بېلىقنى قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى دېگەن قاراش توغرىمۇ؟
بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئارتىرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك شىپالىق رولى بولغاچقا، كىشلەر يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى شىپالىق يېمەكلىكى دەپ قاراپ، كۆپ ئىستىمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.
ھەقىقەتەن بېلىقنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ ئىقتىدارى ياخشىلاش، ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك رولى بار، بىراق بېلىق گۆشدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى تەركىبىدە 20 نەچچە خىل ماددىنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا قاننىڭ ئۇيۇشۇشچانلىغىنى چەكلەش رولى بۇلۇپ، ئۈزۈن ۋاقىت بېلىقنى كۆپ ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ بەدىنىدە ئۆزلىگىدىن قاناش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. بەدەنلىرى سەۋەبسىز كۆكۈرۈپ قالىدىغان، ھەتتا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلاردا مېڭىسىگە قان چۈشۈش ئەھۋالى يۈز بېرىپ ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن.
شۇڭلاشقا بېلىق ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ شىپالىق رولىغىلا قاراپ قالماي، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ يۈرەك -مېڭە قان تومۇر كېسىلى بار بىمارلارغا ئېھتىيات بىلەن بېرىش .قەرەللىك تەكشۈرتۈپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.