تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› تەھلىل ۋە مۇلاھىزە ›› ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    turgun2005
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 128
    turgun2005@163.COM

    يازما سانى : 3
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-6-14 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە

     

    ناۋا پروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە

     
     
    ياشلارنىڭ تالانتىنى بايقاش، ئاساسلىق سەنئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۇنىڭغا ئىشتىياق باغلىغان ياش سەنئەت ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ ئۆز تالانتىنى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كەڭ سەھنە ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ياش سەنئەت ھەۋەسكارلار ئارىسىدىن كېلەچەكتىكى چولپانلارنى بايقاش ۋە ئۇلارنى تەربىيىلەشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان«ناۋا» پروگراممىسى يېقىندا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئۇنداقتا بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسلە شۇكى قانداق قىلىپ ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئىجىتمائى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىش؟!--- دىگەن مەسلە.
     
    يۇقىرقى مەسلىگە جاۋاپ بىرىشتە تۆۋەندىكى مەسىلىنى ئايىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئالدى ناۋا پىروگراممىسى  ئالدى بىلەن بۇ غەيرى ماددى مەدىنيەت تۈردىكى يەنى، مەنىۋى مەدىنيەت (ئەدىبىيات سەنئەت) تۈردىكى پىروگرامما بولغاچقا ئىجىتمائى ئۈنۈمنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيۇش كېرەك .بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ يۇقىردا دىيىلگەن ئاساسى مەقسىتىگە ئەمەلگەئاشۇرۇشتىن سىرىت ياشلارنى تەربىيلەيدىغان، يول كۆرۈستىدىغان، سەنئەت تەپەككۇر ھىس تۇيغۇلىرنى ئۇرغۇتۇپ تەربىيلەيدىغان ۋەسەنئەت تەرەقىياتىمىزنى يېڭى يولغا يېتەكلەيدىغان، سەنئەت تەرەقىياتىمىزنى تەكشى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشىدىغان،  سەنئىتىمىزدىكى ئاجىز تەرەپلەرنى بايقاپ ئۇنى كۈچلەندۈردىغان مەكتەپكە ئايلىنىشى، پۈتۈن ياشلار تېخىمۇ ياقتۇرۇپ كۆردىغان، كۈرۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان پىروگراممىغا ئايلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرىت ناۋا پىروگراممىسى يۇقىرقى ئىجىتمائى ئۈنۈمىگە يىتىش بىلەن بىرگە ياخشى ئىقتىسادى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرەلمەيدىكەن ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايلا قالماستىن يۇقىرقى مۇئەييەن جەريان ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولدىغان ئىجىتمائى ئۈنۇمگىمۇ يەتكىلى بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ ‹‹ناۋاپىروگراممىسى›› دەيدىغان داڭلىق ماركا ئوبرازىنى يارتىشى، بۇنىڭغا تاينىپ پۇل  تېپىشى، داڭلىق كونسىرىتلارنى تەشكىللىشى ۋە قاتنىششى، چەتئەللەرگىمۇ (ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە) يۈزلىنىشى، باشقا ئەگەشمە، تۇلۇقلىما مەھسۇلات ساھەلىرنى، بازارلىرىنى ھەدەپ ئېچىپ، بازار دائىرىسىنى كېەيتىشى، ئەتىراپتىن ۋە چەتتىن كىرگۈزىشى، يۇقىرى مەلۇماتلىق كۆپخىل ئىقتىدارغا ئېگە ئىقتىساس ئىگىلىرىنى كىرگۇزىشى ھەمكارلششى، قىسقىسى ھەققى مەنىدىكى يېڭىلىقنى يارتىپ يۇقىرى پايدا، ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىپ، ئۈزى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن ئوغلانلارغا، ئىگىلمەس-سۇنماس گۇللەرگە قۇرۇق نام-ئاتاق بىلەن ئەمەس ئەمىلى، سانى زور بولغان پۇل ماددى بۇيۇم بولغان ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم تەمىنلىندىغان كىشىنى تۇرمۇشتا ئىشەنچكە، ئىنتىلىشچانلىققا ئېگە قىلدىغان ئىچىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ تۈسىدىكى مەنپەت بىلەن تەمىنلىششى كېرەك. شۇندىلا ناۋا پىروگراممىسى بىر تۈركۈم ئىشچان ھەسەل ھەرىلىرىگە ئىرشىپ ئۈزى ۋە خەلىق ئۈچۈن تاتلىق ھەسەللەرنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.    
     
    مىنىڭچە بۇرۇنقى ناۋا پىروگراممىسىدا تۆۋەندىكى مەسىللەر ساقلانغان.
     
    بىرىنچى، شەكىل جەھەتتىكى نوقسانلار:
     
    (1) ناۋا پىروگراممىسى سەنئەتنىڭ ناخشا ئېيتىش شەكلى بىلەنلا ساقلىنىپ قالغان.
     
    (2) ناۋا پىروگراممىسى سەھنە تۈرى، سەھنە ئوبرازى، سەھنە شەكلى بىرلا خىل. مەيدان شەكلىمۇ كۆپىنچە بىرلاخىل ھىسيات تۈسىگە ئىگە.
     
    (3) ناۋا ناخشىچىلارنىڭلا پىروگراممىسى بۇلۇپ قالغان.
     
    (4) ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى بىرخىل، زامانىۋى شوخ ياكى ئەركىن ئۇسلۇپتا لىرىكىق ھازىرقى زامان ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىدىن ئىبارەت بىرخىل ھالەت زىيادە تەكىتلەنگەن مەيدان بۇلۇپ قالغان. 
     
    ئىككىنچى، مەزمۇن شەكلىدە ساقلانغان مەسىللەر:
     
    (1) ناخشىنى باھالايدىغان مۇلاھىزەلەر يۇزەكى، تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىلەرمۇ ئەستايدىللىق بىلەن تەييارلىق قىلمىغان.
     
    (2) رىياسەتچىلىكتە ئۆزگىچە ئۇسلۇب يوق. باشقا سەنئەت پىروگراممىلىردىن جېق پەرىقلەنمەيدۇ.
     
    (3) ناخشا مەزمۇنلىرى كۆپىنچە مۇھەببەت لىرىكا تۈسى مونوپۇللىق ئورنىغا چىقىپ، ياشلارنى باشقىچە ئۇسلۇپتىكى، مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرمىگەن.
     
    (4) باھالىغۇچىلار داڭلىق ناخشىچىلار بىلەن چەكلىنىپ قېلىشتەك، ئاساسەن بىرلا خىل يەنى ناخشا ئېيتىش ھالىتى ۋەياكى ناخشا مەزمۇنىنى يۈزەكى باھالاشتەك ئۇسۇللار قوللىنىلغان.
     
    بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىشتىكى تەدبىرلەر:
     
    ناۋا پروگراممىسى بىرلا خىل ناخشا ئېيتىش شەكىلى بىلەن ساقلىنىپ قالسا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پروگراممىغا قاتنىشىشى سالاھىيىتىنى كەڭ قۇيۇۋىتىپ، رىقابەتلەشتۈرۈپ تاللاپ ۋە مەزمۇنىغا قۇيۇلدىغان چەكىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، مۇقىم تۈزۈم بىكتىپ ۋە ئۇنى ئاممىغا ئاشكارىلاپ، قاتناشماقچى بولغان ياشلارنى بىر مۇقىم يۆنىلىش بىلەن يېتەكلەپ ۋە ھەرىكەت مەشغۇلات جەدىۋىلى بىلەن تەمىنلىششى كېرەك. بۇنىڭدا ياشلارنى يېتەكلىگىلى ۋە سەنئىتىمىزنىڭ ئاجىز ھالقىلىرنى تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدۇ .
     ناۋا سەھنىسى ئۆينىڭ ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مۇمكىن بولسا ناھىيە يېزا قىشلاقلارغا، خۇددى مەشرەپ پىروگراممىسىغا ئوخشاش يۈزلىنىشى كېرەك. سەھنىنى كۆپخىللاشتۇرشى كېرەك. سەھرالىرمىزدىكى ياش سەنئەت تالانىتچىلىرمىزنىمۇ بايقىشى، ئۇلارنى ئۆزلىرنىڭ ئىجىتمائى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىش ھەمكارلىق سېستىمىسى قاتناشتۇرشى كېرەك.
     كىنو، ئىتوتچىلىق، دىرامما قاتارلىق ئاجىز ھالقىلىرمىزغا مەخسۇس سان ئاجىرتىپ ياكى بۆلەركلەرئاجىرىتىپ، ئەمىلى  سەنئەت شەكلى، چوڭقۇر باھا مۇلاھىزە شەكلى ياكى بۇھەقتە تالانىتى بار، نەتىنجە قازانغان ياشلار ھەققىدە مەخسۇس ناۋاچە پىروگرامما ئىشلەپ  ۋە ئۇلارنى سەھنە ئارقىلىق يېقىن ئارلىق ئارقىلىق تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچۇراشتۇرۇپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.
    رىياسەتچىلىككە كەسپى رىياسەتچىلەرنى تەكلىپ قىلماي ۋە ئۇنى مۇلازىمەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماي، ھەربىر سان ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئالدىدا رىياسەتچىلەرنى جەميەتتىكى رىياسەتچىلىككە قىزقىدىغان، كەسپى ساھەدە ئۇقىغان لىكىن چوڭ پىروەراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ باقمىغان، جەميەتتە ئەركىن رىياسەتچىلىك قىلۋاتقان تالانىتى بايقالمىغان ياشلار ئىچىدىن تاللاپ، پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلدۇرۇپ ھەرسان پىروگرامما جەريانىدا ۋە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن توردا ،ئۇچۇر شەكلى بىلەن پەسىللىك رىياسەتچى چولپانلارنىمۇ تاللاپ چىقىشى كېرەك.
    مۇلاھىزىچىلەر ۋە مۇلاھىزە سۈپەت مەسلىسى مىنىڭ بېشىمنى قاتتۇرغان نوقتىلىق مەسىلە. مۇلاھىزە ۋە مۇلاھىزىچىلەرنى باھالاشنى ۋە ئۇلارنى تەنقىت قىلىشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. قانداق قىلىپ سۈپەتنى يۇقىرى كۆتەرگىلى ۋە ئۇنى بىر خىل مىخانىزىم ئىچىدە مۇقىم يۇقىرى ئۈنۈملۈك پائاليەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ بىرخىل قىيىن مەسىلە. مىنىڭچە ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىنچىكە تاللاش، كەسپى ئىقتىدارىنىلا ئەمەس، ئەخلاق پەزىلىتى، ئۇمۇم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى (ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ھەقىقى مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى)، قىزغىنلىق جەھەتتىن تاللاش كېرەك. تەكلىپ قىلىپ ئەكەلمەك تەس، قاتنىشىپ بەرگىنى چوڭ ئىش دىگەن ئىدىينى چۆرۈپ تاشلاپ ۋە بۇ خىل تەييارلىقسىز مىھمان سۈپىتىدە كەلگەن مۇلاھىزىچىلەرنى بىر لا ئاۋاز بىلەن رەت قىلىش كېرەك. بۇ يەردە بىر مەسلە شۇكى بۇ تەكلىپ قىلىپ ئەكەلمەك تەس بولغان ھۇرۇن  ياكى تەييارلىقسىز مۇلاھىزىچىلىرمىزنى قانداق قىلىپ ئاكتىپ قاتنىشىدىغان، خۇددى يېڭىياچى ناخشا ماھىرلىرمىز ناۋاغا قاتنىشىشتا ئۆچىرەتتە تۇرغاندەك، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئەركىن، ئىززەت دىگەندەك ناخشىچىلىرىمىزنىمۇ ناۋاغا قاتنىشىشتا ئۆچىرەتتە تۇرغۇزغىلى بولىدۇ دىگەن گەپ. بۇ ئۇلارنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس، بۇ يەردىكى مەسىلە بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمىدۇق دىگەن گەپ. مىنىڭچە ئالدى بىلەن مۇنەۋەر مۇلاھىزىچىنى تاماشىبىنلارغا باھالىتىش، باھالاشتا نەتىنجىسى كۈرنەرلىك مۇلاھىزىچىنى ھەربىر سان پىروگراممىدا، توردا، ئېلاندا نامىنى ئاتاپ كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىش، خىزمىتىگە ئىجابى باھالارنى بىرىپ خەلىققە تۇنۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئىھتىياجىنى چىڭ تۇتۇپ يۇقىردىكى مەقسەتكە يەتسەك بولىدۇ. يەنە چۇقۇم مەخسۇس مۇقىم  مۇكاپات تەسسىس قىلىپ ،ئۇلارنىمۇ رىقابەتلەشتۈرۈپ، پايدىنى بىرلا ئادەم يانچۇقىغا سالماي مۇلاھىزىچىلەرگىمۇ ئايرىسا، ئېنىقكى بۇ خىل ماددى  ۋە مەنىۋى مەنپەت ئالدىدى ماھىرلارغا ئوخشاش ئۆچرەتتەك تىزىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ناۋا پىروگراممىمىزنىڭ نامى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
     
    ئاخىردا بۇ ماقالىنى ئوقۇغانلارنىڭ تەنقىدى پىكىرىنى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
     
     
    ئاپتور: نەنجىڭ تەبىئى پەن سانائەت پەنلىرى ئۈنىۋېرسىتى تۇرغۇنجان ئېلى


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ناۋا پىروگراممىسى , ئۈنۈم , تەرەققىيات , مەۋجۇتلۇق
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-14 17:17:48
    تەھرىر : Hechkim
    باھا : 0 كۆزىتىش : 382
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证