تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Mehrigul
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11347
    NAZIRA401444683@QQ.COM

    يازما سانى : 18
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-19 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    كىلمانجارودىكى قار

     

     
     
     
     

    كىلمانجارودىكى قار

     

    ئېرنېست ھېمىڭۋاي (ئامېرىكا)

     

    زۇلپىقار بارات تەرجىمىسى

     

    كىلمانجارو دېڭىز يۈزىدىن 19مىڭ 710 فۇت ئېگىز، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان تاغ. ئۇنى ئافرىقىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ دېيىشىدۇ. تاغنىڭ غەربىي چوققىسى ماسەيلەرنىڭ "ئىئاگىسى" دەپ نام ئالغان، يەنى خۇدانىڭ مۇقەددەس قەسىرى دېگەن مەنىدە. بۇ چوققىغا يېقىن بىر جايدا شىۋىرغاندا شىنىدەك قېتىپ كەتكەن بىر يىلپىزنىڭ جەسىتى ياتىدۇ. بۇ يىلپىزنىڭ بۇنچە قاتتىق سوغۇق بولىدىغان تاغقا زادى نېمىنى ئىزدەپ چىققانلىقى ھەققىدە ھېچكىم ھېچنىمە دېمىگەن.

    -قىزىق ئىش، بۇ يېرىم ھېچ ئاغرىمايدىغۇ،- دېدى ئۇ،- سىزمۇ بىلسىز، دەسلىپىدىمۇ زادىلا ئاغرىمىغانىدى.

    -راسىتتىنلا شۇنداقمۇ؟

    -ھەئە، لېكىن بىر ئىش ئۈچۈن ئالدىڭىزدا بەك خىجىل، بۇ پۇراق سىزنى تازا بىئارام قىلىدىغان بولدى-دە!

    -بۇنداق دېمەڭ! نېمىشقا بۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغانسىز؟

    - قاراڭ، ئاۋۇ قۇشلارغا،- دېدى ئۇ، -ئۇلارنى بۇ يەرگە ئۆگىتىۋالغىنى بۇ يەرنىڭ مەنزىرسىمىدۇ ياكى بۇ قۇشلار مېنىڭ بەدىنمدىن چىقىۋاتقان سېسىق پۇراقتىن ئولجا كۈتۈپ ياتامدىغاندۇ؟

     

    ئەتراپقا قويۇق سايە تاشلاپ تۇرغان مىموزا دەرىخنىڭ ئاستىدا- بىرېزېنت سېلنىغان كارىۋاتتا ياتقان ئەر دەرەخ دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئارىسدىن قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ ياتقان تۈپتۈز دالاغا قارىدى. نېرىراقتا ئۇنى ئارامىدا قويمايۋاتقان ئۈچ لەنىتى قۇياش پوكىنىنى يەرگە چاپلاپ ياتاتتى. ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ئون نەچچە قۇش ھەر قېتىم ئۇنىڭ باش ئۈستىدىن ئەگىپ ئۆتكەندە، يەرگە دەقىقە تېزلىكى ئىچىدە سايىسىنى تاشلاپ قاچاتتى.

    -بۇ قۇشلار لەڭگەر تاشلانغان كۈندىن باشلاپلا بۇ يەردىن ئەگىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ،- دېدى ئەر،- يەرگە قونۇشى تېخى بۈگۈن تۇنجى قېتىم، دەسلىپىدە بىرەر پارچە ھېكايە يازسام خام ماتېرىيال بولۇپ قالار دەپ ئۇلارنىڭ ھاۋادا قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان ھالىتىنى تازا كۆزىتىپتىكەنمەن. ئەمدى ئويلاپ باقسام، بۇ ئىشىم تازىمۇ كۈلكىلىك بوپتۇ.

    -بۇلارنى يازمايچۇ،- دېدى ئايال.

    -مۇنداقلا دەپ قويدۇم،- دېدى ئەر،- سۆزلىۋالسام يېنىكلەپ قالىدىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كۆڭلىڭىزنى پاراكەندە قىلىش نىيىتىم يوق.

    - كۆڭلۈمنىڭ پاراكەندە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ دەۋاتقان گېپىڭىزنى قارىڭە،-دېدى ئايال،-كېسىلىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا ھېچ ياردەم قىلالمىغىنىم ئۈچۈن مۇشۇنداق زەردىگۆش بولۇپ كېتىۋاتىمەن. ئايىروپىلان كېلىشتىن بۇرۇن ئىمكانقەدەر ئۆزىمىزنى خۇشال تۇتايلى.

    -مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئايىروپىلان كەلمەيدۇ دەڭا.

    -سىزگە نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن، ماڭا ئېيتسىڭىز، مەن قىلىپ بېرەلىگۈدەك بىر ئىشقۇ چىقار.

    -بۇ پۇتۇم سوزۇلۇپ تۇرۇۋېلىپ ئىچىمنى پۇشۇرۇۋەتتى، ئۇنى ھەرىدۋەتسىڭىز بولاتتى، لېكىن، ئويلاپ باقسام، بۇ مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. ياكى بولمىسا مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭە. ھازىر سىز دېگەن قالتىس مەرگەن. سىزگە تاپانچا ئېتىشنى ئۆگەتكەنىدىمغۇ؟

    -بۇنداق دېمەڭ، سىزگە بىر نەرسە ئوقۇپ بېرەيمۇ؟

    -نېمە ئوقۇپ بېرىسىز؟

    -سومكىمىزدىكى تېخى ئوقۇمىغان كىتابنىڭ قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ.

    -كاللامغا كىرمەسمىكىن،- دېدى ئەر،- قۇرۇق پاراڭ ئەڭ خوش ياقىدىكەن.يا بولمىسا تاكاللىشايلىچۇ. شۇنداق قىلساق ۋاقىت تېز ئۆتىدۇ.

    -ئۇنداق قىلمايمەن، ئەزەلدىن تاكالىلىشىش بىلەن خۇشۇم يوق. ئەمدى تاكاللاشمايلى، ئىچىمىز قانچىلىك تىت-تىت بولۇپ كەتسىمۇ چىدايلى. ئۇلار بۈگۈن باشقا بىر يۈك ماشىنىسىدا كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ئايىروپىلان كېلىپ قالامدۇ تېخى.

    -مىدىرلىغۇم يوق،- دېدى ئەر،- سىزنى ئازراق بولسىمۇ ئۈمىدلىنىپ قالمىسۇن دېمىسەم، ئەمدى بەدىنىمنى قىمىرلاتقىنىمنىڭ ھېچقانداق پايدىسى قالمىغانىدى.

    -بۇ بېلى بوشلۇق بولىدۇ جۇمۇ.

    -سىز بىر ئەرنى قىيىنىلىپ ئۆلسۇن دەمسىز؟ ئۇنى مۇشۇنداق تىللار بىلەن تىللاپ نېمە پايدا ئالارسىز؟

    -سىز ئۆلمەيسىز.

    -بولدى، ئەخمىقانە گەپلەرنى گەپلەرنى قىلماڭ. ئۆلۈم ھىدى بۇرنۇمغا پۇراۋاتىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بۇنى ئاۋۇ پۇرسەتپەرەس لەنىتى قۇشلاردىن سوراڭ،- ئەر يەر بېغىرلاپ ياتقان ھېلقى يوغان ئۈچ قۇشقا قارىدى. ئۇلار تۈكسىز باشلىرىنى قويۇق پەيلىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىلپ ياتاتتى. تۆتىنچى قۇش ھاۋانى تېزلىكتە بىر ئايلىنىۋەتتى- دە، يەرگە قونۇپ تەمتىلىگىنىچە ھەمراھلىرىنىڭ قېشىغا تىكوسلاپ ماڭدى.

    -بۇ قۇشلار ھەممە گازارمىدا بار، ئۇلارغا تازا دىققەت قىلمىغان يېرىڭىزلا بار.ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمىسىڭىزلا ئۆلمەيسىز.

    -نەدىن ئوقۇۋالغان گەپلەر بۇ؟ ئەخمەق خوتۇن.

    -يېنىمدا باشقىلار بار دەپ ئويلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    - خۇدانىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن،- دېدى ئەر،- ھازىرغىچە شۇنداق دەپ ئويلاپ كېلىۋاتىمەن.

     

    ئەر بىردەم تىنىچ ياتقاندىن كېيىن ئادەمنىڭ بېشى قايغۇدەك ئىسسىق بولۇۋاتقان تۈپتۈز دالانىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى  چاتقاللىقنىڭ چەت-چۆرىلىرىگە قارىدى. سېرىق رەڭلىك دالادا ئاۋارە بىر نەچچە ئارقار ئوتلاپ يۈرەتتى. يىراقتا ئوتلاپ يۈرگەن بىر توپ زېبىرا يېشىل چاتقاللىققا تېخىمۇ بەكرەك جان كىرگۈزگەنىدى. بۇ ياپيېشىل كاداڭ دەرەخلەرگە پۈركەنگەن، تاغ چوققىلىرى بىلەن قورشالغان، ئەتراپىدا زۇمرەتتەك سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان راھەتبەخش بارگاھ ئىدى. يېقىن ئەتراپتا ئىچىدىكى سۇ قۇرۇپ كېتەي دېگەن بىر دامبا بولۇپ، ھەر ئەتىگىنى ئۇ يەردە سالار ئۇچۇپ يۈرەتتى.

    -سىزگە بىر نەرسە ئوقۇپ بېرەيمۇ؟- دېدى ئايال كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى برېزېنت بىلەن تىكلگەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،- مەيىن شامالدا چىقىۋاتىدۇ.

    -بولدى، ئوقۇماڭ، رەھمەت.

    -يۈك ماشىنىسىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولدىغۇ دەيمەن.

    -ماشىنا- پاشىنىلىرىڭىزدىن پەرۋايىم پەلەك.

    -لېكىن مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك ئەمەس.

    -شۇ، سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نەرسىلىرىڭىز بەك جىق . لېكىن ، مېنىڭ خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدۇ.

    -ئۇنچە جىق ئەمەس. خارى.

    -ئازراق ھاراق ئىچەيلىمۇ؟

    -ھاراق سىزگە زىيانلىق. برۇك نەشىر قىلدۇرغان كىتابتا بۇنداق ۋاقىتتا بىر تېمىم ھاراق ئىچىشكە بولمايدىغانلىقى يېزىلىپتۇ. ھاراق ئىچمەڭ.

    -مورو!- ۋاقىرىدى خارى.

    -مانا مەن، ئەپەندى.

    -سودا قېتىلغان ۋىسكىي ئەكېلىڭ!

    -بولىدۇ، ئەپەندى.

    -ھاراق ئىچمىسىڭىز بولاتتى،- دېدى ئايال،-ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇ. كىتابتىمۇ ھاراقنىڭ بەدىنىڭىزگە زىيانلىق ئىكەنلىكى يېزىلىپتۇغۇ، شۇنداقلىقىنى بىلەتتىم.

    - ياق،- دېدى ئۇ،- ھاراق ماڭا پايدىلىق.

     

    ئەمدى ھەممىسى مۇشۇنداقلا تۈگىدى، دەپ ئويلىدى خارى. بۇلارنى ئاخىرلاشتۇرغۇدەك پۇرسەت ئەمدى ئۇنىڭغا قالمىدى. ھەممە بىر رومكا ھاراق ئۈچۈن بولۇنغان -دە. تالاش ئىچىدە ئاخىرلىشىدىغان بولدى. ئوڭ پۇتىغا گانگرېنا چىققاندىن بېرى ئۇ ئاغرىقنى سەزمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قورقۇنۇچمۇ نەگىدۇ يوقاۋاتىدۇ. ئۇنى ھازىر قىيناۋاتقىنى زېرىكىش ۋە غەزەپ. بولغىنى شۇلا. ئىشنىڭ بۇنداق نەتىجىلىنىدىغانلىقىغا ئۇ ئەجەبلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ نىجىس كېسەلنىڭ ئۇنىڭغا چاپلاشقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغان. ئەمدى ئۇ كېسەل ئەھمىيىتىنى يوقاتقانتى. جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ قىزىقكەن، ھەممىدىن جاق تويغان چېغىڭىزدا ئۆلۈممۇ سىزگە قورقۇنۇچلۇق بىلىنمەيدىكەن.

     

    ئەمدى ئۇنىڭ كېيىن يازىمەن دەپ ئېلىپ قويغان خام ماتېرىياللىرىنى ئەسەرگە ئايلاندۇرغۇدەك ئىمكانىيىتى يوق. ئۇلار ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن يازاي، شۇنداق قىلسام ئەسەر ياخشى چىقىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن، ئەمدى بۇنىڭغا ئىمكانىيىتى يار بەرمەيدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۇ نەرسىلەرنى سىناق تەرىقىسىدە يېزىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمىغان بىر چاغقا توغرا كەلدى. ئەمدى ئۇنى مەڭگۈ يازالمايسەن. نېمىشقا دەرھال قەلەم تەۋرەتمەسلىكىڭدىكى سەۋەب شۇدۇ. بولدى، ئەمدى ئۇنى بىلمەيلا قوي.

    -ئىسىت بۇ يەرگە چىقمىساممۇ بوپتىكەن،- ئايال لېۋىنى چىشلەپ خارىنىڭ قولىدىكى رومكىغا قارىدى،- پارىژدا بولسىڭىز سىز ھەرگىز بۇنداق قىلمايتتىڭىز. پارىژنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بۇرۇنلا ئېيتقانىدىڭىز. ئەسلىدە پارىژ ياكى باشقا بىرەر يەرگە كەتسەكمۇ بوپتىكەن. نەگە دېسىڭىز بېرىۋېرەتتىم. مەن ئېيتقان، نەگە باشلىسىڭىز شۇ يەرگە بارىمەن دەپ. ئوۋ ئوۋلاش نىيىتىڭىز بولسا، ۋېنگرىيىگە بارغان بولساقمۇ تازا بولاتتى. ئۇ يەر تازا راھەت دەڭا.

    -تايىنلىق، شۇ پۇللىرىڭىزغا ئىشىنىسىزغۇ!- دېدى ئەر.

    -بۇنداق دېسىڭىز ماڭا ئۇۋال قىلغان بولسىز،- دېدى ئايال،-بۇ پۇللار سىزنىڭ. مېنىڭ پۇلۇم سىزنىڭ . مېنىڭ پۇلۇم سىزنىڭ پۇلىڭىز. ماڭا ئەمدى ھېچنېمە كېرەك ئەمەس، بېرىشىمنى خالىسىڭىزلا نەگە دېسىڭىز شۇنى قىلىمەن. ھەر ئىسىت، بۇ يەرگە نېمىشقىمۇ چىققان بولغىيدۇق.

    -بۇ يەرنى ياخشى كۆرىمەن دېگەنىدىڭىزغۇ.

    -بۇنى دېيىشىم دېگەن. ئۇ چاغلاردا سىزگە ھېچ ئىش بولمىغانىدى. ھازىر مەن بۇ يەرگە ئۆچ. پۇتىڭىزغا قانداق بولۇپ بۇنداق نىجىس نەرسىنىڭ چىقىپ قالغانلىقىغا ئەقلىم ھەيران. بۇنداق تارتقۇلۇق تارتقۇدەك بىز زادى نېمە ئىش قىلغان بولغىيدۇق؟

    -دەسلىپىدە پۇتۇمنى بەكرەك سۈرتۈۋەتكىنىمنىلا بىلىمەن، بولغان ئىش شۇ، كېيىن ئۈستىگە يود سۈيى سۈركىۋېتىشنى ئۇنتۇپتىمەن. ئەزەلدىن بىر يېرىم يۇقۇملىنىپ باقمىغاچقا، دىققەت قىلىپمۇ كەتمەپتىمەن. كېيىن بۇ يەر تېخىمۇ ئېغىر ياللۇغلاندى، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىسى تۈگىدى. قارىغاندا تەسىرى ئاجىز فېنول سۇيۇقلۇقى ئىشلەتكەچكە . قىلدام قان تومۇرلىرى ھېچنېمىنى سەزمەس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ،- ئەر ئايالغا قارىدى،- بۇنىڭدىن باشقا ئىشمۇ بولمىغانمۇ؟

    -مەن بۇنى دەۋاتمايمەن.

    -ھېلقى چالا ساۋات گىنكور شوپۇرنى ياللىماي، چېچەنرەك بىرەر تېخىنىكىنى ياللىغان بولساق، ماشىنىنىڭ چاق ئوقىنى كۆيدۈرۋەتمەس بولغىيىدى؛ ئاپتور تەكشۈرۈشنى بىلمەس بولغىيىدى.

    -مەن بۇنى دەۋاتمايمەن.

    -سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئادەملىرىدىن- ۋېستبورى، ساراتوگا، پالما ساھىلىدىكى كونا ھەقەمسايىلىرىڭىزدىن ئايرىلمىغان، مېنى تاللىمىغان بولسىڭزچۇ كاشكى.

    -ياق، ئۇچاغدا مەن سىزگە كۆڭلۈمنى ئۇتتۇرۇپ قويغان. بۇنداق دېسىڭىز قاملاشمايدۇ. ھازىرمۇ سىزنى سۆيىمەن. ھازىرلا ئەمەس، مەڭگۈ سۆيىمەن. سىز مېنى سۆيەمسىز؟

    -ياق،- دېدى ئەر،- مەن بۇنداق ئويلىمايمەن. بۇنى مەن ئەزەلدىن خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان.

    -خارى، نېمە دەۋاتىسىز؟ ئەس-ھوشىڭىز جايىدىمۇ؟

    -جايىدا، مەن ھېچقاچان ئەس-ھوشۇمنى يوقتىپ قويمىغان.

    -ھاراق ئىچمەڭ،- دېدى ئايال،-قەدىرلىكىم، سىزدىن ئۆتۈنەي، ھاراق ئىچمەڭ. قولىمىزدىن كېلىدىغانلىكى ئىشلارنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە قىلىپ كۆرەيلى.

    -ئۆزىڭىز قىلىڭ،- دېدى ئەر،- مەن ھېرىپ كەتتىم.

     

    ھازىر ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدا ئۆزى بۇرۇن كۆرگەن كاراكاچىدىكى بىر ۋوگزال ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئۇ بىر بوپىنى كۆتۈرگىنىچە شۇ يەردە تۇراتتى، سىمپىلوندىن ئولىئانتقا بارىدىغان پويىزنىڭ ئالدى چىرىغى ۋوگزالنى ئوبدانلا يورۇتقانىدى. ئۇ چاغ ئۇنىڭ ھەربىي سەپتىن قايتىپ تراستىن ئايرىلماقچى بولۇپ تۇرغان ۋاقتى ئىدى. بۇ كۆرۈنۈشنى ئۇ كېيىن مەلۇم بىر ئەسىرىگە كىرگۈزۈشنى ئويلىغانىدى. يەنە مۇنداق بىر كۆرۈنۈشمۇ بار ئىدى؛ ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاقتىدا نەنسېندىكى ئايال كاتىپ دېرىزىدىن بۇلغار تاغ تىزمىلىرىدىكى قارغا قاراۋېتىپ ھېلقى بوۋايدىن: « تاغدىكى قارمۇ-ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغانىدى. بوۋاي دېرىزە سىرتىغا قاراپ قويۇپ: «ياق، قار ئەمەس، ھازىر قار ياغىدىغان ۋاقىت ئەمەس» دېدى.شۇنىڭ بىلەن ئايال كاتىپ بوۋاينىڭ گېپىنى باشقا بىر نەچچە قىزغا تەكرارلاپ تۇرۇپ: «ياق، ئۇ قار ئەمەسكەن، سىلەر قاراڭلارچۇ!» دېدى. قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ خاتا كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىشتى. لېكىن، بوۋاي ئورنىنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى تاغنىڭ ئىچىگە باشلاپ ئەكىرىپ قويدى. قىزلار قېلىن قارنى غاجىدىلىتىپ دەسسەپ يۇقىرىغا ئۆرلىدى. ئۇلار بۇ قارلىق يولنى تاكى ئۆلگۈچە كۆردى.

     

    شۇ يىلى مىلاد بايرىمى ئۇلار گاۋىېتائىر تېغىدا تۇرۇۋاتقان چاغدا كېلىپ قالدى. ئۇدا بىر ھەپتە قار ياغدى. ئۇلار ياغاچ كەسكۈچىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغانىدى. يوغان ئۆت چاسا بىر ئوچاق ئۆينىڭ يېرىمىنى ئىگىلىۋالغانىدى. ئۇلار بوك دەرەخلىرىنىڭ غازاڭلىرى قاچىلانغان كۆرپىدە ئۇخلاۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا ھېلقى قاچاق ئەسكەر ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى. ئۇنىڭ قاردا توڭلاپ قېتىپ قالاي دېگەن پۇتلىرىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى. ئەسكەر ژاندارمىلارنىڭ ئۆزىنى قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار قوي يۇڭىدا تىكىلگەن پايپاقلىرىنى كىيىپ ئىشكىنىڭ ئىلغۇچىنى ئەتتى. ئۇلار ئۆيدە تاكى قاچاق ئەسكەرنىڭ ئىزى قاردا يېپىلىپ كەتكۈچە تۇردى.

     

    سىمپىلوندا، مىلاد بايرىمى كۈنى ئاپپاق قۇياش نۇرىدا كىشىنىڭ كۆزىنى تېخىمۇ چاقىدىغان دەرىجىدە پارقىراق كۆرۈنەتتى. قاۋاقتىن سىرتقا قارىسىڭىز كۆزىڭىز ئىمىر-چىمىر بولۇپ كېتەتتى، ھەممىلا ئادەمنىڭ چېركاۋدىن ئۆيلىرىگە قايتىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ مۈرىسىدە ئېغىر چاڭغا بار ئىدى. بايىلا ناھايىتى كۆپ ئادەم قاتناشقان چاڭغا تېيىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. قارىغايلار تىككىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغنى بويلاپ دەريا ۋادىسىغىچە سوزۇلىدىغان، چانا تولا ئۆتكەنلىكتىن تولىمۇ سىلىق بولۇپ كەتكەن سارغۇچ رەڭلىك بىر يول بار ئىدى. ئۇلار ئاشۇ يولدىن تاكى «مېدنار ئائىلىسى» نىڭ يۇقىرى تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان مۇزلۇق تۆپىكىكىچە قار تېيىلدى. قارلىق يول شۇنچىلىك سىلىق، تېيىلغاق ئىدى. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئۇقېتىم ئۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تېيىلغانىدى. شۇ چاغدىكى ھالىتى كىشىگە كۆكتىن پەسلەپ چۈشۈۋاتقان قۇشنى ئەسلىتەتتى.

     

    قاتتىق يار يېغىپ كېتىپ ئۇلار "مېدنار ئائىلىسى" دە بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدى. سىرتتا شىۋىرغان بولۇۋاتاتتى، ئۇلار قويۇق ئىس-تۈتەك قاپلىغان ئۆيدە چىراغ يورۇقىدا قارتا ئوينىدى. لونتېر ئەپەندى ئۇتتۇرغانسېرى شۇنچە قىزىشىپ جىق پۇل تىكىشكە باشلىدى. ئاخىرىدا چاڭغا تېيىلىشنى ئۆگىتىش مەكتىپىنىڭ پۇلىدىن تارتىپ ھەممىنى ئۇتتۇرۋەتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئىلمەك بۇرۇن لونتېر ئەپەندىنىڭ قارتىنى كۆرمەي تۇرۇپ: « بولدى، كۆرمەيمەن» دېگىنىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغانىدى. ئۇ چاغدا ئۇ ھەمىشە قىمار ئوينىلىپ تۇراتتى. قار ياغمىسا تېخى ئوينايتتىڭىز، قانچە جىق ياغسا يەنە شۇنچە پۇل تىكىپ ئوينايتىڭىز. ئۇ بۇ ئۆمرىنىڭ قىمار مەيدانىدا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەپ قالدى.

     

    ئەمما، بۇ ھەقتە ئۇ بىرەر پارچە ئەسىرىدە بىرەر قۇر بىر نەرسە يازمىدى. يەنە ھاۋا ئوچۇق بولغان ئاشۇ سوغۇق مىلاد بايرىمى كۈنى توغرۇلۇقمۇ ھېچنېمە يازمىدى. ئۇ كۈنى دالانىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئاقباش تاغلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى، گادنېر مۇداپىئە سېپىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاۋستىرىيە ئوفىتسېرلىرى دەم ئېلىش ئۈچۈن ماڭغان پويىزنى بومباردىمان قىلغاندى. ئوفتسېرلار ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي ھەر تەرەپكە پىتىرىغاندا، ئۇ پېلموت بىلەن ئۇلارغا راسا ئوت ئاچتى. گادىېرنىڭ ئاشخانىغا كىرىپلا بۇ ئىش توغرۇلۇق پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ھېلھەم ئېسىدە. تاماققا ئولتۇرغانلارئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇدۇققا چۈشكەن تاشتەك جىمىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي بىرەيلەن: «ھۇ قانخور ئەبلەخ!» دېدى. ئۇ بۇ ئىش توغرىلىقمۇ ھېچنېمە دېيەلمىدى.

     

    -پارىژدا نەدە تۇرغانىدۇق؟- سورىدى ئۇ يېنىدىكى برېزېنت ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئايالدىن. ھازىر ئافرىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇ بىلەتتى.

    -كرىئاندا تۇرغان. بۇنى بىلەتتىڭىزغۇ.

    -ئۇ يەردە تۇرغانلىقىمىزنى نېمىشقا بىلىشىم  كېرەككەن؟

    -بىز باشتىن-ئاخىر شۇ يەردە تۇرغان تۇرساق.

    -ئۇ يەردە تۇردۇق. يەنە ساينت گېرمان رايونىدىكى ھېنرى تۇرغان بىنادىمۇ تۇردۇق. ئۇ يەرنى ياخشى كۆرىمەن، دەۋاتقانىدىڭىزغۇ.

    -مۇھەببەت دېگەن بىر دۆۋە قىغ،- دېدى خارى،- مەن بولسام شۇ بىر دۆۋە قىغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ چىللاۋاتقان خوراز.

    -ناۋادا پانىي ئالەمدىن راستتىنلا ئايىرىلىشىڭىزغا توغرا كەلسە،- دېدى ئايال،- چوقۇم ئۆزىڭىز ئەكېتەلمىگەن نەرسىلەرنىمۇ چاناپ يوق قىلۋېتەمسىز؟ دېمەكچى بولغىنىم، ھەممىلا نەرسىنى ئەكەتمىسىڭىز زادى بولمامدۇ؟ ئېتىڭىزنى، خوتۇنىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ، ئېگەر- توقۇملارنى، ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىڭىزنى كۆيدۈرۈۋېتىشىڭىزنى كېرەكمىدى؟

    -توغرا ئېتتىڭىز،- دېدى ئۇ،- سىزنىڭ ئاشۇ نىجىس پۇللىرىڭىز مېنىڭ دۇبۇلغام. بۇ دۇبۇلغا ئېتىمغىمۇ، ماڭىمۇ ئورتاق.

    -بۇنداق دېمەڭ.

    -بوپتۇ، مەن دېمەي، كۆڭلىڭىزگە ئازار بېرىپ قويغۇم يۇق.

    -ئەمدى بۇنداق دېسىڭىزمۇ كېچىكتىڭىز.

    -بوپتۇ ئەمىسە، كۆڭلىڭىزگە داۋاملىق ئازار بېرەي. بۇنداق قىلسام خېلى قىزىقى بولىدىكەن. سىز بىلەن بىللە قىلىشنى خالايدىغان بىردىنبىر ئىشنىمۇ ھازىر قىلالمايدىغان بولۇپ قاپتىمەن.

    -ياق، بۇ ھەققىي گېپىڭىز ئەمەس، سىز قىلىشنى خالايدىغان ئىشلار نۇرغۇن. سىز خالىغانلىقى ئىشلارنى مەنمۇ قىلغان.

    -خۇدانىڭ ھەققىي-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇنداق كۆپتۈرۋەتمىسىڭىز قانداق؟

     

    ئۇ ئايالنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

     

    -گېپىمنى ئاڭلاڭ،- دېدى ئۇ،- سىز مېنى مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ نېمىشقا شۇنداق دېگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. مېنىڭچە، بۇ ھەممىنى بەربات قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى تىرىك قالدۇرۇش بولىدۇ. يېڭى پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا بىر ئوبدان تۇراتتىمغۇ. گەپنى بۇنداق باشلاش ئويۇممۇ يوق ئىدى. لېكىن، قارىسام ھازىر دۆتلۈكتە تازا ئۇچىغا چىقىپتىمەن. سىزگە قاتتىق گەپ قىلۋېتىپتىمەن. دېگەن گەپلىرىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، قەدىرلىكىم. سىزنى سۆيىمەن، راسىت. سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسىز. باشقا ئاياللارنى سىزنى سۆيگەندەك سۆيۈپ باققان ئەمەسمەن.

     

    ئۇ كۈندىلىك تاماقتەكلا ئادەتلىنىپ قالغان يالغان گەپلىرىنى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا دەپ تاشلىدى.

     

    -مەن سىزگە شۇنداق ئوبدان مۇئامىلە قىلۋاتىمەنغۇ.

    -ھەي ئوسال خوتۇن،- دېدى ئۇ،- ھەي پۇلى بار ئوسال خوتۇن. بۇ بىر شېئىر. ھازىر ھەممە يېرىدىن شېئىر تۆرىلىدىغان بولۇپ كەتتى دەڭا، سىسىمچىلىق بىلەن تولغان شېئىر، چىرىگەن شېئىر.

    -بولدى، سۆزلىمەڭ، خارى. نېمىشقا تۇرۇپلا غەيرىي ئۆزگىرىۋالغانسىز؟

    -ھېچقانداق نەرسىنى قالدۇرۇپ قويغۇم يوق،- دېدى ئەر،- مېنىڭدىن بىر نەرسە قالمىسىكەن دەيمەن.

     

    قاراڭغۇ چۈشكەنىدى، ئۇ بىردەم قېنىپ ئۇخلىدى. قۇياش ئاللىبۇرۇن تاغنىڭ كەينىگە ئولتۇرۇپ بولغانىدى. دالادا سىياھتەك قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرەتتى. بىر نەچچە جانىۋار بارگاھقا يېقىن بىر يەردە بىر نەرسە چوقۇپ يەۋاتاتتى، بېشى بىردە كۆتۈرۈلۈپ يەنە تېزلا پەسىيەتتى، قۇيرۇقلىرى ئۇيان-بۇيان مىدىرلايتتى. خارى ئۇلارنىڭ چاتقاللىقنىڭ نېرى تەرىپىگە قېچىپ كەتكىنىگە قاراپ تۇراتتى. ھېلقى پۇرسەتپەرەس يوغان قۇشلارمۇ ئەمدى يەردىن دەرەخكە چىقىۋالغانىدى، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى تېخى جىق ئىدى. خارىنىڭ ئەر چاكىرى كارىۋات يېنىدا تۇراتتى.

     

    -خانىم ئوۋ ئوۋلىغىلى كەتتى،- دېدى چاكار،- ئەپەندى، سىزگە بىر نېمە كېرەكمۇ؟

    -ھېچنېمە كېرەك ئەمەس.

     

    خوتۇنى ئوۋ ئوۋلىغىلى ، ئازراق ئولجا تاپقىلى كەتكەنىدى. ئۇ خارىنىڭ ئوۋغا ئامراقلىقىنى بىلىپ مەقسەتلىك ھالدا يىراققا كەتكەنىدى. بۇنداق بولغاندا ئايال تىنچ ياتقان دالانى چۆچۈتۈۋەتمەيتتى، ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ قالمايتتى. مېنى كۈتىمەن دەپ قىلمىغان- ئەتمىگىنى قالمايدۇ، دەپ ئويلىدى خارى. دېمىسىمۇ ئايال ئۇنىڭغا ھېكايە سۆزلەپ بەرگەندە، ئۆزى بىلىدىغىنىمۇ، بىر يەردىن ئوقۇغىنىمۇ ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىمۇ، بۇ توغرۇلۇق ئوبدان ئويلىناتتتى.

     

    بۇ ئايالنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. خارى ئايال بىلەن تونۇشقان چاغدىلا تۈگەشكەنىدى. دېگەن گەپلىرىنىڭ چىن كۆڭلۈڭدىن چىقمىغانلىقىنى ئايال كىشى نەدىن بىلسۇن؟ بىردەملىك خۇشاللىقنى دەپ رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ئېيتىلغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن؟ ئۇ ئۆزى دېگەن گەپلەرگە ئىگە بولماي ئاياللارغا يالغان سۆزلەر بىلەن مۇئامىلە قىلۋېدى، بۇ گەپلەرنىڭ ئۈنۈمى بۇرۇنقى چىن گەپلىرىنىڭكىدىن بەكرەك ياخشى بولدى.

     

    ئۇنىڭ يالغان گەپنى تولا قىلىشى دېگۈدەك راست گەپلىرىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس. بىر ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قەنتىنى چاقىرلىشاي چاغلىرى بولغان. ئەمدى ھاياتى ئاخىرلىشاي دېگەندە تېخىمۇ نۇرغۇن پۇل تاپتى، يەنە ھەرخىل ئادەملەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشىپ، ئۆزى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان جايلاردا ، بەزى يېڭى يەرلەردە قايتىدىن ياشاپ قالدى.

     

    پىكىر -خىيالىڭنى يىغۋالغاننىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئىش. ئىچكى ئەزالىرىڭ شۇنداق ياخشى. ئىچكى ئەزالىرىڭ شۇنداق ياخشى. يىقىلماسلىقىڭدىكى سەۋەب شۇ. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى يىقىلدى، سەنلا تېخىچە ئۆرە تۇرۇۋاتىسەن. سېنىڭدە شۇنداق بىر پوزىتسىيە بولسۇن، ئەمدى بىر ئىشلارنى قىلىشقا يارىمىغاندىكىن، دائىملىق خىزمەتلەرگە زادى كۆڭۈل بۆلمە. لېكىن، سەن كۆڭلۈڭدە بۇلارنى، ناھايىتى پۇلدار بۇ كىشلەرنى قەلەمگە ئالماقچى ئىدىڭ؛ پەقەتلا ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى بىر جاسۇس ئىكەنلىكىڭنى ئېيتقانىدىڭ. بۇ دۆلەتتىن كېتىدىغانلىقىڭنى، يەنە كېلىپ تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئادەم سۈپتىدە يازماقچى بولغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئۇ بۇنى مەڭگۈ يازالمايدىغان بولدى. سەۋەبى ھەر كۈنى ئازراقمۇ قەلەم تەۋرەتمەي راسەت ئىزدەپ داردىيىپ ياتتى؛ ئۆزى كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ھال ئۇنىڭ ئۆتكۈر زېھنىنى گاللاشتۇردى. ئىشلەش ئىرادىسىنى سۇندۇردى. ئاخىر ئۇ ھېچنېمە يازالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ بىر ئىش قىلمىسا، يېڭى تونۇشقان تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئافرىقا ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى كۈنلىرىنى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەن جاي. بۇ يەرگە ئۇ شۇ سەۋەبتىن، ھەممىنى باشتىن باشلاش ئۈچۈن كەلگەن. بۇ قېتىم ئۇلار ئافرىقىغا سەل خۇش ياقمىغاندەك كەلدى ۋە ئوۋغا چىقتى. نېمىشقا دېگەندە، جاپاغۇ تارتمىدى، لېكىن، راھەت كۆرۈپ كەتكىنىمۇ تايىنلىق. ئۇ ئىلگىرى مۇشۇنداق قىلىپ قايتىدىن چېنىقارمەن، روھىمنى قاپلىغان مايلارنى چىقىرۋېتەرمەن، بەدىنىدىكى ئارتۇق مايلارنى چىقىرۋېتىش ئۈچۈن تاغلارغا چىقىپ قارا ئىش قىلغان، چېنىققان بوكىسچىدەك روھىي دۇنيايىمدا سىلكىنىش پەيدا قىلارمەن دەپ ئويلىغانىدى.

     

       ئايال بۇ قېتىمقى ساياھەتكە ئۆزى خالاپ كەلگەنىدى. مۇھىتتا ئازراق بولسىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغان، يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغان، كۆڭلىنى خۇش قىلالايدىغان ئىش بولسىلا ئايال يۈگۈرۈپ بېرىپ قىلاتتى. خارى بولسا ئۆزىدە خىزمەت قىلسا ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىنى سېزەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتى مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشىدىغان بولدى. ئۇ بۇنىڭ پاكىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمدى يىلانغا ئۆزگىرىپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىشنىڭ قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىدى. چۈنكى يىلان ئومۇرتقىسى سۇنسا ئۆزىنى ئۆزى يەۋېىتىدۇ. بۇ ئايالنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يېنىدا بۇ ئايال بولمىسا باشقا ئايال چوقۇم بار بولاتتى. ئۇ يالغان گەپ بىلەن ياشىغان بولسا، ئەمدى يالغان گەپ بىلەن ئۆلۈشنى سىناپ باقسا بولاتتى. شۇ ئارىدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى.

     

    ئوقى جايىغا تېگىپتۇ-دە! ئۆزى ئاق كۆڭۈل، پۇلدار ئايال. ئۇنىڭغا شۇنداق كۆيۈنىدۇ، لېكىن تالانتىنى يوقتىپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولدى-دە! قۇرۇق گەپ! ئۇ تالانتىنى ئۆزى ۋەيران قىلدى. بۇ ئايالدىن ئاغرىنغۇدەك نېمە ھەققىي بار؟ ئۆزىنى ياخشى كۈتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى شۇنداق ئەيىبلىسە بولامدۇ؟ ئۇ تالانتلىق بولغىنى بىلەن شۇ تالانتىنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويدى؛ ئۆزىگە، ئۆزى ئېتقاد قىلغان جىمى نەرسىگە ئاسىيلىق قىلدى. ھاراقنى جىق ئىچىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن سېزىملىرى گاللاشتى. ھۇرۇن، يالقاۋ، پوچى، ھاكاۋۇر بولغانلىقى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىللەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ تالانتىنى نابۇت قىلدى. زادى ئۇنىڭ تا؛تالانت دېگۈدەك نېمىسى بار؟ شۇ كونا كىتاب كاتولىگىمۇ؟ بۇ دېگەن قانچىلىك نېمىتى؟ ئۇنى تالانت دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانمىدى، ئۇنىڭدىن سودا ئورنىدا پايدىلاندى. ئۇ ئەزەلدىن تالانتىنى ئىشقا سېلىپ بىرەر ئىشلارنى قىلمىغان، ئەكىسىچە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. قەلەمگە، قېرىنداشقا ئەمەس، باشقا نەرسىلەرگە تايىنىپ ياشاشنى كۆڭلىگە پۈككەن. شۇنداققۇ؟ سۆزلەپ كەلسە بۇمۇ بىر قىزىق ئىش. نېمىشقا ئۇ ھەر قېتىم ياخشى كۆرۈپ قالغىنى ئايال ئالدىنقىسىدىن پۇلدار چىقىپ قالىدىغاندۇ؟ بولمىسا بۇ ئايال ئۆزى ئۇچراتقان ھەر قانداق ئايالدىن باي. ئېرى ، باللىرى بار. باشقا ئاشنىلىرىنىمۇ ئىزدىسە كۆڭلى سۇ ئىچمەيدۇ. ئۇنى بىر يازغۇچى، ھەققىي بىر ئەركەك، بىر ھەمراھ، بىر پەخىرلىك ئادىمى قاتارىدا كۆرۈپ پايپېتەك بولغىنى بولغان. شۇنىسى قىزىق، خارى ئۇ ئايالنى ھەققىي سۆيمەي تۇرۇپ، يالغان گەپ قىلۋېتىپ تۇرۇپ ئۆزىگە خەجلىگەن پۇللىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئازراق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىۋىدى، ئۇنىڭغا بەرگىنى ئۆزى ئىلگىرى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ھەرقانداق بىر ئايالغا بەرگىنىدىن ئېشىپ چۈشتى.

     

    نېمە قىلدىغانلىقىمىز قىسمەتكە پۈتۈلۈپ بولىدىكەن، دەپ ئويلىدى خارى. مەيلى نېمىلا قىلماڭ، قىلغان شۇ ئىشىڭىزدا ئىقتىدار ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىكەن. ئۇنىڭ ھاياتى يا ئۇنداق، يا مۇنداق شەكىلدە ئۆزىنىڭ جان تومۇرىغا -تالانتىغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئادەم مۇھەببەتنى ئانچە بېرىلىپ كەتمىگەن چېغىدا پۇلنى چوڭ بىلدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ئۇ بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتتى، لېكىن بۇ توغرۇلۇق بىر نېمە يازمايدۇ، كېيىنمۇ يازمايدۇ، يېزىشقا تېگىشلىك يېرى بولسىمۇ مەيلى.

     

    ئايال ھېلقى ئوچۇقچىلىقتىن ئۆتۈپ بارگاھ تەرەپكە يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇ گەلەپى شىم كىيگەن، تاللىق مىلتىق كۆتۈرۈۋالغانىدى. ئىككى ئەر چاكار بىر ئارقارنى كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلەتتى. ئايال ھېلىھەم چىرايىدىن كەتمىگەنىدى. ئۇستىخىنى ئەجەبمۇ چىرايلىق ئايال- دە،بۇ، دەپ ئويلىدى خارى. ئۇ كارىۋاتقا چىققاندىمۇ ئەر كىشىنى قانداق ھۇزۇرلاندۇرۇشنى بىلەتتى. ئۆزى ئانچە چىرايلىق ئەمەس ئىدى، لېكىن خارى ئۇنىڭ يۈز شەكلىنى ياخشى كۆرەتتى. بۇ ئايال جىق كىتاب ئوقۇغان، ئات مىنىشنى ۋە كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى؛ ھاراقنىمۇ جىق ئىچىپ قوياتتى. ياش ۋاقتىدا ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ بىر مەزگىل زېھنىنى ئەمدىلەتىن ئۆسۈشكە باشلىغان ئىككى بالسىغا قاراتتى. لېكىن، بالىلار ئانىسىنىڭ يېنىدا بولۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتتى؛ ئۇ يېنىدا بار چاغلاردا ئۆزلىرىنى ئەركىن بولالمايۋاتقاندەك سېزەتتى. بۇلاردىن باشقا، ئايال ئات بېقىش، كىتاب ئوقۇش، ھاراق ئىچىشكىمۇ ئوبدانلا يېتىشەتتى. كەچلىكى تاماقتىن بۇرۇن سودا قوشۇلغان ۋىسكىي ئىچكەچ كىتاب ئوقۇيتتى. شىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئىچكەن قىزىل ھاراق تاماق ۋاقتىغىچە ئۇنى خېلىلا مەست قىلىپ قوياتتى.

     

    بۇ ئۇنىڭ ئاشنا تېپىشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋالى ئىدى، ئاشنا تاپقاندىن كېيىن ئۇ ھاراقنى بۇرۇنقىدەك جىق ئىچمەس بولدى. چۈنكى، ھاراق ئىچىپ ئىچ پۇشۇقىدا ئۇخلاپ قالىدىغان ۋاقىتلار ئەمدى كەلمەسكە كەتكەنىدى. لېكىن، ئاشنىلىرى ئۇنى جاق تويغۇزۇۋەتتى. ئىلگىرى تەگكەن ئېرى ئۇنى شۇنداق خۇشال قىلاتتى. لېكىن كېيىنكى ئاشنىلىرىدىن بەك بىزار بولۇپ كەتتى.

     

    كېيىن ئۇنىڭ بىر بالىسى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاشنىلىرىغا يېقىن يولىمىدى، ھاراقنىمۇ ئىچمىدى. ئەمدى يېڭى بىر تۇرمۇش يولىنى باشلىمىسا بولمايتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يالغۇز تۇرۇۋېتىپ نېمىدۇر بىر ئىشتىن قاتتىق قورقۇپ كەتتى، يۈرەكلىرى ئاسقىپ كەتتى. لېكىن، ئۇ ئەمدى ئۆزى ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئادەم بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرمىسە بولمايتتى.

     

    ئىشنىڭ جەريانى تولىمۇ ئاددىي بولدى. ئايال خارىنىڭ يازغان نەرسىلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلاتتى، ئايالنىڭ نەزىرىدە، خارى دەل ئۆزىنىڭ قىلىمەن دېگەن ئىشىنى ئورۇندىغان ئادەم ئىدى. ئايال خارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن خىلمۇ-خىل ۋاستىلەرنى قوللاندى، ئاخىرىدا ئۇنى راسىتنلا ياخشى كۆرۈپمۇ قالدى، بۇ ئىشلار ناھايىتى نورمال، تەبئىي پۈتتى. بۇ جەرياندا ئايال ئۆزىنى يېڭىچە بىر تۇرمۇش يولىغا باشلىۋالدى. خارى بولسا كونا دەسمايىسىنى يەپ يۈرۈۋەردى.

     

    ئۇنىڭ كونا دەسمايىسىنى يەپ يۈرىۋېرىشى خاتىرجەملىككە، راھەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدى. بۇنىدىن باشقا نېمە سەۋەب بارلىقىنى خارىمۇ بىلمەيدۇ. خارىنىڭ نېمىگە ھاجىتى چۈشسە ئايال ئۇنى تەييار قىلىپ بېرەتتى. خارىنىڭ بىلىدىغىنى شۇ. بولمىسا ئۇ ناھايىتى مۇلايىم ، مېھرى ئىسسىق ئايال ئىدى. باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا خارىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن دەرھاللا بىر ياستۇققا باش قويۇش ئىستىكى بار ئىدى. بۇ ئىستەك ئايالدا كۈچلۈكرەك ئىدى. ئۇ پۇلدار ئادەمنى خۇشال قىلالايدىغان، بىر ئىشلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان ئايال ئىدى، تولا كوتۇلدىمايتتى. بۇ تەرەپلىرى خارىنى قىزىقتۇراتتى. لېكىن، ئايالنىڭ يېڭىۋاشتىن تىكلىگەن تۇرمۇش يولى ئاخىرلىشىدىغان بولدى. بۇنىڭغا ئىككى ھەپتە بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىش سەۋەبچى ئىدى. ئۇ كۈنى خارىنىڭ پۇتىغا شوخا كىرىپ كەتتى، ئۇ زېدىلەنگەن يېرىگە يود سۈيى سۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالدى. ئۇ كۈنى ئۇلار بىر توپ ئارقارنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش ئويىدا تىككەنلىككە كەلگەنىدى، ئارقارلار بېشىنى كۆتۈرۈپ ھاۋادىن قېنىپ-قېنىپ نەپەس ئالاتتى، لېكىن بىرەر شەپە ئاڭلىسىلا ئورمانلىققا قېچىپ كىرىۋېلىشىنى ئويلامدۇ، ئەيتاۋۇر ھەر ۋاقىت قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇشنى ئۇنتۇمايتتى، ئۇ سۈرەتكە تارتىشقا ئۈلگۈرمەستىنلا ئارقارلار قېچىپ كەتتى.

     

    خارىنىڭ خىيالىنى كارىۋات يېنىغا كەلگەن ئايال بۇزۇۋەتتى.

     

    خارى كارىۋاتتا ئۆرۈلۈپ ئۇزاق قارىدى ۋە:

    -ياخشىمۇسىز؟- دېدى .

    -ئارقاردىن بىرنى ئاتتىم،- دېدى ئايال،- سىزگە شورپا قىلىپ بېرەيلى. ئۇلارنى شورپىغا ياڭيۇ تالقىنى بىلەن سۈت قېتىشنى بۇيرۇدۇم. ئۆزىڭىزنى قانداقراق ھېس قىلىۋاتىسىز؟

    -بايقىدىن جىق ياخشى.

    - ئەلۋەتتە ياخشىلىنىسىز،- دەسىزنى ياخشى بولۇپ كېتەر دەپ ئويلىغانىدىم. بۇنى ھەم سىزمۇ بىلىسىز، بايا ماڭار چېغىمدا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىڭىز.

    - ناھايىتى ياخشى ئۇخلاپتىمەن، يىراقلارغا باردىڭىزمۇ؟

    -يىراققا بارمىدىم. تاغنىڭ كەينىگىلا، ئارقارغا بىرىنجى پاي ئوقۇملا تەگدى.

    - قالتىس ئوۋچى- دە، سىز.

    - مىلتىق ئېتىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئافرىقىغا ئامراق بولۇپ قالدىم. راستىنى دېسەم ، سىز ئاغرىپ قالمىغان بولسىڭىز، بۈگۈنكىسى ماڭا ھاياتىمدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك. بۇنى سىز بىلمەيسىز. مەن بۇ يەرگە ئامراق بولۇپ قالدىم.

    - بۇ يەرگە مەنمۇ ئامراق.

    قەدىرلىكىم، ئازراق بولسىمۇ ياخشى بولغاندەك ھېس قىلغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى. بايا قىينىلىپ كېتىۋېدىڭىز، تۇرالمايلا قالدىم. ماڭا ئەمدى بايىقىدەك گەپ قىلماڭ، بولامدۇ؟ ماقۇل دەمسىز

    - ئەمدى ئۇنداق گەپ قىلماسمەن،- دېدى خارى،- بايا نېمە دېگەنلىكم ئېسىمدە يوق.

    - مېنى تۈگىشىپ كەتسۇن دېمەيدىغانسىز؟ مەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال، لېكىن مەن سىزنى سۆيىمەن. نېمە قىل دېسىڭىز شۇنى قىلىمەن. ھېلىمۇ ئىككى- ئۈچ قېتىم قاتتىق تۈگىشىپ كەتكەن چاغلىرىم بار. ئەمدى سىز مېنى ئاياڭ، بولامدۇ؟

    -شۇ تاپتا سىزنى كارىۋات ئۈستىدە تازا قىينىغۇم كېلىۋاتىدۇ.

    -ئۇنىڭدا پەيىزى بولاتتى. بىزگە مۇشۇنداق قىيناش-قىيىنىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمەسمۇ. ئەتە ئايىروپىلان كېلىدۇ.

    - ئايىروپىلاننىڭ ئەتە كېلىدىغابلىقىنى قانداق بىلىسىز؟

    - ئىشەنچىم بار. ئايىروپىلان چوقۇم كېلىدۇ. چاكارلار ئوتۇنلارنى، ھۆل موخۇركىنى تەق قىلىپ قويدى. بۈگۈن  مەن يەنە چۈشۈپ قاراپ باقتىم. ئۇ يەر ئايىروپىلاننىڭ قونۇشىغا باپ كېلىدىكەن. ئوچۇقچىلىقنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى دۆۋە موخۇركىنى دۆۋىلەپ قويدۇق.

    - ئايروپىلاننى ئەتە كېلىدۇ دېيىشتە نېمە ئاساسىڭىز بار؟

    - ئايروپىلان چوقۇم كېلىدۇ. بۈگۈن كېچكتى. ئۇلار شەھەرگە بارغاندىن كېيىن پۇتىڭىزنى داۋالايدۇ. ئاندىن ئىككىمىز ئازراق پەيزى قىلىمىز. ئۇنداق مەززىسىز پاراڭلارنى قىلىپ يۈرمەسمىز.

    - ئازراق ھاراق ئىچەيلىچۇ. كۈن ئولتۇرۇپتۇ.

    - ئىچكۈڭىز بارمۇ؟

    - بىر رومكا ئىچكۈم بار.

    - ئەمىسە تەڭ ئىچەيلى. مورۇ، سودا قېتىلغان ئىككى رومكا ۋىسكىي ئەكەل! -ئايال ۋارقىرىدى.

    - پاشنىلىق ئۆتۈكنى كىيىۋالسىڭىز بولاتتى،- دېدى خاكى.

    - يۇيۇنۇۋالغاندىن كېيىن كىيەي...

     

    ئۇلار ھاراق ئىچىۋاتقاندا ، زېمىننى بىر نەرسە ئىلغا قىلمىغۇدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلۇق باستى. بىر ئىت ئوچۇقچىلىقتىن تاغ تەرەپكە قاراپ سوكۇلدىغىنىچە كېتىپ قالدى.

     

    - ئاۋۇ ئىت ھەر كۈنى شۇ يەرنى ئەگىپ كېتەلمەيدۇ،- دېدى ئەر،- بۇنىڭغا ئىككى ھەپتە بولدى.

    - ھەر كۈنى ھېلقىدەك ئاۋاز چىقارغىنى دەل شۇ ئىت، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىتكەن. لېكىن، مەن ئانچە پەرۋايىمغا ئېلىپ كەتمىدىم.

     

    ئۇلار بىللە ھاراق ئىچىشتى. خارى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلەلمىگىنى ئۈچۈن ئىچى پۇشۇۋاتقان بولسىمۇ، ئاغرىقنى سەزمىدى. ئىككى چاكار گۈلخان ياقتى، چېدىردا نۇر دەستىلىرى سەكرەپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. خارى قەلبىدە بۇنداق تەسلىملەرچە تۇرمۇشقا بىلىپ-بىلمەي كۆنۈكۈش ھېسسىياتىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى سەزدى. بۇ ھېسىيات ئەمدى يەنە ئىختىيارسىز باش كۆتۈرۈۋاتاتتى. ھەقىقەتەنمۇ ئايالنىڭ خارىغا قىلمىغىنى قالمايتتى. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇ ئايالغا بەك قاتتىقلىق قىلدى، ئۇۋال قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى ئايال، قالتىس ئايال. دەل شۇ دەقىقىدە تۇيۇقسىز خارى ئۆزىنىڭ پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىغلىقىنى ئويلاپ قالدى.

     

    بۇ ئوي ئۇنىڭغا تولىمۇ تۇيۇقسىز زەربە شۇنچە تېز بولدىكى، بۇ خىل تېزلىك ئېقىن سۇنىڭكىگە ياكى تەلۋە شامالنىڭكىگە ئەمەس، بۇرۇنغا گۈپپىدە ئۇرۇلغان سېسىق پۇراقنىڭكىگە ئوخشايتتى.

    - نېمە بولدى، خارى؟- دېدى خارى،- سىز ياخشىسى ئاۋۇ چەتتە ئولتۇرۇڭ، شامال كېلىدىغان چەتتە.

    - مورۇ دورىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ قويدىمۇ؟

    - ئالماشتۇردى. بايىلا بورات مەلھىمى سۈرتكەن.

     -ھازىر قانداقراق؟

    - ئازراق تىترەۋاتىمەن.

    - مەن يۇيۇنۇپ چىقاي،- دېدى ئايال.- ھازىرلا چىقىمەن. بىرگە تاماق يېگەندىن كارىۋاتنى ئۆيگە ئەكىرىپ كېتىمىز.

     

    ئەمدى تاكاللاشمايلى، سوقۇشمايلى، دەپ پىچىرلىدى خارى ئىچىدە، ئىلگىرى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئاياللار بىلەن خېلى قاتتىق ئۇرۇشىدىغان خارى بۇ ئايال بىلەن زادى ئۇرۇشمىغانىدى. گەپ تاكاللىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ چاغلاردا خارى بىلەن ئۇ ياخشى كۆرگەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسىياتقا بەھەم يېتەتتى. ئۇنىڭ مۇھەببىتى بەك چوڭقۇر بولغاچقا، تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ تەبئىي يوسۇندا كۆپ بولاتتى. مانا ئەمدى ھەممە ئەنە شۇنداق تۈگىدى.

     

    كونستانتىنوپولدا غېرىبلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزگەن چاغلىرى ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدىن لىپ قىلىپ ئۆتتى. پارىژدىن كېتىشتىن ئىلگىرى ئۇ قاتتىق بىر جېدەل تېرىدى. ئۇ چاغلاردا ھەر كېچىسى دېگۈدەك پاھىشخانىغا كىرەتتى، ئەممە ئىش تۈگىگەندىن كېيىن بولسا ئىچ پۇشۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە چىدىغۇسىز بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە قالاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىرىنچى ئاشنىسىغا- ئۆزى تاشلاپ كەتكەن ئايالغا بىر پارچە خەت يازدى. خەتكە ئۆزىنىڭ ئۇنى ھازىرغىچە سېغىنىپ كېلىۋاتقانلىقى... سۈرەتخانىنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاش ئۈچۈن ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ قالغۇچە يۈگۈرگەنلىكى سايىلىك چوڭ يولدا ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئايالنى ئۇچىرىتىپمۇ كۆڭلىدىكى تاتلىق ھېسىياتلارنىڭ يىتىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى، نەچچە ئايال بىلەن بىرگە ياتقان بولسىمۇ، ئۇ ئاياللارنىڭ پەقەت ئۇنى سېغىندۇرۇش رولىنىلا ئوينىيالىغانلىقى ئۆزىنىڭ ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايدىغانلىقى نېمە ئىش قىلسا كۆڭلىگە ئالمايدىغانلىقى... قاتارلىقلارنى يازدى. ئۇ بۇ خەتنى بەزمىخانىدا سوغۇق قانلىق بىلەن سەگەك ھالەتتە يېزىپ تۈگەتكەندىن كېيىن پوچتىخانىغا كېلىپ نىيۇ-يوركقا سېلىۋەتتى، خەتكە ئاشنىسىنىڭ جاۋاب خەتنى پارىژدىكى ئىش ئورنىغا ئەۋەتىشنى ئۆتۈنۈپ ئازراق گەپ قىستۇرۇپمۇ قويدى. بۇنداق بولغاندا سەل مۇۋاپىقراق بولاتتى. ئۇ كۈنى ئۇ ئاشنىسىنى شۇنچىلىك سېغىندىكى، ئارامسىزلىنىپ كوچىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي لەلەڭشىپ يۈردى. تاكسىم كوچىسىدىن ئۆتۈۋېتىپ بىر ئايال بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى. ئۇ ئايال ئۇنىڭ بىلەن كەچلىك تاماق يېگىلى باردى. ئاندىن ئىككىسى بىر يەرنى تېپىپ بىللە تانسا ئوينىدى. ئۇ ئىچى پۇشۇپ كېتىپ ئۇنى تاشلاپ، ئەرمىنىيىلىك بىر شەرەنداز ئايال بىلەن تېپشىۋالدى. كاساپەت ھېلىلا بەدىنىدىن كېلىۋاتقان ھارارىتى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى تېشىۋەتمەكچى بولغاندەك، ئۇنىڭغا چىڭڭىدە چاپلىشىپ ئوينايتتى. ئارىلىقتا ئۇ مۇشۇ ئايالنى دەپ ئەنگىلىيىلىك بىر توپچى ئەسكەر بىلەن سوقۇشۇپ قالدى ۋە ئايالنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ ماڭدى. ھېلقى ئەسكەر ئۇنى سىرتقا چاقىرتتى. ئۇ ئىككىسى تاش ياتقۇزۇلغان چوڭ كوچىدىلا مۇشتلىشىپ كەتتى. ئۇ توپچى ئەسكەرنىڭ ئېڭكىگە كېلىشتۈرۈپ ئىككىنى سالدى. ئەمما ئۇ ھېچ يىقىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ شۇندىلا قاتتىق مۇشت-تېپىك ئاستىدا قالىدىغانلىقنى چۈشەندى. ھېلقى ئەسكەر ئاۋۋال ئۇنىڭ بەدىنىگە، ئاندىن ئۇنىڭ بۇرنىغا قاتتىق مۇشت ئاتتى. ئۇ يەنە بىر قېتىم سول قولىنى بىر شىلتىۋىدى، مۇشتى ئەسكەرگە تەگدى. ئەسكەر يوپۇرۇلۇپ كەلگەن پېتى ئۇنىڭ چاپىنىدىن قاماللاپ يېڭىنى يىرتىۋەتتى. ئۇ ئەسكەرنىڭ قۇلاق تۈۋىگە كېلىشتۈرۈپ ئىككىنى سالدى، ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتتى. ئەسكەر بېشىچىلا چۈشتى. دەل شۇ چاغدا ژاندارمىلارنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. ئۇ ئايالنىڭ قولىدىن يېتىلگىنىچە بەدەر تىكىۋەتتى. ئۇلار بىر تاكسىغا چۈشۈپ فوسفور بوغۇزىنى بويلاپ ئىزمىر تەرەپكە قاراپ ماڭدى ۋە ماشىنىنى بىر ئايلاندۇرغۇزۇپ شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ئۇخلاپ قالدى. ئەرمىنىيىلىك ئايال كارىۋاتتىمۇ سىرتقى تۇرقىغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ناھايىتى پىشقان ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. ئەمما، بەدىنى بەك سىلىق، لىغىرلاپ تۇراتتى، تولغان كۆكسى تۆگە لوكسىدەك چوقچىيىپ تۇراتتى. ئەتىسى ئەتىگىنى ئۇ ئايال ئويغىنىشتىن بۇرۇن ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. ئايال ئويغىنىپ ئۆيگە يېڭىلا كىرگەن قۇياش نۇرىدا ئۆزىنىڭ ناھايىتى سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى. ئۇ بولسا ياتاقتىن چىقىپ يېڭى يىرتىلغان چاپىنىنى قولىدا كۆتۈرگىنىچە پراگونغا كەلدى. كۆز جىيەكلىرى ھېلھەم كۆكىرىپ تۇراتتى.

     

    شۇ كۈنى كەچتە ئۇ كونستانتىپولدىن ئاناتولىيەگە كەتتى، كېيىن شۇ قېتىملىق ساياھىتىنى كۈن بويى خىيالىدىن چىقرالماي، ئەپيۇن گۈلى تېرىلغان ئېتىزلاردا لاغايلاپ يۈردى. ئۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ ئەپيۇن گۈلىدىن ئويۇن چىقىرىش ھۈنىرى ئۇنىڭغا بەك يېڭى تۇيۇلدى. ئاخىرىدا نەگىلا بارسا ئۆزىنىڭ بارا جايىنى تاپالمايۋاتقاندەك بىر ھېسىياتتا كونستانتىنوپولدىن يېڭى كەلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن بىللە ھۇجۇمغا ئۆتكەن كونا جايغا كېلىپ قالدى. ئۇ چاغلاردا ئۇ ئوفىتسېرلار ھېچنىمىنى بىلمەيتتى، زەمبىرەكنى ئاتتىم دەپ ئۆزلىرىنىڭ گازارمىسىغا ئېتىۋېتەتتى. ھېلقى ئەنگىلىيىلىك كۆزەتكۈچى بۇ ھالدىن كىچىك بالىدەك يىغلاپ كەتكەنىدى.

     

    شۇ كۈنى ئۇنىڭ جەسەتنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ قالدى. جەسەتنىڭ ئۇچىسىدا بالېت ئۇسۇلى ئوينىغاندا كىيىدىغان ئاپپاق كۆڭلەك، پۇتىدا تۇمشۇقى ئاسمانغا قاراپ قالغان، ئۇ يەر بۇيەرلىرى مۇدۇر-چۇقۇر بولۇپ كەتكەن بىر ئاياغ بار ئىدى. تۈركلەر سەلدەك ئېقىپ كېلەتتى. كۆڭلەكلىك ئەرلەر ھەر يان پىترايتتى. ئوفىتسېرلار ئۇلارغا قاراپ ئوق چىقراتتىيۇ، ھايال ئۆتمەي ئۆزلىرىمۇ قۇيرۇقىنى خادا قىلاتتى. ئۇمۇ ھېلقى ئەنگىلىيىلىك كۆزەتكۈچى بىلەن تىكىۋەتتى. شۇنچىلىك تېز يۈگۈردىكى، ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ، ئاغزىدا تولىمۇ بەتتام بەر تەم پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلار قىيا تاشنىڭ دالدىسىدا بىردەم ئارام ئېلىۋالدى. تۈركلەر يەنىلا ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتاتتى. كېيىن ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلارنى، بۇ قېتىمقىدىنمۇ دەھشەتلىك ئىشلارنى كۆردى. ئۇنىڭ پارىژغا قايتىپ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەشكە رايى بارمىغانلىقى، ئۇنى تىلغا ئالسىلا بىر يېرى كۆيۈشىۋاتقاندەك بولۇپ قېلىشى شۇ سەۋەبتىن ئىدى. بىر كۈنى ئۇ بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ ئامېرىكىلىق ھېلقى شائىر بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى. ياڭيۇنى ئەسلىتىدىغان چىرايىدىن ھاماقەتلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان، ئالدىغا بىر مۇنچە تەخسىى تىزىۋالغان بۇ شائىر تېرىستىئان سېرا بىلەن دادائىزىم ھەرىكىتى توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ تۇراتتى. تېرىستىئان سېرا تاق كۆزلۈك كۆزەينەك تاقىۋالىدىغان، ھەمىشە باش ئاغرىقى توغرۇلۇق قاقشايدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سارىيىغا قايتىپ كەلدى، خوتۇنى بىرگە بولغاندا، ئۇنىڭغا يەنە كۆڭلى چۈشۈپ قالدى. ئۇرۇش-تاش ، دوق قىلىشلار ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۆيىگە كېلىۋالغىنىدىن ئۇ ناھايىتى خۇش بولدى. ئىش ئورنىدىكىلەر خېتىنى ئۇنىڭ ئۆيىدە ئەكېلىپ بەرگەنىدى. بىر كۈنى ئەتىگىنى خوتۇنى ھېلقى ئاشنىسىدىن كەلگەن خەتنى بىر پەتنۇسقا سالغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. كونۋېرىتتىكى پوچېركىلارنى كۆرگەن چېغىدا، ئۇنىڭ بەدىنىنى سوغۇق تەر بېسىپ كەتتى. ئۇنى ھاپىلا-شاپىلا يەنە بىر خەتنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قوياي دەپ تۇرۇۋىدى، خوتۇنى: «قەدىرلىكىم، خەت كىمدىن كەپتۇ؟ » دېدى. بىر ئەنسىزلىكنىڭ ھىدى پۇراي دەۋاتقان ئىش ئەنە شۇنداق بېسىلىپ قالدى.

     

    ئۇ ھەمىشە ئاشنىلىرى بىلەن بىللە چاغدىكى ھۇزۇرىنى ۋە ئۇلار بىلەن سوقۇشۇۋاتقان چاغلىرىنى ئەسلەپ چىقتى. ئۇلار ھەمىشە تازا ئوبدان سورۇنلارنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشاتتى. توۋا، ئۇلار نېمىشقا كەيپى چاغ چاغلىرىدىلا ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشىدىغان بولغىيدى؟ ئويلاپ باقسا، بۇلار توغرۇلۇق ئۇ ھېچنېمە يازماپتۇ. سەۋەبى، دەسلىپىدە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى خالىمىغان، كېيىنچە بۇلارنى يازمىسىمۇ يازىدىغان نەرسىلەر جىقتەك تۇيۇلغانىدى. ئەمما، ئۇ «بۇ ئىشلارنى كېيىنچە يېزىپ قالىمەن» دېگەن ئويىدىن پەقەتلا ۋاز كەچمىدى. يازىدىغان نەرسىلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. ئۇ ئاشۇ ئىشلارنىلا ئەمەس، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن؛ نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆزىتىپ باققانىدى. لېكىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ كىچىك ئۆزگىرىشلەر جىقراق بوپتۇ، كىشلەرنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتا قانداق ئىپادىدە بولىدىغانلىقى شۇنداق ئېسىدە قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇرۇن مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە يۈرۈپ باققان، مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ باققان. ئۇنىڭ مۇشۇ ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. لېكىن ئۇ ئەمدى ئۇنى يازالمايدىغان بولدى.

     

    -قانداقراق؟- دېدى ئايال. ئۇ يۇيۇنۇپ بولۇپ چېدىردىن چىقىۋاتاتتى.

    -ھېچقانداق ئەمەس.

    -ئەمدى تاماق يەڭ. ھە؟

    جارى ئايالنىڭ كەينىدە قاتلىنىدىغان تاماق شىرەسى تۇتۇپ تۇرغان مورۇ بىلەن قورۇما تەخسىسى كۆتۈرۈۋالغان يەنە بىر چاكارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

    -بىر نەرسە يازاي دەيمەن.

    -ئازراق شورپا ئىچىپ قۇۋۋەتلىنىۋالسىڭىز بولاتتى.

    -بۈگۈن كەچتىلا ئۆلۈپ كېتىمەن،- دېدى ئۇ،- ئەمدى ماڭا قۇۋۋەت-پۇۋۋەت دېگەنلەرنىڭ كېرىكى يوق.

    -ئىشنى ئۇنداق كۆپتۈرمەڭچۇ، خارى،- دېدى ئايال.

    -بۇرنىڭىزغا پۇرمايۋاتامدۇ؟ بەدىنىمنىڭ يېرىمى سېسىپ تۈگىدى. ئەمدى پاقالچىقىممۇ سېسىۋاتىدۇ. شورپا ئىچىپ نېمە قىلاي؟ مورو سودا قېتىلغان ۋىسكىي ئېلىپ كەل.

    -شورپا ئىچىڭە،- دېدى ئايال مۇلايىملىق بىلەن.

    -ماقۇل.

     

    بەك قىزىق بولغاچقا، ئۇ شورپىنى پىيالىگە بۆلۈپ بىردەم تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئىچىشكە مەجبۇر بولدى، شورپا ئاغزىدا تۇرماي سىلىقلا ئۆتتى.

    -سىز ياخشى ئايال،- دېدى خارى،- ماڭا كۆڭۈل بۆلمەڭ.

     

    ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ «قوزغىتىش» ۋە «شەھەر ۋە يېزا» ژۇرناللىرىنىڭ مۇقاۋىلىرىغا بېسىلىپ ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن، ھەممىلا ئادەم ياخشى كۆرىدىغان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ خارىغا قارىدى. ئايال ھاراققا ۋە شەھۋەتكە زىيادە بېرىلگىنى ئۈچۈن ئازراق چىرايىدىن كەتكەنىدى. «شەھەر ۋە يېزا» ژۇرنىلى ئەزەلدىن مۇقاۋىسىغا ئۇئايالنىڭ سۈرىتىنى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان كۆكسى، چىرايلىق پاقالچاقلىرى، خارىنىڭ سىلاۋاتقان نەپىس قوللىرى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن چىقىرىپ باقمىغانىدى. خارى ئايالنىڭ جىلۋىلىك كۈلۈمسىرىشىنى كۆرۈپ بىردىنلا ئەزرائىل يېقىنلاپ قالغاندەك سەزدى. ئەمما، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا زەربە بولمىدى. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى ھارارەتلىك بىر نۇرغا، گۈپپىدە بۇرۇنغا ئۇرۇلىدىغان ئىسسىق بىر ئېقىنغا، يالقۇن ئۈستىدىن ئۆتكەن غۇر-غۇر شامالغا ئوخشايتتى.

     

    -ھېلىلىققا ئۇلار مېنىڭ پاشلىقمنى ئاچىقىپ دەرەخكە ئاسسا، گۈلخان ياقسا بولغۇدەك. بۈگۈن كېچە چېدىردا ئۇخلىمايمەن. كارىۋات كۆتۈرۈپلا يۈرەمدۇق. ھاۋا ئوچۇق تۇرىدۇ، يامغۇر ياغىدىغاندەك ئەمەس.

     

    ئەمدى ئۇ مۇشۇنداقلا ئۆلىدىغان، قۇلقىغا ئاڭلانمايدىغان پىچىرلاشلار ئىچىدە جان بېرىدىغان بولدى. بوپتۇ، ئەمدى ئۇرۇشىدىغانغا پۇرسەتمۇ يوق. بۇنى ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بىر سېزىم. ئەمدى ئۇ بۇ سېزىمدىن قۇتۇلالمايدىغاندەك قىلىدۇ. كۈچىسىمۇ قۇتۇلالمايدىغاندەكمۇ قىلىدۇ، لېكىن مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.

    -گەپ ئېيتىپ بەرسەم يازالامسىز؟

    -بۇنى ئۆگەنمەپتىكەنمەن،-دېدى ئايال.

    - بوپتۇ ئەمسە.

    - ئەمدى ۋاقىت قالمىدى. ئەلۋەتتە مەزمۇنىنى ئازراق سىغداپ قۇراشتۇرۇشنى جايىدا قىلساڭ، بىرەر ئابزاسنى ئازراق يېزىش بەدىلىگە ھەممە مەزمۇننى ئىچىگە كىرگۈزەلەيسەن.

     

    كۆل بويىدا، بىر تاغنىڭ قاپتىلىدا ئاراشلىرى كۈلدە ئېتىلگەن، ئاپپاق رەڭگە ئۆزگىرىپ كەتكەن يۇمىلاق ياغاچ بىلەن سېلىنغان بىر ئۆي بار. ئىشىك قېشىدىكى تۈۋرۈككە كىشىلەرنى تاماق پىشقاندا خەۋەرلەندۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان بىر قوڭغۇراق ئېسىلغان. ئۆينىڭ كەينى تەرىپىدە كەڭرى دالا. دالانىڭ كەينىدە ئورمانلىق. قاتار كەتكەن بىر رەت ئاق تېرەك ئۆي قېشىدىن پرېستانغىچە سوزۇلغان، يەنە بىر رەت ئاق تېرەك مۇشۇ يۆنىلىشنى بويلاپ كۆككە بوي سوزۇپ تۇرىدۇ. ئورماننىڭ چېتىدە تاغ ئاچىلىغا سوزۇلىدىغان بىر چىغىر يول بار. ئۇ بۇرۇن مۇشۇ يوللاردا قارا بۆلجۈرگەن تېرىپ تالاي قېتىملاپ ماڭغان. كېيىن ھېلقى ياغاچ ئۆي كۆيۈپ كۈل بولدى، بۇغا پۇتىدىن ياسالغان جاھازىدىكى ئوۋ مىلتىقى كۆيۈپ كەتكەن. ئوتتا مىلتىقنىڭ ئىستوۋۇلى، پاينىكى ئوقداندىكى ئوقلار بىلەن قوشۇلۇپ ئېرىپ كەتكەنىدى. بوۋاڭدىن: «ئۇنى سىرتقا ئاچىقىپ ئوينايمۇ؟» دەپ سورىساڭ، «ياق، بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئاشۇ ئوۋ مىلتىقلىرىنىڭ بوۋاڭنىڭ ئىكەنلىكىنى، شۇ ئىشتىن كېيىن بوۋاڭنىڭ ئوۋ مىلتىقى سېتىۋالمىغانلىقىنى بىلەتتىڭ. بوۋاڭ شۇنىڭدىن كېيىن ئوۋ ئوۋلىمىدى. ھازىر ئەسلىدىكى جايدا بۇرۇنقىدەك بىر ياغاچ ئۆي قايتىدىن ياسىلىپ، ئاق سىردا سىرلاندى. دالاندا تۇرۇپ ئاق تېرەكلەرنى، تاغ، دەريالارنىڭ مەنزىرسىنى كۆرەلەيتتىڭ. لېكىن، ئوۋ مىلتىقى ئۆيدىن مەڭگۈگە يۈتكەنىدى. ياغاچ ئۆي كۆيمەستە بۇغا پاچىقى شەكىلىدىكى جاھازىغا ئېسىپ قويۇلىدىغان مىلتىق ئىستوۋۇلىنىڭ كۆيۈپ تۈگەي دېگەن بىر قىسىمى ئەمدىلىكتە كۈل ئۈستىگە تاشلاقلىق. ئۇنىڭغا ھېچكىم تەگمەيدۇ.

     

    ئۇرۇشتىن كېيىن بىز قارا ئورماندا سالمان بېلىقى بار بىر ئېرىقنى ئىجارىگە ئالدۇق. ئۇ يەرگە ئىككى يول بىلەن بارغىلى بولاتتى. بىرى، ترىبېرگدىن جىلغىغا تۆۋەنلەپ، ئاندىن يېشىل ئورمان بىلەن قاپلانغان تاغ يولى( ھېلقى ئاق يولغا يېقىن) نى ئايلىنىپ تاغقا چىقىدىغان بىر تۆپىلىك يولغا چىققاندا ئاجايىپ چوققىلار ئۇچرايتتى. مۇشۇ يەردىن ۋە قارا ئورمان شەكلىدە ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۆيلەر بار كىچىك ئېكىنزارلىقتىن ئۆتكەندە، چىغىر يولغا ۋە تارام ئېرىقلار قوشۇلىدىغان جايغا بارغىلى بولاتتى.

     

    يەنە بىرى، ئورماننىڭ چۆرىسىنى بويلاپ يۇقىرىغا تىك ئۆرلەپ، ئاندىن تاغلارنىڭ، قارىغايلىقنىڭ ئارىسىدىن ئۆتكەندە، يەنە بىر كىچىك ئورماننىڭ يېنىدا ئوتلار بولۇققىدە ئۆسكەن بىر چىمەنلىك ئۇچرايتتى. تاغدىن چۈشۈپ ئاشۇ چىمەنلىكتىن ئۆتسىلا ئاشۇ كۆۋرۈكنىڭ يېنىغا كەلگىلى بولاتتى. ئېرىقنىڭ بويىدا قېيىن دەرەخلىرى ئۆسۈپ كەتكەن. ئېرىق تار بولغىنى بىلەن زۇمرەتتەك سۈزۈك سۈيى ناھايىتى تېز ئاقىدۇ، گاھىدا قېيىن دەرىخىنىڭ غولى تۈۋىگە دانە-دانە ئۈنچىلەرنى چاچرىتىپمۇ قويىدۇ. بۇ پەسىل ترىبېرگ مېھمانخانىسى خوجايىننىڭ تازا پۇل تاپىدىغان ۋاقتى. بىر يېقىن دوستلىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ سودىسى ياخشى بولسا خۇشال بولاتتۇق. ئىككىنچى يىلى پۇل پاخاللاشتى، خوجايىن دوستىمىزنىڭ ئالدىنقى يىلى تاپقان پۇلى مېھمانخانىغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىشقىمۇ يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.

     

    سەن بۇلارنى ئاغزاكى دەپ بېرەلىگىنىڭ بىلەن، سېپىلدەك تاملار قوغداپ تۇرغان ئاشۇ مەيداندىكى ئىشلارنى دەپ بېرەلمەيسەن. مەيداندا گۈل ساتقۇچىلارنىڭ گۈللىرىنى بوياش ئۈچۈن بەرگەن بوياقلىرى ئېقىپ يەرنى بىر ئالاتتى. ئاپتۇبۇسللار شۇ يەردىن ئۆتەتتى. بوۋايلار، ئاياللار قىزىل ھاراق ۋە مېۋە شۆپۈكلىرىدىن ئىشلەنگەن تۆۋەن سۈپەتلىك براندى ئىچىپ تەڭشىلىۋالاتتى. شىۋىرغاندا، پوتلىلىرى ئېقىپ تۇرغان بالىلار ماڭدامدا ئۇچرايتتى. ئەتراپتىن سېسىق تەر ۋە نامراتلىقنىڭ ھىدى كېلەتتى، «ئىشتىن سىرت خىزمەتچىلەر قەھۋەخانىسى» غا كىرگەن زامات غەرق مەستلەر كۆزگە چېلىقاتتى. يەنە تېخى «لەگلەك» تانسىخانىسىدىكى پاھىشىلەرمۇ بار. ئۇلار تانسىخانىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە تۇراتتى. ئىشىككە قارايدىغان ئايال ھېلقى جۇمھۇرىيەتچىلەر قوغدىغۇچىسىنى تارغىنە ئۆيدە ناھايىتى قىزغىن كۈتەتتى، ئورۇندۇققا قوغدىغۇچىنىڭ ئاتنىڭ نەچچە تال يالى قىستۇرۇلغان شىلەپىسى قويۇلغان بولاتتى. زالنىڭ ئۇ تەرىپىدە يەنە بىر ئايال تۇراتتى. ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ۋېلسىپىت مىنىش ماھىرى ئىدى. شۇ كۈنى ئەتىگىنى بۇ ئايال سۈت دۇكىنىدا «مېخانىك ماشىنا» گېزىتىدىن ئېرىنىڭ پارىژدىكى شەھەرنى ۋېلسىپىتلىق ئايلىنىش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالتىس خۇشال بولۇپ كەتتى. ئاۋۋال مەڭزى ھۈپپىدە قىزىرىپ قاقاقلاپ كۈلدى، كېيىن ھېلقى سارغۇچ تەنتەربىيە گېزىتىنى قولىدا سىقىمدىغىنىچە بىناغا چىقىپ يىغلىۋەتتى. بىر قېتىم خارى ئايىروپىلاندا بىر ياققا سەپەرگە چىقماقچى بولدى. "لەگلەك " تانسىخانىسىنىڭ ئايال خوجايىننىڭ ئېرى ئەتىگەندە بىر تاكسىنى ھەيدەپ كېلىپ ئۇنى ئويغاتتى. ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن قاۋاقخانىغا كىرىپ بىر رومكىدىن ئاق ئۈزۈم ھارىقى ئىچىۋالدى. ئۇ چاغدا خارى شۇ جايدىكى قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن تونۇشاتتى. ئۇلار بەك نامرات ئىدى.

     

    سېپىل تام بىلەن ئورىلىپ تۇرغان مەيداننىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئىككى خىللا ئادەم-يا زابويلار، يا تەنھەرىكەتچىلەر بولاتتى. زابويلار موھتاجلىق ئازابىنى ھاراق بىلەن يېڭەتتى؛ تەنھەرىكەتچىلەر بولسا چېنىقىش ئارقىلىق موھتاجلىقنىڭ دەردىنى ئۇنتۇيتتى. پارىژ كوممۇنىستىك كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغاچقا، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى چۈشىنىش ئۇلارغا تەس كەلمەيتتى. ئۇلار يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، ئاكا-ئىنىلىرىنى، دادىلىرىنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلەتتى. ۋېرسال قوشۇنى پارىژغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ پارىژ كوممۇنىسىدن كېيىن بۇ شەھەرنى ئىشغال ئىگىلىدى. قولىغا ئاددىي شەپكە ئېلىۋالغان ۋە ياكى بىرەر بەلگىسىدىن ئاددىي ئەمگەكچى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان ھەر قانداق ئادەم نېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۆلتۈرۈلدى.دەل مۇشۇنداق موھتاجلىق چاغلىرىدا، دەل مۇشۇ رايوندا-كوچىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە بىر ئات گۆشى دۇكىنى ۋە بىر ھاراق ئېچىتىش دۇكىنى ئېچىلدى. خارى ئىجادىيەت ھاياتىنى باشلىدى. پارىژدا بۇنىڭدىن باشقا بىر جاينى ئۇ بۇنداق سۆيمەيتتى. بولۇققىدە ئۆسكەن دەل-دەرەخلەرگە، ئاقۇچ سېمونت تاملارغا، تاملىرىنىڭ ئاستى تەرىپى قوڭۇر رەڭدە ئاقارتىلغان كونا ئۆيلەرگە، چەمبەرسىمان گۈللۈكنىڭ ئارىسىدىن ئۆتىدىغان ئۇزۇن يېشىل ئاپتۇبۇسلارغا، كوچىلاردىكى گۈل بوياشتا قېپقالغان سۆسۈن رەڭلىك داغلارغا، تاغ تۆپىسىدىن سېنا دەرياسىغا بۇرۇلىدىغان رېمىئون ئېپىسكوپ كوچىسىغا، يەنە تار، ئەمما ئاۋات موفېدارد يولىغا ئۇنىڭ بۆلەكچە مۇھەببىتى بار ئىدى. ئىلاھلار قەسىرىگە بارىدىغان چوڭ كوچا بىلەن ئۇ ھەمىشە ۋېلسىپىت مىنىپ ئۆتىدىغان چوڭ كوچا بۇ جايدىكى بىردىنبىر ئاسفالىت ياتقۇزۇلغان كوچا ئىدى.ناھايىتى سىلىق ئىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېگىز تار ئۆيلەر بار ئىدى. يەنە تۆۋەن دەرىجىلىك بىر مېھمانخانىمۇ بار ئىدى. بول ۋېرلون ئاشۇ يەردە ئۆلگەنىدى.ئۇلار تۇرىدىغان سارايدا ئىككى ئېغىزلا ئۆي بار ئىدى. خارى مېھمانخانىنىڭ ئۈستىدىكى بىر ئۆيدە تۇراتتى، بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسى ئۈچۈن ئېيىغا 60 فرانك تۆلەيتتى. ئۇ بۇ ئۆيدە يېزىقچىلىق قىلاتتى، سانجاق-سانجاق بىنالارنى، تۇرخۇنلارنى ۋە پارىژدىكى بارلىق تاغلارنى كۆرەلەيتتى.

     

    سارايدا تۇرۇپ ئوتۇن ۋە كۆمۈر ساتىدىغان ھېلقى ئادەمنىڭ دۇكىنىنىلا كۆرەلەيتتىڭ، ئۇ ئادەم تۆۋەن سۈپەتلىك ئۈزۈم ھاراقلىرىنى ئېلىپ ئىچەتتى. ئات گۆشى ساتىدىغان دۇككاننىڭ سىرتىغا سېرىق نۇقتا ئېسىقلىق ئىدى. دۇكاننىڭ ئىچىدىكى پەشتاختىغا ئات گۆشلىرى قويۇلغان بولاتتى. يېشىل سىردا سىرلانغان ھاراق دۇكىنىدا ئۇلار ھاراق ئىچەتتى. بۇلاردىن باشقا، بۇ يەردە يەنە سېمونت تاملىق ئۆيلەر ۋە قوشنىلارنىڭ دېرىزىلىرى كۆزگە تاشلىناتتى. بىر كېچىسى كىمدۇر بىرى مەست بولۇپ كوچىدا يېتىپ قالدى ۋە فرانسۇز زابويلىرىغا خاس(كىشلەر سېنى بۇنداق زابويلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەسكە ئۈندەيتتى)بىر غەيرىي ئاۋازدا ئىڭراپ كەتتى. قولۇم قوشنىلار دېرىزىنى ئېچىپ قارىغاندىن كېيىن غۇدۇرىشىپ كەتتى.

     

    -نەگە كەتكەندۇ بۇ ساقچى؟ ساقچى بولمىسىمۇ بولىدىغان چاغدا، ئۇ خۇنپەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ چوقۇم ئىشىككە قارايدىغان ئايالنىڭ قوينىدا. ئۇنى چاقىرايلى.

     

    شۇ غۇدۇراش سادالىرى ئىچىدە كىمدۇ بىرى دېرىزىدىن بىر چېلەك يۇندىنى تۆكۈۋەتتى. ئىڭراش سادالىرى شۇندىلا بېسىقتى.

     

    -نېمە تۆكتى؟ سۇما، ۋاھ، قالتىس ئوبدان قىلىپتۇ.

     

    دېرىزىلەر ئېتىلدى. ئۇنىڭ ئايال خىزمەتكارى مارى بىر كۈندە سەككىز سائەت ئىشلەش تۈزۈمىگە قارشى چىقىپ دېدى:

    «بىر ئەر سائەت ئالتىگىچە ئىشلەپ ئۆيگە قايتىش يولىدا ئازراق ئىچىپ قالسا، بۇنىڭغا جىق پۇل كەتمەيدۇ. لېكىن ئۇ كۈندە پەقەت بەشكىچە ئىشلەپ ھەركۈنى مەست بولغۇدەك ئىچسە، ئۇنداقتا بىر سېنت پۇلمۇ تاپالمايدۇ.بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارتقان زىيانغا ئىشچىنىڭ خوتۇنى ئىگە بولۇشى كېرەك.»

     

    -يەنە ئازراق شورپا ئىچەمسىز؟- سورىدى ئايال.

    -ياق، رەھمەت، تەمى بەك ئوبدان بوپتۇ.

    -يەنە ئازراق ئىچىڭە.

    -ۋىسكىي ئىچكۈم كېلىۋاتىدۇ.

    -ھاراقنىڭ سىزگە پايدىسى يوق.

    -ھەئە، ھاراق ماڭا زىيانلىق. بۇ مىسرا كېل بورتنىڭ، ئۇ بۇنى نوتىغىمۇ سالغان. بىلسەم- بىلمىسەم، بىلۋالغان بۇ كىچچىكىنە نەرسىڭىز ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈۋاتىدىغۇ.

    -ھاراق ئىچسىڭىز بۇرۇن سىزنى نەدە چەكلىگەن يېرىم بار؟

    -ئۇغۇ راست، لېكىن ھاراق ماڭا زىيانلىق بولغىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانسىز؟

     

    «ئۆزۈم ئېرشمەكچى بولغان ھەممە نەرسىگە ئېرشىشىم كېرەك،- دەپ ئويلىدى خارى ئايال كەتكەندىن،- ئۆزۈم ئېرىشىشىم كېرەك،- دەپ ئويلىدى خارى ئايال كەتكەندىن كېيىن،- ئۆزۈم كۈتكەن نەرسىلەرگە ئەمەس، ئۆز ئىلكىمدە بار نەرسىلىرگە ئېرىشسەملا بولدى، ئۇھ...»ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى. ئۇ بىردەم ئۇخلىماق بولۇپ جىمجىت ياتاتتى. ئەمدى ئەزرائىل كۆزىگە كۆرۈنمىدى. بەلكىم ئۇ باشقا بىر كوچىغا ئەجەل مارىلاپ كېتىپ قالغاندۇ. ئەنە، جۈپ بولۇۋالغان ئەزرائىللار ۋېلسىپىتلىرىگە مىنىشىپ پىيادىلەر يولىدا ئاستا كېتىۋاتىدۇ.

     

     ياق، ئۇ پارىژ توغرۇلۇق ھېچنەرسە يېزىپ باققان ئەمەس.ئۆزى ياخشى كۆرگەن بۇ شەھەر توغرۇلۇق قەلەم تەۋرىتىپ باقمىدى، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن قەلەمگە ئېلىپ باقمىغان باشقا ئىشلار قانداق بولغىيدى.

     

    چوڭ فېرما ۋە كۈمۈش رەڭدە كۆزگە تاشلىنىدىغان چاتقاللىق، چاتقاللىقتىكى زۇمرەتتەك سۈيى تېزلىك بىلەن ئاقىدىغان ئۆستەڭ، ئۆستەڭ بويىدىكى ياپيېشىل بېدىلەر ھازىر قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟ يەنە يازلىقى كالا-موزايلار ئېھتىيات بىلەن ماڭىدىغان، تاغ تۆپىسىگە يىلان باغرى سوزۇلۇپ كېتىدىغان ھېلقى تار يولمۇ بار. نېمىلەرنىڭدۇ ھۆركىرەشلىرى، ئۈزۈلمەي داۋام قىلۋاتقان ناۋالار ھېلھەم ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە، مىتىلداپ ناھايىتى ئاستا ماڭىدىغان ئاشۇ يوغان ئۇلاغلار كۈزلۈكى ھەيدەپ تاغدىن چۈشكىنىڭدە يوللاردىن چاڭ چىقىرىۋېتەتتى. تاغلارنىڭ كەينىدىكى سانجاق-سانجاق ئېگىز چوققىلار گۇگۇمدىكى تۇمان ئىچىدە يەنىلا شۇنداق كۆرۈنەتتى. يەرگە تال-تال سېپىلىپ تۇرغان ئاي نۇرىدا ئاشۇ كىچىك يولنى بويلاپ تاغدىن ئاتلىق چۈشكىنىڭدە جىلغىنىڭ ئۇ تەرىپىدە پاكىز، گۈزەل بىر مەنزىرە كۆزگە تاشلىناتتى. ھېلھەم ئېسىڭدە، ئورمانلاردىن ئۆتۈپ تاغدىن چۈشكەن چېغىڭدا، قاراڭغۇدا يولنى كۆرەلمەي ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى چىڭڭىدە تۇتۇۋېلىپ مۈدۈرۈپ-چوقۇرۇپ مېڭىشقا مەجبۇر بولاتتىڭ. ئۇ بۇنىمۇ يازماقچى بولغانىدى

     

    يەنە ھېلقى ئىش بۇزدى دۆت سولتەكمۇ بار. بىر قېتىم ئۇ ئۇنىڭغا فېرمىنى ئوڭچە تاشلاپ بېرىپ قۇرۇق ئوتلارنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويماسلىقنى تاپىلاپ تاغدىن چۈشتى. فوكسىتىن كەلگەن ھېلقى ئەبلەخ فېرممىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ ئازراق يەم-خەشەك ئالغىلى قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قېرى، يەنە بۇرۇنقىدەك تايىقىڭنى يەيسەن، دەپ تەھدىت ساپتۇ. قېرى قوتانغا زورلۇق بىلەن كىرىشكە تەمشىلىپ تۇرغاندا، بالا ئاشىخانىدىن تاللىق ،مىلتىقنى ئاچىقىپ ئۇ قېرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئۇ فېرمىغا قايتىپ كەلگەندە، قېرىنىڭ جەسىتى فېرمىدا ئاللىبۇرۇن توڭلاپ كەتكەنىدى، لالما ئىتلار جەسەتنىڭ خېلى يەرلىرىگىچە يەۋېتىپتۇ. سەن جەسەت پارچىسىنى كىگىزگە ئوراپ چانىغا باستىڭ، ئاندىن چانىنى بالىغا سۆرىتىپ يولغا چىقتىڭ. تېيىلىپ يۈرۈپ 60 مىڭ مىل يول ماڭغاندىن كېيىن بالىنى جەسەتنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ كېتىشكە بۇيرۇدۇڭ. بالا ئۆزىنىڭ تۇتۇلدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن. ئۇ پەقەت" «مەن خوجايىننىڭ دوستى بولغاندىن كېيىن ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلدىم. ئەمدى بۇنىڭغا تېگىشلىك ھەق ئالىمەن» دەپلا ئويلىغانىدى.ئۇنىڭ خىيالىچە بولغاندا، ئۇنىڭ قېرىنىڭ جەسىتىنى شەھەرگە سۆرەپ ئېلىپ كىرگەنلا يېرى بار ئىدى. بۇنداق بولغاندا بۇ قېرىنىڭ قانچىلىك ئەسكى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بولمىغان يەم-خەشەكلەرنى زورلۇق بىلەن ئالماقچى بولغانلىقىنى خەقلەر بىلىپ قالاتتى. مەمۇرىي مەھكىمنىڭ سوتچىسى قولىغا كويزا سالغاندا، بالا دەسلىپىدە كۆزىگە ئىشەنمىدى. كېيىن ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلىۋەتتى. خارى بۇ ئىشنى بىر ھېكايە قىلىپ يازماقچى بولغانىدى. ئۇ يەردىن خارى 20 ھېكايىگە يارىغۇدەك قىزىقارلىق ئىشلارنى كۆرگەنىدى. لېكىن، بۇنىڭ بىرىنىمۇ يازمىدى، نېمىشقا يازمىغان بولغىيدى؟

     

    -سىز ئۇلاردىن نېمىشقا شۇنداق بولغان دەپ سوراڭ،- دېدى خارى ئايالغا.

    -نېمە دەۋاتقانسىز، قەدىرلىكىم؟

    -ھېچنېمە.

     

      ئايال خارى بىلەن تېپىشقاندىن كېيىن ھاراقنى جىق ئىچمەس بولغانىدى. خارى يەنە ياشاپ قالسا، ھەرگىز بۇ ئايال توغرۇلۇق يازمايدۇ. نېمە ئۈچۈنلىكىنى خارى ئەمدى چۈشەندى. ئۇ ئاشنىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى توغرۇلۇق بىر نەرسە يازمايدۇ. پۇلى بار خەق دېگەن ئەخمەق. كۈن بويى باگامىن(ئىككى ئادەم ئوينايدىغان شاھماتقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇن) ئويناشنىلا بىلىدۇ. ھاماقەتلىكتە ئۇچىغا چىققان، تولا ۋالاقلاپ ئادەمنى سەسكەندۈرۋېتىدىغانلىقىنى بىر دېمەڭ. خارى بىردىنلا بىچارە جۇلىئاننى، ئۆزىنىڭ پۇلدارلارغا خىيالىي بىر تۇيغۇ ئىچىدە ھەۋەسلىنىپ كەتكەنلىكىنى، بىر قېتىم بىر ھېكايىسىنىڭ بېشىدا پۇلدارلار توغرۇلۇق يازغانلىقىنى ئەسلەپ قالدى. ئۇ ھېكايىسىنىڭ بېشىنى مۇنداق باشلىغانىدى: «پۇلدارلار سىزگە، ماڭا ئوخشىمايدۇ.» بىرى جۇلىئانغا: «راست، ئۇلار بىزدىن باي» دېگەنىدى. لېكىن، جۇلىئانغا بۇ گەپ يۇمۇرلۇق تۇيۇلمايتتى. ئۇ ئۆزىنى ئاجايىپ بىر نەسەبنىڭ پۇشتى دەپ بىلەتتى. ئەمەلىيەتنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ئىش باشقا ئىشلارغا ئوخشاشلا ئۇنى سەت تۈگەشتۈرەتتى.

     

    خارى بۇرۇندىن ئاشۇ تۈگەشكەن ئادەملەرنى كۆزگە ئىلمايتتى. ئۇنداقلارنى ياخشى كۆرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، سەن بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. ئۇ ھېچقانداق بىر ئىشتا ئالدانمايتتى. قېتىمغا ئالماي يۈرىۋەرسەم ھېچقانداق ئىش مېنى تۈگەشتۈرەلمەيدۇ، دەپ ئويلايتتى.

     

    بوپتۇ، ئەمدى ئۆلىدىغان بولدى، ئۇ بۇنىمۇ پەرۋايىغا ئالمايدۇ. بۇرۇندىن ئاغرىقتىن قورقاتتى. شۇنداقتىمۇ باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئۇزۇنغىچە ئاغرىپ ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتمىسىلا ئادەتتىكى ئاغرىقلارغا بەرداشلىق بېرەتتى. لېكىن، بىر نەرسە ئۇنى چىدىغۇسىز ئازابلايتتى. ئۇ شۇنداقراق بىر نەرسىنىڭ ئۆزىنى ئازابلاۋاتقانلىقىنى بايقىنىدا، ئاغرىق توختاپ قالاتتى.

     

    ئۇنىڭ ھېلھەم ئېسىدە تۇرۇپتۇ، نۇرغۇن ۋاقىت ئىلگىرى بومبىچىلار ئوفىتىسېرى ۋېلسون بىر كەچلىكى سىم توردىن يامىشىپ ئۆتۈپ پوزىتسىيىگە قايتىدىغان چاغدا، گېرمانىيىلىك بىر چارلىغۇچى ئەسكەرنىڭ ئاتقان گراناتىدا يارىلاندى. ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ : «مېنى ئېتىۋېتىڭلار! » دەپ چىقىراپ كەتتى. ئۇ ھەمىشە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان گەپلەر بىلەن ئۆزىنى داڭلايدىغان، ئەمما ناھايىتى باتۇر، تەنبەل ئادەم، قوشۇندا ياخشى ئوفىتسېر ئىدى. لېكىن شۇ كەچلىكى ئۇ تۇيۇقسىز يورۇغان بىر نۇردا بايقىلىپ قېلىپ سىم توردا يامىشىقلىق پېتى ئېتىلىپ كەتتى، ئۈچەيلىرى سۇغۇرۇلۇپ تورغا ئىلنىپ قالدى. ئۇلار كۆتۈرۈپ كىرگەندە ئۇ تېخى ھايات ئىدى. ئۇلار ئامالسىز ئۇنىڭ ئۈچەيلىرىنى كېسىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. «مېنى ئېتىۋەتكىن، خارى.«خۇدانىڭ ھەققىدە مېنى ئېتىۋەتكىن» دېدى ئۇ. بىر قېتىم ئۇلار: «خۇدا كۆرسەتكەن ھەر قانداق ئىشقا چىدىيالايسەن» دېگەن گەپ ئۈستىدە تالىشىپ قالغانىدى. كىمدۇ بىرى بۇ گەپنى: «بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاغرىق ئۆلۈكىدىن يوقايدۇ، بۇ شۇنداقلا بىر گەپ» دەپ چۈشەندۈرگەنىدى. لېكىن خارى ۋېلسوننى ۋە ئاشۇ گەپنى ئىزچىل ئۇنتۇيالماي كەلدى. لېكىن ۋېلسوننىڭ ئاغرىقى توختىمىدى. خارى ئۆزى كېيىن ئىشلىتەرمەن دەپ ساقلاپ كېلىۋاتقان مورفېن پارچىسىنىمۇ يېگۈرگەندىمۇ ئاغرىق يەنىلا توختىمىدى.

     

    ئۇنىڭ ئاغرىقى ھازىرچە ئۇنچە چىدىغۇسىز ئەمەس. شۇ پېتى ئاغرىۋەرسىمۇ ئەنسىرگۈدەك بىر ئىش يوق."لېكىن،-دەپ ئويلىدى خارى،- تېخىمۇ ياخشى بىر ھەمراھ يېنىمدا بولغان بولسا تازا ياخشى بولاتتى-دە!»

     

    ئۇ كۆڭلى تارتىدىغان ھەمراھ توغرۇلۇق ئويلىنىپ قالدى.

     

    «ياق،-دەپ ئويلىدى خارى،- مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن، ۋاقىت بەك ئۇزۇراپ كەتسە، ھەر قانداق ھەمراھ بولسىمۇ يېنىڭدىن كېتىپ قالىدۇ. ھاراق زىياپىتى ئاخىرلاشتى، ئەمدى ئايال خوجايىن بىلەن ئۆزۈڭ قالدىڭ.»

    «ھەر قانداق نەرسىدىن بىزار بولغىنىمغا ئوخشاشلا، ئەجەل دېگەن نېمىدىنمۇ بىزار بولۇۋاتىمەن.»

     

    -ئادەمنى ئەجەپ بىزار قىلدى،- بۇ گەپنى خارى ئىختىيارسىز ئۈنلۈك دەۋەتتى.

    -نېمە دەۋاتىسىز؟

    -ھەر قانداق ئىش قىلساق ۋاقىتنى بەك سوزۇۋېتىدىكەنمىز.

     

    ئۆزى بىلەن گۈلخان ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان ئايال خارىنىڭ كۆزىگە كۆرۈندى. ئۇ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئايالنىڭ گۈلخان نۇرىدا يورۇپ تۇرغان جىلۋىگەر چىرايىدىن مۈگدەپ قېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. ھېلقى ئىتنىڭ گۈلخاننىڭ نېرىسىدا ئېچىنىشلىق ھۇۋلىغان ئاۋازى خارىنىڭ قۇلقىغا ئاڭلاندى.

     

    -مەن ئىزچىل بىر نەرسە يېزىۋاتىمەن،- دېدى خارى،- بەك ھېرىپ كەتتىم.

    -ئۇخلىيالارسىزمۇ؟

    -ئۇخلىيالايمەن. نېمىشقا تېخىچە ئۇخلىمايسىز؟

    -سىز بىلەن ئولتۇرغۇم بار.

    -بىرەر غەيرىي شەپىنى كۆڭلىڭىز تۇيۇۋاتامدۇ؟

    -ياق. ئازراق مۈگدەك بېسىۋاتىدۇ، شۇ.

    -لېكىن، مېنىڭ كۆڭلۈم تۇيۇۋاتىدۇ.

     

    شۇ دەقىقىدە ئۇ ئەزرائىلنىڭ يەنە بىر قېتىم يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدى.

     

    -سىز بىلسىز، ئەمدى مەندە قىزىقشتىن باشقا نەرسە قالماپتۇ،-دېدى خارى.

    -سىز ئەزەلدىن ھېچقانداق نەرسىدىن  مەھرۇم قالمىغان، سىز مەن بىلدىغان ئەڭ مۇكەممەل ئەر.

    -ئاھ، خۇدا مۇشۇ خوتۇن خەقنىڭ بىلىدىغان نەرسىسى نېمانداق ئازدۇ؟ نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەۋاتىسىز؟ بىۋاستە سېزىمىڭىزگە تايىنىپمۇ؟

     

    چۈنكى، دەل مۇشۇ دەقىقىدە ئەزرائىل كەلگەنىدى. ئەزرائىل بېشىنى كارىۋاتنىڭ پۇتىغا تىرەپ ياتاتتى. ئەزرائىلنىڭ تىنىقى خارىنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلدى.

     

    -ئەزرائىلنىڭ ئورغاق ۋە ئىسكىلىت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەڭ،- دېدى خارى ئايالغا،- ئۇ ئېھتىمال ۋېلسىپىتكە بەخۇدەك مىنىپ كېتىۋاتقان بىر جۈپ ساقچىدۇر ياكى بىر قۇشتۇر. بەلكىم ئۇنىڭ سىرتلاننىڭكىدەك يوغان بۇرنى باردۇر.

     

    ئەمدى ئەزرائىل ئۇنىڭ بەدىنىگە يېقىنلاپ كەلدى، لېكىن شەكىلسىز ھالەتتەكەلدى. بوشلۇقنى ئىگىلىگىنىچە كەلدى.

     

    -ئۇنىڭغا دەڭ، كەتسۇن.

     

    ئەزرائىل كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلدى.

     

    -ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كەتكىنىڭنى قارا؟-دېدى خارى ئەزرائىلغا،- ھۇ سېسىق.

     

    ئەزرائىل يەنىلا ئۇنىڭغا قەدەممۇ قەدەم يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتاتتى. ئەمدى خارى ئۇنىڭغا گەپ قىلالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گەپ قىلالماس بولۇپ قالغىنىنى سەزگەندە، ئەزرائىل ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى. خارى ئۇنى تۇيدۇرماي كەتكۈزۋەتمەكچى بولدى. لېكىن، ئەزرائىل ئۇنىڭ بەدىنىگە يامشىپ چىقتى، پۈتۈن ئېغىرىنى سېلىپ خارىنىڭ كۆكرىكىنى بېسىۋالدى، پۇتىنى كېرىپ ئېسىلۋالدى. خارى مىدىرلىيالمايتتى، يا گەپ قىلالمايتتى.پەقەتلا بىر ئايالنىڭ : «ئەپەندى ئۇخلاپ قاپتۇ، كارىۋاتنى ئاستا كۆتۈرۈپ چېدىرغا ئەكىرىڭلار» دېگىنى ئاڭلاندى.

     

    خارى ئەزرائىلغا "كەت!" دېگەن گەپنى قىلالمىدى. ئەزرائىل پۈتۈن ئېغىرلىقى بىلەن ئۈستىدىن بېسىۋالغاچقا، نەپەس ئالالماي قالدى. لېكىن، ئۇلار بېرزېنت سېلىنغان كارىۋاتنى كۆتۈرگەندە، ھەممە ئىش نورمال ھالىتىگە قايتتى، كۆكرىكىنى بېسىۋالغان ئېغىر نەرسىمۇ نەگىدۇر يوقالدى.

     

    تاڭ ئاتقىنىغا خېلى بولغانىدى. خارىنىڭ قۇلقىغا ئايىروپىلاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. سىرتقى ھالىتىدىن ناھايىتى كىچىك كۆرۈنىدىغان ئايىروپىلان ھاۋادا بىر پىرقىرىۋەتتى. ئىككى ئەر چاكار يۈگۈرۈپ چىققان پېتى يەرگە بىر دۆۋە چۆپنى دۆۋىلەپ ئۈستىگە بېنزىن چاچتى. سەھەر شامىلى تۈرۈم-تۈرۈم ئىسلارنى چېدىرغا ئۇچۇرتۇپ كەتتى. ئايىروپىلان يەنە ئىككى قېتىم پىرقىراپ ئاستا تۆۋەنلىدى، ئاندىن شوتىلىرىنى چىقىرىپ ئاستا يەرگە قوندى. بېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان كامپىتون ئۇچىسىغا كەڭ ئىشتان، بىر يوللۇق بوغماق چاپان، بېشىغا قوڭۇر رەڭلىك كىگىز شىلەپە كىيگەنىدى.

     

    -نېمە ئىش بولدى، بۇرادەر؟- سورىدى كامپىتون خارى تەرەپكە كەلگەچ.

    -پۇتۇم بولمىدى،- دېدى خارى،- ئازراق بىر نەرسە يەۋالامسىز؟

    -رەھمەت. ئازراق چاي ئىچسملا بولدى. بۇ ئايىروپىلان« كۆك قۇ» ماركىلىق، ھېلقى «خانىم» نىڭ ئامالىنى قىلالماي مۇشۇ ئايىروپىلانغا چىقىپ كەلدى.

     

    خېلىن كامپىتوننى بىر چەتكە تارتىپ قۇلقىغا نېمىلەرنىدۇر پىچىرلىدى.  كامپىتون خۇشال ھالدا قايتىپ كەلدى.

    -سىزنى ئايىروپىلانغا كۆتۈرۈپ ئەكىرەيلى،- دېدى كامپىتون،- يەنە خانىمىڭىزنى ئالغىلى كەلمىسەم بولمايدۇ.ئارۇشادا ماي قاچلىغىلى توختاپ قالارمىزمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. ياخشىسى بىز ھازىرلا ماڭايلى.

    -ئازراق چاي ئىچسەك قانداق؟

    -مېنىڭ زادى چاي ئىچكۈم يوق.

     

    ئىككى ئەر چاكار كارىۋاتنى كۆتۈرۈپ يېشىل چېدىرنى بىر ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن قىيا تاشلارنى بويلاپ تۆۋەنگە-ھېلقى تۈز يەرگە قاراپ ماڭدى، ئىسلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتى. ئوت شامالدا تېخىمۇ كۈچەيگەن، چۆپلەر كۆيۈپ تۈگىگەنىدى. ئىككى چاكار ئايىروپىلان ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن مىڭ تەستە خارىنى ئىچىگە كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ خۇرۇم ئورۇندۇققا ياتقۇزدى. خارىنىڭ سېسىشقا باشلىغان پۇتى كامپىتون ئولتۇرغان ئورۇندۇققىچە سوزۇلغان، پەقەت يىغلىمايتتى. كامپىتون ماتورنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن ئايىروپىلانغا چىقىپ خېلىن بىلەن ئىككى چاكارغا خوشلىشىش ئىشارىتى قىلدى. دەسلىپىدە ئاستا كىرۋاتقان ماتور ئەمدى تونۇش گۈركىرەشكە، ئۇلار ئايىروپىلان ئىچىدە تەۋرىنىشكە باشلىدى. كامپىتون ياۋا توڭگۇزلار ماكان تۇتقان ھېلقى غارلارغا دىققەت بىلەن قاراپ قويدى. ئايىروپىلان ئوت ئۇچقۇنلىرى ئارىسىدىكى ئوچۇقچىلىقتا ئۇيان-بۇيان ئىرغاڭلاپ بىردەم گۈركىرىگەندىن كېيىن بىر سىلكىنىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. پەستىكىلەر ئۇلارغا قول پۇلاڭلىتىپ قالدى. تاغ تۆپىسىدىكى بىر ياققا قىيسىپ قالغان چېدىر، دەرەخلەر بىلەن ئورالغان كەڭرى دالا، بىر چەتكە يېتىشقا باشلىغان چاتقاللار، ياۋايى ھايۋانلار پات-پات ئۆتىدىغان كەڭرى يوللار، كەڭرى سۇ ئامبىرى، يېڭىدىن بايقالغان سۇلار خارىنىڭ كۆزىگە بىر-بىرلەپ كۆرۈندى. ئايىروپىلاندىن قارىغاندا دالادا چېپىۋاتقان زېبىرىلارنىڭ يۇقىرىغا بۆرتۈپ چىققان دۈمبىلىرىلا كۆرۈنەتتى. ئارقارلار بارماقچىلىك چوڭلۇقتا كۆزگە تاشلىناتتى، باشتا كېتىۋاتقان قارا ئارقارلار تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى. ئەمدى ئۇلار تېخىمۇ كىچىك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. يۈگۈرۈۋاتقىنى ياكى مېڭىۋاتقىنى پەرق ئەتكىلى بولمىدى. خارىنىڭ كۆزىگە پەستە سارغۇچ رەڭگە ئۆزگەرگەن دالا، ئالدى تەرەپتە كامپىتوننىڭ بوغما چاپىنى ۋە قوڭۇر رەڭلىك شىلەپىسى كۆرۈندى. ئۇلار بىر ئازدىن كېيىن تاغلارنىڭ ئارىسىدن ئۆتتى. يوغان ئارقارلار تاغقا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. ئارقىدىن خارىلار تېخىمۇ ئېگىز چوققىلارنىڭ، تىك چوققىلاردا قىيپاش ئۆسكەن يېشىل ئورمانلارنىڭ، مەزمۇت بامبۇكلار بوي تارتقان تاغ قاپتىلىنىڭ، ئاندىن باراقسان، ئورماننىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. ئۇلار ئورماننىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە دەممۇدەم ئېگىز چوققىلار ۋە جىلغىلار ئۇچرايتتى. ئايىروپىلان بارا-بارا پەسلەپ بېرىۋاتقان چوققىلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە، يەنە بىر كەڭ ئوچۇقچىلىق كۆزگە تاشلاندى. ھاۋا ئىسسىغان، زېمىن قارامتۇل رەڭدە كۆزگە چېلىقاتتى. ئايىروپىلان گۈركىرەپ پات-پات سىلكىنىگىنىچە ئۇچاتتى. كامپىتون ئۇنىڭ قانداقراق ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك بۇرۇلۇپ قاراپ قوياتتى. ئارقىدىن ئايىروپىلان يەنە قارامتۇل چوققىلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.

     

    شۇ ئارىدا ئايىروپىلان ئارۇشا تەرەپكە قارىماي ئۇچماي، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتتى. «ماي يېتىدىغان ئوخشايدۇ-دە» دەپ ئويلىدى خارى. ئۇ پەسكە قاراپ لەگلەكتىن چۈشۈۋاتقاندەك بىر ھالەتتە تۆۋەنگە شۇڭغۇۋاتقان ھال رەڭ بۇلۇتلارنى كۆردى. خارى ھاۋادىن قارىۋىدى، تۇيۇقسىز جۇدۇن بولۇۋاتقاندەكلا قار كۆچۈشكە باشلىدى. خارى چېكەتكىلەرنىڭ جەنۇبتىن كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئارقىدىن چېكەتكىلەر شەرققە يۆتكەلمەكچى بولدىمۇ، ئەيتاۋۇر ئۈستى تەرەپكە يامىشىشقا باشلىدى.

     

    ئارقىدىن ھاۋا بىردىنلا قارىيىپ چېلەكلەپ قۇيغاندەك يامغۇر يېغىپ كەتتى. بۇ ھال كىشىنى شارقىراتما ئارىسىدا قالغاندەك بىر تەسىراتقا كەلتۈرەتتى. كامپىتون كەينىگە بۇرۇلۇپ قىيسىيىپ كۈلگەچ بارمىقى بىلەن ئالدى تەرەپنى كۆرسەتتى. خارى چەكسىز كەتكەن، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئاق، ئېگىز، ھەيۋەتلىك تاغلارنى كۆردى. بۇ كىلمانجارو تېغى ئىدى. خارى شۇندىلا "ھە، ئاشۇ يەرگە بارىدىكەنمىز-دە» دەپ ئويلىدى.

     

    دەل شۇ دەقىقىدە سىرتلانلار كاڭشىشىتىن توختاپ يىغلاۋاتقاندەك غەلىتە بىر ئاۋازدا ھۇۋلاپ كەتتى. ئايال بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئارامسىزلىق ئىچىدە كارىۋاتتا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆرۈلۈشكە باشلىدى. لېكىن ئويغانمىدى. ئۇ چۈشىدە ئۆزىنى ئارالدىكى ئۆيدە كۆردى.  بۇ ئۇنىڭ قىزى تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان كۈننىڭ ھارپىسى ئىدى. قىزىنىڭ ناھايىتى توپمايدەك كۆرۈنىدىغان دادىسىمۇ باردەك قىلاتتى. دەل شۇ چاغدا ئايال سىرتلاننىڭ قاتتىق ھۇۋلىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى، بىر ھازاغىچە ئۆزىنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى. قورقۇپ جان-پېنى چىقىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئايال قولچىراغنى ياندۇرۇپ يەنە بىر كارىۋاتقا قارىدى. خارى ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئۇلار كارىۋاتنى ئۆيگە ئەكىرگەنىدى. پاشلىقتا خارىنىڭ بەدىنى گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ھېلقى پۇتىنى سوزۇپ يېتىۋالغاندەك قىلاتتى، دورا سۈرتۈلگەن لاتا يەرگە چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئايال بۇ ھالنى كۆرۈپ زادىلا چىدىيالمىدى.

     

    -مورو!- ۋارقىرىدى ئايال،- مورو! مورو!

    ئارقىدىن ئۇ ئاۋازىنى سوزۇپ خارىنى چاقىردى:

    -خارى! ئويغىنىڭ! ئاھ،خارى!

     

    جاۋاب كەلمىدى. خارىنىڭ تىنىقى توختىغانىدى.

     

    ئايالنى ئويغىتىۋەتكەن سىرتلان چېدىرنىڭ سىرتىدا يەنە شۇنداق غەلىتە ئاۋازدا ھۇۋلاۋاتاتتى. لېكىن، يۈرىكى ھەددىن زىيادە سوقۇپ كەتكەنلىكتىن، ئايال ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىيالمىدى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : زۇلپىقار بارات تەرجىمىسى , كىلمانجارو تېغى , خارى , ئايال , ئېرنېست ھېمىڭۋاي
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-15 20:04:55
    تەھرىر : Hechkim
    باھا : 0 كۆزىتىش : 644
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证