تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› بىلىۋېلىڭ ›› دۇنيادا ئەڭ ›› ئەردوغاننىڭ غەلبە نۇتۇق تېكىستى (ئۇيغۇرچە)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Tursunay
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12697
    zaytunxehi@126.com

    يازما سانى : 126
    باھا يازما سانى : 9
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەردوغاننىڭ غەلبە نۇتۇق تېكىستى (ئۇيغۇرچە)

     

    ئەردوغاننىڭ 2011-يىللىق غەلبە نۇتۇق تېكستى (ئۇيغۇرچە)
    ئۇيغۇرچىسى:تاھىر ئىمىن (سابار)
     
     
          ئىزاھات:بۇنىڭدىن 3يىل مۇقەددەم ئوباما نۇتۇقلىرى ياشلىرىمىزغا نۇرغۇن نەرسلەرنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى،بۇگۇن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان تۈرك سايلىمى بىزگە يەنە ئۆزىمىزنىڭكىدەك يىقىن،ئنسانپەرۋەلىك ،دىموكراتىيە ۋە ئسلامى روھنىڭ جۇلاسى سۈپىتىدە نامايان بولماقتا.  تۈركىيە سايلىمى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيتى كەسكىنلەشكەن،تۈركىيەنىڭ سىياسى يۆنىلىشى –ئوتتۇرا شەرق،ياۋرو-ئاسيا رايونىغا بىۋاستە تەسر كۆرستىدىغان ،تۈركىيە ئېقتسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ،دۇنيا سياسىيسغا ئالدىنقى قاتاردا تەسر كۆرسىتىدىغان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى.ئۇيغۇر خەلقىگە ئەڭ يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ،جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسدا ئۇيغۇرلارنى كۆۋرۈك قىلىش ۋە ‹‹تارىخ قەيەردىن ئۈزۈلگەن بولسا،شۇ يەردىن باشلاش ››سىتراتىگىيسى بويىچە ئش ئىلىپ بىرىۋاتقان تۈركىيەگە سەگەك ئۇيغۇر  كۆزەتمەنلەر ئەلۋەتتە دىققەت قىلىدۇ.
     
    ئالقىش-سادالار  ....
     
     
     
    ئەزىز مىللىتىم!
     
    (ئالقىش سادالار)
          سۆيۈملۈك قىرىنداشلىرىم (ئالقىشلار...)يەنى روھى جەھەتتىكى قىرىنداشلىرىم (قەلبداش بۇرادەرلىرىم )،بۇ يەردىن،ئەنقەرەدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى باش مەركىزىدىن پۈتۈن دوسلىرىمغا ،ھەممىڭلارغا مۇھەببەت ۋە سالام يوللايمەن.
     
    81 ۋىلايىتىمىزگە،780مىڭ مىتىر قارا تۇپرىقىمىزنىڭ ھەر بىر سانتىمىتىر يىرىگە ،74 مىلىيون ۋەتەندىشىمىزنىڭ تامامىغا سۆيگۈ بىلەن ،ھۆرمەت بىلەن سالام يوللايمەن.توكيودىن ۋىيناغىچە،پارىژدىن تورۇنتوغىچە بولغان بارلىق تۈرك ۋەتەنداشلىرىمىز ۋە مىللەتداشلىرىمىزغا بۇ يەردىن سالام يوللايمەن.
     
    كۆزلىرىنى تۈركىيەگە تىكىپ،كەلگەن خەۋەرلەرگە بۇيۇك ھاياجاندا دىققەت قىلىۋاتقان شام،قاھىرە،تۇنىس،ساراي بوسنىيە،نىكوسيە.دىكى دوست ۋە قىرىنداش خەلقلەرگە مۇھەببەت بىلەن سالام يوللايمەن.
     
         سايلاملارنىڭ رايونىمىز ۋە دۇنيانىڭ تىچلىقى ، مۇقىملىققا تۆھپە قوشۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن، سايلاملارغا قاتنىششتا جاسارەت ۋە جىددى مۇئامىلە قىلغان بارلىق ۋەتەنداشلىرىمغا يۇرىكىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن.مۇساپىرچىلىقتىن سايلامدا بىلەت تاشلاش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن ۋەتەنداشلىرىمغا،سايلاملاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىخەتەرلىك كۇچلىرىمىزگە،سايلام ساندۇقلىرى ۋەزىپىلىرىگە مەسئۇل خادىملىرىمىزغا ئايرىم رەھمەت ئىيتىمەن.ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسىدىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈن ئاجايىپ ھاياجاندا تۇرىۋاتىمىز.تۈركىيەدىكى ھەر ئىككى سايلىغۇچىدىن بىرىنىڭ ئاۋازىغا ئىرىششنىڭ ھاياجانىدا تۇرىۋاتىمىز.
     
          ئارىمىزدىن كەتمىسۇن،ئۇلارنىمۇ قۇچاقلايمىز،ئۇلارنىمۇ ئارىمىزغا ئالىمىز.دەل مۇشۇنداق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن دىموكراتىيە تارىخىمىزدا ئۈچنچى قىتىم ھاكىميەت بىشىغا كەلدۇق.بىز ئازار بىرىشكە ئەمەس،سۆيۈشكە كەلدۇق.27-ئىيۇلدا 16مىلىيون ئاۋازغا ئىرىشكەن بولساق،ئەمدى 21 مىلىيون سايلىغۇچىنىڭ ئاۋازىغا ئىرىشش بەختىيارلىقىدا تۇرۇپىتىمىز،22-ئىيۇلدىكى سايلامدا تىخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ئىرىشش خۇشاللىقىدا تۇرىۋاتىمىز.
     
          ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيسىگە كىم ئاۋاز بەرگەن،كىم ئاۋاز بەرمىگەن بولسۇن،سايلاملارنىڭ غەلبە قىلغۇچىسى پەقەت ۋە پەقەت تۈركىيە ۋەبۇ ئەزىز مىللىتىمىزدۇر،بۈگۈن تۈركىيە يەنە بىر قىتىم غەلبە قازاندى.بۈگۈن دىموكراتىيە يەنە بىر قىتىم غەلبە قىلدى.بۈگۈن يەنە بىر قىتىم مىللى ئىرادە غەلبە قىلدى.پۈتۈن مىللىتىمىز غەلبە قازاندى.بۈگۈن مىللەت ساندۇق بىشغا بىرىپ،قولىغا مۆھۈرنى ئىلىپ،ئاخىرقى قارارىنى بەردى.
     
          پۈتۈن ئىككىلىنىش ،بارلىق جىددىيلىششلەرنى بىر ياققا قايرىپ،ئاخىرقى نۇقتىنى قويدى.بۈگۈن مىنىڭ تۈرك قىرىندىىشىم،كۇرت قىرىندىشىم،زازا،لاز،روم،گىروز قىرىنداشلىرىمنىڭ ھەممىسى 74مىلىيون قىرىندىشىم غەلبە قازاندى.بۈگۈن ئشچىلار،مەمۇرلار،دىھقانلار،ياشلىرىمىز ۋە بارلىق ئەتىۋارلىق بالىلىرىمىز غەلبە قازاندى.يوقسۇل ،ھىچكىمى يوق قىرىنداشلىرىم غەلبە قازاندى.پۈتۈن يەرشارى مىقياسدا جەۋر چىكىۋاتقانلار غەلبە قازاندى.ئىزمىر قانداق غەلبە قازانغان بولسا شام (سۈرىيە پايتەختى-ت)،دىيار بەكرىگە ئوخشاش راماللاھ (پەلەستىن شەھىرى-ت)،نابلۇس،جەنىن،قۇددۇس،گازا شەھەرلىرى غەلبە قازاندى.
     
          بۇ مىللەتنىڭ بىر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى بىر بۈيۈك غۇرۇر بىلەن ئىپادە قىلىش مەجبۇرىيتىم بار دەپ قارايمەن:تۈركىيە ئەمدى ئۆز رايونى ۋە دۇنيادا ئۆرنەك بولغۇدەك دىموكراتىك ئۆلچەملەرگە ئىگە.ئادنان مەندەرسە،فاتىھ رۇشتۇ زورلۇ ،ھەسەن پولاتقانلار ئۆز جىنىنى پىدا قىلغان دىموكراتىيە بۇ دۆلەتتە تەۋرەنمەس بىر كۈچكە ئۇلاشماقتا.تۈرگۈت ئۆزئالنىڭ غايە،ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەمدى ئۆز جايىنى تاپتى.غازى مۇستافا كامال ۋە ئۇنىڭ قىرىنداشلىرى بىنا قلغان تۈركىيە ئەمدى زامانىۋى دۆلەتلەر قاتارىغا يۈكسەلدى. تۈرلۈك ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلەر،،جانلىرىدىن ئايرىلغان.ئەركىنلىكلىرىدىن ئايرىلغان روھلار ئازراق بولسىمۇ شات بولۇشتى.قارا كۇچلەر تەقدرىنى بەلگىلەيدىغان تۈركىيە ئەمدى يوق.
     
         تۈركىيەنىڭ ئالدىدا يىڭى ۋە پاك-پاكىز بىر سەھپە ئىچىلدى.بۇرۇنقى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ھۆكۈمەتلىرىگە ئوخشاش ،يىڭى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسىمۇ يەنە 74 مىلىيون خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى بولىدۇ.
     
         تۈركىيەنىڭ 780مىڭ كىلومىتىر تۇپرىقىدا يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى بار.غەرپتە ۋە شەرقتە ،شىمال ۋە جەنۇپتا بار.7 رايوننىڭ ھەممىسدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى بىرىنچى پارتىيەدۇر.نىمىشقا؟چۈنكى ھىچكىمنى چەتكە قاقمىدۇق،يارا ئىغىزىغا يارىلانغۇچىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلدۇق،
     
         74 مىلىيون ۋەتەندىشىمىزنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى،ئشەنچ ۋە ھاياتتا قەدىرلەيدىغانلىرىنى غورۇرىمىز،شەرىپىمىز سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىمىزدىن ھىچكىمنىڭ،پەقەت ھىچكىمنىڭ گۇمانى بولمىسۇن.قايسى پارتىيەگە ئاۋاز بەرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر بىر قىرىندشىمىزنىڭ ھۇزۇر،بىخەتەرلىك،تىچ ھايات كەچۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىمىزدىن ھىچكىمنىڭ شۈبھىسى بولمىسۇن.بۇ ھەقتە قىلغان خىزمەتلىرىمىز بۇنىڭدىن كىين قىلماقچى بولغانلىرىمىزنىڭ ئسپاتى.مىللىتىمىزدىن ئالغان كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ھەر كىشى ئۆز مەقسەتلىرىنى تىخىمۇ ئازادە ئىپادە قىلالايدۇ.
     
           مانا بۈگۈن مەسئۇلىيتىمىز ۋە بۇرچلىرىمىز بارغانسرى ئىشپ بارماقتا.بىز ئۈستىمىزدە بۇرۇنلا بىر ئىغىر ئامانەتنى توشۇپ كىلىۋاتقان ئىدۇق،تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنىپ كەلگەن ئىدۇق،بۈگۈندىن ئىتىبارەن پۈتۈن شەھەرلەردىكى ۋەكىللىرىمىز،شەھەر باشلىقلىرىمىز ۋە پارلامنت ئەازلىرىمىز بىلەن تىخىمۇ بەك كەمتەر بولۇش ئۇچۇن تىرىشىمىز.ھاكاۋۇرلۇقنى،مەمەدانلىقنى ئەزەلدىن سۆيمىدۇق،بۇنىڭدىن كىين تىخىمۇ ئىھتىيات قىلىمىز.كەمتەرلىكتە تۇپراقتەك بولۇشنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىمىزنى تىخىمۇ كۆپ كۆرسىتىمىز0دىن ئارتۇق ۋەكىل چىقاردۇق دەپ بىز ئىشكىمىزنى ئىتىۋالمايمىز.ئاساسى ئۆكتىچى ۋە باشقا ئۆكتىچى پارتىيلەرنىڭ ئالدىغا بارىمىز،قوبۇل قىلسا،مەرھەمەت دەپ باشلىسا،كىلىشش ئۈچۈن پارلامنت سىرتىدىكى پارتىيلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ،يارىشش مەقسدىمىزنى بارلىقىنى بۇ يەردىن ئىپادە قىلىشنى ئستەيمەن.
     
     
     
     
           330دىن ئارتۇق ۋەكىل چىقاردۇق دەپ بىز ئىشكىمىزنى ئىتىۋالمايمىز.ئاساسى ئۆكتىچى ۋە باشقا ئۆكتىچى پارتىيلەرنىڭ ئالدىغا بارىمىز،قوبۇل قىلسا،مەرھەمەت دەپ باشلىسا،كىلىشش ئۈچۈن پارلامنت سىرتىدىكى پارتىيلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ،يارىشش مەقسدىمىزنى بارلىقىنى بۇ يەردىن ئىپادە قىلىشنى ئستەيمەن.
     
              مەيدانلاردىكى نۇتۇقلىرىمىزدە ئىپادە قىلغىنىمىزغا ئوخشاش،خەلق ھوقۇقى،ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلغۇچى بىر ئاساسى قانۇننى بىرلىكتە بەرپا قىلىمىز.بۇ ئاساسى قانۇندا شەرق،غەرپ،شمال ۋە جەنۇب(لىق كىشلەر) ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆرىدۇ.بۇ ئاساسى قانۇن تۈركىيەنىڭ ھەر زەررىسىنى،ھەر بىر ئەزاسنى ئىپادە ئەتتۈرىدۇ.بۇ ئاساسى قانۇن ھەر بىرەيلەننى بىرىنچى سىنىپ ۋەتەنداش قاتارىدا كۆرىدۇ.ھەر كىشنىڭ تىچلىق ۋە ئەركىنلىك تەلىۋىنى قاندۇرىدۇ.بۇ ئاساسى قانۇن تۈركنىڭ،كۇرتنىڭ،ئالەۋىينىڭ ،74 مىلىيون خەلقىنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ.بۇ ئاساسى قانۇن قىرىنداشلىق ۋە ئورتاقلىشش ئۇستىگە قۇرۇلغاندۇر.باشلىغان ھىچقانداق ئشنى يىرىم تاشلاپ قويمىدۇق.‹‹2023پىلانى››مىز دائىرسىدە يىڭى مەبلەغ سىلىش تۈرلىرىنى دەرھال باشلايمىز .دەم ئىلىشقا چىققانلارنى ،يوقسۇللارنى،ئايال ۋە بالىلارنى بۇ مەزگىلدە تىخىمۇ بەك قوغدايمىز.ئانىلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تىخىمۇ زور غەيرەت بىلەن ئشلەيمىز.رەت قىلىش، ئىنكار قىلىش سياسى يولىنى بىز تارمار قىلدۇق.تىچلىقنىڭ كىلىشى ئۈچۈن رايونىمىز(ياۋرو-ئاسيا،ئوتتۇرا شەرق رايونى-ت)دا تىخىمۇ ئۇنۇملۇك ۋەزىپىلەرنى ئۇستىمىزگە ئالىمىز.بۇنىڭ بىلەن رايونىمىزغا ئادالەت،تىچلىق ۋە ئەركىنلىك ئىلىپ كىلىمىز.
     
           غەلبە قىلغىنى دىموكراتىيە،قىرىنداشلىق ۋە تىچلىقتۇر.ھىچكىمنىڭ غەلبە خۇشاللىقى ھىچكىمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلمىسۇن،چۈنكى بىز ھەممىمىز بىرلىكتە بىر تۈركيەمىز.بىز- بىر مىز.بىللىمىز،قىرىنداشمىز،بۇنى ئۇنۇتماڭلار.بۇگۇن ھساب-كىتاب كۈنى ئەمەس،بەلكى رازىلىق تىلىشىدىغان كۈندۇر.
     
     
          سايلام پائالىيتى جەريانىدا .كۆڭلىنى يىرىم قىلغان بىرەر كىشى بولسا،ھەممىسىدىن رازىلىق سورايمەن.سايلام نۇتۇقلىرىمىز داۋامىدا ئۆزىمىز خالىماستىن رەنجىتىپ قويغان سىياسئونلار بولسا،ئۇلاردىنمۇ رازىلىق سورايمەن،مەن پۈتۈن سىياسى پارتىيلەردىن مەندىن رازى بولۇشنى سورايمەن ھەمك ئۇلاردىن رازى.خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ مەجلسكە قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.بۈگۈن سايلام ساندۇقلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن پارتىيلىك،پارتىيسز ھەر بىر كىشگە تەشەككۇر ئەيتىمەن.بۈگۈن غەلبە قىلغۇچىنىڭ تۈركىيە بولغانلىقىنى بىلىپ ھەرىكەت قىلىشنى كۇتىمەن.ئاللاھ يار ۋە ياردەمچىمىز ئولسۇن.يولىمىز،بەختىمىز ئاچىق ئولسۇن،ھەر شەيئى تۈركىيە ئۈچۈن،ھەممە نەرسە دىموكراتىيە ئۈچۈن،ئەركىنلىك ئۈچۈن ،قىرىنداشلىق ئۈچۈندۇر.12-ئىيۇن دىموكراتىيە بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن.74 مىلىيون خەلقىمنى بىرلىكتە قۇچاقلايمەن.ھەممىڭلارنى ئاللاغا ئامانەت قىلىدىم.
     
     
    مەنبە:تارىمى بېكىتى


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : - , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-14 11:56:20
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 838
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证