قەلىب ئىزھارى
ماھىرە
ئاشىقمەن دەيسەن ئۇزۇندىن بېرى ،
سۆيدۈم دەيسەن چىن دىلىم بىلەن .
كۈتىمەن دەيسەن قەدرىمنى قىلىپ ،
سۆيەمسەن تائەبەت مېھرىڭنى بېرىپ؟
ئەسلىدە بار ئىدى بىر گۈزەل سۆيگۇ،
قەلبىمدە جۇش ئۇرۇپ ياناتتى ھەر دەم.
ياشايتىم ئۈمۈتتە كەلگۈسۈم ئۈچۈن،
شۇڭىمۇ چاغ ئىدىم ئەسلا غېمىم يوق .
كىرىپ كەلدىڭ خانەمگە تۇساتتىن بىر كۈن ،
ئويغاندى مۇز كەبى قاتقان بۇ يۈرەك .
تىلىدىم سۆيگۈمىزگە ئالەمچە شاتلىق ،
چاڭقىغان يۈرەكلەر قانسۇن مېھىرگە .
كېلىسەن ھە دائىم ئىللىق رەۋىشتە ،
قەلبىمدە ھاياجان تېپچەكلەر شۇ دەم .
كېتىسەن قالىمەن مۇڭلىنىپ مەھەل،
ئىستەيمەن تەسەللى مىسكىن يۈرەككە .
ئارزۇيۇم شۇ مېنىڭ بىلسەڭ ئەي نىگار،
نىشانىم مەنزىلىم ئۆتسە بەخىتتە.
سادىقلىق قىبلىمدۇر چۈشەنسەڭ ئەگەر،
ۋاپادا ئۆتكەيمىز مەڭگۈ ئەبەتكە .
2011-يىلى 14- ئىيۇن كەچ سائەت 23:32