تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ساغلاملىق ۋە پىسخولوگىيە ›› مىدىتسىنا ۋە ساغلاملىق ›› قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبى سىزگە ئامەتتىنمۇ؟ياكى ئاپەت
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yultuzay
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    yultuzay@msn.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبى سىزگە ئامەتتىنمۇ؟ياكى ئاپەت

     

     

        دائىم قاپىقىڭىز تارتىپ تۇرسا سەۋەبى  نېمىدۇر؟ دەپ ئويلاپ قالامسىز سول قاپىقىڭىز تارتسا ئامەت؟! ئوڭ قاپىقىڭىز تارتسا ئاپەت كېلىشمەسلىكنىڭ بېشارىتى دەپ ئويلامسىز؟!
       قاپاق تارتىش ھەرگىزمۇ ئامەت ۋە ئاپەتنىڭ بېشارىتى بولماستىن، بىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمىزدىن مەسىلە كۆرگەنلىكنىڭ بېشارىتى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قاپاق تارتىش،ئۆسۈملۈك نېرۋىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن  كېلىپ چىققان قاپاق مۇسكۇل تالالىرىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن، شەكىللەنگەن قاپاق مۇسكۇلنىڭ تارتىشىش ھادىسى.
         قاپاق تارتىشمۇ ئىككى خىل بۇلۇپ بىرى فىزىئولوگىيىلىك قاپاق تارتىش: بۇنىڭ ئادەتتە  ۋاقتى قىسقا، تارتىشىش يېنىكرەك، قېتىم سانى ئازراق بولىدۇ.بۇ خىل قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبى: ئۈزۈن ۋاقىت كۈچلۈك يورۇقلۇقت ۋە سايە ئورۇندا كىتاب ماتېرىيال كۆرۈش،  كۆز زىيادە چارچاشتىن، روھى بېسىمنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن، ئىچىملىكنى زىيادە كۆپ ئېچىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
         يەنە بىر خىلى. كېسەللىك سەۋەبىدىن  بولغان قاپاق تارتىش ؛ بۇنىڭ ۋاقتى ئۈزۈن، قېتىم سانى كۆپ، ئېغىرراق بولغانلىرىنىڭ كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار  ، ھەتتا يۈز مۇسكۇللىرى قوشۇلۇپ تارتىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىدۇ.  بۇخىل قاپاق تارتىش ئادەتتە كۆز كېسەللىكلىرىدىن: كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ئىقتىدارى ناچار، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، يېقىننى كۆرەلمەسلىك، نۇر چېچىش، تەس كىرپىك كېسىلى،بىرىكتۈرگۈچى  پەردە ياللۇغى، مۇڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىق كۆز  كېسەللىكلىردە  كۆپرەك كۆرىلىدۇ.
       قاپاق تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرى:
    1 كۆز مۇسكۇللىرىنى قەرەللىك ھەركەتلەندۇرۇپ، كۆز گىمناستىكىسى ئىشلەش بىلەن بىللە مۇۋاپىق  ئارام ئېلىش.
    2 چىراق يورۇقىدا ، سايە ۋە كۈچلۈك يۇرۇقلۇق ئاستىدا ئۈزۈن  ۋاقىت كىتاب كۆرۈشتىن ساقلىنىش.
    3 يۇرۇقلۇقنى   مۇۋاپىق تەڭشەش،  كۆز مۇسكۇلى نېرۋىلارنىڭ  زىيادە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
    4 كۆز كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا سىستېمىلىق داۋالىتىش.
    5 ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئىلمىنتلارنىڭ ۋاقتىدا تولۇقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش،بولۇپمۇ  B تۇردىكى ۋېتامىنلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قاپاق تارتىش , كۆز كېسەللىرى , ئالدىنى ئېلىش , داۋالاش. , _ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-24 12:12:33
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1808
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证