ئەينەك
(ئارسلان)
قورقما ئەينەكتىن، ئۆچ كۆرمىگىن ھەم،
گۇناھى ئەمەستۇر كۆرسەتسە ئەينەن.
كۈن-كۈنلەپ يۈزۈڭنى كۆرمىسەڭمۇ گەر،
كۆرىدۇ خالايىق مىڭ قېتىم جەزمەن.
چىرايىڭ سەت بولسا، كۆرمە ئەينەكتىن،
بىلگىن ئۇ ھەقىقەتەت دوستى- جارچىسى.
غەزەپتىن ئۇرساڭمۇ تاشقا، سەن رەنجىپ،
كۆرسىتەر ئەكسىڭنى ھەر بىر پارچىسى.