ئۇنى توغرا تونۇش ئۈچۈن، خاتېرىلەنگەن رەسمىي ماتېرىياللار ۋە بايانلارنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش كېرەك، دەپ قارايمىز. ئۇنىڭ ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى ۋە شۇ دەۋرنى بىلىدىغان ۋە ياشىغان يەرلىك ھەمدە چەت ئەللىكلەرنىڭ يازغان كىتابلىرىنى ئوقۇدۇق، ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىگە قۇلاق سالدۇق، قالدۇرغان خاتىرىلىرىنى تەتقىق قىلدۇق. پۈتۈن بۇلارغا توغرا باھا بېرىلمىگەن ۋە سۆزلەنگەنلەر ئارىسىدا ھېسسىيات ۋە خاتالىقنىڭ بولۇش ئېھتىمالى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى، قىلغانلىرى كېرەكلىك شەكىلدە دىققەتكە ئېلىنمىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ بىر ئاددى ئادەم ئىكەنلىكى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇنى چۈشىنىش، تونۇش پەقەتلا مۇمكىن بولمايدۇ

       ئۇنى ئەڭ مۇھىمى توغرا چۈشىنىشىمىز لازىم. ئۇنىڭ ھەققىدە يېزىلغان ۋە سۆزلەنگەنلەرنىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرى ھەمدە چۈشەنچىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھايات ۋاقتىدا، ئۆلۈمىدىن كېيىن ياكى ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا يېزىلغان ئەسەرلەر بىلەنلا بولدى قىلىش، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىكى ماختاشلارغا تولغانلىرى بىلەن قانائەتلىنىشنى خاتا، دەپ قارايمىز. چۈنكى، بىز ئەللىك يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخقا يېزىلغان ۋەقەلەرگە باھا بېرىمىز. بۇ تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇنىڭغا بىزمۇ قوشۇلىمىز.

       بىز ئالدى بىلەن «نۇتۇق»، ئاندىن ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ئاساس قىلىپ قولىمىزدىكى ئەسەر ۋە ھۆججەتلەرگە دىققەت قىلدۇق. قاتماللىقتىن ئۇزاق تۇرغان ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ مەلۇماتلىرىمىزنىمۇ ئىلاۋە قىلدۇق ھەمدە ئۆزىمىزگە دائىرە بەلگىلىدۇق. ئەلۋەتتىكى بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولىمىز. يىللار بۇرۇن ئوقۇغانلىرىمز، يېڭى مەنبەلەردىن پايدىلانغان، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى چىقىش قىلىپ، چۈشەنگەنلىرىمىزنى ئاڭلىتىمىز.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك , يېڭى تۈرك دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى , تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى , بۈيۈك قوماندان , دۆلەت ئەربابى , سىياسىئون ۋە ئىنقلابچى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-27 11:36:54
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 269
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证