ئوتتۇرا شەرق ۋە ئەرەب دۇنياسىدىكى قالايمىقانچىلىقلار خەلقئارادىكى ئەتكەسچى گۇرۇھلار تەرىپىدىن سۇيىئىستىمال قىلىنماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بۇ ئىشنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى بىلەن تىنچلىق مۇساپىسىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
ب د ت زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايى قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش بىيۇروسىنىڭ باشلىقى يۇرى فېدوتوۋ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق، ئافغانىستان ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن قارا گۇرۇھلارنىڭ پايدىلىنىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
فېدوتوۋ، خەلقئارا جەمئىيەتنى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قارا گۇرۇھلارغا قارشى پائال كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
يىغىندا سۆز قىلغان دىپلوماتلارمۇ، دۇنيا مىقياسىدىكى زەھەرلىك ئەتكەسچىلىك تىجارىتىنىڭ ئومۇمىي سەرمايىسىنىڭ 320 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، يالغۇز بىلەن دۆلەتنىڭ قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.