تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Hechkim
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 15041
    abdurehim@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 38
    باھا يازما سانى : 1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-11-29 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھازىرقى بالىلار كارامەت (26)



     

     
    قانداق يالغاننى توقۇسام بولار
     
     
    ئەخمەت:
     
    26-فېۋرال يازغان خېتىڭگە كېچىكىپ جاۋاب يازغانلىقىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. 23-فېۋرال كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتۇق. بۇنىڭدا مېنىڭمۇ بىر مۇنچە ۋەزىپەم بار ئىدى. بىر ياقتىن كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ تەييارلىقى، يەنە بىر ياقتىن دەرس تەكرارلاش ئىشلىرى بىلەن خەت يېزىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم. لېكىن، ھۈسەينگە خەت يازدىم. ئۆتكەنكى خېتىڭدە ھۈسەين ھەققىدە يازغانلىرىڭغا شۇنداق بىئارام بولدۇمكى، سېنىڭ ماڭا خەت يازغانلىقىڭنى تىلغا ئالماي، ئۇنىڭدىن كۆڭۈل سوراپ بىر پارچە خەت يېزىپ قويدۇم.
     
    مەن ساڭا بۇ خەتنى يازغۇچە بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى قىزىقارلىق ۋەقەلەر ئۆتتى. بۇ خېتىمدە ساڭا شۇلاردىن بىرىنىلا يازدىم. بۇ ۋەقە مەتىننىڭ بېشىدىن ئۆتتى. مەتىن بەزىدە دادامغا يالغان گەپ قىلىپ قويىدۇ. دادام يالغانلىقىنى بىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا ناھايىتى خاپا بولىدۇ ۋە ئۇنى ئالدىغا چاقىرىپ نەسىھەت قىلىشقا باشلايدۇ:
    - ئوغلۇم، نېمە ئىش قىلساڭ قىلغىنكى، يالغان گەپ قىلما؟ چۈنكى، دۇنيادا ھەممىدىن يامان نەرسە يالغانچىلىق. ئادەم كىچىككىنە بىر يالغان سۆز قىلىپ قويدىمۇ، ئۇ يالغانچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئاندىن، يالغانچىلىقىم ئاشكارلىنىپ قالمىسۇن، دەپ، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ يالغانچىلىقلارنى قىلىدۇ. ھەر بىر يالغانچىلىق ناھايىتى كۆپ ۋە ناھايىتى چوڭ يالغانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىز يالغان گەپ قىلما!
     
    دادام دېيىشنىغۇ دەيدۇ، لېكىن يەنە ئۆزى مەتىننى يالغان ئېيتىشقا مەجبۇر قىلىپمۇ قويىدۇ. چۈنكى، مەتىن گۇناھ دېيىشكىمۇ ئەرزىمەيدىغان كىچىككىنە بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، دادام ئۇنى ئەيبلەۋېرىدۇ، ئىنىممۇ ئازاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە، تەبىئىي ھالدا يالغانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ، دادام يەنە نەسىھىتىنى باشلايدۇ.
     
    بىر كۈنى كەچتە مەتىن ماڭا:
    - دادامغا قانداق يالغاننى توقۇسام بولار؟- دېدى.
     
    بىر نەچچە كۈندىن بېرى دادام مەتىنگە چېچىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى، ساتىراشقا بېرىپ چېچىنى قىسقارتىشىنى ئېيتىۋاتاتتى. ئويۇنغا كىرىشىپ كەتكەن مەتىن ساتىراشقا بېرىشنى ئۇنتۇپ قالدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە، دادام مەتىنگە ساتىراشقا بېرىشنى قاتتىق تاپىلاپ:
    - كەچتە ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىمدە سېنى يەنە مۇشۇنداق كۆرگۈچى بولماي،- دېدى.
     
    مەن مەتىنگە:
    - راستىنى ئېيت، قاچانلا بولمىسۇن يالغانچىلىقىڭ ئاشكارا بولىدۇ،- دېدىم.
    - راستىنى ئېيتسام، دادام خاپا بولىدۇ. پۇلنى چۈشۈرۈپ قويدۇم دېسەم قانداق بولار؟
    - بىر قېتىم شۇنداق دەپ، كېيىن يانچۇقۇڭدىن پۇل چىقىپ، يالغانچىلىقىڭ ئاشكارا بولۇپ قالغىنىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ!
    - ئۇنداقتا مەكتەپتە كىتاب سېتىۋالدىم دەيمەن.
    - ئەڭ ياخشىسى راستىنى ئېيت.
    - ئەمىسە ساتىراشخانىدا ئادەم كۆپ ئىكەن، كۈتسەم ماڭا ئۆچرەت كەلمىدى دەي.
     
    ئۇ يەنە بىر مۇنچە يالغانلارنى توقۇپ چىقتى، بىراق ھېچقايسىسىنى ياقتۇرمىدى.
     
    دادامنىڭ زىيا ئىسىملىك بىر دوستى بار ئىدى. ئۇ شۇ كۈنى كەچتە ئايالى بىلەن بىزنىڭكىگە كەلدى. ئۇلار كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا، دادامنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. دادامنىڭ ئىشتىن قايتىپ كېلىش ۋاقتى بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئاپام:
    - قەيەردىلا بولسا، ھازىر يېتىپ كېلىدۇ،- دېدى.
     
    دادام كېچىككەنسېرى، ئاپام ئەنسىرەشكە باشلىدى.
    - ھېچقاچان بۇنداق كېچىكىپ كەلمىگەن، نېمە بولدىكىنە؟- دېدى ئۇ.
    - بەلكىم بىر ئىشى چىقىپ قالغاندۇ...- دېدى زىيا بەگ.
    - ئۇنداق بولسا خەۋەر بېرەتتى،- دېدى ئاپام.
     
    مەتىن بىلەن ئىككىمىز تامىقىمىزنى يەۋەردۇق، ئاپام دادامنى كۈتۈپ تېخى يېمىدى.
     
    خېلى ۋاقىت ئۆتتى. مەتىن يېتىپ قالدى. زىيا بەگ بىلەن ئايالى قايتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغاندا، ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىندى.
    ئاپام ھاياجانلانغان ھالدا:
    - مانا كەلدى!- دەپ يۈگۈردى.
    - بىز مۆكۈۋېلىپ قىزىقچىلىق قىلايلى،- دېدى زىيا بەگ.
     
    ئۇ ئايالى بىلەن ياندىكى ئۆيگە كىرىۋالدى. راستتىن دادام كەپتىكەن، ئاپام:
    - نەدە يۈردىڭىز؟ ناھايىتى ئەنسىرىدىم. بىرەر ئىشىڭىز چىقىپ قالدىمۇ نېمە؟- دېدى.
    - زىيا ئاغرىپ قاپتىكەن، ئۇنى يوقلاپ كەلدىم،- دېدى دادام.
    - ھە... بىراق بەك كېچىكتىڭىزغۇ!- دېدى ئاپام.
    - ئاغرىقنىڭ يېنىدىن بىردەمدىلا قايتقىلى بولمايدۇ-دە...
    - خۇدا شىپالىق بەرسۇن، كېسىلى ئېغىرمىكەن؟ ۋاي بىچارە...
     
    دادام خېلى سۆزلىمەكچىدى، لېكىن زىيابەگ بىلەن ئايالى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ مۆكۈۋالغان ئۆيدىن چىقتى. ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالغان دادام، ئۇلارغا:
    - ھە... سىلەر بۇ يەردىمىدىڭلار؟- دېدى.
    - ساڭا قىزىقچىلىق قىلايلى دېگەنىدۇق.
    - دېمىسىمۇ تازا قىزىق بولدى مانا!- دېدى ئاپام كۈلۈپ.
     
    ئۇلار داستىخانغا ئولتۇرۇشتى. دادام:
    - مەتىن ياتتىمۇ؟- دەپ سورىدى.
    - بۈگۈن ساتىراشقا بېرىپ چېچىنى ياسىتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەن، سىزنى خاپا بولىدۇ دەپ يالغان گەپتىن بىرنى توقۇپ چىقماقچى بولغانىدى. قانداق يالغاننى توقۇسام بولار، دەپ ئويلاپ-ئويلاپ، ئاخىر چارچاپ يېتىپ قالدى،- دېدىم مەن.
    - كەچ بولۇپ كەتتى، سەنمۇ يات!- دېدى دادام. 
     
    شۇنداق قىلىپ، مەتىن ئەتىسى ئەتىگەندە ئەيىبلىنىشتىن قۇتۇلۇپ قالدى.
     
    ئەخمەت، خەتلىرىڭنى كۈتىمەن. ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىم بىلەن:
     
     
    زەينەب يالقىر
    1964-يىلى 16-مارت، ئەنقەرە
     
     
     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھازىرقى بالىلار كارامەت , ئەزىز نەسىن , قانداق يالغاننى توقۇسام بولار , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-24 20:48:16
    تەھرىر : Hechkim
    باھا : 0 كۆزىتىش : 327
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证