تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك -3
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13181
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 35
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك -3



      سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك

     

    ھارۇن ياھيا(تۈركىيە)

     

    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

     

    2- ئاتاتۈركنىڭ دىندار كىشىلىكى

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    ۋاپاتىدىن بۈگۈنگىچە ئاتاتۈرك ھەققىدە ناھايىتى نۇرغۇن ماقالە ۋە ئەسەر يېزىلدى، كونفرانىس ۋە يىغىنلار ئويۇشتۇرۇلدى، تۈرلۈك ئوبزور ۋە باھالار بىرىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاتاتۈرك تارىخ شاھىت بولغان ئەڭ بۈيۈك قوماندان ۋە دۆلەت ئادەملىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇنى پۈتۈن دۇنيا قوبۇل قىلماقتا. ئاتاتۈركنىڭ تەرىپىمىزدىن ساناپ ئۆتۈلگەن بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئەسلىدە ئۇنى تۇنۇش ئۈچۈن يىتەرلىك ئامىللاردۇر. لېكىن، ئاتاتۈركنىڭ بارلىق بۇ ئۈستۈن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىرلىكتە ھاياتىدا ۋە ھەرىكەتلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەرىپىنى ۋە خاراكتېرىنى نامايەن قىلغان، ئىسلام ئەخلاقىنى مەنبە قىلغان ناھايىتى نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كەمتەر، كەڭ قۇساق، تىنچلىقپەرۋەر ۋە ياراشقۇچى كىشىلىكى،  ھېسسىيلىقتىن يىراق تۇرۇشى، ئەقىلچىللىقى، ئەخلاق چۈشەنچىسى، دىنىگە قارىتا سەزگۈرلۈكى، قەتئىيلىكى، شۇنىدەك، كىيىم – كىچەك ۋە ياسىنىشقا، تازلىق ۋە كۈتىنىشكە، سەنئەت ۋە ئىستېتېكىغا ئەھمىيەت بىرىشىنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. پەقەت تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى(TBMM)نىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن تەييارلىغان ئۇقتۇرۇشى ياكى بالىكەسىردە سۆزلىگەن خۇتبىسىنىڭ ئۆزىمۇ  ئاتاتۈركنىڭ دىندار كىشىلىكىنى كۆزئالدىمىزغا كەلتۈرۈشكە يىتەرلىكتۇر.

     تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئېچىلىش ئۇقتۇرۇشى

    بۈيۈك مىللەت مەجلىسى 1920- يىلى 4- ئاينىڭ 23-كۈنى ئېچىلغان. بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ 1920- يىلى 4- ئاينىڭ 21-كۈنى پۈتۈن تۈركىيەگە يوللانغان ئوقتۇرۇشى ئۇنى يازغان ئاتاتۈركنىڭ سەمىمىي دىندارلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدىغان تارىخىي بىر ھۆججەت خاراكتېرىگە ئىگىدۇر:

    1- ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن  23- ئاپرىل جۈمە كۈنى، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئەنقەرەدە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلىدۇ. 

    2- ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، ئالى خەلىپىلىك ۋە سەلتەنەت ماقامىنى  قوغداش  قاتارلىق ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىسى بولغان مەجلىسنىڭ ئېچىلىش كۈنىنى جۈمە كۈنىگە توغرىلاشتىن مەقسەت، ئۇ كۈننىڭ مۇقەددەسلىكىدىن پايدىلىنىش ۋە ئېچىلىشتىن بۇرۇن ھۆرمەتلىك مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن ھاجى بايرام جامەسىدە جۈمە نامىزىنى ئوقۇش، <<قۇرئان>> ۋە نامازنىڭ نۇرلىرىدىن پايدىلىنىشتۇر. نامازدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقىلى ۋە بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالەتتە مەجلىس بىناسىغا قاراپ  يول ئالىمىز.  جامەدىن بۇ يەرگىچە بولغان مۇراسىم ئۈچۈن كورپوس قۇماندانلىقى تەرىپىدىن مەخسۇس ھەربىي تەرتىپ ئويۇشتۇرىلىدۇ.

    3-  ئۇ كۈننىڭ مۇقەددەسلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ ۋىلايەتلەردە ۋالى ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خەتمە قىلىنىدۇ، مۇخايىرى شەرف ئوقۇلىدۇ. خەتمىنىڭ ئاخىرقى قىسمى جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەجلىس بىناسىنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ تاماملىنىدۇ.

     

     


     تۈركىيە مىللەت مەجلىسى بىناسى

     

     

    4-  مۇقەددەس ۋە يارىلانغان ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر يېرىدە بۈگۈندىن باشلاپ ئەينى شەكىلدە مۇخارى ۋە خەتمە شەرف ئوقۇتۇلۇپ، جۈمە كۈنى ئەزاندىن بۇرۇن شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىنىدۇ ۋە خۇتبىدە خەلىپە پادىشاھىمىزنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغاندا پادىشاھىمىزنىڭ ۋە تۇپرىقىمىزنىڭ تىزراق ئازات بولۇشى ۋە سائادەتكە ئىرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدۇ. جۈمە نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن خەتمە دۇئاسى قىلىنىپ، ئۇلۇغ خەلىپىلىك ۋە سەلەتەنەت  ماقامىنىڭ ۋە پۈتۈن يۇرتنىڭ قۇتۇلۇشى يولىدىكى مىللىي كۈرەشلەرنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئۆز ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تاپشۇرۇىدىغان ۋەتەن ۋەزىپىلىرىنى  ئورۇندىشىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەئەز ئېيتىلىدۇ. ئاخىرىدا خەلىپە ۋە پادىشاھىمىزنىڭ، دىن ۋە دۆلىتىمىزنىڭ، ۋەتەن ۋە مىللىتىمىزنىڭ قۇتۇلۇشى، سائادىتى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدۇ. بۇ دىنى ۋە ۋەتەنىي مۇراسىملار ئاخىرلىشىپ جامەلەردىن چىققاندىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرلىرىگە كىلىپ مەجلىسنىڭ ئېچىلىشى سەۋەپلىك  تەبرىكلەش پائالىيىتى  ئۆتكۈزىلىدۇ.

     

    5- ئۇلۇغ ئاللاھتىن تولۇق غەلىبە تىلەيمىز.

    بەش ماددىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ھەر بىر ماددىسى ئاتاتۈركنىڭ سەمىمىي دىندار كىشى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق بىر ئىپادىسىدۇر.

     


     

    ئاتاتۈرك تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بالكونىدا مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە(1921- يىلى 11- يانۋار)

     

     

     

    ****                        ****                       ****

    <<ھالبۇكى، ئەلھەمدۇلىللاھ ھەممىمىز مۇسۇلمانمىز، ھەممىمىز... دىندارمىز.>>(1923- يىلى 16- مارت كۈنى ئادانا تۈرك ئوچاغى ھۈنەۋەن ۋە سەنئەتكارلار يىغىلىشىدا سۆزلەنگەن) 

    ****                        ****                       ****

    بالىكەسىر خۇتبىسى

     

    ئاتاتۈركنىڭ دىن مەۋزۇسىدىكى سەمىمىيىتىنى ۋە دىنىگە بولغان ساداقىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان باشقا بىر دەلىل ئۇنىڭ قىلغان بىر قېتىملىق يۇرت زىيارىتىدە بالىكەسىردە سۆزلىگەن خۇتبىسىدۇر. ئاتاتۈرك بۇ خۇتبىنى 1923- يىلى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى زاغانوس پاشا جامەسىدە سۆزلىگەن:

    ‹‹ئەي مىللەت ئاللاھ بىردۇر.ئاللاھ بىر، شۆھرىتى ئۇلۇغدۇر. ئاللاھ سىلەرنى سالامەت ۋە ھۆرمەتلىك قىلسۇن. يىتەكچىمىز پەيغەمبەر ھەزرەتلىرى جانابى ھەق تەرىپىدىن  ئىنسانلارغا دىنىي ھەقىقەتلەرنى  تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن.  بۇنىڭ تۈپ ئاساسى ھەممىزگە مەلۇمكى، ئۇلۇغ ‹‹قۇرئان››دىكى مەنىسى ئوچۇق بولغان ئايەتلەردۇر. ئىنسانلارغا تەرەققىيات روھىنى بەرگەن دىنىمىز ئاخىرقى دىندۇر، ئەڭ مۇكەممەل دىندۇر. چۈنكى دىنىمىز ئەقىلگە، مەنتىقىگە ۋە ھەقىقەتكە تامامەن ئۇيغۇن. بۇنداق بولمىغان بولسا ئىدى، باشقا ئىلاھى ۋە تەبىئىي قانۇنلار ئارىسىدا زىددىيەت بولۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى بارلىق ئىلاھى قانۇنلارنى تۈزگۈچى جانابى ھەقتۇر.

    دوستلار! جانابى  پەيغەمبەر خىزمىتىدە ئىككى دارا ، يەنى ئىككى ئۆي بار ئىدى. بىرى ئۆز خانىسى، يەنە بىرى ئاللاھنىڭ ئۆيى ئىدى. مىللەتنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۆيىدە قىلاتتى.

    ئەپەندىلەر ... جامەلەر ئىبادەت ۋە ئىتائەت بىلەن بىرلىكتە دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىنىش، يەنى كېڭىشىش ئۈچۈن ياسالغان. مىللەت ئىشلىرىدە ھەر شەخسنىڭ زىھنى ئۆز ئالىدىغا پائالىيەت قىلىشى كېرەك.

    ئەمدى، بىزنىڭ بۇ يەردە دىن ۋە دۇنيا ئۈچۈن ، ئىستىقابال ۋە ئىستىقلال ئۈچۈن نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويايلى. مەن يالغۇز ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسىنى سۆزلىمەكچى ئەمەسمەن. مىللىي غايىنى، مىللىي ئىرادىنى يالغۇز بىرلا شەخسنىڭ چۈشەنچىسىدىن ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ، غايىلىرىنىڭ بىلىنىشى نەتىجىسىدىن چىقىرىش كېرەك. شۇڭا، مەندىن نېمىنى بىلمەكچى، نېمىنى سورماقچى بولساڭلار ئەركىن ھالدا سورىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن.

    ... ئەپەندىلەر   خۇتبە دېگەنلىك خەلققە خىتاپ قىلىش، يەنە سۆز قىلىش دېگەنلىكتۇر. خۇتبىنىڭ مەنىسى مۇشۇ. خۇتبە دېيىلگەن چاغدا بۇنىڭدىن بىرمۇنچە مەنا ۋە ئۇقۇملار چىقىرىلماسلىقى كېرەك. خۇتبىدە قارار بەرگۈچى خاتىپتۇر، يەنى بۇ سۆز قىلغۇچى دېگەنلىكتۇر. بىزگە مەلۇمكى، ھەزرىتى پەيغەمبەر زامانى سائادەتلىرىدە خۇتبىدە ئۆزى سۆز قىلاتتى.

    مەيلى پەيغەمبەر يىتەكچىمىزنىڭ بولسۇن، ياكى تۆت خەلىپىنىڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ خۇتبىلىرىنى ئۇقۇپ باقىدىغان بولسىڭىز، مەيلى پەيغەمبەرنىڭ، ياكى تۆت خەلىپىنىڭ بولسۇن سۆزلىگەن نەرسىلىرى ئۇ كۈننىڭ مەسىلىلىرىدۇر. ئۇ كۈننىڭ ئەسكىرى، ئىدارى، مالىيە، سىياسىي  ۋە ئىجتىمائىي  تېمىلىدۇر .

    ئىسلام ئۈممىتى كۈپىيىپ، ئىسلام مەملىكەتلىرى كېڭىيىشكە باشلىغان چاغدا، جانابى پەيغەمبەر ۋە تۆت خەلىپە ھەر يەردە خۇتبىگە  بىۋاسىتە ئۆزلىرى چىقىشقا ئىمكان بولمىغانلىقتىن، خەلققە سۆزلىمەكچى بولغان نەرسىلەرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر مۇنچە زاتلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن. ئېنىقكى، بۇلار سۆزى ئۆتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدۇر.

    ئۇلار جامەئى شەرىفتە ۋە مەيدانلاردا ئوتتۇرىغا چىقىپ،  خەلقنى ئاقارتىش ۋە توغرا يول كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمىنى سۆزلەش كېرەك بولسا شۇنى سۆزلەيتتى. بۇ ئۇسۇلنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن بىر شەرت لازىم ئىدى. ئۇ شۇنىڭدىن ئىبارەتكى،  مىللەتنىڭ رەئىسى بولغان زاتنىڭ خەلققە توغرىنى سۆزلىشى ۋە خەلقنى ئاقارتىشى، خەلقنى ئومۇمىي ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر. چۈنكى، ھەر نەرسە ئوچۇق سۆزلەنگەن چاغدا خەلقنىڭ زىھنى ھەرىكەت ھالىتىگە ئۆتۈپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ ۋە مىللەتنىڭ زىيىنىغا بولغان نەرسىلەرنى رەت قىلىپ، شۇنىڭ ياكى بۇنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ كەتمەيدۇ...

    خۇتبە ئوقۇشتىكى  مەقسەت  باشقا نەرسە ئەمەس، خەلقنى ئاقارتىش ۋە توغرا يول كۆرسىتىشتۇر. يۈز يىل، ئىككى يۈز يىل ھەتتا مىڭ يىل بۇرۇنقى خۇتبىنى ئوقۇش ئىنسانلارنى بىلىمسىزلىك ۋە غەپلەت ئىچىدە قالدۇرۇش دېگەنلىكتۇر. خۇتبە ئوقۇغان ئادەم ئېنىقكى خەلق قوللىنىدىغان تىلنى قوللىنىشى لازىم. ئۆتكەن يىلى مەن بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە سۆزلىگەن بىر نۇتۇقتا دېگەنتىمكى، مىنبەرلەر خەلقنىڭ زىھنى، ۋىجدانى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى، نۇر مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇنداق بولۇشى ئۈچۈن مىنبەرلەردە ئەكىس ئېتىدىغان سۆزلەرنىڭ بىلىنىشى ۋە  چۈشىنىلىشى پەننىي ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىمدۇر. خاتىپلارنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئەھۋاللارنى ھەر كۈنى كۈزىتىپ تۇرىشى زۆرۈردۇر. بۇلار بىلىنمىگەن ئەھۋالدا خەلققە خاتا چۈشەنچىلەر بىرىلىدۇ. شۇڭا خۇتبە تامامەن تۈركچە ۋە زاماننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.›› [1]

     ئاتاتۈركنىڭ دىندارلىقىنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسىمۇ ئەلبەتتە ۋەتەننىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىدۇر. ئاتاتۈركپۈتۈن ھاياتىنى ئۇرۇش سەپلىرىدە كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، قۇتۇلۇش ئۇرۇشىنىڭ يۆنۈلۈشىنى بىكىتكەن، تۈرك ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان ۋە  زور غەلىبىگە ئىمزا قويغان بۈيۈك بىر قومانداندۇر. ئىسلام يۇرتى بولغان گۈزەل ۋەتىنىمىزنىڭ دۈشمەننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىنى نەزەرگە ئېلىپ، يىللارچە كۆرەش قىلدى. ئاتاتۈركنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان قۇتۇلۇش ئۇرۇشىنى كۈچلۈك بىر ئېتىقاد بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغان تۈرك مىللىتىنىڭ مەۋقەسى  تۈۋەندىكى ‹‹قۇرئان›› ئايەتلىرىگە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ: ‹‹سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار. بىراق ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقانلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ››(سۈرە بەقەرە، 190-سۈرە)    
     

     

    ئاتاتۈركپۈتۈن ھاياتىنى ئۇرۇش سەپلىرىدە كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، قۇتۇلۇش ئۇرۇشىنىڭ يۆنۈلۈشىنى بىكىتكەن، تۈرك ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان ۋە  زور غەلىبىگە ئىمزا قويغان بۈيۈك بىر قوماندان.   
     

     

     

     

    ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋە زور بىر غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشقان قۇتۇلۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا تۈرك مىللىتىنىڭ ئېتىقادلىق مەۋقەسى ناھايىتى چوڭ بىر رول ئوينىغان. ياش ۋە قېرى دېمەي چوڭ پىداكارلىق كۆرسەتكەن تۈرك ئادىمى ۋەتەننىڭ مۇداپىئەسىگە مۇھىم ھەسسە قوشقان. يۇقىرىقىرەسىمدە قۇتۇلۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە  ئەنقەرەدىكى بىر ھەربىي زاۋۇتتا ئوق ياساۋاتقان، مومىسى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن بىرلىكتە پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان تۈرك ئاياللىرى تەسۋىرلەنگەن.

     

     

     

           

     

    يېزىنى قايتۇرۇۋېلىش، سامى يەتىك سىزغان (ئىستانبۇل ھەربىي موزىيى، 1934- يىلى)

     


         يۇقىرىقى رەسىمدە  قۇتۇلۇش ئۇرۇشىدا قۇرال – ياراق توشىۋاتقان ئاياللار تەسۋىرلەنگەن، خالىل دىكمەن سىزغان (ئەنقەرە رەسىم ۋە ھەيكەل موزىيى، 1933- يىلى).

     

       

    ۋەتەنگە، مىللەتكە خىزمەت قىلغانلارنى ھەر ۋاقىت تەقدىرلىگەن  ئاتاتۈرك مىللى كۈرەشنى قوللىغان ئاماسيا مۇپتىسى كامىل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشمەكتە. 1930- يىلى 22-نۇيابىر.

     

     


     

     ئاتاتۈرك سىۋاس كونگرىسى مەزگىلىدە مىللىي تەشكىلاتلىنىشنى ھېمايە قىلغان سىۋاس قازىسى ھاسبى ۋە ئەرزىنجانلىق شەيخ فەۋزى ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    ئاتاتۈركنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن بەزى خاتىرىلەر 

    كۆرەشلىرىدە ھېمايە ۋە ياردەمنى ھەر ۋاقىت ئاللاھدىن ئىستىگەن ئاتاتۈرك ھەر قانداق بىر پۇرسەتتە ‹‹قۇرئان›› ئوقۇتۇپ دۇئا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. يەنە كېلىپ بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەلىللەر ئاتاتۈركنىڭ ئۆزىنىڭ قول يازمىلىرىدۇر. ياشلىقىدىن بېرى كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئادەت قىلغان ۋە بۇ ئادىتىنى چوڭ ھۇجۇم دەۋرىدىمۇ داۋاملاشتۇرغان ئاتاتۈركنىڭ خاتىرىلىرى بىزگە ئۇنىڭ سەمىمىي ئېتىقادىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان مۇھىم دەلىللەردۇر. تۈۋەندە ئاتاتۈركنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن تېمىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى بۆلۈملەرنى نەقىل كەلتۈرىمىز.

    1922- يىلى 9- مارت كۈنى، پەيشەنبە – سىۋرىھىسار

    كەچ سائەت سەككىز بولغاندا ئىسمەت پاشا كەلدى. ئاۋۋال تاماق يىدۇق. تاماقتىن كېيىن 10- مارت ئۈچۈن پروگرامما قارارلاشتۇردۇق. سىياسىي ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردىم. ئۇنىڭدىن كېيىن قارىغا ‹‹قۇرئان›› ئوقۇتتۇق.

    1922- يىلى 10- مارت، جۈمە-ئازىزىيە

    كەچ سائەت بەش، ئازىزىيە. چارچىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ، بىر سائەتكە يېقىن ئۇخلىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن بەدىنىمنى بۇلۇت بىلەن سۈرتۈپ تازا راھەتلىنىپ ئارام ئالدىم. ئىسمەت، ياقۇپ شەۋكى ۋە سەلاھاتتىن پاشالار كەلگەنىدى. بىرلىكتە تاماق يىدۇق. كەلگەن بەزى تېلېگراممىلارنى كۆردۈم. قارىغا ‹‹قۇرئان›› ئوقۇتتۇم. سائەت  ئوندا ئۇلار كەتتى، مەن خاتىرە يازدىم.  بىراز كىتاپ كۆرۈپ ئاندىن ياتتىم. ئەتىكى پىلانىمىز ئۈچ تۈمەن(دىۋىزىيە)نى كۆزدىن كەچۈرۈش ئىدى.

     17- مارت جۈمە- ئاقشەھىر

    ئۇچقۇچى قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈش. پازىل بەي ۋە باشقا بىر ئۇچقۇچى ئۇچتى. فرانسۇزلاردىن ئېلىنغان 14 ئايرۇپىلان ئاداناغا كەلدى. ئىككى ئايرۇپىلان ئۇچۇرماقچى بولدۇق. موتۇرىنى قوزغۇتۇش تەس بولدى، بىرىسى ئۇچالىدى.

    قارارگاھقا قايتىش. سائەت سەككىزگە قەدەر يالغۇز قالدىم. مۇستافا ئابدۈلھالۇق بەي كەلدى. قارىغا ‹‹قۇرئان›› ئوقۇتتۇق، ئىسمەت پاشامۇ كەلدى، تاماقتىن كېيىن  كىتىشتى.

    20 –مارت، دۈشەمبە- ئاقشەھىر

    مۇداپىيەئى ھوقۇق ھەيئىتى. ئىھسان، فاھرەتتىن پاشالار كەلدى. ئىھسان پاشا(ئالى ئىھسان سابىس) شىكايەت قىلدى. نەھەقچىلىق بولغانىدى، ئوچۇق سۆزلەشتىم. ئاپتومبىل بىلەن كەزدىم. ئىسمەت پاشانىڭ يېنىغا باردىم، بىرلىكتە بىزنىڭكىگە كەلدۇق. فاھرەتتىن(ئالتاي) پاشا ۋە شىتاپ باشلىقىنى تاماققا تەكلىپ قىلدىم. قارىغا ‹‹قۇرئان›› ئوقۇتتۇق.

    24- مارت، جۈمە- ئاقشەھىر

    ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى جەلال بەي ئۇقتۇردى. جۈمە نامىزىدا قازى ئۇلۇجامەسىدە مەۋلۈت ئوقىدى. يېرىم كېچىدىن كېيىن ئەتتىگەن سائەت بەشكە قەدەر ئەنقەرەدە مىنىستىلار ھەيئىتى بىلەن سۆھبەتلەشتىم.[2]

     

     

     


      كۆرەشلىرىدە ھېمايە ۋە ياردەمنى ھەر ۋاقىت ئاللاھدىن ئىستىگەن ئاتاتۈرك ھەر قانداق بىر پۇرسەتتە ‹‹قۇرئان›› ئوقۇتۇپ دۇئا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. رەسىمدە ئارمىيىمىزنىڭ زەپەر قازىنىشى ئۈچۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدا ئابدۇللاھ ئازمى ئەپەندى دۇئا قىلىۋاتقان كۆرۈنىش(1922-يىلى 28- ماي)

    .

     

     

     

     

     

     

     

    ئەنقەرە ۋالى مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا نەۋشەھەرلىك ھاسان فەھمى ئەپەندى   دۇئا قىلماقتا (1919-يىلى 27 –دېكابىر)

    تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدا رامىزان بايرىمى(روزى ھېيىت) مۇناسىۋىتى بىلەن ئارمىيىمىزنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن  قىلىنغان دۇئا ۋە بايرام مۇراسىمى(1920- يىلى 6-ماي)
     

    ئاتاتۈرك چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى  ئاللاھقا ۋە دىنگە بولغان ساداقەت دەپ كۆرسىتىدۇ

    چاناققەلئە ئۇرۇشىدا ئاتاتۈركنىڭ بۇيرىقى ئاستىدا ئۇرۇش قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن  ئاتاتۈركنىڭ ئورنىغا 19- دىۋىزىيىنىڭ قوماندانى بولغان پولكوۋنىك شەفىك ئاكەر تارىخىي بىر خاتىرىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: ئاۋغۇست (1915- يىلى) كىچىسى ماڭا 19- دىۋىزىيىنىڭ قوماندانلىقىنى  ئۆتكۈزۈپ  بىرىپ ئانافارتالار گۇرۇپپىۋىي قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەندە ئاتاتۈرك مىنىڭ سول يېنىمدا ئىدى. ئاغزىدىن چىققان پىسىلدىغان بىر ئاۋاز دىققىتىمنى تارتتتى.ئۇزىنىڭ سالامەتلىك ۋە غەلىبىسى ئۈچۈن ئاللاھقا بوش ئاۋاز بىلەن ئىلتىجا قىلغانلىقىنى بىلدىم.[3]

     ئانافارتالار گۇرۇپپىۋىي ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئاتاتۈرك ھەربىي سەبداشلىرى بىلەن بىللە

    ئاتاتۈركنىڭ بۇ ياخشى مەۋقەسى ‹‹ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى يالغۇز ۋە ياردەمسىز قالدۇرسا، ئاللاھدىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم قىلىدۇ. مۆمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن››(ئەل ئىمران سۈرىسى، 160-ئايەت) دېگەن ئايەتتە تەرىپلەنگەن مۆمىن خاراكتېرىنىڭ ياخشى بىر ئۆرنىكىدۇر.

    چاناققەلئە ئۇرۇشى مەزگىلىدە قەھرىمان ئارمىيىمىزنىڭمۇ مەنىۋىي كۈچى ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىغانلىقىنى كۆرگەن ئاتاتۈرك ئەسكەرلىرىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى مۇنداق تەرىپلىگەن: ‹‹ئۆلگەننى كۆرۈپ ئۈچ مىنۇتقىچە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئازراقمۇ قورقاقلىق قىلمىدى. تەۋرىنىش يوق. ئوقۇشنى بىلگەنلەر قولىغا ‹‹قۇرئان كەرىم››نى ئېلىپ جەننەتكە كىرىشكە ھازىرلىناتتى. ئوقۇشنى بىلمىگەنلەر كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇيتتى. بۇ تۈرك ئەسكەرلىرىدىكى روھىي قۇۋۋەتنى كۆرسىتىغان، ھەيران قالارلىق ۋە ماختىلىدىغان بىر مىسالدۇر. ئىشەنشىڭىز بولىدۇكى، چاناققەلئە ئۇرۇشىنى غەلىبىگە ئىرىشتۈرگىنى مۇشۇ يۈكسەك روھتۇر.››[4]  بۇ ئىمان ۋەجىدىنكى، تۈرك ئارمىيىسىدىن چاناققەلئەدە 250 مىڭ كىشى شېھىت بولغان بولسىمۇ، ئازراقمۇ كەينىگە داجىماي ۋە تەۋرەنمەي  قەھرىمانلارچە كۆرەش قىلدى. چاناققەلئەدە شېھىت ۋە غازى بولغان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ بۇ يۈكسەك ئەخلاقى تۈۋەندىكى ‹‹قۇرئان›› ئايىتىنىڭمۇ بىر نامايەندىسىدۇر: ‹‹ئەي مۆمىنلەر بىر جامائەگە ئۇچراشقاندا چىداملىق بولۇڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپرەك ياد ئىتىڭلار، غەلىبىگە ئىرىشىسىلەر.››(ئەنفال سۈرىسى، 45- ئايەت)


     ئاللاھتىن باشقا ھىچنېمىدىن قورقمىغان ۋە شېھىت بولۇشنى ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋە دەپ قوبۇل قىلغان ئاتامىز ئاشۇ تۇيغۇلارنى ئارمىيىمىزگىمۇ سىڭدۈرگەن ئىدى. رەسىمدە چوڭ ھۇجۇمغا ھازىرلانغان ھەربى قىسىملار تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدا پاراتتىن ئۆتمەكتە.

     

    ئاتاتۈركمۇ شېھىتلىك ۋە غازىلىقنى ئەڭ يۈكسەك شەرەپ ۋە ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋە دەپ بىلگەن قەھرىمان تۈرك ئارمىيىسىگە شۇنداق خىتاپ قىلغان: ‹‹تۈرك ئارمىيىسى! دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر ئارمىيىدە قەلبى سىنىڭكىدىنمۇ پاك، سىنىڭكىدىنمۇ ساغلام ئەسكەر  ئۇچرىغان ئەمەس. ھەر غەلىبىنىڭ ئاساسى سىنىڭ قولۇڭدىدۇر، ھەر غەلىبىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەسسىسى سىنىڭدۇر. ئىشەنچەڭ بىلەن، ئىمانىڭ بىلەن، ئىتائەتىڭ بىلەن، ھېچقانداق تەھدىت قورقىتالمىغان تۆمۈردەك ساپ قەلبىڭ بىلەن دۈشمەننى ئاخىرى يەر بىلەن يەكسان قىلغان بۈيۈك غەيرىتىڭ ئۈچۈن كۈڭۈك قەرزىمنى ۋە تەشەككۇرۈمنى ئېيتىشنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس بىر بۇرچ دەپ بىلىمەن.››[5]ئاللاھتىن باشقا ھېچنېمىدىن قورقمىغان ۋە شېھىت بولۇشنى ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋە دەپ قوبۇل قىلغان ئاتىمىز ئاشۇ تۇيغۇلارنى ئارمىيىمىزگىمۇ سىڭدۈرگەن. ‹‹قۇرئان››نىڭ بىر ئايىتىدە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ بۇ گۈزەل ئالاھىدىلىكلىرى  شۇنداق دىققەتنى تارتىدۇ: ‹‹ئادەملەر ئۇلارغا ‹كىشىلەر سىلەرگە قارشى ئادەم توپلىدى. ئەمدى ئۇلاردىن قورقۇڭلار› دېگەن بولسىمۇ ، بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار ‹ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئۇ نېمەدېگەن ياخشى ۋەكىل(ھامىي)دۇر› دېدى.››(ئەل ئىمران سۈرىسى، 173- ئايەت)

    ئاتاتۈركنىڭ ئىسلامدىكى ۋىجدان ئەركىنلىكى تېمىسىدا تەرىپى

            ئىسلامىيەت ئىنسانلارنى دىن ئەخلاقىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىدۇ. قوبۇل قىلغاننىڭ مۇكاپاتى ياكى قوبۇل قىلمىغاننىڭ جازاسى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ. بۇ تېمىدا مۇسۇلمانلارغا چۈشكەن ۋەزىپە پەقەت ئىنسانلارنى ئاللاھ يولىغا چاقىرىشتۇر. ئەمەل قىلىش ياكى قىلماسلىق ئۆزىنىڭ تاللىشىدۇر. ئاتاتۈركنىڭ بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك شۇ سۆزلىرى ‹‹قۇرئان›› ئەخلاقىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ: ‹‹دىن بىر ۋىجدان مەسىلىسىدۇر. ھەر كىم ۋىجدانىنىڭ بۇيرىقىغا بويسىنىشتا ئەركىندۇر. بىز دىنگە ھۆرمەت قىلىمىز. ئويلىنىش ۋە تەپەككۇرغا قارشى ئەمەسمىز. بىز پەقەت دىن ئىشلىرىنى مىللەت ئىشلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىققا تىرىشىمىز. غەرەزلىك ۋە  ھەرىكەتكە ئايلانغان مۇتەئەسىپلىكتىن ساقلىنىمىز.››[6]

      

     

     

     

     

     

    ‹‹ئىلىم – پەن قەيەردە بولسا ئۇنى شۇ يەردىن ئالىمىز ھەم مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ كاللىسىغا قۇيىمىز. ئىلىم - پەن ئۈچۈن مۇنازىرە ۋە شەرت يوقتۇر››(ئاتاتۈرك)

    ئاتاتۈركنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان لائىكلىق ھەققىدىكى تەرىپى ئىسلامنىڭ روھىغا ۋە مەقسىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. ‹‹قۇرئان كەرىم›› دە بىر كىشىنىڭ دىننى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئۆزىنىڭ قارارى بىلەن بولىدىغانلىقى ، دىننى قوبۇل قىلمىسا بۇنىڭ ئۈچۈن  ئۇنىڭغا زورلۇق قىلىنمايدىغانلىقى مۇنداق بىلدۈرۈلگەن: ‹‹دىندا زورلاش يوقتۇر. ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى. كىم تاغۇتنى رەد قىلىپ، ئاللاھقا ئىشەنسە، ئۇ مۇستەھكەم بىر تۇتقۇنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.››(بەقەرە سۈرىسى، 256- ئايەت)

     

     

     

    ئاتاتۈركنىڭ ئىلىمگە ئەھمىيەت بىرىشى

    ئاتاتۈرك ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ھېمايە قىلغان ئۇقۇملارنىڭ دىنىمىز بىلەن بولغان  ئۇيغۇنلىقىنى ئومۇمەن ھەر ساھەدە كۆرۈش مۇمكىن.ئاتاتۈركنىڭ ئىلىم –پەن تېمىسىدىكى بىر قارىشى بۇنىڭ باشقا بىر ئۆرنىكىدۇر.ئاتاتۈرك ‹‹ئىلىم – پەن قەيەردە بولسا ئۇنى شۇ يەردىن ئالىمىز ھەم مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ كاللىسىغا قۇيىمىز. ئىلىم - پەن ئۈچۈن مۇنازىرە ۋە شەرت يوقتۇر››[7]دېگەندە ئەسلى پەيغەمبىرىمىز ئەسىرلەر بۇرۇن سۆزلىگەن ‹‹ئىلىم جۇڭگودا بولسىمۇ بېرىپ ئۈگىنىڭلار›› دېگەن بۇيرىقى بىلەن تامامەن ئوخشاش بىر پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

     

    ئاتاتۈرك چەتئەل ئالىملىرى قاتناشقان خەلقارالىق يىغىنلارغا قاتنىشاتتى. يۇقىرىقى رەسىمدە ئاتاتۈرك ئالىملار  بىلەن  سۆھبەتتە. ئالدىدىكى خانىم ئۇنىڭ مەنىۋىي قىزلىرىدىن بىرى بولغان پروفېسسور، دوكتۇر ئافەت ئىنان، يېنىدىكى ئۇنىڭ ئۇستازى شىۋىتسىيىلىك تارىخ پروفېسسورى ئېگېن پىكارد..

     ئىسلامدىكى بىلىمگە ئەھمىيەت بىرىش ‹‹قۇرئان››دا ئېنىق بىلدۈرۈلگەن. ‹‹قۇرئان›› ئايەتلرىدە ئاللاھ ئىنسانلارنى تەپەككۇر قىلىشقا، تەھلىل قىلىشقا ۋە تەتقىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بىر ئايەتتە مۇنداق بۇيرۇلغان:‹‹ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن ۋە ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا ، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىشىدا، ئاسمان – زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا چۈشىنىدىغان جامائە ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئايەتلەر بار.››(بەقەرە سۈرىسى، 164- ئايەت) مەيلى ئاسمان، مەيلى يەر يۈزى بولسۇن، ياكى ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان جانلىقلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا ھەر بىرىنىڭ ئۆزىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەستىقلىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئالەمنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۈتكۈل مەجۇتلۇقلارنى  تەتقىق قىلىشنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ يارىتىشىدىكى سەنئەتنى بايقاپ، ئۇنى ئىنسانىيەتكە تۇنۇتۇشنىڭ يولى ‹‹بىلىم››دۇر.  شۇڭا، ئىسلام دىنى بىلىمنى ئاللاھنىڭ يارىتىشىدىكى مۇكەممەللىككە ئۇلىشىشتا بىر يول سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بىلىمنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئاتاتۈركنىڭ بىلىمگە ئەھمىيەت بىرىشى بۇ مەنىدە چۈشىنىلىشى كېرەك.

    ئاتاتۈركنىڭ ‹‹قۇرئان›› ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كىشىلىكى

    ئاتاتۈركنى ھەربىي تالانتى ۋە دۆلەت خادىمى بولۇشتەك خاراكتېرى بىلەن بىر قاتاردا ئۇنى ئىنسان سۈپىتىدىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقارغان بىر مۇنچە مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى بار. بۇ ئالاھىدىلىكلەر تەتقىق قىلىنىدىغان بولسا، ئاتاتۈركنىڭ ئەخلاقىنىڭ ‹‹قۇرئان›› ئەخلاقىغا  بەك كۆپ جەھەتتىن ئۇيغۇن كەلگەنلىكىنى ئاسانلا كۆرەلەيسىز. ئاتاتۈركنىڭ يېقىن دوستى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ غازىئانتەپ ۋەكىلى قىلىچ ئالى پاشا ئاتاتۈركنىڭ شەپقەتلىك، ئاڭلىق ۋە ئالىجاناپ كىشىلىكىنى مۇنداق خۇلاسىلىغان: ‹‹ئاتاتۈرك ناھايىتى شەپقەتلىك، ناھايىتى ئەدەپلىك ۋە ناھايىتى ۋاپادار بىر ئادەم ئىدى. ۋاپاسىزلارغا ۋە ۋاپاسىزلىقلارغا قارىتا ئىچى ناھايىتى تىت –تىت بولاتتى ۋە مەيۈسلىنەتتى. يېقىنلىرىنىڭ، ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىنىڭ خۇسۇسى ھەتتا ئائىلەۋى دەرتلىرىنى ئاڭلايتتى، ئادەتتە بىر ئاتىغا ئوخشاش ئۇلارغا چارە ئىزدەيتتى، ئۇلارغا تەسەللى بىرەتتى. ئىنسان ئۇنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ دەردىنى تۆككەندىن كېيىن  راھەتلىنىپ قالاتتى، ئۇنىڭ يېنىدىن كۆڭلى ھۇزۇرلۇنۇپ، ناھايىتى خوشال قايتىپ چىقاتتى.››[8]

    ئاتاتۈرك ناھايىتى سەۋرى- تاقەتلىك بىر ئادەم ئىدى. بەزىدە داستىخىنىدا ئۇنىڭ بىلەن مىھمانلار ئارىسىدا، پارلامېنت ئەزالىرى  ۋە دوستلىرى ئارىسىدا كۈرەش شەكلىگە ئايلانغان دەرىجىدە شۇنداق مۇنازىرىلەر بولاتتى. ئۇنىڭ رۇخسىتى ۋە كەڭ قورساقلىقىدىن جاسارەتلىنىپ  قاينىغان بۇ مۇنازىرىلەرگە سەۋرى قىلىش ۋە چىداش ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت مۇستافا كەمال بولۇش لازىم ئىدى. بۇ سەۋر ۋە چىداشلىق ئۇنىڭغا خاس، ئۇنىڭغا يارىشىدىغان بىر خۇسۇسىيەت ئىدى.[9]

    ئاتاتۈرك سەزگۈرلۈك بىلەن توختالغان سەۋر ئاللاھ بىزدىن ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلغان مۆمىننىڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرىدۇر. سەۋرىنىڭ ئەھمىيىتى ‹‹قۇرئان››نىڭ ناھايىتى كۆپ ئايەتلىرى ئارقىلىق بىزگە بىلدۈرۈلمەكتە. ئاتاتۈركنىڭ باشقا بەزى ئەخلاقى ئالاھىدىلىكلىرى بولسا تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر ئەسەردە شۇنداق تەرىپلەنگەن: ‹‹ئاتاتۈرك ئىككى يۈزلىمىچى، يالغانچى، مەككار، خوشامەتچى ئىنسانلارنى ياقتۇرمايتتى. ھېچ كىشىنىڭ پىتنە-پاسات تارقىتىشىغا ياكى بىرى ھەققىدە سۆز –چۆچەك قىلىشىغا ۋە بۇ خىل چاكىنا قىلىقلارغا رۇخسەت قىلمايتتى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال كۆرۈلسە ئالدى بىلەن شۇ ئىككى كىشىنى يۈزلەشتۈرەتتى.[10]

    كىشىلەرنىڭ سۆزىنى سەۋرى –تاقەت بىلەن ئاڭلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەمچى بولۇشى ۋە بەدەل كۈتمەستىن ياخشىلىق قىلىشى ئاتاتۈركنىڭ ‹‹قۇرئان›› ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كىشىلىكىنىڭ بىر ئىنكاسىدۇر. رەسىمدا ئاتاتۈرك بىر ساياھەت ۋاقتىدا ياشانغان بىر خانىمنىڭ دەردىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىماقتا.

     

    ‹‹قۇرئان›› ئايەتلىرىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا مۆمىنلەرنىڭ شەپقەتلىك، كۆيۈمچان، ئەتراپلىق ئويلايدىغان، ۋاپادار، سەۋرلىك، دورۇست ۋە ئارقىسىدىن يامان گەپ قىلماسلىققا ئوخشاش بىر مۇنچە گۈزەل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بەزىلىرىدە شۇنداق بۇيرۇلغان: 

    ‹‹ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ بىھاجەتتۇر.ھەلىمدۇر.››(بەقەرە سۈرىسى، 363-ئايەت)

    ‹‹كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرىمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.››(لوقمان سۈرىسى، 18- ئايەت)

    ‹‹ بىز ئۇنىڭغا سۆيگۈ ۋە پاكلىق ئاتا قىلدۇق. ئۇ ناھايىتى تەقۋادار ئىدى.››(مەريەم سۈرىسى، 13- ئايەت)

     ‹‹تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل-مال) سەرپ قىلىدىغانلار، ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، باشقىلاردىكى ھەققىدىن ۋاز كەچكەنلەردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.››(ئەل ئىمران سۈرىسى، 134-ئايەت)

    يەنە ئاتاتۈركنىڭ ھاياتىنى چۈشەندۈرىدىغان مەنبەلەردە نەقىل كەلتۈرۈلگىنىدەك، ‹‹ئاتاتۈرك ئۆزىنىڭ داستىخىنىدا سۆز – چۆچەكلەرنىڭ بولۇشىغىمۇ قەتئىي يول قويمايتتى.[11] ئاتاتۈركنىڭ بۇ مەۋقەسى ئاللاھنىڭ ئىنسانلاردىن كۈتكەن ‹‹قۇرئان›› ئەخلاقىغا ئۇيغۇن بىر ھەرىكەت شەكلىدۇر. بىر ئايەتتە مۇنداق بۇيرۇلغان: ‹‹بىر بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يىيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ تۆۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر. ئۇلارغا ناھايىتى مىھرىباندۇر.››(ھۇجۇرات سۈرىسى، 12- ئايەت) 

     

     

     

     

     

     

     

     

    تاماق سورۇنى ئاتاتۈركنىڭ قارار ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ بىر خىل مۇھىم نوقتىسى، دائىملىق مىھمانلارنىڭ ئىلھام مەنبەسى ئىدى. شۇ سەۋەپلىك ئاتاتۈركنىڭ داستىخىنىدىن دائىم مىھمان ئۈزۈلمەيتتى، دۆلەت ۋە كۈلتۈر مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىناتتى.
     

    ئاتاتۈرك ھەم ئائىلىسىدە ھەم ئۆزىنى يىتۈشتۈرگەن مەكتەپلەردە ئوسمانلىلار كۈلتۈرىنى ئۈگەنگەن ۋە بۇ كۈلتۈرنىڭ ئۆرنەك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرغان بىر كىشى ئىدى. ئۆزىنى يىتۈشتۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن، داۋاملىق ئۈگەنگەن، يېڭى پىكىرلەرگە يۈزلەنگەن، پاك بىر كىشىلىككە ئىگە بولغان ئاتاتۈرك كىيىنىشكە دىققەت قىلىدىغان، كۈچلۈك ۋە تىتىك بىر كىشى ئىدى.  ئۆزى تۇرغان  ماكاننىڭ نىزام ۋە تەرتىۋى مەسىلىسىگىمۇ ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلاتتى.تاماق سورۇنى ئاتاتۈركنىڭ قارار ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ بىر خىل مۇھىم نوقتىسى، دائىملىق مىھمانلارنىڭ ئىلھام مەنبەسى ئىدى. ئاتاتۈركنىڭ مەنىۋى قىزى سابىھا گۆكچەن ئاتاتۈركنىڭ تاماق سورۇنىنى مۇنداق تەرىپلىگەن: ‹‹شۇنى بىلىش كېرەككى، غازى پاشانىڭ تاماق سورۇنى يەپ – ئىچىدىغان، ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ۋە ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان يەر ئەمەس ئىدى. ئۇ بۇ داستىخاننى ئادەتتە بىر مەكتەپكە ئايلاندۇرغانىدى. بۇ داستىخان دۇنيا مەسىلىلىرى، يۇرت مەسىلىلىرى، ئىلىم، پەلسەپە، سەنئەت، ئىنسانلىق ئىدېئالى ۋە مەدەنىي تۈرك مىللىتىنىڭ گەلگۈسى مەسىلىسى تاڭ ئاتقىچە مۇھاكىمە قىلىنىدىغان بىر مەكتەپ ئىدى،  مەرىپەت ۋە ياخشى نىيەت بىلەن تولغان بىر داسىخان ئىدى. [12] قۇرۇق گەپ قىلىش بىلەن ھېچ خوشى يوق ئاتاتۈرك باشقا كىشىلەرنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى جىكىلەيتتى. بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ ‹‹قۇران››دا ئىپادە قىلىنغان مۆمىننىڭ بىر خۇسۇسىيىتى ئىكەنلىكى  دىققەتنى تارتىدۇ. قۇرۇق گەپلەر، ھېچبىر مەقسەتكە يۈزلەنمىگەن، ئىنسانلارنى چۈشەنچىدىن، ئەقىلدىن يىراقلاشتۇرىدىغان سۆزلەرگە قارىتا مۆمىنلەرنىڭ تۇتقان ئىسىل مۇئامىلىسى ‹‹قۇرئان››دا شۇنداق تەرىپلەنگەن:‹‹ئۇلار قۇرۇق گەپ ۋە يامان سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجاناپلىق بىلەن ئۆتۈپ كىتىدۇ››(فۇرقان سۈرىسى، 72- ئايەت)

      

    ئۆزىنى يىتۈشتۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن، داۋاملىق ئۈگەنگەن، يېڭى پىكىرلەرگە يۈزلەنگەن، پاك بىر كىشىلىككە ئىگە بولغان ئاتاتۈرك كىيىنىشكە دىققەت قىلىدىغان، كۈچلۈك ۋە تىتىك بىر كىشى ئىدى.

     

    داۋامى بار

     

     



    [1]‹‹ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى››، 2- توم، 93-بەت.

    [2] ئالى مىتھات ئىنان : ‹‹ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە دەپتەرلىرى››،122-127-بەتلەر،  1996- يىلى، ئەنقەرە، گۈندوغان نەشرىياتى.

    [3] ئىسمەت گۆرگۈلۈ :‹‹ئاۋازلىق ھۆججەتلەردىن م. كەمال ئاتاتۈرك››، ‹‹ئاتاتۈرك تەتقىقاتى مەركىزى ژورنىلى››، 11- سان، 1988-يىلى، http://www.mkataturk.gen.tr/ozel/ozel4.html

    [4]  ‹‹ئاتاتۈركنىڭ تاللانما سۆزلىرى››، توپلىغۇچى جىھات ئىمەر، رەمزى كىتاپخانىسى، 136-بەت،1989-يىلى،

    [5] ‹‹ئاتاتۈركنىڭ تاللانما سۆزلىرى››، توپلىغۇچى جىھات ئىمەر، رەمزى كىتاپخانىسى ، 138-بەت،

    [6] سادى بوراك :‹‹ئاتاتۈرك ۋە دىن ››، 1962- يىلى(ئا. گۈرتاش،34-بەت).

    [7] ‹‹ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى››، 2-توم، 44-بەت.

    [8] ‹‹ئاتاتۈركنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى››، 71- بەت.

    [9]  ‹‹ئاتاتۈركنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى››،72- بەت.

    [10] ‹‹ئاتاتۈركنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى››، 80-بەت.

    [11] ‹‹ئاتاتۈركنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى››، 100-بەت.

    [12] ‹‹ئاتاتۈركنىڭ ئىزىدە بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتتى››، سابىھا گۆكچەن، 55-بەت.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاتاتۈرك , ئىسلام دىنى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-16 23:05:50
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 260
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证