تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Hechkim
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 15041
    abdurehim@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 38
    باھا يازما سانى : 1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-11-29 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھازىرقى بالىلار كارامەت (15)



     

     
    يېڭى يىلنى ياخشى باشلىدۇق
     
     
     
    زەينەب:
     
    يېڭى يىللىق ئاتكىرتكاڭنى ئالغىنىمغا خېلى بولدى، رەھمەت ساڭا.
     
    بىز يېڭى يىل كېچىسىنى چوڭ داداملارنىڭكىدە ئۆتكۈزدۇق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆيى چوڭ، كىچىك داداملارمۇ كەلدى.
     
    مەن بالدۇر يېتىشقا ئادەتلەنگەنلىكىم ئۈچۈن، يېڭى يىل كىرگۈچە تەستە ئولتۇردۇم، رادىئونى ئاڭلاپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن.
     
    ئەتىسى بىزنىڭ ئۆي خۇددى باشقا كۈنلەردىكىدەكلا ئىدى. لېكىن، يېڭى يىل كۈنى سىلەرنىڭ ئۆيدە بولغان ئىشلار بىزنىڭ ئۆيدە ئادەتتىكى ئىشلار ھېسابلىناتتى. دادام سىرتتا كۆپ پۇل خەجلىۋەتسە، دەردىنى ئۆيدە چىقارماقچى بولاتتى.
     
    ئۇ بەزى كېچىلىرى كەچلىك تاماقنى دوستلىرى بىلەن سىرتتا يەيدۇ. ئەتىسى ئىستاكانغا تولدۇرۇپ قۇيغان سۇنىڭ ھەممىسىنى ئىچىۋەتمىسەم، ئاچچىقى كېلىپ: «ئىستاكانغا سۇنى ئىچىپ كېتەلىگۈدەك قۇي! سۇنى ئىسراپ قىلما!» دەيدۇ.
     
    ئەگەر ئىستاكاننىڭ تۈۋىدە ئىككى ئىلىك سۇ ئېشىپ قالسا، ئۇنى ئىسراپ بولمىسۇن دەپ، گۈل قاچىسىغا تۆكىدۇ. بۇنداق چاغلاردا دادامنىڭ ئالدىنقى كېچە دوستلىرىغا خېلى كۆپ ئىلتىپات قىلىۋەتكەنلىكىنى چۈشىنىمەن.
     
    «چىش چوتكىسىغا پاستىنى ئانچە كۆپ سىقما! ئىسراپ بولىدۇ!» دەپ ۋارقىرىغىنىدا، دادامنىڭ بىر كىملەرگە زىياپەت بەرگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
     
    بىرەر بولاق نەرسىنىڭ يىپىنى يېشەلمەي كەسكىلى تۇرسام: «تانىنى زايە قىلما، ئاۋايلاپ يېشىپ بىر يەرگە ئېلىپ قوي!» دەپ تەلىم بېرىدۇ. بۇنداق چاغدا، دادامنىڭ دوستلىرىنى مېھمان قىلغانلىقىنى چۈشىنىمەن.
     
    دادام باشقىلار بىلەن بىللە تاماق يېسە، بىر يەردە چاي ئىچسە، پۇلىنى چوقۇم ئۆزى تۆلىۋەتمىسە ئۇنىمايدۇ. يېنىدىكىلەرگە: «ھەرگىز ئۇنداق قىلما، بولمىسا رەنجىيمەن... پۇلنى ئۆزۈم تۆلەيمەن...» دەپ تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆرگەنىدىم.
     
    لېكىن، بۇ تالاش-تارتىشنىڭ ئەتىسى، ئۆيدە: «كونا گېزىتلەرنى ئىسراپ قىلماي ساقلاپ قويۇڭلار، بىر نەرسە يۆگىسەڭلار كېرەك بولىدۇ، يىغىپ قويساڭلار ساتىسىلەر، ھېچبولمىغاندا ئوچاققا تۇتۇرۇققا بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ!...» دەيدۇ.
     
    سىلەرنىڭ ئۆيدە ئەڭ كۆپ ئېيتىلىدىغان ماقال «تاما تاما كۆل بولار» بولسا، بىزنىڭ ئۆيدىمۇ «ساقلا ساماننى، كېلەر زامانى» دېگەن ماقال ئەڭ كۆپ ئېيتىلىدۇ. لېكىن، دادام سىرتتا ئورۇنسىز پۇل خەجلىمىسە، ئۆيدە بىزگە ناھايىتى مەردلىك قىلىپ كېتىدۇ. يېڭى يىل كۈنى ۋە ئۇنىڭ ئەتىسى شۇنداق بولدى. ماڭا يېڭى يىللىق سوۋغات قىلىپ بىر يۈرۈش سۇ بوياق ئېلىپ بەردى. فېۋرالدىكى ئىككى ھەپتىلىك تەتىلدە رەسىم سىزىشنى مەشىق قىلىمەن.
     
    يېڭى يىلدا پۈتۈن ئائىلەڭلەرگە بەخت تىلەيمەن.
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1964-يىلى 5-يانۋار، ئىستانبۇل
     
     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھازىرقى بالىلار كارامەت , ئەزىز نەسىن , يېڭى يىلنى ياخشى باشلىدۇق , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-17 21:54:32
    تەھرىر : Hechkim
    باھا : 0 كۆزىتىش : 178
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证